نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

VirtualBox (مەۋھۇم كومپيۇتېر دېتالى) غا Windows 8 نى قاچىلاش(1)

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

VirtualBox (مەۋھۇم كومپيۇتېر) غا Windows 8 نى قاچىلاش(1)

ئامېرىكا Oracle شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە گېرمانىيە InnoTek يۇمشاق دېتال شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مەۋھۇملاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالى ئىدى. كېيىن بۇ شىركەت، Sun شىركىتى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان، ئۇزۇن ئۆتمەي Sun شىركىتى يەنە Oracle شىركىتى تەرىپىدىن قوشۇۋېلنغان، شۇڭا، بۇ دېتالنىڭ ھازىرقى نامى Oracle VirtualBox.

مەۋھۇملاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالى بىر (ھەقىقىي) كومپيۇتېردا مەۋھۇم بىر نەچچە كومپيۇتېر ھاسىل قىلىدىغان دېتال بولۇپ، بۇ مەۋھۇم كومپيۇتېرلار بىر-بىرسىگە قەتئىي تەسىر قىلمايدۇ. بىر كومپيۇتېرغا Windows, Mac, Ubuntu, Linux,… قاتارلىق نۇرغۇن مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز، ھەتتا ئۇلارنى تەڭ قوزغىتىپ، ئۆز-ئارا سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرالايسىز. ھەر بىر مەشغۇلات سىستېمىسىنى بىر ھۆججەت سۈپىتىدە ساقلايدىغان بولۇپ، VirtualBox قاچىلانغان خالىغان كومپيۇتېرغا يۆتكەپ ئىشلىتەلەيسىز. مەۋھۇم كومپيۇتېر بولغاچقا، قاچىلاش پىروگراممىسىنى تونۇتۇپمۇ يۈرمەيسىز، لېكىن، ئۇنىڭ ئېكرانىنى چوڭايتىپ خۇددى ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي كومپيۇتېردەك ئىشلىتەلەيسىز، مەلۇم بىر سىستېمىنى سىناق قىلىش ئۈچۈن، ھەرگىزمۇ بىر نەچچە قاتتىق دىسكا ياكى بىر نەچچە كومپيۇتېر سېتىۋېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ساقلىغۇچىسى قانچە چوڭ بولسا، شۇنچە كۆپ مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز. ھەقىقەتەنمۇ بەك قولايلىق يۇمشاق دېتال، ئالدىدىن دەپ قوياي، خۇمار بولۇپ قالسىڭىز، مېنىڭ كارىم يوق، ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالمايمەن.

(1) بۇ يەرنى بېسىپ VirtualBox نى چۈشۈرۈڭ، بۇنىڭ ئىچىدىن VirtualBox 4.1.12 for Windows hosts نىڭ كەينىدىكى x86/amd64 بېسىپ چۈشۈرۈڭ.


ئۇلانمىسى: www.virtualbox.org
google.com دىن virtualbox دەپ ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ

(2) چۈشۈرگەن ھۆججەتنى قوش چەكسىڭىز، تۆۋەندىكى قاچىلاش پىروگراممىسى قوزغىلىدۇ.

(3) «ئىختىيارى قاچىلاش» كۆزنىكىدىن Next نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.

(4) بۇ يەردىنمۇ Next نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.

(5) تور ئۇلىنىشىنى قايتا تەڭشەيدۇ، Yes نى بېسىڭ.

(6) قاچىلاش تاماملانغۇچە ساقلاپ تۇرۇڭ.

(7) قاچىلاش تاماملاندى، Finish (تامام)نى بېسىڭ، بۇ چاغدا VirtualBox قوزغىلىدۇ.

(8) VirtualBox نىڭ باش ئېكرانى

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
27 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • ۋاي ئەجەپ ياخشى يۇمشاق دېتالكەنبۇ… مەن چۈشۈرۈشنى باشلىۋەتتىمئەمسە…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى am 11:39
  • دىۋان مېنىڭمۇ يا؟!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى am 11:42
  • يىڭى بىلىمكەنمەن،رھمەت سىزگە،مەن بۇرۇن vmware نى ئېشلىتەتتىم. ،بۇنىمۇ چۈشۈرۈپ سىناپ باقاي…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 12:48
  • ئەجەپ ياخشى دېتالكەن، بوش ۋاقىت چىقىرىپ مەنمۇ سىناپ باقاي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 18:17
  • بۇ دېتال ئارقىلىق windows8 غا xp نى قاچىلىغىلى بولامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:00
    • مەۋھۇم كومپيۇتېرغا ھازىر بار بولغان ھەرقانداق مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلىيالايسىز

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 22:03
  • VirtualBox دىن پايدىلىنىپ ئۇبۇنتۇنى قاچىلاپ ئىشلەتكەن ئىدۇق ، ياخشى دېتال بۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 23:49
  • مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاشنى بىلمىدىم .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى am 08:18
  • بۇنى قاچىلاپ قويسام ئۇيغۇرچە خەتلەر ئۆزگىرەپلا كەتتىغۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 12:39
    • Virtual Box قاچىلىسىڭىز، ئۇيغۇرچە خەت قانداق ئۆزگىرىپ كەتتى؟ مەن بۇ سوئالنى تازا بىلەلمەي قالدىم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 22:43
  • مەن windows8نى سىناپ بولغان بولغاچقا(بۇنى ئۇسۇلنى ئىلگىرى بىلمىگەچكە windows8نى بىۋاستە قاچىلاپ ئىشلەتكەن ئىدىم)،ubuntu12.04LTSنى يىڭىدىن تارقىتىلىپتۇ ھەم ئۇيغۇرچە باركەن دەپ مۇئەللىمنىڭ مۇشۇ ئۇسۇلىدا سىناپ ئىشلىتىپ ئۇبۇنتۇ سىستىمىسىدا ئىنكاس يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.windows8رەسمى نوسخىسى تىزراق چىقسا،كومپېيۇتىرىم ئۇيغۇرچىلا بولۇپ كەتسە،ھەي شۇ چاغدا يىغلاپ سالارمەنمۇ ھاھا~~~ ھىلىمۇ بۈگۈن توردىن شىنجاڭ تاشئالما پۇتبول كۇلۇبىنىڭ شىئەندىكى مۇسابىقىسىنى،بولۇپمۇ شىئەندىكى شىنجاڭلىق توپ مەستانىلىرىنىڭ بىر تۇتاش كىيىم(توپ مەستانىلىرى بىرلىككە كەلگەن كىيىمى)كىيىپ قىزغىن كەيپىياتتا ۋارقىراپ مەدەت بەرگەن كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ تاس قالدىم يىغلىۋەتكىلى ~~

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى am 01:20
    • شىئەندىكى شىنجاڭلىق توپ مەستانىلىرىنىڭ بىر تۇتاش كىيىم(توپ مەستانىلىرى بىرلىككە كەلگەن كىيىمى)نى مەن لايىھەلىگەن ھە!
      (ئۆزۈمنى بىر ماختىۋالاي دېدىمغۇ)

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى am 08:32
  • مەن ئۇبۇنت نى قاچىلىسام NO BOOTTABLE MEDIUM FOUND دەپ چىقىۋالدى ،بۇ نىمە دىگەن گەپ؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 16:15
  • مەن قاچىلاپ قوزغاتسام قارا ئىكراندا : FATAL: No bootable medium found! System halted.
    دەپ چىقىۋالدى. مەن بۇرۇن مەۋھۇم كومپيۇتېر دېتالىنى ئىشلىتىپ باققان، ئۇنىڭدا مەۋھۇم سىستېما دىسكىسىنى ياكى ئوپتىك دېسكىنى كۆرسىتىپ بېرىپ قاچىلاپ ئىشلىتەتتۇق. بۇنىڭدىمۇ شۇنداقمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا windows 8 نىڭ بىرەر ئىشەنچلىك چۈشۈرۈش ئادرېسىنى يوللاپ قويسىڭىز، رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى am 09:33
    • ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ، ئوپتىك دىسكىدىن قاچىلاش ھاجەتسىز، ISO ھۆججەتنى كۆرسىتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. google.com دىن Windows 8 ISO microsoft.com دەپ يازسىڭىز، مىكروسوفت تورىدىكى چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تېپىپ بېرىدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 19:59
    • رەھمەت مۇئەللىم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى am 08:02
    • مۇئەللىم، ۋاقتىڭىزنى يەنە ئالىدىغان بولدۇم، ISO ھۆججەتنى كۆرسىتىپ قاچىلايدىغان يېرىنى تاپالمىدىم، بۇ مەن ئىشلەتكەن virtual machineغا ئوخشىمايدىكەن. شۇ تەرتىپىنى، نەرىدىن ISOنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىمىزنى بىر كۆرسىتىپ قويسىڭىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى am 08:38
  • بۈگۈن خەت يەنە ئەسلىگە كىلىپ قاپتۇغۇ؟بىلوگنىڭ خەت نوسخىسىنى ئۆگەرتىپ تۇرىۋاتامسىلەر نىمە ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 18:25
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم!
    سېلى تېما يازسىلا مارافۇنچىلاپ ئۇزۇن-ئۇزۇن تېما يېزىۋىتىدىكەنلا،ئىنكاسلارنى قوشساق بەت بەكلا ئوزۇن بولۇپ كېتىدىكەن،شۇڭا بلوگلىرىغا WordPress دە بەت ئۈستى، ئاستى ۋە ئىنكاس رايونىغا قايتىش كونۇپكىسى قوشۇشنى ئويلىشىپ باقسىلا بولغۇدەك
    (ئۇسۇلنىمۇ قالدۇرۇپ قوياي:http://www.uyghurbeg.net/page/3)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى am 08:39
    • تەپسىلىي ئادېرسى:http://www.uyghurbeg.net/3133.html
      (ئالىم ئەھەت بلوگىغا چوقۇم ئۇيغۇرچە يېزىشقا ئادەتلىنىڭ دېگەن ئەسكەرتمە بەكلا جايىدا بوپتۇ)

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى am 08:40
  • مەن قاچىلىسام
    VT-x/AMD-V 硬件加速在您的系统中不可用。某些虚拟机 (如 OS/2 和 QNX) 需要该功能,并且没有它将无法启动。
    دەپ تۇرۋالدى،مىنىڭ كومپىيوتىرىم DELL 1425 ئىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 12:53
  • بۇ يۇمشاق دېتالنى مەنمۇ ئىشلىتىۋاتىمەن . ھەقىقەتەن ئىنتايىن قولايلىق يۇمشاق دېتالكەن. ئادەتتە android x86 ، ئۇبۇنتۇ ،xpقاتارلىق مەشخۇلات سېستىمىلىرىنى قاچىلاپ ئىشلىتىمەن. بىراق بىلىمىمنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلىدىن بەزى مەسىلىلەرگە يۇلۇققانىدىم. مەسىلەن xpقاتارلىق سېستىمىلارنىڭ ئېكران ئېنىقلىق دەرىجىسىنى 1366*768 گە زادىلا تەڭشىيەلمىگەنىدىم، 8نى قاچىلاشتا مەغلۇپ بولغانىدىم…
    ئالىم مۇئەللىمنىڭ كۆرسەتكىنى بۇيۇنچە قايتا قاچىلاپ كۆرسەم بولغىدەك.
    يەنەبىر يۇمشاق دىتال vmware workstation … ھى ھى ھى بىراق ھەقلىق يۇمشاق دېتالكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى am 09:15
باھا بېتى: 1 2