ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 6.0 تونۇردىن چىقتى
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى بارلىققا كەلگىلى 16 يىل بولدى، بولۇپمۇ سۆزلۈك مىقدارى مىليوندىن ئاشىدىغان ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2005-يىلى رەسمىي نەشردىن چىقىپ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان ئىدى. كېيىن يەنە 2007، 2008 نەشرى بارلىققا كەلدى. ئەسلىدىكى پىلان بويىچە 2010-يىلى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2010» ئېلان قىلىنماقچى بولغان، ئەمما ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ مىكروسوفتقا يازغان ئىلتىماسى تەستىقلىنىپ، مىكروسوفت بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىلىدى، شۇنىڭ بىلەن Windows 8 نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ يەرلىكلەشتۈرۈش ئىشىنى باشلىۋەتتۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قېرىشقاندەك 2010-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان يېڭى ئىملا قائىدىسى ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى ۋە ئىملا تەكشۈرگۈچنىڭ ئامبىرىنى بىر كېچىدىلا ئەخلەتكە ئايلاندۇرۇۋەتتى. بۇنى يېڭى ئىملاغا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن 5 يىل ۋاقتىمىز كەتتى، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب مىكروسوفت تاپشۇرغان ۋەزىپىنى جان-جەھلىمىز ۋە تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ تاماملىدۇق. ئۆز مەھسۇلاتلىرىمىزغا يېتەرلىك كۆيۈنۈپ بولالمىدۇق. ئويلاپ باقساق ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى ئىشلىتىدىغانلار يەنىلا كۆپ ئىكەن، ئەمما ئۇنىڭ ئىملاسىغا ئىشەنچ قىلالماي گاڭگىراپ قالىدىكەن، شۇڭا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىملاسىنى قايتا توغرىلاپ چىقتۇق. بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ چىقتۇق، مانا مۇشۇنداق ئۇزۇن جەرياندىن كېيىن ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 6.0 نەشرى بۈگۈن تونۇردىن چىقتى. ھازىر بۇنىڭ ھولىدىكى شورلارنى تازىلاۋاتىمەن، خېرىدارلارنىڭ ئالدىغا قويۇش ئۈچۈن ئاخىرقى بىرنەچچە باسقۇچ قالدى. پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن تۆۋەندە رەسىمى بېرىلدى.
مەن ئىمكانقەدەر لۇغەت كۆرۈنمە يۈزى ئاددىي بولۇشنى مۇھىم دەپ بىلدىم، لۇغەتكە مۇناسىۋەتسىز بولغان كىرگۈزگۈچ، سۆز تۇتۇش،…دېگەندەك ئىقتىدارلارنى ئېلىۋەتتىم، ئەمما بىز سۆز بايلىقىنى كۆپەيتىشكە، ئىملاسىنىڭ توغرا بولۇشىغا ئالاھىدە كۈچىدۇق، ئۈندىدار، تور بېكەت، ئۈستەليۈزى لۇغىتىمىزنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنىڭ بىردەك بولۇشىغا ئالاھىدە كۈچىدۇق. بۇنىڭ يەنە باشقا كۆچمە ئۈسكۈنىلەردىكى نەشرىمۇ ياسىلىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى ھازىرقى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ ماڭغان لۇغەت بولالايدۇ.
ئىلگىرى ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى سېتىۋالغانلارغا ھەقسىز يېڭىلاپ بېرىمىز، مۇلازىمەت كارتاڭلارنى ئوبدان ساقلاڭلار، ئەمدى لازىمى بولىدۇ (باشقىلار ئىشلىتىۋالغان بولسا بىزنىڭ ئامالىمىز يوق)، سېتىۋالمىغانلارمۇ چەكلىك دائىرىدە ھەقسىز ئىشلىتەلەيدۇ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,705 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2016-يىلى 04-ئاينىڭ 22-كۈنى am 10:09
- ئالدىنقى يازما :Land preferences when fast growing plants – what to choose?
- كېيىنكى يازما :Getting a Plan to Buying a Seek Conventional
مۇبارەك بولسۇن
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم. مۇشۇ لوغەتنىڭ يېڭى نەشىرىنى قاچان رەسمىي بازارغا سالىسىلەر؟ بىرنى سېتىۋالاي دېگەنتىم.
ئالىم مۇئەللىم ۋە بارلىق تورداشلار بۇ ۋىروس ئالاھىدە ۋىروس بولغاچقا بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولىسمۇ ئىنكاس يېزىپ قالدىم. مۇشۇ سەۋەپلىك ئالىم مۇئەللىم ۋە باشقا تورداشلاردىن ئەپۇ سورايمەن.
ھازىر ماتىرىياللىرىم ئەسلىگە كىلىۋاتىدۇ خېلى كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى.
ھەممە ھۆججەتلەرنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىغا cryptقۇشۇلۇپ قالغان ھۆججەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېتالىنى(卡巴斯基发布解锁带.crypt扩展免费文件解密工具)نى ئېلان قىلىپتۇ، تولىمۇ خوشال بولدۇم، بۇ ۋىروس خېلى قوقاتتى مېنى، تا ھازىرغىچە ۋىروستىن بەك قۇرقۇپ كەتمەيتىم. ئەمدى چۆچىدىم.
تورداشلارمۇ ۋىروسقا قارىتا ھۇشىيار بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن! ئۇھ …. ئۈچ كۈن بولدى كومپيۇتېردىكى ماتىرىياللارغا قاراپ ھازا تۇتۇپ ئولتۇرغىلى.
ئىنكاسىم بار، ئىنكاسىم بار. مەن ئۇيغۇر سوفىتنىڭ ئۈندىدار لوغىتىنى ئىشلىتىۋاتاتتىم ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق ھەقسىز لوغەت تاپالمىدىم. ئەڭ ئالدى بىلەن رەھمىتىمنى بىلدۈرۋالاي. ئىشلىتىش جەريانىدا ھىس قىلغىنىم بەزى ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىزاھاتىمۇ تۇلۇق ئەمەسكەن. ئۇيغۇرچە خەنزۇچىسىنىغۇ قۇيۇپ تۇرايلى مەسلەن قىيام بىلەن مۇراببا نىڭ ئىزاھاتى بەكلا يىتەرسىز يەنە سارماي نىڭ يوق ئىزاھاتى يوقلېرى بەك كۆپكەن. ئۈندىدار كۆرسەم لوغەتنىڭ 200-يىللىق نەشىرى بار بۇ يىل 2016- يىلى تۇرسا سەككىز يىل بۇرۇنقى لوغەت دىگەن گەپ ، بىزغۇ دەۋرگە يىتىشىپ ماڭالمايدىغان ئوخشايمىز ئەمما مۇشۇ لوغەتچىلىككە، ئۇيغۇرچە ئىزاھقا ھۈكۈمەت ياكى شەخسىي كارخانا بۇلامدۇ ئىشقىلىپ بىر كۆڭۈل بۈلۈنسە بولغۇدەك. تىلىمىزنىڭ دائىرىسى بەكلا كىچىكلەپ كەتكەندەك ھىس قىپ قالدىم. مىنىڭچە تىل مەدەنىيتىمۇ شۇ مىللەتنىڭ يۇمشاق كۈچى. تىل ئاجىزلىغى شۇ مىللەتنىڭ ئاجىزلىغىنىنىڭ ئىپادىسى بۇلۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئلىشقا تېرىشىشىمىز كېرەك.
قىممەتلىك پىكىرىڭىزگە رەھمەت، ئازراق چۈشەنچە بەرسەم:
====================================
بەزى ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىزاھاتىمۇ تۇلۇق ئەمەسكەن. ئۇيغۇرچە خەنزۇچىسىنىغۇ قۇيۇپ تۇرايلى مەسلەن قىيام بىلەن مۇراببا نىڭ ئىزاھاتى بەكلا يىتەرسىز يەنە سارماي نىڭ يوق ئىزاھاتى يوقلېرى بەك كۆپكەن.
====================================
ئۇنداقتا بىز پايدىلانغان قەغەز كىتابلاردا بۇلارنىڭ ئىزاھاتى يوق دېگەنلىك، بۇنى شۇ ۋاقىتلاردا ئۆز ئالدىمىزغا قوشۇۋالساق بولمايدۇ، ئەمدى ئۇنى قوشىدىغان سەۋىيەلىك ئادەملەرگە مۇراجەت قىلىۋاتىمىز ياكى ئۆزىمىز ئىنگلىزچە ياكى خەنزۇچە ئىزاھاتقا ئاساسەن ئۇنى تولۇقلايمىز. ئەمما بۇ ئىنتايىن كۈچ تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت.
ھۆرمەتلىك ئۇستاز ئالىم مۇئەللىم، مۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقتۇم، قانداق ئامال بار!
كومپيۇتېرىمدىكى ئەھۋال تۆۋەندىكىچە:
ھەممە ھۆججەتلەرنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىغا crypt بۇ قۇشۇلۇپ قاپتۇ، ئۆزەم بىلگەن ئۇسۇللار ئارقىلىپ ھۆججەتنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدىم.
مۇشۇنى ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈردىغان ئامال بارمىدۇ. بەك بېشىم قاتتى شۇنچىلىك ئىشنى قىلالمىغىنىمغا!
ھەراس M2T شەكىلدىكى فىلىم ھۆججىتى ساق قاپتۇ قالغان رەسىم ۋە فىلىم ئۆججەتلىرىنىڭ ئاخىرقى نامى پۈتۈنلەي DSC_2602.JPG.crypt مۇشۇ خىل ھالەتتە
marka.psd.crypt
HD.mpg.crypt
VTS_01_1.VOB.crypt
يېڭى لۇغەت چىقىپ بەك ياخشى بۇلۇپتۇ، شەخسەن ئۆزەم تولىمۇ خوش بولدۇم. رەھمەت ئۇيغۇر سوفت. رەھمەت ئالىم مۇئەللىم
ھۈسەنجانغا:
قايسى مەنانى قايسى چاغدا ئىشلىتىش پۈتۈنلەي تەرجىماننىڭ دىتىغا باغلىق. بۇ لۇغەتنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس دەپ قارايمەن.
يېشىل يوپۇرماق ئەپەندىگە ئۆزەمنىڭ ئويلىغنى دەپ باقسام ،ھەرقانداق ئىش قىلىشتا گەپ شۇ ئىشتا بولمايدۇ،بەلكى ئادەمدە باغلىق بولدۇ . شۇڭا سىز نىمە قىزىقسىڭىز ، نىمگە قىلىشقا كۆزىڭىز يەتسە ، شۇنى قىلسىڭىز بولدۇ. بۇ كەسىپتە يىڭلىق يارتىش موھىم ، تىخنىكا داۋاملىق يىڭلىندۇ،شۇڭا ئۈزلىسىز ئۈگەنسىڭىز نەتىجە بولدۇ .
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر سۇئال بار ئىدى، 黑科技 نى تەرجىمە قىلغاندا بىۋاستە قارا تىخنىكا دەپ تەرجىمە قىلىپ ئىسلىتىمىزمۇ ياكى يەرلىكلەشتۈرۈشكە بولامدۇ؟ يەرلىكلەشتۈرسەك نىمە دەپ يەرلىكلەشتۈرمىز؟ مۇناسىۋەتلىك ئۇستازلارنىڭ مۇشۇ ھەقتە بىر باش قاتۇرۇپ بىقىشىنى سورايمەن