ئەلكاتىپ 5.7 (ھەقسىز نۇسخىسى) لازىممۇ؟
[ چۈشۈرۈش ]ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.7 (ھەقسىز) نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 2.6 مېگابايت
[چۈشۈرۈڭ]
يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن خېرىدارلار ۋە تورداشلار ئەلكاتىپ 5.5 (ياكى 5.6) نى Windows7 نىڭ 64 بىتلىق نەشىرىگە قاچىلىيالمىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن WindowsXP گە كۆچۈۋالغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى. ئەمما، مەن Windows7 ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلساممۇ، خەت نۇسخىلىرى ئاز تۇرسا، ئېھتىياجدىن چىقالمىدى-دەيدۇ. مەن يەنىلا Windows7 ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئەمما، Windows7 مۇھىتىدا قازاقچە ۋە قىرغىزچە كىرگۈزۈش، كود ئالماشتۇرۇش ۋە Photoshop قا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار، ئەلكاتىپنىڭ بۇ نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ باقسىمۇ بولىدۇ،
بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر
(1) ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە كىرگۈزگۈچ ۋە 6 خىل خەت نۇسخىسى تەمىنلەندى.
(2) ئوچۇق ۋە يېپىق ھالەتتىكى كود ئالماشتۇرۇش تەمىنلەندى. Word مۇھىتىدىكى كود ئالماشتۇرۇشنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ماكرو بىخەتەرلىكىنى تەڭشەش ھاجەتسىز.
(3) ئەلكاتىپ تەھرىرلىگۈچ تەمىنلەندى، Photoshop قا كۆپ قۇرلۇق تېكىستلەرنى كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولىدۇ. سۆز بېشىدا ھەمزەنى بېسىش ھاجەتسىز، SHIFT+X نى باسسا ۋە SHIFT+Z نى باسسا نېمە چىقىدىغانلىقىنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ بېقىڭ. «چ» نى كېڭەيتىلگەن رايونغا تەتۈر ئايلاندۇرغاندىكى كود خاتالىقى تۈزىتىلدى.
(4) قاچىلاش پىروگراممىسى ئىنگلىزچە ۋە خەنزۇچە ياسالدى.
(5) Windows XP غا قاچىلىغاندا، ئوڭدىن-سولغا ئىقتىدارنى قوشالايدۇ، ئايرىم تەڭشەش ھاجەتسىز.
(6) Windows 7 نىڭ 32 بىتلىق ۋە 64 بىتلىق نۇسخىسىغىمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
شۇڭا، تەڭشەش ھاجەتسىز، قاچىلاپلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، يېشىل ھالەتتە لايىھەلەنگەن بولۇپ، قىستۇرما ئېلان ياكى باشبەتنى ئۆزگەرتىۋالىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ. خاتىرجەم ئىشلىتىڭ. پەقەت ئۈرۈمچى ۋاقتى GMT+6 نى قوشىدۇ. ئۆچۈرۈپ تاشلىسىڭىز پاكىز ئۆچىدۇ، قالدۇقى قېلىپ قالمايدۇ.
ھەقسىز نۇسخىسىدا، يېڭى ئىملا قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولغان ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارى يوق، بۇ ئىقتىدارلارغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ھەقسىز نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 2.6 مېگابايت
[چۈشۈرۈڭ]
تەكلىپ-پىكىرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ
- يازما كۆرۈلۈشى: 24,624 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2011-يىلى 07-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 17:01
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇر تىلىنى داڭلىغان نەچچىنچى ئەخمەق؟
- كېيىنكى يازما :Windows8 دەۋرى كەلدىمۇ-نېمە؟
Alkatip UI غا ئېنىقلىما بىرىۋەتسىڭىز…
ھازىرچە، ئۆزىمىز لايىھەلىگەن يۇمشاق دېتال ئارايۈزى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان خەت نۇسخىسى ئىدى، ئەمما، باشقا خەت نۇسخىلىرىغا ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىدۇق، پەقەت ئىلگىرىكى ئەلكاتىپ 5.5 نى Windows7 نىڭ 64 بىتلىق نۇسخىسى ئۈچۈن ئۆزگەرتىپ چىقتىم
رەھمەت سىز گە،ھەممەيلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى دىتاللارنى ئىشلىتش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرشىمىزدەيمىز ئەمما كۆپ قىسىم ئادەملەر ئۇيغۇرچە دىتاللارنى پۇلۇق قىلسا كىم سىتۋالدۇ دەپ قارايدىكەن ،شۇڭا مىنىڭچە ئۇيغۇرچە دىتالارنى ئالدى بىلەن بەزى ئىقتىدارلانى قىسقارتقان ئاساستا ھەقسىز تارقىتىپ ئاندىن ھەقلىققە خەلىقىمىزنى كۈندۇرسە خەلقىمىز چۇقۇم ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتاللارنىڭ ئىشىلىتىش قىمىتىنى ھىس قىلغاندىن كىيىن سېتىۋىلىپ ئىلىتىشنى خالايدۇ، لىكىن بەزى بىر قىسىم شىركەتلەر مۇنداق بىر دىتالنى ئىشلەپ چىقاردۇق دەپ كارنايلىرى يىرتىلىپ كەتكىچە ۋارقىرايدۇ يۇ ئىشلەپ چىقارغان نەرسىلىردىن ئۈزى ئارزۇ قىلغۇچدەك ئىقسادى ئۈنۈم يارتالمايدۇ……….. بۇنىڭ سەۋەبى دەل ئىشلەتكۈچىگە بولغان تەشىۋىقات ۋە مەسھۇلاتىغا بولغان چۈشەنچىنى ئېنىق قىلمىغانلىقىدا………….
سىز بۇنى ھازىر ھەقسىز تارقىتىپسىز ئەگەر بۇنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ھەقىقى ھىس قىلغان ئىشلەتكۈچى بولسا چۇقۇم ئىشلىتىپ سىناپ باققاندىن كىيىن سېتۋىلىشنى ئويلىشىدۇ……….
سالەم اخات اكا ، سىزدىڭ مىنا ەڭبەگىڭىز مەنى قاتتى سۇيىندىردى ، مەن كۇپتەن Windows 7 نىڭ 64 نۇسقاسىنا تۇسەتىن قازاقشا كىرگىزۋ دەتالىن تابا الماي جۇرگەن ەدىم ، مىنا جاساغان كىرگىزۋ دەتالىڭىز قولايلى بولدى ، دەسەدە « » دايەكشەسىن تۋرا جاساماغان وقشايسىز ، جازلغاندا كىشكەنە كورىنىپ جاتىر ، سونمەن بىرگە قازاقشا ەمىلە تەكسەرۋ يقۋاتى قوسىلغان نوسقاسى بارما ؟ ەگەر بار بولسا باغاسى قانشا مەن بىرەۋىن الايىن دەگەن ەدىم ، جاۋابىڭىزدى توسام .
راخىمەت
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ازامات قېرىندىشىم:
ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تىل-يېزىقلىرى ئىنتايىن يېقىن ھەم قېرىنداش مىللەتلەر، شۇڭا، خەت نۇسخىسى ۋە كىرگۈزگۈچلەردە ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز يېزىقلىرىنى تەڭ ئويلاش كېرەك.
قارىغاندا مەن «» نى Windows 7 دىكى ئۇيغۇرچىغا ئوخشاش تەڭشەپ قويسام بولىدىغان ئوخشايدۇ، قازاقچە ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ھازىرچە يوق، لېكىن، ياساش پىلانىمىز بار، ناۋادا، ئىملاسى توغرا بولغان قازاقچە سۆزلۈك ئامبىرى بولسا(ياكى قازاقچە كىتاب-ژۇرنالنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى) بولسا، ياساپ چىقىش قىيىن ئەمەس ئىدى. بۇ جەھەتلەردە ياردەم بېرىدىغان قازاق قېرىنداشلار بولسا بىز ئەلۋەتتە قارشى ئالىمىز. ئەلۋەتتە ھەقسىز بولمايدۇ.
ايتباقشى بولغان دايەكشەم مىنا « ٵ » نىڭ باسىنا كەلەتىن دايەكشە ، ۇ ، و ،ى ارىپتەرىنە قوسىپ جازغاندا ۇتە كىشكەنە كورىنىپ قالادى ەكەن .
ئايرىم يازغاندا توغرا چىقىدۇ، لېكىن قوشۇپ يازغاندا ئازىراق مەسىلە بار دېمەكچىمۇ؟ بۇ مەسىلىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ، مۇمكىن بولسا ئېكران رەسىملىرىنى قوشۇپ Word ھۆججەت شەكىلىدە يوللاپ بېرەمسىز؟ رەھمەت سىزگە
alim.ahat@gmail.com
win7 نىڭ ئۆزىدە بار ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىپ يازغان word ھۆججىتىنى باشقا xp قاتارلىق كومپيۇتېرلاردا ئەلكاتىپنى ئىشلىتىپ نورمال كۆرگىلى ۋە تەھرىرلىگىلى بولامدۇ؟
بولىدۇ.
win7 نىڭ ئۆزىدە بار ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بىلەن ئەلكاتىپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچى ھەممىسى ئۆلچەملىك يۇنىكودلۇق كىرگۈزگۈچ، سىز بىمالال ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
بولىدۇ،سىز پەقەت fontsدىگەن ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىگە ئەلكاتىپنىڭ خەت نۇسخىلىرىنى كۈچۈرۈپلا قويسىڭىز نورمال كۈرەلەيسىز،بولمىسا ئەلكاتىپنى قاچىلىغان ۋاقتىڭىزدا خەت نۇسخىلىرى تۇلۇق قاچىلىنىدۇ.
ياخشى بوپتىغۇ….
ھېچبولمىسا، ئۇيغۇرسوفتتىن پات-پات يېڭى خەۋەر، يېڭى دېتاللار چىقىپ تۇرسىكەن دەيمەن
بولمىسا، كۈندە تور بېتىڭىزنى كۈرۈۋېرىپ، ئالىمجان پۇل تاپىدىغان باشقا ئىشقا ئۆتۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالىدىكەنمىز…
ئۇيغۇرسوفت – ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى
قارىسام ئالىم ئەھەت ئەپەندىمنىڭ ئۇسلۇب مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقانلار باركەن، ئالىم ئەھەت ئەپەندىم مۇشۇنداقراق ئاق رەڭنى ئاساس قىلغان ئۇسلۇبنى ياقتۇرامدۇ، ياكى ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇشقا ۋاختى يەتمەمدۇ بىلمىدىم، مۇشۇ ئۇسلۇبقا ئوخشىشىپ كىتىدىغان بىر ئۇسلۇب بار ئىدى كۆرۈپ باققايسىز، يارىسا ئۇسلۇبنى قاچىلاپ قىلىپ بەرسەك، http://www.alxat.net/uslub/?p=66 ئۇسلۇبنى بۇ يەردىن كۆرۈپ باققايسىز، يازمىغا رەسىم قىستۇرسا رەسىم چىقىدۇ قىستۇرمىسا مۇشۇ ئۇسلۇبقا ئوخشاش رەسىم ئورنى چىقىۋالمايدۇ، ئەلۋەتتە سىلىگە ھەقسىز، ھى ھى ھى!
ئالىم مۇئەللىمنىڭ بىرى بلوگقا ئۇسلۇب ئالماشتۇرغۇدەك ۋاقتى يوق دېيەرلىك، ئالدىراش ئەمەسمۇ! يەنە بېرى ئالىم مۇئەللىم ئەزەلدىن ئاددىيلىقنى ياخشى كۆرىدۇغۇ دەيمەن. شۇڭا مۇئەللىم بەلكىم مۇشۇنداق ئاددىي ئەمما سۈپەتلىك ئۇسلۇبنى ئىشلىتىشنى ئويلاپ قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
ھاجىتى بارلار چۈشۈرۈپ ئىشلەتسە نىمە دىگەن ياخشى،ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئەجىر- ئەمگەكلىرىدىن گۈللەر ئۈنسۇن.
يۇمشاق دېتالنىڭ ئىملا خاتالىقى باركەن، توغۇرلاش دېگەن يىرىگە نەزەر سىلىپ باقسىڭىز
چۈشەندۈرۈش ھۆججىتىدىما؟ بۇ ئەلكاتىپ 5.0 نىڭ ھۆججىتى ئىدى قاراپ باقاي، رەھمەت !
مەنمۇ win7نىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىنى ئىشلىتىپ كۈنۈپ قاپتىمەن . . .
مانا بىر يىلدىن ئېشىپتۇ . . . باشقا كىرگۈچكۈچ قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقمىدىم .. . .
مەنمۇ شۇنداق، بەكلا ياخشى ،تەڭشەشنىڭ ھاجىتى يوق.باشقىلارمۇ سىناپ بېقىڭلا،چۇقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىلە……………
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم: ئالىم مۇئەللىم
مېنىڭ كومپىيوتۇرىم EXE ھۆججەتلىرىنى ئاچالماس بولۇپ قالدى، نېمە سەۋەپتىن مۇشۇنداق بولىدىغاندۇ ؟ ئامال قىلالماي EXE ھۆججەتلىرىنى پىرىسلاپ ئاندىن ئىشلىتىۋاتىمەن.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
كومپيۇتېرىڭىز ۋىرۇسلانغان ئوخشايدۇ، مەن ئادەتتە Virtual Box نى كۆپرەك ئىشلىتىدىغان بولۇپ قالدىم، مۇھىم نەرسىلىرىم مۇشۇ مەۋھۇم كومپيۇتېردا تۇرىدۇ (ۋىرۇستىن خالىي). مۇھىم نەرسىلىرىڭىزنى زاپاسلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ.
win7نىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىنى قانداق ئىشلىتىدۇ؟ مەن ghost win7 قاچىلىغان ئىدىم، ئەمما ھەر قانچە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىساممۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش شەكلىنى تاللايدىغان AR نى چىقىرالمىدىم .
ئەگەر قۇربىڭىز يەتسە ساختا Windows7 نى ھەرگىز ئىشلەتمەڭ، شۇنداق ياخشى Windows7 گە ھەر خىل ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارلارنى قوشۇپ بۇلغىۋەتكەن، GHOST دېگەندەك نەرسىگە تېخىمۇ يېقىن كەلمەڭ. مۇشۇنداق بىھۇدە ئاۋارچىلىقلاردىن ساقلىنالايسىز. ئۇنداقتا ئاۋارچىلىقلارغا ئۇچرىسىڭىز ئەلكاتىپ 5.7 نى قاچىلاپ بېقىڭ.
يېزىق تەڭشەيدىغان يەردىن 维吾尔中国) نى قۇشۇپ قويسىڭىزلا بۇلىدۇ.
win7دا ar دەپ چىقمايدۇ . . بەلكىم uiدەپ چىقىدۇ . . . .
ناۋادا، مەلۇم بىر ئەرەب دۆلىتىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرسا، AR دەپ چىقىدۇ، جوڭگۇنىڭ ئىچىدە بولسا UI دەپ چىقىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇي دەپ چىقىشى مۇمكىن.
ug دەپ بىرلىككە كەلتۈرۈشكە مۇمكىن بولماسمۇ؟
بىرلىككە كېلىپ بولغان تۇرسا، ئۇنى يەنە بىرلىككە كەلتۈرەمدۇق؟
ئۇيغۇرچىدا ئۇي دەپ سۈتىنى ساغىدىغان كالىنى ئاتايمىز. مۇشۇنى UG دەپ ئېلىش كېرەكمىكى. قايسى بىرەيلەن مۇشۇنداق بىرلىككە كەلدى دەۋاتقان. سىلى UI دەپ بىرلىككە كەپ بولغان دەۋاتىلا. بىلمىدىم قانداق بوپكەتكەنكىن.
چىقىشى مۇمكىن ، ،
چۇقۇم چىقىدۇ دەپلا ۋاتمامسىز . . . . «»
بولسا شۇنداق بولغۇسى، ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايلىق بولسا، تېخىمۇ ياخشى. ئىشىقىلىپ، ئالىم ئەپەندىم سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز ۋە قان تەرىڭىز بىلەن ئۇيغۇرچە يېزىق ئاخىرى خەلقئارا ئېتىراپ قىلىدىغان يېزىققا ئايلاندى. كۆمپىيوتېر ئىشلتىدىغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى سىزنىڭ بۇ تۆھپىڭىزنى مەڭگۈ ئەستىن چىقارمىغۇسى!
ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن شۇنداق بولدى، مەن شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى، قۇربىم يەتسىلا داۋاملىق مۇشۇ ساھە ئۈچۈن تىرىشىمەن ئەلۋەتتە.