ئالىم ئەھەت تور دەرسخانىسى ھەققىدە يېڭى چۈشەندۈرۈش
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئالىم ئەھەت تور دەرسخانىسى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى باشلانغان بولۇپ، ئەسلىدىكى پىلان بويىچە سىنغا ئېلىپ دەرس سۆزلەشنى ئاساس قىلغان ئىدىم. ئەمما تېڭشۈن دەرسخانىسىنىڭ (ئارقا سۇپىدا سىن ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىش، سىن مەزمۇنىنى ئادەم ئارقىلىق) تەستىقلاش سەۋەبىدىن سۆزلەنگەن دەرسلەرنىڭ تەستىقلىنىش ۋاقتى ئۇزۇراپ كەتتى. كۆپچىلىكنىڭ دەرسىمنى ۋاقتىدا ئاڭلىشى ئۈچۈن بەزى ئىشلارغا چۈشەنچە بېرىشنى لايىق كۆردۈم:
بۇ توپنىڭ ئادەم سانى 1000 بىلەن چەكلەنگەن بولۇپ، يەنە 2000 دىن ئارتۇق كىشى توپ سىرتىدا ساقلاۋاتىدۇ، ناۋادا بۇ بۇ توپتىن بىرسى چېكىنسە، سىلەرنى تەرتىپ بويىچە قوشۇپ قوياي، لېكىن ئارتۇق سان تەلەپ قىلىپ مېنى خىجىل قىلدۇرماڭلار، مەن ھەق تۆلىسەممۇ بەرىبىر 2000 دىن قەتئىي ئاشۇرۇپ بەرمەيدىكەن.
(1) سۆزلىگەن دەرسلىرىمنى QQ بوشلۇقىغا يوللايمەن، QQ بوشلۇقىغا ئەزا بولغانلار خالىغانچە چۈشۈرۈپ ئاڭلىساڭلار بولىدۇ. ئەمما سىن مەزمۇنىغا چېقىلماڭلار.
(2) دەرسلەرنىڭ تېزرەك تەستىقلىنىشى ئۈچۈن سۆزلىگەن دەرس تېمىسى ۋە مۇھىم ئاتالغۇلاردا خەنزۇچە يېزىق ئىشلىتىمەن، ئۇيغۇر تىلىمدا سۆزلەيمەن. بۇنىڭ يەنە باشقا كەسپىي كىتابلارنى كۆرۈشۈڭلارغا پايدىسى بار. بۇنى توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
(3) دەرسلىرىم تەستىقلانغاندا يەنىلا alim.ke.qq.com دا كۆرسەڭلار، بۇنداق بولغاندا دەرسخانامنىڭ زىيارەت مىقدارى ئېشىپ، ياخشى باھالارغا ئېرىشەلىسە مېنىڭ تېخىمۇ كۆپ دەرسلەرنى سۆزلىشىشىمگە پايدىلىق بولاتتى. مېنىڭ پىلانىم نوقۇل كومپيۇتېر كەسپىي بىلىملىرى بىلەن چەكلەنمەيدۇ، ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان ماتېماتىكا، فىزىكا ۋە ئۇيغۇر تىلى قاتارلىقلاردىنمۇ ئاساسىي ساۋاتلارنى سۆزلەپ بېرەلىشىم مۇمكىن.
(4) تېڭشۈن دەرسخانىسىدا ھەممە نورماللاشقاندا مەن يەنە ھەپتىدە بىر قېتىم نەقمەيدان دەرس سۆزلەپ تەكرار قىلىپ بېرىشنى خالايمەن، نەقمەيدان دەرسنىڭ ۋاقتى بېكىتىلسە، دەرس مۇندەرىجىسىدە پەيدا بولىدۇ، شۇڭا دەرسنىڭ ۋاقتى ۋە باشقا تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولساڭلار يەنىلا شۇ سىنىپنىڭ دەرس جەدۋىلىنى ئاساس قىلىڭلار. دەرسنىڭ ۋاقتى قاچان دەپ سۆز قالدۇرۇپ يۈرسەڭلار، بىرمۇبىر جاۋاب بېرىش بولۇشقا كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ.
ھازىر ئالىم ئەھەت دەرسخانىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دۆلىتىمىزنىڭ (شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدىن باشقا) بارلىق ئۆلكە، رايونلىرىدا تۇرۇپ قاتنىشىۋېتىپتۇ، مۇشۇنداق ئاڭلايدىغان ئادەم بولسىلا، مەن بۇ مەسئۇلىيەت ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمەن
ئاخىرىدا دەرسلىرىمنى ئاڭلاۋاتقانلار ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ پىروگراممېرلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى، جەمئىيىتىمىزنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشىڭلارنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن
—ئالىم ئەھەت
- يازما كۆرۈلۈشى: 5,441 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى am 8:07
- ئالدىنقى يازما :Listed below are fantastic high-school chemistry writing prompts for the start of faculty and throughout the year
- كېيىنكى يازما :An assessment of biblical points of views to the Minute Forthcoming of Christ.
دەرىسلىكىڭىزنىڭ ھەممىسىنى توپلام قىلىپ مۇقىم بوشلۇققا يوللاپ چۈشۈرۈشكە تەمىنلەپ قويغان بولسىڭىز
ياخشىمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇئەللىم . مەن كومپىيۇتىرىمغا ۋىندوۋس 10 – سېستىمىنى قاچىلاي دىگەن ،تاپالمىدىم، سىزدە بارمۇ؟ سىزنىڭ قىزىل بايراقتا دۇكىنىڭىز بارمۇ نەرىدە. ؟
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم.
مۇئەللىم ، مەن شۇ سىزنىڭ تۇنجى دەرىسىڭىزدىكى Visual Studio نى چۈشۈرۈپ قاچىلاش تەرتىۋى بويىچە قاچىلىغان ، لىكىن 30كۈنلۈك ئىشلىتىش ۋاقتى توشتى دەپ چىقىۋالدى .
Microsoft Visual Studio 2015 Community دېگەننى قاچىلاڭ، مىكروسوفت ھېساباتىڭىز بولسۇن يەنى live.com ياكى hotmail.com دىن ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز بولسۇن
مەن تور دەرىسخانىسىدىن بىزگە بەرگەن تاپشۇرۇقلارنى تاپالمىدىميا، ئۈستىكى تورداش سىلەر نەدىن ئاچقان دەپ بەرسەڭلار بوپتىكەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ئىشلىرىڭىزغا ئامەت تىلەيمەن. مەن بۇ تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر سۇئال سۇراي دېگەن ئىدىم 微软 Lumia 950 بۇ تېلفۇن تىلگېراف كارتىللىرىنى قوللامدۇ؟
بۇنى بىلمەيدىكەنمەن،
رەھمەت ئالىمجان مۇئەللىم
بىزدە پۇل تاپقۇچە يۈز تاپ دېگەن ئېسىل گەپلەر بار ئەمەسمۇ؟ گەرچە سىز رادىئو تېلېۋىزورلاردا كۆپ كۈرۈنمىسىڭىزمۇ كۈندە چىقىپ تۇرىدىغانلاردىنمۇ بەكرەك ھۆرمەتكە سازاۋەر قەلبىمىزدە….
ئەمدى شۇ ئۈرۈمچىنىڭ سوغۇق ھاۋالىرىدا يۈرۈۋەرمەي، ئارىلاپ ۋېلايەتلەرگە بېرىپ، ئانچە مۇنچە ئارام ئېلىپ ساياھەت قىلغچ، لېكسىيە سۆزلەپ بەرسىڭىز شۇ باھانىدە بىزمۇ ، كۈرۈشۈپ خاتىرە رەسىمگە چۈشۈۋالساق بولاتتى… ئەتە ئۆگۈن بەك مەشھۇر بوپ كەتسىڭىز بۇ پۇرسەتكە ئېرىشىش قىيىن بوپ قالغۇدەك
30كۈنلۈك ئىشلىتىش ۋاقتى تۇشقان بولسا مىكروسوفىتتىن نۇمۇر ئالسىڭىز بۇلىدۇ مەنمۇ شۇنداق قىلىپ داۋاملىق ئىشلىتۋاتىمەن
مۇئەللىم ، يۇمشاق دىتالنىڭ 30 كۈنلۈك ئىشلىتىش ۋاقتى توشتى دەپ چىقىۋالدى ، قايتا قاچىلىساممۇ شۇنداق ئەسكەرتىش چىقىۋالدى . مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز .
قايسى دېتالنى دېگىنىڭىزنى بىلمىدىم، ئەگەر شۇنداق چىقىۋالغان بولسا ھەقسىز ئىشلىتىش مۇددىتى توشۇپ قاپتۇ، سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، ئۇنچىلىك يۇمشاق دېتال ياسىيالىغان ئادەم قايتا قاچىلىسىڭىز ئىشلەپ كېتىدىغان قىلىپ ياسىمايدۇ ئەلۋەتتە.
ئەگەر سىز Visual Studio نى دېگەن بولسىڭىز، ئۇنىڭ پۈتۈنلەي ھەقسىز نەشرى بار، شۇنى قاچىلىسىڭىزلا بولاتتى.
مۇئەلللىم بىز ئۈچۈن قىلغان ئەجرىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەخمەت .
تىنىڭىز سالامەت بوسۇن
QQ توپىدىكى ئەزالار ئۈچۈن دەرسلىكنى چۈشۈرۈپ كۆرۈشكە رۇخسەت قىلىپسىز
QQ توپىغا قۇشۇلۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان بالىلارغىمۇ QQ空间 نى زىيارەت قىلىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىۋەتسىڭىز بۇلارمۇ يا بولمىسا توپتىكى ئەگەشكۈچىلەر ئۈچۈنلا تەمىنلەپ بىرەمسىز
دەرسلىرىم ۋاقتىدا تەستىقلانماي مېنى خىجىل قىلغاندا، مەن ئامالسىز بوشلۇققا يوللىغان ئىدىم، دەرس مەزمۇنىغا خەنزۇچە يېزىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىگەندىن كېيىن، دەرسلىرىم ئەتىسى تەستىقلىنىدىغان ھالەتكە كەلدى،
ھازىر ھەممە ئىشلار ئاساسەن ئىزىغا چۈشۈۋاتىدۇ، ئەمدى مەن بوشلۇققا يوللىمايمەن، دەرسخانىغا ئۇدۇل يوللايمەن. ھەرقانداق دەرسلەرنى ئەمدى ئۇدۇل alim.ke.qq.com ئاڭلاڭلار.
تېكىست رامكىسىنى قستۇرغاندا رامكىنىڭ بۇلۇڭىدا كۆپ قۇرغا يىزىش دېگەن بىر بەلگە چىقىدۇ، شۇنى باسسىڭز بولىدۇ.
10 – ئاينىڭ ئاخىرى بىر ئىمتىھانىم بولغاچقا ئالىم مۇئەللىمنىڭ دەرسلىرىنى ئاڭلىغۇم بولسىمۇ لېكىن ئاڭلىماي تۇرغانىدىم، ئۇ ئىمتىھانمۇ تۈگىدى، ماۋۇ ئىككى كۈندە ئالىم مۇئەللىمنىڭ دەرسىلىرىنى بىر قانچە قېتىمدىن ئاڭلاپ بولدۇم، ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن تارتىپ ھازىرغا كەلگىچە بولغان12 يىل جەريانىدا تەبىئىي پەن كومپىيوتېرغا ئائىت دەرسىلەرنى ئۇيغۇرچە ئاڭلاش ھوزۇرىنى سۈرۈپ باقمىغان، بۇ قېتىم ئاڭلىغان دەرسلەر شۇنچىلىك چۈشىنىشلىك ، شۇنداق ھوزۇرلۇق بىلىندى، مانا ئاخىرى ئالىم مۇئەللىمنىڭ دەرسلىرىنى ئاڭلاش پۇرسىتى بوپتۇ، نېمە دىگەن بىلەن ئانا تىلدا ئالىم مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغاننىڭ ھوزورى باشقىچە ئېسىل بولىدىكەن.
گەپنىڭ قىسقىسى، ئالىم مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز ! ھارمىغايسىز !
ئۇيغۇر كومپىيوتېرچىلىقىدىكى يەنە بىر ئۈگىنىش ئىنقىلابى مۇشۇنىڭ بىلەن
باشلىنىپ كەتسە نېمە دىگەن ئېسىل ئىش بولاتتى ھە !
تىكىسىت رامكىسىنىڭ ئۇزۇنلىقىنى ئكزگەرتكىلى بولىدىكەن ، ئەمما كەڭلىكىنى پەقەت خالىغانچە تەڭشىگىلى بولمايدىكەن ، بىلىدىغانلار دەپ بىرىڭلار
بىر-بىرلەپ قىلىش كېرەك ئەلۋەتتە. لېكىن ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىمۇ ياخشى نەرسىلەرنىمۇ سۆزلەپ بېرىشىم مۇمكىن دېگەن گېپىڭىزگە بەك قىزىقتىم.ۋاقتانىۋاق كېلىپ سۆزلەش پۇرسىتى كەلگەندە قانداق تېمىلار توغرىلىق سۆزلىشىڭىز مۇمكىن مالىم.
ھېسابلاش تىلشۇناسلىقى ھەققىدىكى بىلىملەر بولۇشى مۇمكىن.