ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى تىزىش قائىدىسى (تۈزىتىلگەن لايىھە)
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]
ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىش قائىدىسى ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلارنى رەتلەش، تۈرگە ئايرىش ۋە تىزىپ چىقىشتا كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر قائىدە ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت سۆزلۈكلىرى، كىشى ئىسىملىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇش،…قاتارلىق جەھەتلەردە ئېنىق بىر قائىدىنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. 2002-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، ھەمزەلىك شەكىلنى ھەمزەسىز شەكىلنىڭ كەينىگە تىزىپ چىققان ئىدىم ھەم بۇ ئىقتىدارنى «ئەلكاتىپ 3.9» يۇمشاق دېتالىغا قوشقان ئىدىم. ئەمما، بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان ھەمزەلىك ھەرپلەرنى تىزىشتا ئالدىغا قويۇش دەسلەپكى قەدەمدە بىرلىككە كەلگەندىن بۇيان، مەن بۇ قائىدىنى قايتا يىغىنچاقلاپ ئاددىيلاشتۇرۇپ چىقتىم. كۆپچىلىكنىڭ قانداق تەكلىپ-پىكىرى بولسا ئىنكاس شەكىلدە ماڭا يەتكۈزۈپ بەرسە، تېخىمۇ خۇشال بولىمەن.
ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىش قائىدىسى
1. ئۇيغۇر يېزىقىدا ھەرپلەرنىڭ لاتىن ھەرپلىرىدەك چوڭ-كىچىك يېزىلىش شەكلى بولمايدۇ.
2. رەقەملەر ئۆز تەرتىپى بويىچە بارلىق ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ ئالدىدا تىزىلىدۇ.
3. ئۇيغۇرچە 32 ھەرپلەرنىڭ ئېلىپبە تەرتىپى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
ا ە ب پ ت ج چ خ د ر ز ژ س ش غ ف ق ك گ ڭ ل م ن ھ و ۇ ۆ ۈ ۋ ې ى ي
4. ھەمزە ئۇيغۇرچە ھەرپ بولالمايدۇ، پەقەت سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان بوغۇملارنىڭ بېشىغا ئۇلىنىپ كېلىدۇ، ھەمزە ئارىلىشىپ كەلگەن سۆزلەرنى تىزىش تەرتىپى تۆۋەندىكى قائىدىگە ئەمەل قىلىدۇ.
(1) ھەمزە نەزەرگە ئېلىنماي، باشقا ھەرپلەر يۇقىرىدىكى تەرتىپ بويىچە تىزىلىدۇ.
مەسىلەن: ئالىم ئەمگەك باتۇر پاختا تاۋۇز…ئىمان ياسىن
(2) ھەمزەلىك شەكىل ھەمزەسىز شەكىلنىڭ ئالدىدا تىزىلىدۇ.
مەسىلەن: تەلئەت تەلەت سۈرئەت سۈرەت سۈرئەتلىك سۈرەتلىك
(3) ھەمزە سانى ئاز بولغانلىرى ئالدىغا تىزىلىدۇ.
مەسىلەن: ئالىم ئئالىم ئئئالىم
تۆۋەندىكى ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگە تىزمىسى يۇقىرىدىكى قائىدە بويىچە تىزىلدى.
‹بوشلۇق›
!
%
،
.
؟
1998
2012
ئ
ئالىم
ئئالىم
ئئئالىم
الىم
ئالىمجان
الىمجان
ئەمگەك
ئەمگەكچى
باتۇر
تەلئەت
تەلەت
تەلئەتجان
تەلەتى
جاۋابكار
سۈرئەت
سۈرەت
سۈرەتچى
سۈرەتخانا
سۈرەتلەنمەك
سۈرئەتلىك
سۈرەتلىك
سۈرەتلىمەك
غاز
ھارۋا
ئوسمان
ئۇيغۇر
ئۇيغۇرچە
ئۆدەك
ئۈرۈمچى
ۋەتەن
ئېيىق
ئىنسان
ياسىن
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,237 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 19:49
- ئالدىنقى يازما :音频 ۋە 视频 ئاتالغۇسى ھەققىدە
- كېيىنكى يازما :بېيجىڭغا سەپەر (بېشى)
مەنغۇ بىر يىڭى ئۇگەنگۇچى،تىخى ئانچە كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيمەن،بىراق يەنىلا ھەمزە سانى ئاز بولغانلىرىنى ئالدىغا تىزساق ياخشىدەك قىلىدۇ!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت ئەپەندى.
ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىقىغا قوشقان توھپىڭىزگە ئاپېرىن.
بۇ مىنىڭ تۇنجى قېتىم سېزدەك ئېلىم چولپانلېرغا خەت يېزىشىم. (مازاق قىلمىغايسىز)
مىنىڭ ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسى ياساش ئارزۇيۇم بارتى ، لېكىن قانداق قىلىشنى ، نىملەرنى ھازىرلاش كېرەكلىكىنى بىلەلمىدىم .
مومكىن بولسا بىر ياردەم قىلىۋەتسىڭىز ، سىزدىن تىخىمۇ مەمنۇن بولغان بولاتتىم . (سۈرەتلىك دەرسى بوپ قالسا قالتىس ئىش بولاتتىدە )
ئالىم مۇئەللىم، (2) قائىدە ‹‹ھەمزىلىك شەكىل ھەمزىسىز شەكىلنىڭ ئالدىدا تىزىلىدۇ›› دېگەننى ئۆچۈرۈۋېتىپ، (3) قائىدە ‹‹ھەمزە سانى ئاز بولغانلىرى ئالدىغا تىزىلىدۇ›› دېگەن قائىدە بويىچىلا تىزساق بولمامدۇ؟
مەن سوزۇق تاۋۇشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ھەمزىسى بولمىسا ھەمزە سانى 0، بىر دانە ھەمزە بار بولسا ھەمزە سانى 1، ئىككى دانە ھەمزە بولسا ھەمزە سانى 2، … مۇشۇ بويىچە بىر تەرەپ قىلدىم. ھەمدە (2) قائىدىنى ئىشلەتمەي (3) قائىدە بويىچە تىزسام ھەمزىسىز شەكىل ئالدىغا تىزىلىپ چىقتى.
مەن يەنە باشقىچە ئۇسۇلدا تەھلىل قىلىپ باقماقچى بولدۇم، ماتېماتىكىدىكى توپلام ئېسىمگە كەلدى.
بىز رەتكە تىزماقچى بولغان سۆزلەر ھەرىپ-بەلگىلەرنىڭ توپلىمى ئىدى، يەنى تۆۋەندىكىدەك
ئالما {‘ئ’،’ا’،’ل’،’م’،’ا’}
ئئالما {‘ئ’،’ئ’،’ا’،’ل’،’م’،’ا’}
الما {‘ا’،’ل’،’م’،’ا’}
بۇنىڭدىن تۆۋەندىكىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايمىز
{‘ئ’،’ا’،’ل’،’م’،’ا’} = {‘ئ’} + {‘ا’،’ل’،’م’،’ا’}
{‘ئ’،’ئ’،’ا’،’ل’،’م’،’ا’} = {‘ئ’} + {‘ئ’} + {‘ا’،’ل’،’م’،’ا’}
{‘ا’،’ل’،’م’،’ا’} < {'ئ'،'ا'،'ل'،'م'،'ا'} < {'ئ'،'ئ'،'ا'،'ل'،'م'،'ا'}
ئەمدى قانداق تىزىمىز؟ مەن بۇ توپلاملارنى كۆپۈكلەشتۈرۈپ رەتلەش (冒泡排序) پىرىنسىپى بويىچە تىزدىم،
ئەڭ كىچىك توپلام ئالدىغا تىزىلدى.
{'ا'،'ل'،'م'،'ا'}
{'ئ'،'ا'،'ل'،'م'،'ا'}
{'ئ'،'ئ'،'ا'،'ل'،'م'،'ا'}
يەنى
الما
ئالما
ئئالما
دىمەك ھەمزىسىز شەكىلنى ئالدىغا تىزغىنىمىز توغرا بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقۇرىدىكى (2) قائىدىنى چىقىرىپ تاشلىۋەتسەك.
ئەسلىدە مەن ئىزچىل شۇنداق تىزىپ كەلگەن ئىدىم، ئەگەر ا نى ئالدىغا تىزىمىز دېگەن بولسا، تېخىمۇ ئوڭاي بولاتتى ھەم ئىلمىي بولاتتى، ئاز بولغانلىرى كۆپ بولغانلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ.
لېكىن، بىلىكتىكى ھېلىقى تېمىدا ھەمزەلىك شەكىلنى ھەمزەسىز شەكىلنىڭ ئالدىغا قويىمىز يەنى ئا، ا دەپ تىزىمىز دېگەن بولغاچقا، مەن شۇنىڭ قائىدىسىنى يېزىپ باقتىم. شۇڭا، بەزى تورداشلار چۈشىنىپ بولالمىدى. زادى قانداق قىلىش كېرەك؟
مېنىڭچە يەنىلا ھەمزەلىك شەكىل ئالدىدا تۇرغىنى ياخشى، چۈنكى بىزنىڭ تىلىمىز ئەرەب تىلىغا ئوخشىمايدۇ، ھەمزە ئايرىم ھەرپ ئەمەس. يېزىقىمىزدا بېشىدا كېلىدىغىنىمۇ ھەمزەلىك شەكىل، بۇ ھەقتە يەنىلا ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئويلىغىنىنى قوللايمەن.
ئالىم مۇئەللىم، (2)، (3) قائىدە توغرىسىدا چۈشەنچە بەرسىڭىز بولاتتى. يەنە مۇنۇ تېمىغىمۇ نەزىرىڭىزنى سېلىپ قويغان بولسىڭىز.
http://bbs.bilik.co/thread-24626-1-1.html
سۈرئەت
سۈرەت
سۈرەتچى
سۈرەتخانا
سۈرەتلەنمەك
سۈرئەتلىك
سۈرەتلىك
سۈرەتلىمەك
يۇقارقىسى سىزنىڭ قائىدىڭىز بويىچە تىزىلغىنى، مېنىڭچە مۇنداق تىزىلسا بولاتتىمىكىن.
سۈرئەت
سۈرئەتلىك
سۈرەت
سۈرەتچى
سۈرەتخانا
سۈرەتلەنمەك
سۈرەتلىك
سۈرەتلىمەك
شەكىلداش سۆزلەر نىڭ ھەممىسى بىرلا يەردە ئۇچرىسا دىمەكچى.
ھەرىپلەرنى تەرتىپلەشتە ھەمزەنى بىر ھەرىپ دەپ ھىساپلىساق قايسى قانۇنىيەتكە خىلاپ بولىدىغاندۇ؟ مەن پەقەت چۈشەنمىدىم.
ئۇنداق بولمايدۇ، ئاۋۇ كىچىك قائىدىلەر (1)، (2)، (3) تەرتىپ بويىچە بولىدۇ. رەسىمنى يوللاپ قويسام بولىدىغان ئوخشايدۇ
ھەمزە ھەرپ ئەمەس دېگەن قانۇنىيەتكە، مېنىڭ بۇقېتىم تىزغىنىم ھەرپ تەرتىپى بويىچە تىزىش، 6-ئايدىكى بولسا شەكىلداش تەرتىپى بويىچە تىزىش
سۇزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزە بارلىرى ئالدىغا تىزىلدى دېگەن بەك جايىغا چۈشۈپتۇ. ئەمما ماۋۇ مەنىسىز، ئىملاسى خاتا ئەھۋاللارنى ئويلىشىشىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ بىزنىڭ يېزىقىمىزدا ئىككى ھەمزە بىر يەرگە كىلىدىغان ئىش يوققۇ؟ شۇڭا ئاۋۇ قائىدىدىكى «ھەمزە ئازلىرى ئالدىغا تىزىلىدۇ» دېگەن قائىدىنى ئېلىۋىتىش كېرەك دەپ ئويلايمەن.
ئۇ دېگەنلىك خاتا ئەمەس، مەيلى قانداقلا يېزىلسۇن، ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسىدىن ئىختىيارى بېسىلغان ھەرقانداق ھەرپ-بەلگە تىزمىسىنى چوقۇم ئېنىق بىر تەرتىپ بويىچە تىزىش كېرەك. 4-قائىدىنىڭ ئىچىدە 3 كىچىك قائىدە بار. بۇنى بەزى تورداشلار خاتا چۈشۈنىۋاپتۇ. تەرتىپلەش باسقۇچلىرىغا تەقلىد قىلىنغان رەسىم ئىشخانىدىكى كومپيۇتېردا قېلىپتۇ. ھازىر دەم ئېلىش بولغاچقا، ئىشخانىغا بارمىدىم.
ماۋۇ قائىدىنى ئېنىق چۈشەندۈرىدىغان رەسىملەرنىمۇ تەييار قىلىپ قويغان ئىدىم، بۈگۈن يېڭى يىللىق ئارام ئېلىپ چىقىرىپ بولالمىدىم، ئەتىگىچە يوللاپ قوياي
مەسىلەن: تەلەت تەلئەت تەلئئەت تەلئئئەت
سۈرەتلىك سۈرئەتلىك سۈرئئەتلىك سۈرئئئەتلىك
سۈرەت سۈرئەت سۈرئئەت سۈرئئئەت
………..
(2) ھەمزەلىك شەكىل ھەمزەسىز شەكىلنىڭ ئالدىدا تىزىلىدۇ.
(3) ھەمزە سانى ئاز بولغانلىرى ئالدىغا تىزىلىدۇ.
_______________________________
ماۋۇ ئىككى قائىدە بىر-بىرىگە زىت بوپ قاپتۇ.
‹‹ھەمزە سانى ئاز بولغانلىرى ئالدىغا تىزىلىدۇ›› غا قوشۇلىمەن.
ھەمزىلىك شەكىلدە ھەمزە سانى 1، ھەمزىسىز شەكىلدە ھەمزە سانى 0 بولسا ھەمزىسىز شەكىل ھەمزىلىك شەكىلنىڭ ئالدىغا تىزىلىشى كېرەك.
مەسىلەن: الىم ئالىم ئئالىم ئئئالىم
مۇختەر ئەپەندىنىڭ پىكرى بەك ئورۇنلۇق بوپتۇ …
ئاشۇ ئىككى قائىدە بىر-بىرىگە زىت بولۇپ قاپتۇ …
راس ھەي،تەپسىلى ئويلىسام بۇ ئىككى قائىدە راس زىت بولۇپ قالغاندەك جۇمۇ~
مۇختەر باي، سىز بۇ تەرتىپنى قەستەن بۇرمىلاۋاتامسىز قانداق؟! خۇددىي كومپيۇتېردەك تەپەككۇر قىپسىزغۇ؟ ھەمزەسىز شەكىلدە ھەمزە دېگەن نېمە ئىش قىلىدۇ دەيمەن.
كەچۈرۈڭ
قەستەن ئىش تېرىماقچى ئەمەسمەن. توغرا بولغان بىر قائىدىنى تۈزۈپ چىقساق ھەمدە كومپىيۇتېرغا قانداق ‹‹تەپەككۈر›› قىلىشنى ئۆگىتىپ قويساق دەيمەن.
ھازىرغىچە تۈزۈلگەن لايىھىلەرنىڭ ھەممىسىدە نۇقسان بار.
مەسلەن تۈۋەندىكىلەرنى قانداق تىزىمز؟
الىم ئالىم ئئالىم ئئئالىم
كىتاب ئكىتاب ئكىتائب ئئكىتاب
كىتbookاب كىت书اب كىت%اب كىت$اب
123 ئ123 ئئ123 ئئ1ئ23
abc ئabc ئaئئbc ئئabc
_____________________
ئۇيغۇر تىلىدا بۇنداق سۆزلۈكلەر يوق دەپ تۇرىۋالماڭ.
مۇشۇلارنىمۇ خاتالاشماي تىزىپ بېرەلىسە مەن قايىل بولىمدن.
راست، بۇنىڭ بۇرۇنراق تۈزتىلىشى ياخشى بوپتۇ. بولسا مۇشۇ قائىدە قانۇنلىشىپ كەتكەن بولسا ياخشى بولاتتى. بولىسا يەنە ئۆزگەرتىدىغانلارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ.
بۇ ئەينى چاغدا بىلىكتا تازا قىززىغان تېما ئىدى،كۆپچىلىكنىڭ پىكرى بىلەن تولىمۇ مۇكەممەل بوپتۇ.ئەمدىكى گەپ سىز مۇشۇنى ماۋۇ تىل-يېزىقتىكى چوڭاملار يىڭى «قايىدە»چىقىرىپ بولغۇچە ئۇلارغا سۇنۇپ بەرسىڭىز،بالدۇرراق تامغا باستۇرۋالىلى بولمىسا ئاپلا دەپ قالمايلى(بۇ يەردە تىل-يېزىق كومېتېتىدىكىلەر بولساڭلار تىللاپ كەتمەڭلار ھە~~ھى ھى).ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن،قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن،رەھمەت!
مېنىڭچىمۇ مۇشۇ لاھىيە مۇۋاپىق بوپتۇ، لاھىيەنىڭ بولىشى ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەلىككە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ جەھەتتە ئوبدان رول ئويناۋاتىسىز مۇئەللىم. رەھمەر ئېيتىمىز !