ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
[ IT خەۋەرلىرى ]نۇر تورى مەخسۇس خەۋىرى :
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى خەلق يولى شىنروڭ سارىيى يىغىن زالىدا ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش باش تېمىسىدىكى «ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى» ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلدى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە شىنجاڭ يۇمشاق دېتال باھالاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن تەتقىقاتچى دوڭ جۈن ئەپەندى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىنىستىتوتى كومپيۇتېر مەركىزى مۇدىرى ئالىپ قۇربان ئەپەندى قاتارلىق رەھبەرلەر، ۋە ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرىنىڭ ئەزا شىركەتلەردىن تۇرسۇن قۇربان ئەپەندى، ئالىم ئەھەت ئەپەندى، ئەمەتجان روسۇل ئەپەندى، ئۆتكۈر ئەركىن ئەپەندى، ئىلھام تاھىر ئەپەندى، ئەمەرجان ئابدۇللا ئەپەندى، ئالىم ئابدۇراخمان ئەپەندى، نۇرمۇھەممەد تاشمۇھەممەد ئەپەندى، ئابلەت ئىسمايىل ئەپەندى، ئابباس ياسىن ئەپەندى، ئابدۇغەنى غوجى ئەپەندى قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى، ئاخبارات ۋاستىلىرى بولۇپ 200 دىن ئارتۇق ئادەم قەدەم تەشرىپ قىلدى.
ئالدى بىلەن شىنجاڭ «IT ئۈچ كېڭىشى» باش كاتىپى گاۋشيا خانىم سۆز قىلدى.
ئارقىدىن ھوشۇر ئىسلام ئەپەندى سۆز قىلدى.
كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلىكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قۇرغۇچىسى ئەمەتجان روسول ئەپەندى سۆز قىلدى.
ئارقىدىن شىركەت پروگراممىرلىرى تېخنىكا توغرۇلۇق بىلىملەردە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئارقىدىن تور-تېخنىكا ساھەسىنىڭ ئۇيغۇرچىلىشىشىدىكى زور تۆھپىكار شۇنداقلا ئۇيغۇر سوفت قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت ئەپەندى سۆز قىلدى.
ئاخىرىدا ھەرقايسى رەھبەرلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىرگە خاتىرە سۈرەت قالدۇردى.
بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئارقىلىق قەدەم تەشرىپ قىلغان كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئۇزاقتىن جاۋاب كۈتكەن تۈگۈن، مەسىلىلىرىگە مەمنۇن بولغىدەك جاۋابقا ئېرىشتى.
بىز ئاخىرىدا بۇ قېتىملىق ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش باش تېمىسىدىكى «ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى» ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ شۇنداقلا كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلىكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە تەشۈككۈر ئېيتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ خىلدىكى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇلىشىغا تىلەكداشمىز.
يۇقىرىدىكى بۇ ماقالە ۋە رەسىملەر نۇر تورىدىن ئېلىندى
http://www.nur.cn/news/2015/10/251139.shtml
=========================
پىروگرامما مۇكاپاتى خۇلاسە يىغىنى ئېچىلدى
شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ پىروگراممېرى، داڭلىق رىياسەتچىسى ئابدۇرېشت غۇپۇر رىياسەتچىلىك قىلدى
=============================
مەن پىروگراممېرلار مۇكاپاتى ھەققىدە ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى دېدىم. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يېڭى پىروگراممېرلارنى رىغبەتلەندۈردۈم.
بۇنداق زور سوممىلىق مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام مەنمۇ قاتنىشار ئىكەنمەن دەپ ئەپسۇسلاندىم. چۈنكى مەن 2008-يىلى ئەلى بابا تور تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش ئىجىرائىيە ئەمەلدارى 卫 哲 بىلەن بىر سەھنىدە تۇرۇپ يۇمشاق دېتال ساھەسىدە مەملىكەت دەرىجىلىك كاتتا شەرەپكە ئېرىشكەن بولساممۇ، لېكىن بىزگە پۇل بەرمىگەن ئىدى. ئەمما پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزگە كاتتا شەرەپلەرنى بېرىپ، بىزنى ئىلھاملاندۇرغان ئىدى.
مۇكاپاتنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: http://www.ccyl.org.cn/documents/zqlf/200811/t20081121_101900.htm
شۇنىڭ بىلەن بىز بۇ شەرەپكە يۈز كېلىش ئۈچۈن 2008-يىلى ئەلى بابا تور تېخنىكا شىركىتىنىڭ باشلىقى 卫 哲 淘宝 تورى B2C سۇپىسى يەنى 淘宝商城 نى قۇرۇپ، تور سودىسىنى باشلىۋەتتى. ئالىم مۇئەللىم يەنىلا ئۇيغۇر تىل يېزىقىنىڭ Windows قا كىرىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمەن دەپ بۇ ئىشنىڭ پىلانىنى باشلىۋەتتى. شۇ يىلى 淘宝 نىڭ تىجارەت سوممىسى 10 مىلياردقا يەتتى. ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 نىڭ سۆزلۈك سانى 1 مىليونغا يەتتى.
30 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر پىروگراممېرلارنىڭ ۋاقتى ۋە زېھنى ئاساسەن 1985-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە MS-DOS مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش، 1995-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە Windows مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش، 2005-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە يان تېلېفون مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش بىلەن ئۆتتى. بىر دەم «ئى» ئۇلاشمىدى دېگەن، «نە ئۇلاشمىدى؟» دېسەك، ئەمدى «ئە» ئۇلاشمىدى دېگەن، …مۇشۇنداق ھەرپلەرنى ئۇلايمىز دەپلا، خەت نۇسخىسى ۋە كىرگۈزگۈچ ياساپلا يۈردۇق. 1998-يىلى 6-ئايدا ئۇيغۇرسوفت شىركىتى قۇرۇلغاندا، تېخى 腾讯(ئۈندىدار ۋە QQ نى ياسىغان شىركەت)، 京东 (دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق تور سودا بېكىتى)، ھەتتا ئامېرىكىدىكى Google شىركىتىمۇ قۇرۇلمىغان ئىدى. مايۈنمۇ 阿里巴巴 شىركىتىنى قۇرىمەن دەپ 1999-يىلى 3-ئايدا ئۆز ئۆيىدە ئىش باشلىغان ئىدى. شۇ يىلى ئالماس، كۆلتېكىن، بۇغرا، ….قاتارلىق 20 نەچچە ئۇيغۇر IT شىركەتلىرى رەسمىي قۇرۇلۇپ، يۇمشاق دېتال ئىشلەپ بازارغا يۈزلەندۈرۈپ بولغان ئىدى.
گەرچە Google ،腾讯، 京东 بىلەن تەرەققىيات پەرقىمىز غايەت زور بولسىمۇ، بۇ بىزنىڭ دۆتلىكىمىز ياكى سەۋەنلىكىمىز ئەمەس، بۇ يەردە نۇرغۇن سەۋەب بار، يەنە باشقىلار دېگەندەك ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا خادىملىرى (يەنى IT چىلىرى)نىڭ ھالى خاراب، بۇ كەسپنىڭ ئىستىقبالى يوق دېگەن رەدىيەلەرنىمۇ ھازىرچە قوبۇل قىلالمايمىز، چۈنكى بىزنىڭ ۋاقتىمىز 30 يىلدىن بېرى تىل-يېزىقىمىز ئۈچۈن سەرپ بولدى. بىزنىڭمۇ ئەسلىدە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغۇمىز بار ئىدى، ئەمما ئۇيغۇر تىل-يېزىقى كومپيۇتېر، تېلېفون قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە، شۇنداقلا ئىنتېرنېتتا بىمالال، راۋان ھەل بولماي تۇرۇپ، ئويلىغانلىرىمىزنى قىلالماي قالدۇق.
ئەمما بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان بىزنىڭ پىروگراممىچى بالىلار يامان چىقىپ كەتتى، UI لايىھەسىمۇ شۇنداق چىرايلىق، ئىقتىدارى كۈچلۈك يۇمشاق دېتاللار ۋە ئەپلەر مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ، ھەتتا مىكروسوفت، ئالما شىركىتى ياساپ بولالمىغان ئەپلەرنىمۇ ياساۋاتقانلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز. شۇڭا مەن كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتى بىلەن ئەلكىن يۇمشاق دېتال شىركىتى ئويۇشتۇرغان بۇ قېتىمقى پىروگراممېرلار مۇكاپاتى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولسام، نەتىجە ئالالماس ئىكەنمەن، شۇڭا قاتناشمىغىنىم بەك ياخشى بولۇپتۇ، لېكىن مۇكاپات پۇلى ياكى بويۇمى بەرمىگەنلىكىم يامان بولۇپتۇ.
يېقىندا تور دەرسخانىسى تەسىس قىلسام، مەن ئويلىغاندىنمۇ نەچچە ھەسسە يەنى 7000 ئوقۇغۇچى تىزىملاتتى. دېمەك بۇ ساھەگە قىزىقىدىغانلار يەنىلا كۆپ، پات يېقىندا تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرگە يۇمشاق دېتال ياساشنى ھەقسىز ئۆگىتىمەن، ئەمما مۇشۇ كومپيۇتېر كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ قالساڭلار شەنبە-يەكشەنبە ۋە باشقا دەم ئېلىشىڭلار بەك ئاز بولىدۇ، پەرزەنتىڭلار قىز بولىدۇ، ئەمما بىز يەنىلا بەختلىك، مەسىلەن: بىل گېيتىس، ھوشۇر ئىسلام، تۈرگۈن ئىبراھىم، مىرشات لېتىپ، غالىپ قۇربان، دىلشات ھېۋىزۇللا، ئالىم ئەھەت (ئۇيغۇرسوفت)، نىزامىدىن ۋاھاپ (نۇر تورى)، ئەمەتجان رۇسۇل (كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتى)،…دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قىز بالىسى بار. ئەمما ئالماس شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇرسۇنجان قۇربان مۇئەللىمنىڭ ھەر ئىككى بالىسى ئوغۇل، مۇشۇنداق تۇرۇپ شىنجاڭنىڭ كۆچمە ئىنتېرنېت ئىشلىرىدا نۇرغۇن نەتىجىلەرنى ياراتتى، ناۋادا پەرزەنتىنىڭ بىرەرسى قىز بولغان بولسا، ئالماس شىركىتى 阿里巴巴، 腾讯 شىركەتلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتەتتى. شۇڭا پىروگراممىچى بولىمەن دېگەنلەر ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق كۆرۈڭلار. مۇشۇ چارشەنبە كۈنى يەنى 14-چېسلا ئۈرۈمچى ۋاقتى 8:00 دە دەرسنى باشلايمىز دەپ گەپنى تۈگەتتى ئالىم ئەھەت.
=======================================
ئەمەتجان رۇسۇل شىنجاڭ ئەلداۋا ساغلاملىق تورى بىلەن كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن «ئەلداۋا ساغلاملىق» ئەپىنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.
- يازما كۆرۈلۈشى: 4,783 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى am 8:37
- ئالدىنقى يازما :Order Essays On line Immediately
- كېيىنكى يازما :Brainwashing or the effectiveness of multimedia: the way they make our intellects.
مەن قويسام قويۇلمىدى، كۆرۈش ئۈچۈن چوقۇم شۇ توپتا بولۇشۇم كېرەكمۇ؟
ياق، ئۇنداق بولۇش ھاجەتسىز،
ئالىم مۇئەللىم سىلەر بۇرۇن ياسىغان ئۇيغۇرسوفىت قول كۆندۈرۈش مەشىق يۇمشاق دېتالى بولسا چۈشۈرۈش ئادىرىسى بىلەن تەمىنلىگەن بولسىڭىز … رەھمەت .
ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ تېڭشۈن تور دەرسخانىسىدىكى دەرسلەر تەستىقلانمىغانسىرى ۋاقتىم بىكار ئۆتۈپ كىتىۋاتىدۇ. ھەر كۈنى بىر دەرس ئۈگۈنۈپ ماڭاي دىگەنتىم ئەسلىدە.
بايا تەستىقلاپتۇ، ھازىردىن باشلاپ دەرس رەسمىي باشلاندى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم،
نەچچە كۈن ئالدىراش بوپ كېتىپ ، دەرسكىمۇ قاتنىشالمىدىم. كېيىنكى دەرس قاچان سۆزلىنىدۇ؟
چ چ نىڭ توپ ئىقتىدارىدا بىۋاستە بارلىق دوسلارغا بىۋاستە ۋىدىئۇ قويۇشنى قوللامدىغاندۇ؟
ئەگەردە بۇنى قوللاپ قالسا، ئۇلارغا تەستىقلىتىپ يۈرۈشنىڭمۇ ھاجىتى يوقمىدىكىن.
توپتا بىۋاستە دەرىس سۆزلىسە، باشقىلار ۋىدىئو ئارقىلىق ئاڭلىسىمۇ بولاتتى.
چ چ نىڭ سىز سۆزلىگەن دەرىسنى چ چ نىڭ ۋىدىيۇ قويۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، سىزنىڭ چ چ غا قوشولغان دوسلىرىڭىزغا بىۋاستە قويۇپ بىرەلەيسىز، ھەتتاكى تىلىفۇندا تورغا چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئوخشاشلا تىلىفۇنىدا ۋىدىئو قويۇلىدۇ.
بۇنداق قىلسام نۇرغۇن كىشىلەرنى دوست قىلىپ قوشسام بولىدۇ، ئۇنىڭ يەنە چېكى بولۇشى مۇمكىن، مەن يەنىلا سىنغا ئېلىپ سۆزلەشنى ئاساس، ھەپتىدە بىرەر لېكسىيە بىلەن سۆزلەشنى قوشۇمچە قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن
تىڭشۈن شىركىتىدىكى دەرسلىك تەستىقلاشقا مەسئۇل گۇيلار ئۇيغۇرچە تىل-يىزىقتىكى دەرسلىككە باشقىچە مۇئامىلە قىلىۋاتامدۇ-نىمە؟ بۇ چاققىچە تەستىقلىنىپ بولىدىغان ۋاقىت بولدى، ئەجەب بىر تەستىقلانمايدىيا.
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ، باياتىنقى تور دەرسى ناھايىتى ياخشى بولدى . مۇشۇنداق يوسۇندا سۆزلەنسە بەك ياخشى بولىدۇ ، دەپ ئويلىدىم . مېنىڭ ئازراق تەكلىپىم : دەرس سۆزلەۋاتقاندا چ چ نىڭ خەت كەلگەندىكى يۆتەلگەن ئاۋازنى تاقىۋەتسىڭىزكەن ، يەنى چ چ نىڭ ئۇستىگە مائوسنى ئەكىلىپ ، مائوسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى چەكسىڭىز ئاۋازنى تاقاش تاللانمىسى چىقىدۇ ، شۇنى تاللاپ قويۇڭ .
يەنە بىرسى سىنغا ئالغان دەرسلەرنى تور دىسكىللىرىغىمۇ يوللاپ قويسىڭىزكەن ، بىزلەر خالىغاندا چۇشۇرۇپ كۆرسەك .
يەنە بىرسى ، سىز نەخ مەيدانغا تەكلىپ قىلغان ئوقۇغۇچىلىڭىزمۇ بىر كومپىيوتىرنى ئېچىپ قويۇپ ، سىزنىڭ تور دەرسىڭىزنىڭ كۆرسە . بۇنداق بولغاندا بىزلەرگە قانداق كۆرۇندى ، سۇرەت سۈزۈكمۇ ، ئاۋاز بارمۇ-يوق دىگەندەك ئىشلارغا شۇلاردىن قىسقىچە سورىسىڭز ۋاقىتتىن ئۇتقىلى بولىدۇ ، دەپ ئويلىدىم . قانداق چىقىۋاتىدۇ ، دەپ بىزدىن سورىسىڭىز ، ھەممەيلەن تەڭلا خەت يېزىپ بەك قالايمىقان بولۇپ كىتىدىكەن . بالىلار سۇئال سورىسا ئاندىن خەت يازسا ، بولمىسا جىم ئاڭلىسىكەن دەيمەن .
بۇ بەك بەلەن تەكلىپ بولدى، ماقۇل مەن QQ غا سەل يېڭىراق، كۆپرەك تەلىم بېرەرسىلەر
بەك كاتتا ئىشلار بولىۋىتىپتۇ مۇئەللىم !!! ھەممىڭلار غا كۆز تەگمىسۇن!!! ئىشلىرىڭلار روناق تاپقاي !!!!!
ئالىم مۇئەللىم، بۇ يازمىنى تۈنۈگۈن ئوقۇپ بولغان ئىدىم ، بۈگۈن قارىسام يەنە مەزمۇن قوشۇپسز، قايتا ئوقۇپ چىقتىم، بەزى جايلىرى ھەقىقەتەن تەسىرلىك… سىزمۇ كۆپ جاپا جەكتىڭز، ئەمما ھازىر توردا شاگرىت تەربىلەۋاتىسز، شاگرىتلار يىتىشپ چىقسا سىز قىلماقچى بولغان ئىشلارنى ئويلاپ بولغىچە بالىلار پۈتكۈزۈپ بولۇپ كۆپلىگەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرسەك، ئاشۇ سىز شىركەت قۇرغاندا تىخى قۇرۇلمىغان ئەمما ھازىر بەزىلرى دۇنياغا يۈزلۈنۇپ بولغان شىركەتلەردىنمۇ ئىشىپ كىتەمىز….(ئەمما ماۋۇ تېڭشۈن دېگەن گۈي پىلانىمىزنى بىلىپ قالدىمۇ،بىزنى ئۆزىدىن ئىشپ كەتمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ سىز يوللاۋاتقان دەرىسلەرنى تەستىقلىمايۋاتىدۇ، خەپ!!)