بىز مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

بىز مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى (ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى) ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ، لۇغەت ۋە ئىملا تەكشۈرۈش يۇمشاق دېتالىدىن ئەڭ ياخشى پايدىلانغان شۇنداقلا ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان مۇھىم ئورۇنلارنىڭ بىرسى بولۇپ، ئۇ دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئۇيغۇرچە ئاخبارات ۋاستىسى. ئالدىنقى يىلى جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى (www.uycnr.com) نى ئېچىش مۇناسىۋىتى بىلەن مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە ئۇيغۇرسوفت شىركىتى ئارىسىدا ھەمكارلىق ۋە تېخنىكا ئالاقە تېخىمۇ قۇيۇقلاشتى.نۆۋەتتە، جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئۇيغۇرچە ئاخبارات تورىغا ئايلاندى، ئالدىنقى ئايدىكى زىيارەت مىقدارى 12 مىليون ئاشقان ھەمدە ئىزچىل ئېشىپ بارماقتا.

ئۇيغۇرسوفت شىركىتى رادىيو ئىستانسىسىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلىگەن «ئۇيغۇرسوفت ماقالە» سىستېمىسى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا پات يېقىندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلمەكچى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرسوفت شىركىتىدىن مەن ۋە مۇھەممەدئىمىن بۇ دېتالنى قاچىلاش ۋە تەربىيەلەش ئۈچۈن بېيجىغا كەلدۇق.

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان سىستېمىنى قاچىلاش، تەڭشەش ۋە تەربىيەلەش جەريانىدا، ئابدۇقادىر ھاشىم، دىلدار مەترېھىم، بەختىيار تۇردى، … قاتارلىق رادىيودا دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان ئاۋازلارنى ئاڭلاپ تۇردۇق. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدىكى بارلىق مېھنەتكەشلەرنىڭ كەسپىي بىلىمى ئىنتايىن مول بولغاندىن سىرت يەنە ھەر بىر خەۋەر-ماقالىلەرنى ئىنتايىن ئەستايىدىل كۆرىدىكەن. ئۇلار تولىمۇ تىرىشچان ۋە كىچىك پېئىل ئىكەن. ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىمىز تېخىمۇ ھەسسىلەپ ئاشتى. بۇلار يەنە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ تەلەپپۇزى، ئىملاسى ۋە ئاتالغۇلارنىڭ قېلىپلىشىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇۋېتىپتۇ، ئۇلارغا ھەقىقەتەنمۇ كۆپ رەھمەت.

بۇ مېھنەتكەشلەر بىلەن تونۇشماقچى بولسىڭىز، بۇ يەرگە كىرىڭ
http://www.uycnr.com/gywm/gzry/

بىزمۇ بۇنداق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خاتىرە رەسىمگە چۈشۈۋالدۇق. تۆۋەندە بىر قىسىم رەسىملەرنى يوللاپ قويدۇم


بىرىنچى رەت ئوڭدىن-سولغا: ئابدۇقادىر ھاشىم، دىلدار مەترېھىم
ئىككىنچى رەت ئوڭدىن-سولغا: مۇھەممەدئىمىن، ئالىم ئەھەت
(ئاۋازنى ئاڭلاش ئۈچۈن، بۇ يەرنى بېسىڭ)
AbduqadirHashim_CNR


ئوڭدىن-سولغا: ئابدۇقادىر ھاشىم، ئالىم ئەھەت


ئوڭدىن-سولغا: مۇھەممەدئىمىن، ئېلنۇرە رەھىمبەگ، ئالىم ئەھەت


ئوڭدىن-سولغا: ئالىم ئەھەت، ئادىل ئابلەت، مۇھەممەدئىمىن

«ئۇيغۇرسوفت ماقالە» سىستېمىسى بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسىسى تەرىپىدىن رەسمىي ئىشلىتىلىشكە باشلىغان بولۇپ، ھەر كۈنى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدىن ئاڭلىتىلىۋاتقان مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ سىستېما ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ ۋە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. بۇ سىستېمىدا ماقالە يېزىش، ئىملا تەكشۈرۈش، تەھرىرلەش، پىروگرامما ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئاڭلىتىشقا يوللاش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىقتىدارلار سەپلەنگەن بولۇپ، خادىملار ئارا ئېلېكتىرونلۇق خەت يوللاش ۋە قوبۇللاش، خادىملارنىڭ خىزمەت مىقدارىنى ھېسابلاش قاتارلىق ئىقتىدارلارمۇ تەمىنلەنگەن. بۇ دېتالنىڭ يەنە پۈتۈنلەي خەنزۇچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە نۇسخىسىمۇ بولۇپ، رادىيو ئىستانسىسىدىن باشقا يەنە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، نەشرىيات، ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلارغىمۇ ماس كېلىدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
41 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • باشلانغۇچ مەكتەپ «ئېلىپبە »كىتابىدىكى «ئو»ھەرپگە دائىر سۆزلەر قاتارىدا «رادىئو»دەپ ئېلىنغان. مەنمۇ ئوقۇغۇچىلارغا شۇنداق ئۈگەتكەن .بۇ «رادىيو » سۆزى؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى am 11:35
  • بۇ خۇددى ئەينى يىللاردا تىلىمىزنى ئۆزگەرتىپ باشقا تۈركىي تىللاردىن يىراقلاشتۇرغان ئىشتەكلا بولۇپتۇ، دىمەك بۇندىن كىيىن تىلىمىز قىرىنداش مىللەتلەردىن تىخىمۇ يىراقلايدىكەن بۇ قائىدە بويىچە. 40-يىللاردىن ئىلگىركى كىتابى تىلمىزغا قارايدىغان بولساق شۇ چاغدىكى تىلىمىزنىڭ باشقا تۈركىي تىللارغا قانچە يىقىن ئىكەنلىكىنى ئاسانلا بىلۋالايمىز. مانا ھازىر ھىچ تۈركچە بىلمىگەن ئۇيغۇر تۈرك تىلىنى ئاڭلىسا خىلى چۈشىنەلەيدۇ، لىكىن تۈركلەر بىزنى ئاڭلىسا ھىچنەرسە چۈشەنمەيدۇ…

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 16:22
    • 40- يىللىرى ھېچكىم بىزنىڭ تىلىمىزنى ئۆزگەرتمىگەن. پەقەت 1954- يىلى تۇنجى بولۇپ شىجاڭ ئۆلكىلىك تىل تىل يېزىق يىتەكچىلىك كومتېتى « ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېڭى ئىملا قائىدىسى» ئېلان قىلدى. شۇنىڭدىن تارتىپ بىز دەۋاتقان « كونا يېزىق» قا كۆچتۇق. بۇ پەقەت يېزىقنىڭ ئىملاسىنى بىر قەدەر چوڭراق ئۆزگەرتىش بولدى. ( ئەگەر بەك ئىنچىكە تەھلىل قىلساق يېزىق ئالماشتۇردۇق دېسەكمۇ بولار بەلكىم) .
      ئەگەر بىز يېزىق ئالماشتۇرۇش سەۋەبىدىن ناشقا تۈركىي مىللەتلەر بىلەن تىل جەھەتتە يىراقلاشتۇق دېسەك، ئانچە توغرا گەپ قىلغان بولمايمىز. چۈنكى بىزغۇ ھېچ بولمىسا بۇرۇنقى يېزىقىمىزنى ئازراق ئۆزگەرتىپ ئىشلەتتۇق، ئەمما تۈركىيە تۈركلىرى بولسا يېزىقىنى پۈتۈنلەي ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتتى. ( قارىغاندا سىز تۈرك تىلى ئۆگەنگەن ئوخشايسىز) ھازىر قارايدىغان بولساق ئىككى تىلنىڭ مەلۇم ئوخشاشلىقىمۇ بار، ئەلۋەتتە خېلى چوڭ پەرقمۇ بار. بۇنىڭدا نۇرغۇن سەۋەب بار.
      قېرىنداش تىللارنىڭ يىراقلىشىدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بار. بىز بۇنى پەقەت يېزىققا چېتىۋالساق بولمايدۇ. ( بۇنداق دەپ يېزىقنىڭ بۇ جەھەتتىكى رولىنى چەتكە قاقىنىم ئەمەس) تىل مەسىلىرىگە ئومۇمىيلىق نۇقتىنەزىرى بويىچە باھا بېرىشىمىز كېرەك. ئەگەر قېرىنداش تىللار ئارىسىدىكى پەرقنىڭ چوڭىيىشدا يېزىقنىڭلا مەسىلىسى بولسا، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى دەۋرىدە « بىر ئۇيغۇر قومۇلدا تۇرۇپ خەت يازسا ئىستامبولدىكىلەر ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان» شۇ دەۋرلەردە پەرق چوڭايمىسا بولاتتى. ئەمما شۇ دەۋردىمۇ پەرق بار ئىدى، شۇ دەۋردىمۇ پەرق ( ھازىرقىدىن ئاستىراق) چوڭىيۋاتقان ئىدى.
      ئاساسلىق سەۋەب گەرچە قېرىنداش تىللارنىڭ مەنبەسى بىر بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوخشاش بولمىغاچقا مەيلى قانداق يېزىق ئىشلەتمىسۇن ئارىدىكى پەرقنىڭ چوڭىيىشى ئېنىق. ئۇندىن باشقا بۇ پەرقنىڭ چوڭىيىشىدا جۇغراپىيىلك، سىياسى، مىللىي خاراكتېر دېگەندەك ئامىللار بولغاچقا قېرىنداش تىللارنىڭ ئارىسىدكى پەرقنىڭ بولىشى تەبئىي ھادىسە.
      بۇ كۈنگە كەلگەندە قېرىنداش تىللارنىڭ ئارىسىدكى پەرقنى يوقىتىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئەمما، سىز دېگەندەك ئىملانى ئۆزگەرتىۋەرسەك، باشقا قېرىنداش مىللەتلا ئەمەس، ئۆز ئىچىمىزدىنمۇ ياتلىشىش كۆرىلىدۇ. چۈنكى بۇنداق تىكىشى توختىمىغان يېزىقىنى بىزگە ئوخشاش سەۋرىچانلىق بىلەن ئىشلىتىش ئادەمدىن ئانا تىلغا بولغان چۇڭقۇر مۇھەببەت تەلەپ قىلدۇ.
      شۇڭا سىزنىڭ قېرىنداش تىللارغا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزدىن مەنمۇ بەك خوش بولدۇم. مەكتىپىمىزدە باشقا قېرىنداش مىللەر بىلەن دوست بولۇشقا مەنمۇ بەك ئامراق. ئۇلار بىلەن پاراڭلشسام مەنمۇ سىز ئويلىغاندە ئۇلار بىلەن تىل جەھەتتە يىراقلىشپ كەتكىنىمىزنى ھېس قىلىمەن. ئەمما بايا دېگەندەك بۇ بىر تەبئىي ھادىسە. شۇڭا بىز بۇنىڭغا كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلماي ئىملايىمىزنىڭ تىكىشنى توختاتساق. بۇ پەرقنى يوقىتالمىساقمۇ، ئامالنىڭ بارىچە ئەڭ كىچىك دەرىجىگە چۈشۈرەلەيمىز.
      يەنە بىر نۇقتا كىلىپ چىقىش جەھەتتىن مەيلى قېرىنداش تىللار بولسون مەيلى يات تىللار بولسۇن ھېچقانداق بىر تىل باشقا تىلدىن ئۈستۈن ئەمەس. ئۈستۈن بولسا پەقەت تەتقىق قىلىش دەرىجىسى جەھەتتە پەرق بولىشى مۇمكىن. شۇڭا بىزمۇ ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان ئانا تىلىمىزنىڭ باشقا قېرىنداش مىللەتلەر ئارا ئەدەبىي تىل بولغانلىقىدەك شانلىق تارىخىنى ئويلاپ، كەمچىلكىمىزنى توغرا تونۇپ، ئارتۇقچىلىقىزنى جارىي قىلدۇرساق، باشقا قېرىنداش تىللار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى ھەل قىلغىلى بولىدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 21:24
      • ئەلۋەتتە، سىز دىگەندەك تىلنىڭ ئۆزگىرىشى/تەرەققىياتىنى ئاددىيلا سەۋەب بىلەن دىيەلمەيمىز. مىسالەن 50-يىللاردىن كىيىن بىزگە بارغانچە خەنزۇچە سۆزلەر كىردى، ئۆزبەكلەرگە رۇسچە ئاتالغۇلار، تۈركچىگە بولسا فرانسوزچە، ئىنگىلىزچە سۆزلەر كىردى. لىكىن مەن تىلمۇ ئۆزگەردى (مەلۇم دەرىجىدە) دىيىشىمدە، مەن ئۇ گەپلەرنى پروفىسسور.دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت ئاكىمىزنىڭ مىساللار بىلەن ئىلىنغان لېكسىيەسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ھەم گۇننار يارىڭ يازغان كىتابتىكى مىساللار، ھەم ئەينى ۋاقىتتا نەشىر قىلىنغان گېزىت جورناللاردا ئىشلىتىلگەن تىلغا قاراپ، ئۇنى ئۆزەم ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆگەنگەن ئىملا قائىدىسىگە سىلىشتۇرۇپ ھىس قىلغانلىرىم بولدى. ئەمدى بۇ يىڭى قائىدە چىقىپتۇ، دىمەك مەن يەنە مەلۇم دەرىجىدە ساۋاتسىز بوپتىمەن. بۇ ئادەملەر بۇنداق ئۆزگەرتىپ زادى نىمە ئىش قىلىدۇ؟ نىمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟ كەسپىمىزگە ئەمدىلەتىن زېھنىمىزنى ئاران بىرىۋاتقاندا، يەنە ئىملا قائىدىسى ئۈگىنەمدۇق؟ ئۈستۈدىمۇ شۇنداق ياخشى يىزىپسىز، ”600 يىلدا ئۆزگەرمىگەن قائىدىلەر نەچچە ئون يىلدا بىر ئۆزگەرگىلى“ تۇرسا، بۇ ئانا تىلنى ئانىي تاپقانلىق بولماي نىمە؟ ئىشقىلىپ مەن بۇ ئاتالمىش ”يىڭى قائىدە“ نى بايقۇت قىلىمەن، قولۇمدىن كىلىشىچە!

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 02:18
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت ئۇستاز، ۋاقتىڭىز يەتسە ماۋۇ 2 قۇر سۆزنى ئوقۇپ قويسىڭىز، پۇرسەت بولسا شۇلارغا يەتكۈزۈپ قويسىڭىز، بىزدەك تورداشلارنىڭ پىكرىگە ئۇلار قۇلاق سېلىپمۇ قويمايدىغاندەك قىلىدۇ.
    http://www.xjayalliri.com
    http://www.uycnr.com/
    http://uyghur.people.com.cn/

    بۇ ئۈچ دانە ھۆكۈمەت تورىنىڭ زادى كىم ئۈچۈن ياسالغىنىنى بەك بىلگۈم بار! بۇلار نېمىشقا بىز ئۇيغۇر تور كۆرگۈچىلەرنى ئويلاشمايدۇ؟ نېمىشقا نەدىكى بىر خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىپ توربەت چىقىرىدۇ؟ خاتالاشمىسام خەنزۇچە ھۆكۈمەت تورلىرىمۇ ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان 宋体 خەت نۇسخىسىنى چوقۇم قوشۇپ يازىدۇ، ئەمما ماۋۇ بىزنىڭ «داڭلىق» لىرىمىز ياسىغان تورلارغا بىزدە ئومۇملاشقا UKIJ, Alkatip,Alpida خەت نۇسخىلىرىدىن بىرىنى بولسىمۇ قوشۇپ قويمايدۇ. تېخىمۇ جىق دەردىمىزنى بىلىشكە ۋاقتىڭىز يەتسە بۇ تېمىنى كۆرۈپ بېقىڭ:
    http://www.nurqut.com/ud/thread-8629-1-1.html

    سىزدىن ئۈتۈنىدىغىنىم: ئېغىر كۆرمەي شۇلارغا بىر يەتكۈزۈپ قويغان بولسىڭىز، باشقىلىرىنى قوشمىسىمۇ ھېچبولمىغاندا UKIJ Tuz Tom, Alpida Unicode System, Alaktip tor خەت نۇسخىسىنىڭ ھېچبولمىغاندا بىرىنى بولسىمۇ قوشۇپ قويسا، ھازىرقىدەك ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىغان خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلەتسە بىزگە بەك ئۇۋال بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 21:23
    • بۇ جەھەتتە ھەممىمىزنىڭ كۈتىدىغان ئارزۇ-ئۈمىدى ئوخشاش، ئەمما، ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇسىنى باشقىلارغا مەجبۇرىي تاڭغىلى بولمايدۇ.
      ئاددىي جاۋاب بەرسەم، بېيجىڭدىكى ئاۋۇ ئىككى تور بېكەت نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ تور بېكىتى، ئۇلار ئالدى بىلەن قانۇنىي جەھەتتىن چاتاق چىقمايدىغان، نەشىر ھوقۇقى ئېنىق بولغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى ئويلاشقان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ تور بېكەت يەنە قانۇنىي جەھەتتىن ۋە تېخنىكا جەھەتتىن تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدۇ. بۇ خالىغانچە قوشىمەن دەپ قوشقىلى بولىدىغان شەخسىي تور بېكەت ئەمەس. شۇڭا، بۇنداق ئىشلاردا ئۇلار ھەرگىز بىخەستەلىك قىلمايدۇ. داۋاغا چېتىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا، ئالدى بىلەن ئۇلارغا ئۇۋال بولىدۇ،

      ALKATIP Tor مۇ بىزنىڭ ئىدى، بۇنى ئەلۋەتتە قوشقىلى بولىدۇ، ئەمما، بەت يۈزىدە كۆپ مەزمۇننى كۆرسىتىشكە ماس كەلمەيدىكەن دېگەن تەلەپ بويىچە، بۇنىڭ ئېگىز-كەڭلىك نىسبەتنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، مەخسۇس ياساپ بەرگەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 23:06
      • جاۋاب قايتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت. بىلىشىمچە بەتكە eot ئاسقاندەك ئېسىپ ئىشلەتسە نەشىر ھوقۇقىغا تاقىشىشى مۇمكىن. ئەمما font-family قىسمىغا خەت نۇسخىسىنىڭ ئسىمىنى قوشۇپ قويغاننىڭ ئۆزىمۇ نەشىر ھوقۇقىغا چېتىلامدۇ؟

        بولسا alkatip tor نىڭ نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان يىرى بولمىسا
        body,td,th {
        font-size: 14pt;
        color: #000000;
        font-family: ”alkatip_cnr.eot“ ;
        }
        ماۋۇ قىسمىغا alkatip tor نى قوشۇپ قويغان بولسىڭىز. alkatip tor نىڭ eot سىنى ئاسمىسىمۇ، بىزدەك كومپيۇتېرىدا شۇ خەت نۇسخسى بارلار نورمال كۆرسكەك. رەھمەت، سىزنى ئاۋارە قىلدىم.

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى am 02:04
      • ئالىم مۇئەللىم، uycnr.com گە ئۆزگەرتىپ ياساپ بەرگەن خەت نۇسخىسىنىڭ ھوقوقى سىزلەردىمۇ ياكى شۇلارغا بېرىۋەتكەنمۇ؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى am 10:25
  • سالام ئالىم مۇئەللىم، ئالدى بىلەن ئىشلىرىنىڭ مەڭگۈ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن.
    مۇشۇ ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى TXT ، MOBI شەكىللىرىدە نورمال كۆرۈنىدىغان قىلغىلى بولماسما؟ ھېلىمۇ سىلى بىزلەرگە جىق قولايلىقلارنى ياراتتىلا، بىز شۇنچىلىك مىننەتدار . Amazon kindle قاتارلىق تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى بولغان ئەسۋابلاردىن بىزمۇ پايدىلانساق بولاتتى، پ د ف شەكلىدە خەت چوڭايتىشنى قوللىمىغان، چوڭايتماي كۆرسەك كۆزلەر كاردىن چىقىۋاتقان، قوللايدىغان شەكىلگە ئۆزگەرتسەك يېزىقىمىزنى تونۇغىلى بولمايۋاتقان، تازا بىر ئاۋارىچىلىق بولدىدە بۇ. ياكى باشقا ياخشى ئامالى بارمۇ، ۋاقىتلىرى يار بەرسە تەلىم بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 19:02
    • بۇ ئىشلار ئاستا-ئاستا ھەل بولۇۋاتىدۇ، ھازىرچە PDF ھۆججەتلىرىنى قوللايدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەسىلەن: تاختا كومپيۇتېرلار

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 22:28
    • ئۇيغۇرچە يېزىقلارنى txt شەكلىدە نورمال ساقلاش ئۈچۈن، UTF-8 ھالىتىدە كودلاپ ساقلىسىڭىز بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى am 09:40
  • ھارمىغايسىلەر ئەزىمەتلەر! ھەممىڭلارنىڭ ئەزىز تەنلىرى سالامەت بولسۇن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى am 11:33
  • ناھايىتى ئوبدان گەپلەرنى قىلدىڭىز ئوغۇز بۇرادەر، ئاغزىڭىزغا تۈگىمەس ناۋات!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 16:14
  • تىلمىزغا نىسپەتەن مەنمۇ ناھايىتى زور ئىشەنچ بىلەن قارايمەن. ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىيات كەسپىنى تاللىسام، نۇرغۇن كىشىلەر مېنى بۇ كەسىپنى تاللىماسلىققا دەۋەت قىلغان. ئەمما، مەن ئوتتەك قىزغنىلىق بىلەن بۇ كەسىپنى تاللىغان ئىدىم، ھازىرمۇ بۇ تاللىشىمدىن ئۆكۈنمەيمەن، تېخى پەخىرلىنىمەن. چۈنكى مەن ھازىر ئۆز ئانا تىلمدىن لەززەتلىنىپ تۇرۇپ بىلىم ئېلىۋاتىمەن. كەلگۈسىدە يەنىلا ئۆز كەسپىم ( يەنى ئۇيغۇر تىلى ) ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلغۇم بار.
    ھازىرقىدەك بىلىم رىقابىتى جەمئىيىتىدە ئۆگەنگەن كەسىپمۇ مۇھىم بولۇپ قالدى. ئەمما، ئەڭ مۇھىمى ، يەنىلا ئادەمنىڭ شۇ كەسپنى قانداق ئۆگەنگەنلىكى بولۇپ قالدى. سىز قايسى كەسىپنى ئۆگىنىشىىزدىن قەتئىينەزەر ياخشى ئۆگەنسىڭىزلا، سىز يەنە بىر يەردىن باش كۆتۈرۈپ چىقالايدىكەنسىز. پۇرسەتلەر سىزنى كۈتۈپ تۇرىدىكەن. ئەمما سىز ياخشى ئۆگەنمەي، « مېنىڭ كەسپىم ئۇنداقەي، مېنىڭ كەسپىم بۇنداقەي» دەپ يۈرۈپ، ئۆز كەسپىڭىزنى ياخشى ئۆگەنمىسىڭىز، باشقىلار ياخشى كەسىپنى سىزگە ئۆگىتىپ قويمايدۇ. ئاخىرى بېرىپ ئارماندا قالدىغىنى يەنىلا سىز بولۇپ قالىسىز. ( ئەگەر مىللىتىمىز ئۈچۈن بىر لاياقەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى زىيالى دېيىشكە بولسا، شۇ زىيالىلارغا دەيدىغىنىم ) مىللىتىمىزنىڭ پەخىرلىلىك زىيالىلىرى مەيلى قايسى كەسىپتە ئوقۇماڭ، تىرىشىپ ئۆگەنسىىزلا نۇرغۇنلىغان ياخشى پۇرسەت، خىزمەت، شۇنداقلا يۈكسەك مەسئۇلىيەتلەر سىزنى كۈتۈپ تۇماقتا. ئالىم مۇئەللىم بۇنىڭ تىرىك ئۈلگىسى ھېسابلىنىدۇ، قاراڭ، ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغان كەسپى ئۇيغۇر تىلى ئەمەس تۇرۇپ، ئۆز كەسپىنى ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالىدى. چۈنكى ئۇ ئۆز كەسپىنى ئىشتىياق بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگەنگەن. بىزمۇ ئۆز كەسپىمىزنى شۇنداق ئىشتىياق بىلەن ئۆگەنسەك يولىلىرىمىز كەڭرى بولغۇسى.
    ھازىر بىزنىڭ تەبئىي پەن ساھەيىمز سەل ئاجىزلاپ قالدى. بۇ گەپنى مەن ھېسىياتىمغا تايىنىپ دېگىنىم يوق. ئاتالغۇچىلىق ساھەسىدە مۇنداق بىر قائىدە بار « مىللەتنىڭ قايسى كەسپى تەرەققىي قىلسا، شۇ ساھەدە قوللىنىۋاتقان ئاتالغۇنىڭ كۆپ قىسىمى شۇ مىللەتنىڭ ئانا تىلىدا ياسالغان ئاتالغۇ بولىدۇ، ئەگەر بىر مىللەتنىڭ قايسى كەسپى تەرەققىي قىلمىسا شۇ ساھەدە قوللىنىۋاتقان ئاتالغۇنىڭ كۆپ قىسىمى خەقتىن ئارىيەت ئالغان ئاتالغۇ بولىدۇ» دەپ. ھازىر خېمىيە، بېيولوگىيە، ماتېماتكا … دېگەندەك ساھەلەردە قولىنىلۋاتقان ئاتالغۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى بىزنىڭ ئۆز تىلمىزدا ياسالغان ئاتالغۇ ئەمەس. ئۇنداق ئاتالغۇلارنى ئاڭلىسا ئادەمنىڭ چۈشەنمكى بەك تەس. كەسىپ ئەھلى بولمىغانلارنىغۇ قۇيۇپ تۇرايلى، شۇ كەسىپنىڭ ئەھلىمۇ ئۆز كەسپىدىكى ئاتالغۇلارنىڭ بەزىلىرىنى چۈشەنمەيدۇ، كەسىپ ئەھلى چۈشەنمىگەن يەردە، ئۇنى باشقىلارنىڭ چۈشىنىشى مۇمكىنمۇ؟ ئاتالغۇلارنى چۈشەنمىگەن يەردە شۇ كەسىپنىڭ ئىچىگە چۇڭقۇرلاپ كىرىپ، ئاخرىغا چىققۇچە ئۆگىنەلىشى مۇمكىنمۇ؟ ئەگەر ئاشۇنداق چالا ئوقۇپ قالغانلار ئوقۇتقۇچى بولسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس.
    گېپىم چېچىلىپ كەتتى، دېمەكچى بولغىنىم ھەممىز ئۆز كەسپىمىزنى سۆيسەك، ئۆز كەسپىمىزنى چۈشەنسەك. ئۇنىڭدىكى ئاتالغۇلارنى ئامال بار ئۇيغۇرچە ئالساق. خۇددى مۇشۇ بىلوگدىكىدەك. ئالىم ئاكىمىزنىڭ ۋە تورداشلارنىڭ بىر قانچە ئاتالغۇغا قويغان ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسىنى كۆرۈپ بەكمۇ سۈيۈندۈم، گەرچە ئۇ ئاتالغۇلارنىڭ ئېنگىلىزچىسىنى ۋە قولىنىلىشىنى تازا ئۇقمىساممۇ، ئەمما ئاتالغۇنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇلانىڭ نېمىلەرگە ئىشلىتىلىدىغان قوراللار ئىكەنلىكىنى ئاسانلا چۈشەندىم، ھەم مەنمۇ ئۆز كۆڭلۈمدە بىر قسىم ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى ياساپ چىقتىم. شۇنىغا ئوخشاش ھەممىز ئۆز كەسپىمىزنى چۈشەنگەندىن كېيىن مەيلى تىل يېزىق- كومتېتى تۈزگەن بولسۇن ياكى باشقىلار تۈزگەن بولسۇن، ئەگەر خاتا بولسىلا قورقماي ئىككى ئېغىز لىللا گەپ قىلىپ خەقنىڭ ئېغزىنى تۇۋاقلىيالىساق ئاندىن خەقمۇ بىز قويغان ئىسمىنى قولىنىدۇ. چۈنكى بىز شۇ كەسپنى باشقىلارغا قارىغاندا تېخمۇ پىششىق بىلىمىز ئەمەسمۇ. بولمىسا يا ئۆز كەسپىمىزنى بىلمىسەك، يا ئۇنىڭدىكى خاتا ئاتالغۇلارنى تۈزىتەلمىسەك، كىم بىزنىڭ گىپىمىزگە قايىل بولىدۇ؟ كىم بىزدىن بىر نەرسە ئۈگىنىدۇ؟ زىيالىلار چۈشەنمىگەن يەردە ئاۋام خەلقتىن قانداق ئاغرىنغىلى بولىدۇ؟ خەلقنىڭ بىلىم سەۋيسىنى قانداق ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ ئەگەر ئۇلارنىڭ بىلىم سەۋىيىسى ئاشمىشا، بۈگۈنكىدەك ئۇچۇر دەۋرىدەقانداق پۇت تېرەپ تۇرغىلى بولىدۇ؟
    شۇڭا خاتا ئىملا قائىدىسى تۈزۈلسە ئەلۋەتتە تىل – يېزىق كومتېتىدىكلەرنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار. ئەمما، كۆپ مەسئۇلىيەت شۇ كەسپنىڭ ئىگىلىرىدە. چۈنكى تىل – يزىق كومتېتى قانداق قائىدە تۈزمىسۇن، ئۇنى خەلق ئىشلەتمىسە، ئۇ قائىدە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا كەسىپ ئىگىسى ئۆز كەسپىدىكى بىر خاتا ئاتالغۇنى بايقىغان ھامان، ئۇنى تۈزىتىشكە ھەرىكەت قىلسا ئۇنىڭ ئۆنۈمى چۇقۇم كۆرىلىدۇ. بولمىسا كەچكىچىلا خەقتىن رەنجىپ ئولتۇرسا، بىر خاتالىق ئاخىردا ئون خاتالىققا يول ئاچىدۇ. كېيىن ئىشلارنى ئىزىغا سالماق تەسكە توختايدۇ.
    دېمەكچى بولغىنىم ئانا تىلنى سۆيۈش پەقەت بىر – ئىككى ئادەمنىڭ، ياكى تىل يېزىق كومتېتىدىكىلەرنىڭ ئىشى ئەمەس. ئانا تىلنى سۆيۈش ئۇنچە تەس ئىشمۇ ئەمەس. پەقەت ھەممىمىز ئۆز كەسپمىزنى جانلىق ئىشلىتىپ، ئالىم ئاكىمىزغا ئوخشاش توختىماي تىرىشساقلا قالغان ئىشلار ئاسان بولىدۇ.
    ھەر بىر زىيالى ئۆز كەسپى ھەققىدە ئوبدانراق باش قاتۇرۇپ، قىزغىن ئىشتىياق بىلەن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلسا ئەندىشە بۇلۇتلىرى تاراپ، پارلاق كەلگۈسىنىڭ ئىللىق قۇياشلىرى كېيىنكى ئەۋلادلارغا كەڭ قۇچاق ئاچقۇسى!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 20:15
  • كۆپچىلىك ھەممىمىز تىلىمىزنى سۆيىمىز. كۆڭلۈڭلەرنى چۈشىنىمەن. ئەلۋەتتە كۆپ ئۆزگىرىشنى مەنمۇ ياقتۇرمايمەن. باشقىلارمۇ ھەم شۇنداق ياقتۇرمايدۇ دەپ ئويلايمەن. ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدا بىر-بىرىمىزنى توغرا چۈشىنىپ ئالدىمىزدىكى پۇرسەتلىرىمىزنى چىڭ تۇتايلى. بۇ ئىملا قائىدىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارمۇ چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. ھازىر تېخى تىلىمىز يوقاپ كەتكىنى يوق ھەم يوقاپ كېتىشىگە مەن ئىشەنمەيمەن. ئەگەر يوقاپ كېتىدىغان تىل بولغان بولسا ئەينى ۋاقىتتا ئەلكاتىپ بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن ۋە كىيىن يوقاپ كەتكەن بۇلاتتى. مىڭ شۈكرى تىلىمىز ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالدى. ھازىرقى ئىملا مەسىلىسىنىمۇ چوقۇم ياخشى بىر تەرەپ قىلغىلى بۇلىدۇ. ئەمما كۆپچىلىك ھەرگىز ئارىمىزدا ئىختىلاپ ۋە زىددىيەت پەيدا بۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن تىرىشايلى. ئەمەلىيەتتە ھەممىمىز ئۆز تىلىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقىنىمىز راست. ھەممىمىز ئۆز تىلىمىز ئۈچۈن، خىزمەت قىلىشنى توختاتمىساقلا چوقۇم ئۇيغۇرتىلى كۈندىن-كۈنگە گۈللىنىدۇ.

    بىز ھازىر ئىناق-ئىتتىپاقلىققا، توغرا چۈشىنىشكە، ئىلمىلىككە، بىلىمغا، خاتىرجەملىككە مۇھتاج. بۇلارنىڭ ئاساسى دەل بىزنىڭ ئىتتىپاقلىقىمىز. ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولسۇن !

    ئالىم مۇئەللىمدىن ھەممىمىز پەخىرلىنىمىز. بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈنگىچە كۆپ تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىشىمىزغا دەل ئالىم مۇئەللىمدەك جاپاكەش ئۇستازلىرىمىز سەۋەبچى بولغان. سىزگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز ئۇستاز !

    يەنە بىر ئىش رادىئو باشقۇرۇش سېستىمىسى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشنى خالامسىز مۇئەللىم؟
    مەن بۇ سېستىمىنى چۈشىنىپ باقاي دېگەن…

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 15:39
    • غەم قىلماڭلار، تىل-يېزىق ئۇنداق ئاسان خىرىسقا دۇچ كەلمەيدۇ، بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك ئۇچۇرلاشقان دەۋرىدە.
      ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ ئاساسىي خېلە پۇختا، نۇرغۇن نادىر يۇمشاق دېتاللار، ئۈسكۈنىلەر بارلىققا كەلدى ۋە ئومۇملاشتى. ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تىل-يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتىكى رولىنى ھەرگىزمۇ سەل چاغلاشقا بولمايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 18:31
  • ماۋۇ ئاتالمىش يىڭى ئىملا قائىدىسىنى(قايىدە بولدىمىكى تىخى)كۆرۈپ ماۋۇ تىل-يىزىققا مەسئۇل ئورگاندىكىلەرنى تىللىغۇملا كىلىۋاتىدۇ(ئەللۋەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىڭى قائىدىنى قوللاپ كەتمىگەندۇ).ئورگان تور بىتىدە ماۋۇ ئالىمكامدەك مەخسۇس يىڭى ئاتۇلغۇلارنى خەلق بىلەن پىكىرلىشىپ ئىسىم قويسا بولىدۇ،ئەكسىچە بار نەرسىنى ئۆزگەرتىپ ئادەمنىڭ تىتاڭ تومۇرىغا تەگمەي.يىزىق ئۆزگەرتىپ يۈرۈپ بالاسىنى تازا تارتىۋاتىمىز،ئەمدى يىزىق مۇقىملىشىپ بولسا قىلغىلى ئىش چىقمىدى دەپ ئويلاپ ئىملا ئۆزگەرتىپ.مۇئاشنى ئىش قىلماي ئالغۇسى كەلمىسە، ئەھمىيەتلىك،خەلق سۆيۈنگۈدەك قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار شۇنچە تۇرسا ئۇنى قىلماي،بارنى بۇلغاپ قەغىش ئىلىپ.ھەجەپ تۇتتى خۇيۇم!بىر شىئىر ئىسىمگە كىلىۋاتىدۇ:
    گەر بولسا ئىت ئارىسلانغا باش،ئارىسلانلارمۇ بولۇر ئىتسىمان.
    تىلىمىزنى تىل-يىزىقتىكىلەرگە باشقۇرۇشقا بىرىپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىدىغان قائىدە بىكىتىپ بەرمىگەندىكىن چىدايلى. مۇشۇ تىل-يىزىق كومېتىتى ئادەم ئالسا دەپ قويۇڭلا،بارلىق پىلاننى قويۇپ ئۆزۈملا بىرىپ ئىشلەي!
    تىلنى خەلق ئىشلىتىدۇ،تامغا قولۇمدا دەپلا قالايمىقان ئۆلچەم چىقىرىپ.بىرەر ئىش قىلىشتا ئاز-تولا مەسلىھەت ئالمايلا ئۆيىدىكى خالانى يۆتكەپ سالغاندەك ئىش قىلىغانلاردىن جىق تويدۇم.
    ئالىم مۇئەللىم بەش ئاتالغۇ ئۈچۈن بۇيەردە پىكىر ئىلىپ تۇرۇپتۇ،بىر شەخسى شىركەتچى مۇشۇنداق قىلىۋاتسا ماۋۇ مەسئۇل ئورگاندىكىلەر ئەتراپىدىن ئۈلگە ئىلىشنىمۇ ئۇقمامدىكىن.
    بىيولوگىيە،دىياگنوز،رادىيو…. ساراڭلا بوپتىغۇبۇ؟!
    قاپ يۈرەكلىك بىلەن سوراپ باقاي:ئالىم مۇئەللىم بۇنىڭغا پىكىر بىرىپ باقمىدىڭىزما؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 15:19
باھا بېتى: 1 2