نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Windows 8 Beta نى سىناشقا تەييارلاندىڭىزمۇ؟

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]


=== دىققەت: باشقا مۇنبەرلەرگە چاپلىماڭ، كۆچۈرۈپ بولغان بولسىڭىز ئۆچۈرۈۋېتىڭ، رەھمەت ! ===

ئىلگىرى بىز خەۋەر قىلغىنىمىزدەك، مىكروسوفت شىركىتى Windows 8 Consumer Preview (ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى)نى Beta نىڭ يەنە بىر نامى قىلغان بولۇپ، 2-ئاينىڭ 29-كۈنى (ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 8:00 دىن كېيىن) پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئىستېمالچىلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن رەسمىي جاكارلايدۇ. مىكروسوفت يەنە Windows 8 Consumer Preview دىن باشقا يەنە Windows Server 8 Beta، Visual Studio 11، NET framework 4.5 ۋە كوللېكتىپ يۇمشاق دېتال ئېچىشنى باشقۇرۇش مەھسۇلاتى Visual Studio 11 Team Foundation Serverنى ئېلان قىلماقچى، ئۇلار Windows 8 بىلەن زىچ بىرىكەلەيدىغان بولۇپ، مىكروسوفتنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىللىق يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىغا، ھەتتا دۇنيا يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى بۇ قېتىملىق كاتتا تارقىتىش مۇراسىمىنى (يېڭىدىن قۇشۇلغان 14 تىل يەنى ئۇيغۇرچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان) بارلىق ئىستىمالچىلار ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە…

ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلىنىڭ تەرجىمىسى تېخى ئۇيغۇر تىلىدىن كېيىن تەستىقلانغان، بۇ جەھەتتە ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلى ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەينىدە قالدى، ئەنگلىيە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ كەينىدە تىزىلدى دېگەن گەپ. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تېز بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تەرجىمە سۈرئىتى ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەينىدە، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھازىر ئۇيغۇرچە تەرجىمىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركلەرنىڭ تەرجىمىسىگە قاراپ باقايلى دېمەڭ ئەمدى، ئۇيغۇر تىلىغا ئىشىنىڭ. قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ، نەق گەپنى دەيلى.

ئۇنداقتا Windows 8 قاچىلاشقا تەييارلىنىپ بولدىڭىزمۇ؟ تەييارلىق خىزمەت مانا:

بىرىنچى: مىكروسوفت ئورگان تور بېكىتىدىن ISO تەسۋىر ھۆججىتىنى چۈشۈرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، باشقا مەنبەلەر ئىشەنچسىز

ئۇيغۇرسوفت شىركىتى Windows 8 نى سىنايدىغان شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم شىركەت بولۇپ كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇرسوفت سىناش دوكلاتى تەييارلاشقا مەسئۇل بولىدۇ، پات يېقىندا (تەخمىنەن 2-3 ھەپتىدىن كېيىن) يەنە مەخسۇس DVD دىسكىسىنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالماقچى، ئۇيغۇرسوفتنىڭ يەنە تەشەببۇسى ۋە تەۋسىيە قىلىشى بىلەن مىكروسوفت شىركىتى دىيارىمىزدىكى باشقا نوپۇزلۇق ئورگانلارغا (ئالىي مەكتەپ، تىل-يېزىق كومىتېتى،…) ۋە بىر قىسىم شەخسلەرگە پوچتا ئارقىلىق DVD دىسكىسىنىمۇ ئەۋەتىپ بېرىدۇ. بۇلار ئاساسەن كومپيۇتېر، تىل-يېزىق، ئاخبارات (رادىيو-تېلېۋىزىيە)، نەشرىيات ساھەسىدىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرى ئېلىنىدۇ. ناۋادا، سىزگە شۇنداق نەرسە كەلسە، بۇ ماڭا خاتا كېلىپ قاپتۇ دەپ تاشلىۋەتمەڭ، ئىچىدە Windows 8 Beta نىڭ دىسكىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، كەلگۈسى 15-20 كۈن ئىچىدە ئىدارىڭىزگە خەت-چەك ياكى پوسولكا كەلسە دىققەت قىلىپ قويارسىز-ھە؟

ئىككىنچى: 8GB لىق بارماق دىسكىدىن ئىككىنى تەييارلاڭ.

ئۇيغۇرسوفت ماركىلىق بارماق دىسكىڭىز يېنىڭىزدا بارمۇ؟ قاچىلاش ۋاقتى سەل قىسقا بولسىمۇ، سەۋرى تاقىتىڭىز بارمۇ؟ ھازىرچە Windows 8 Beta نى بارماق دىسكىغا قاچىلىمايسىز، ئەكسىچە UltraISO دېتالىدىن پايدىلىنىپ، ISO تەسۋىر ھۆججىتىنى بارماق دىسكىغا يېيىپ، بارماق دىسكىدىن كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دىسكىسىغا قاچىلايسىز. قارىغاندا بۇ قېتىم ئوپتىك دىسكىنىڭ ئانچە رولى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي ئوپتىك دىسكىلاردىن خۇددىي يۇمشاق دىسكا بىلەن خۇشلاشقاندەك ئايرىلىدىغان ئوخشايمىز. لېكىن بىر نەچچىنى ساقلاپ قويۇڭ، 20-30 يىلدىن كېيىن موزېيخانىلارغا سېتىپ، باي بولۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، مەن 93-يىلى 2 يۈەنگە سېتىۋالغان بىر يۇمشاق دىسكىنى بىرسى 100 يۈەن بېرەي دىگەن ئىدى، مەن ساتمىدىم.

ئۈچىنچى: ئەڭ ياخشىسى ئىككى كومپيۇتېر ياكى خاتىرە كومپيۇتېر تەييارلاڭ.

ناۋادا، شارائىتىڭىز يار بەرسە ئىككى كومپيۇتېر تەييارلاڭ، ئۇنداق بولمىسا، مەۋھۇم كومپيۇتېر دېتالىنى قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، نوچىسى مانا (www.virtualbox.org) بۇ ئىنتايىن مۇھىم. بىرسىدە تورغا چىقىپ، ISO تەسۋىر ھۆججىتىنى بارماق دىسكىغا ئويىسىز. توردىن ياردەم تەلەپ قىلىسىز، مەسىلەن: ئالىم ئەھەت بىلوگى، بىلىك،…دېگەندەك. يەنە بىر كومپيۇتېرغا Windows 8 Beta نى رەسمىي قاچىلايسىز. بۇ نۇسخىسى ئالدىنقى يىلى 9-ئايدا تارقىتىلغان ئىجادىيەتچىلەر كۆرۈپ بېقىش نەشرىدىن زور پەرقلىنىدۇ. رەسمىي نۇسخىسىدەك ئىشلەيدۇ، پەقەت ۋاقىت چەكلىمىسى بار. ناۋادا، Bug تېپىلمىسا رەسمىي نەشىرىنى سېتىۋالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ جۇمۇ. ناۋادا، ئۇلارمۇ ئۇيغۇر تىلىغا كۆڭۈل بۆلدى دەپ، قوللاپ رەسمىي نۇسخىسىنى سېتىۋالىمەن دېسىڭىز، 3-ئايدىن باشلاپ ھەر ئايدا 100 يۈەن يىغىپ قويۇڭ، پەقەت 15 كۈندە بىر قېتىم يەيدىغان چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورمىسىدىن ياكى بىر قېتىملىق رېستۇران ئايرىمخانا زىياپىتىدىن ۋاز كەچسىڭىز، 6 ئايدىن كېيىن 600 يۈەن يىغالايسىز، رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىنسا، بەلكىم يەنە 100-200 يۈەن ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن. ئېشىپ قالسا، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى سېتىۋالسىڭىزمۇ ياق دېمەيمەن، چۈنكى Windows 8 رەسمىي نۇسخىسىنى مەندىن سېتىۋالسىڭىز، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى يېرىم باھادا بېرىمەن، بەلكىم بىر نەچچە كۈن بايرام قىلىپ بەزى ئۇيغۇرچە دېتاللارنى پۈتۈنلەي ھەقسىز قىلىۋېتىشىم مۇمكىن. ۋاقتىدا كەلگەندە، ئۇيغۇرسوفتنىڭ قىزىلبايراق يولى 4-قەۋەتتىكى سېتىش ئورنىغا قەدەم تەشرىپ قىلارسىز، ھازىر قايتىدىن جىددىي زىننەتلەنمەكتە.

تۆتىنچى: ئىككى قاچا تاماق ۋە بىر چەينەك چاي تەييارلاپ قويۇڭ.

بۇ تاماقنى ھازىرچە مۇزلاتقۇغا سېلىپ قويىسىز، ناۋادا، Windows8 نىڭ ئىقتىدارلىرىنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، تاڭ ئاتقۇچە ئىشلىتىپ زېرىكمىسىڭىز، يېرىم كېچىدە ئاۋۇ تاماقنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا ئىسسىتىپ يەيسىز ياكى پىرەنىككە ئوخشاش مىكرو يېمەكلىكلەرنى تەييارلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئاندىن يەنە ياخشى تەرەپلىرىنى بايقىسىڭىز، ئەلكۈيى مىكروبىلوگىدا ئېلان قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. مۇشۇ مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سىنىغاندا، مىكرو نەرسىلەردىن زادى ئايرىلالمايدىكەنمىز.

بەشىنچى: يوق، تامام

باشقىلار:
بۇ قېتىم ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك جايلاردا خېلە چوڭ ئۆزگىرىش بار، بەزى يەرلەر پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈشى مۇمكىن. بۇنى ھازىر دېيىشكە بولمايدۇ، كىنونىڭ ئاخىرىنى دەپ بەرسە كۆرگۈسى كەلمىگەندەك، ئۇنى سىناشقا قىزىقماي قالىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا سىستېما خەت نۇسخىسىغا ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەر تولۇق قوشۇلغان، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرچىنى بىمالال، راۋان كۆرەلەيسىز. لېكىن ئەلكاتىپنىڭ بەزى خەت نۇسخىلىرى سىزگە لازىم بولىدۇ. سىستېما يادروسىغا قوشۇلغان سۈكۈتتىكى خەت نۇسخىسىدا ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەر ئەرەبچىگىمۇ بەك مايىل ئەمەس، ئەمما، كۆزىڭىزگە سەل سىغماي قالسا، بىر نەچچە ئاي ئىشلەتسىڭىز، پات-پات قاراپ تۇرسىڭىز كۆنۈپ قالىسىز، بەلكىم بۇنىڭدەك ئوچۇق كۆرۈنىدىغان خەت نۇسخىسىنى بىر نەچچە يىلغىچە تاپالمايسىز، تور بېكەتلىرىڭىزنىڭ سۈكۈتتىكى خەت نۇسخىسىنى تەڭشىگەچ تۇرۇڭ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە Microsoft Uighur دا چوڭ ئۆزگىرىش يوق، ئۇ يەنىلا كىچىك، گەرچە ALKATIP Tor غا يەتمىسىمۇ (ئېلان قوشتۇم)، لېكىن بېسىپ كۆرگەندە خېلە بولىدۇ. ئۇنى ئۆزگەرتكىن دەپ مۆمىن ساقالنى تار يەردە قىستىماي، باشقا نامدا، باشقا ئۇستىخاندا ئايرىم خەت نۇسخىسى ياساپ بەرسەڭ نەچچە پۇل ئالىسەن دېسەڭلار بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاي ناملىرىدا سۈكۈتتىكى ھالەتتە يانۋار، فېۋرال،….دەپ چىقىدۇ. كىرگۈزگۈچنىڭ نامى ئۇيغۇرچە بوغۇم بويىچە قىسقارتىلغان. لېكىن، ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىشتا سەل ئەندىشەم بار. باشقىلىرىنى ئۆزەڭلار سىناپ تېپىڭلار، قېنى كىم يامان؟ ئۆز ۋاقتىدا Windows Vista Beta ئابدۇرېشىت ئېلى(raxit1973) ئەلكاتىپ بىلەن ماسلاشمايدىكەن دەپ ماڭا چوڭ خاتالىقنى مەلۇم قىلغان. مەن كەسپىي ئۇسۇلدا «ف» ھەرپنىڭ كودىنى تەكشۈرۈپ، خاتالىقنىڭ خەت نۇسخىسىدا ئەمەس، بەلكى كىرگۈزگۈچتە ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. ناۋادا، چوڭ خاتالىق تاپالىسىڭلار، ئامېرىكا مىكروسوفت شىركىتىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلامدۇ-تېخى؟ (چاقچاق)

سىناش دوكلاتىنى ئايرىم ئەۋەتىمەن دېسەڭلارمۇ مەيلى، لېكىن ئالدىدىن دەپ قوياي، QQ ئىشلىمەيدىكەن، 360 ۋىرۇسخۇر قاچىلانمىدى، Photoshop قاچىلانمىدى، بەزى ئويۇنلارنى قاچىلىيالمىدىم، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن دەپ يوللاپ يۈرمەڭلار، ساۋاتسىزلىقنى چاندۇرۇپ. ئۇ مىكروسوفتنىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى شۇ قوللانما دېتاللارنى ياساۋاتقانلارنىڭ ئىشى، رەسمىي نۇسخىسى چىقىپ بولغۇچە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېتاللىرىنى ماسلىشىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ بولىدۇ، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىمۇ ھەم شۇنداق. خاتىرجەم بولۇڭلار.

قېنى بىرلىكتە بۇ مەھسۇلاتنى ياخشى سىناپ، تەكلىپ-پىكىر بېرەيلى!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
101 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 5
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم!
    قىسمەتكامنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، بۇ تېمىنى ھازىرلا xjcfan.com غا يوللاپ قويدۇم. xjcfan.com مۇنازىرە سورۇنى بولۇشقا تەييارلىنىپ بولدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 18:18
  • بۇ يىل ئاڭلىغان ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ساھەسىدىكى ئەڭ ياخشى خەۋەر بولدى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 18:38
    • ئارانما؟!
      بۇ يىل كىرگىلى 2 ئايمۇ تېخى تولۇق توشمىغان تۇرسا؟ بۇ مەن ئۈچۈن ئۇيغۇرسوفت قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئاڭلىغان ئەڭ چوڭ خەۋەر

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 19:19
  • تارقاتقان ۋاقىتتا نەق چۈشۈرۈش ئاددىرىسىنى بىلوگدا تەمىنلەپ بېرەرسىزمۇ؟ كۆپچىلىك ئىزدەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەي بىۋاستە چۈشۈرسە دەيمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 18:40
  • سىناش تەييارلىقىنى باشلىغاچ تۇرسام بولغۇدەك!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 19:16
  • مەنمۇ شۇنداق قاراشتا، نەق چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلەپ قويسىڭىز، بىزمۇ بىۋاستە چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرسەك؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 19:19
  • ۋىندوۋس 8 نىڭ سۈكۈتتىكى خەت نۇسخىسى ۋېيرۇەن ياخېي دېگەن خەت نۇسخىسى شۇغۇ دەيمەن ئالىم مۇئەللىم. گېپىڭىزگە قارىغاندا، بۇ خەت نۇسخىسىغىمۇ ئۇيغۇرچە ھەرپلەر قوشۇلۇپتۇ-دە!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 19:23
    • بۇ قەدىرلىك ئاداشنى 7 گە ئوخشاش قاتتىق دېسكىدىن قاچىلاشقا بولمامدۇ زادى؟ بولسا ئەسلىدىكى ۋىندوۋسنى ساقلاپ قالغان ئاساستا قاچىلاش ئۇسۇلىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرىدىغانلار چىقسا بولاتتى!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 19:25
    • ئەلۋەتتە بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئايرىم دىسكىغا قاچىلاڭ، قوش سىستېما قىلىمەن دېمەي تۇرۇڭ

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 19:48
  • 7 بىلەن بىللە قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولامدىغاندۇ بۇنى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:00
    • بولدىكەن مەن قوش سېستىما قىلۋالدىم

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 21:03
  • مەۋھۇم ئوپتېك دېسكا بىلەن قاچىلىغىلى بولار؟ مەنمۇ مەخسۇس تېمىغا تەييارلىق قىلىپ قوياي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:34
    • ئەلۋەتتە بولىدۇ، بولسا شۇنداق قىلىڭە، مەنمۇ ماۋۇ يەرگىمۇ چاپلاپ قوياي، تېلېفونىڭىزغا ئۇچۇر ئەۋەتكەنىدىم، كۆردىڭىزما؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:36
    • تاپشۇرۇپ ئالدىم. :)

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 21:19
    • رەھمەت سىزگە، ھەممە گەپ مۇشۇ يەردە بولسا ياخشى بولغۇدەك

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 21:52
  • ھاھا ھا ئالىم ئاكا سىزنى بۇنداق قىززىقچى دەپ پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن ھا ھا ھا …..مەن ئۆكۈندۇم .گەرچە مېنىڭ كومپىيوتىردىن ئانچە خەۋىرىم بولمىسىمۇ ئۈرۈمچىدىكى ۋاختىمدا سىزبىلەن بىر كۆرۈشۈپ كەلمىگەنلىكىمگە ……..سىزدىن پەخىرلىنىمىز ئالىم ئاكا تېنڭىز سالامەت ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلىق بولغاي ..ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن ..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:39
  • ئالىم مۇئەللىم بەك يومۇرىستىككەن. قىزىقارلىق قىلىپ يېزىپتۇ.
    رومان يېزىپ قالسىمۇ تىلى يەڭگىل، قىزىقارلىق قىلىپ يازالىغۇدەك.

    كۆزىمىزنى سەككىز قىلىپ، قاچىلاشقا تەييار بولۇپ تۇردۇق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:39
    • ئۆمرۈم بولسا، پىروگرامما يېزىشقا قۇربىم يەتمىگەندە، سىز دېگەندەك كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك رومان يېزىپ قويىمەنمۇ تېخى، ئوبدان پىكىر بەردىڭىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى am 08:16
  • بۇنۇڭغا سىز دېگەن QQ, 360 ھەممىسى قاچىلاندىغۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 21:02
    • تورداش سىز نېمە دەۋاتىسىز ؟ بۇ يازمىدا نېمە دېيىلىۋاتىدۇ ؟؟؟ مەن ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئورنىدا بولسام ئاچچىقتىن كېسىلىپ قالاتتىمكەن ، چىقمىغان سىستېمىغا نېمىنى قاچىلايسىز ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 21:18
    • ئـــــــــــــــــــــــــــــۇف …

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 23:08
  • 8GB لىق بارماق دېسكىدىن ئىككىنى دەپسىز ، بىرىگە ISO ھۆججىتىنى يەشسەك ، يەنە بىرىنى نېمىگە ئىشلىتىمىز ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 21:19
    • ئېھتىيات ئۈچۈن، بىرسى زاپاس تۇرسۇن. ناۋادا، Windows 8 نى ياقتۇرۇپ قالسىڭىز، يەنە بىر كومپيۇتېرغا قاچىلىغاندا يەنە بىر بارماق دىسكا لازىم بولىدۇ، ئۇ دېگەن يەنە بىر كومپيۇتېرنىڭ بارماق دىسكىسى (ھا!ھا!!)

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 21:51
  • ۋوي سىز يامانغۇ؟ تېخى ئېلان قىلىنمىغان Beta نۇسخىسىغا، ئېلان قىلىپ بولغان QQ نى قاچىلاپ بولدىڭىزما؟ ناۋادا، QQ راۋان ئىشلىگەن بولسا، مىكروسوفت دەپ يۈرمەڭ. چۈنكى، QQ دىنمۇ قالتىس بىر نەرسە بار ھازىر.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 21:27
  • بۇقېتىم ھەممە جايى ئۇيغۇرچە بولغاندۇ ،ھە! شۇنداق بولسا نىمدىگەن كاتتا ئىش بۇلاتتى ،بىزمۇ خالىغان جايغا ئۇيغۇرچە يېزىپ كىرگۇزسەك ھە يەنە بىرئىش ،بۇقېتىمقى سېستىمىدا ئۇيغۇرچە خەت سىزنىڭ بىلوگىڭىزدەك چىرايلىق كۆرۇنىدىغاندۇ ھە!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 22:04
  • ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم بولسا Windows8 نىڭ كومپىيوتىر قاتتىق دېتالىغا بولغان تەلىۋىنىڭ يۇقۇرسى قەيەردىن ،تۆۋىنى قەيەرگىچە بولىدىغانلىغىنى تور بەتكە يېزىپ قويسىڭىز بوپتىكەن،ھەركىم ئۆزىنىڭ كومپىيوتىر ئەھۋالىنى دەڭسەپ كۆرۈپ Windows8 سىناشقا قاتنىشالايدىغان ياكى قاتنىشالمايدىغانلىغىنى بىلىۋالسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن.رەھمەت سىزگە

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 22:14
    • ماقۇل مەن يېزىپ قوياي، بۇنىڭ كومپيۇتېر قاتتىق دېتالىغا بولغان تەلەپ يۇقىرى ئەمەس، چۈنكى، تاختا كومپيۇتېرغىمۇ ئويلاشقان.
      مېنىڭچە مۇشۇ 2-3 يىل ئىچىدە سېتىۋالغان كومپيۇتېر بولسا، تامامەن بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 22:31
باھا بېتى: 1 2 3 5