نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

بۈگۈن ئۇيغۇرسوفت قۇرۇلغان خاتىرە كۈن.

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

بۇنىڭدىن 14 يىل مۇقەددەم يەنى 1998-يىل 14-ئىيۇن (يەكشەنبە) بىز تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە يۈكسەك ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن ئۈرۈمچى قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرىدا «ئۇيغۇرسوفت» دېگەن نامدا ئىش باشلىغان ئىدۇق. تۇنجى كۈنى، بىر دانە يۇمشاق دىسكىغا قاچىلانغان UDICT (خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە) لۇغەت يۇمشاق دېتالىنى 70 يۈەنگە سېتىپ، 20 يۈەن كىرىم قىلدۇق. بۇ بىزگە زور ئۈمىد بېغىشلىغان ئىدى. چۈنكى، شۇ ۋاقىتلاردا، كومپيۇتېر ئائىلىلەردە ئەمەس بەلكىم يەنە نۇرغۇن ئىدارە-ئورگانلاردىمۇ تۈزۈك ئومۇملاشمىغان، يۇمشاق دېتال دېگەن ئۇقۇم نۇرغۇن كىشىلەرگە غۇۋا ئەھۋالدا، بىز ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ساتالىغان ئىدۇق. كېيىن، Windows ئۈچۈن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ياساپ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ – «ئەلكاتىپ 1.0»نى ياساپ چىقتۇق. ئۇزۇن ئۆتمەي بىۋاسىتە كىرگۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، «ئەلكاتىپ 2.0» دە، ئىنگلىزچە Windows 95 نىڭ ئاساسىي كۆرۈنۈشلىرىنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ باقتۇق. شۇ دەۋرلەردە «ئەلكاتىپ 2.7» كىرگۈزگۈچ Windows 98 مۇھىتىدا كۆپ ئومۇملاشتى. كېيىن «ئەلكاتىپ 3.9» كىرگۈزگۈچ Windows XP دا تېخىمۇ كۆپ ئومۇملاشتى. كېيىن «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2005» قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىمىز ئارقىمۇئارقىدىن بارلىققا كېلىپ، داۋاملىق يېڭىلىق ياراتتى، شۇنداقلا تېز ئومۇملىشىشقا باشلىدى.

مانا بۈگۈن توپتوغرا 14 يىل بولۇپتۇ، ئەمما، نۇرغۇن كىشىلەر ئاۋام ئىستېمال بازىرىغا يۈزلەنگەن «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ»، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى» قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك مەھسۇلاتىمىزنى بىلىپ، باشقا ساھەدىكى يۇمشاق دېتال ۋە مۇلازىمەتلىرىمىزدىن ئانچە خەۋەردار ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلىرىمىز رادىيو-تېلېۋىزىيە، ئايرودۇرۇم ، بانكا، قاتناش، نەشرىيات،… قاتارلىق ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە بىر قىسىم خۇسۇسىي كارخانىلار تەرىپىدىن قوللىنىپ، ئۇلار ھەر كۈنى، ھەر سائەت، ھەر مىنۇتلاردا ئىزچىل ئىشلىتىپ كەلمەكتە. بۈگۈن يەنە بانكا سىستېمىسىنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتىمىز. بانكىنىڭ نۇرغۇن ئۈسكۈنىلىرىگە ئۇيغۇرچە قوشۇلدى، يېقىندا يەنە داۋاملىق كېڭەيتىلمەكچى.

شىركىتىمىز دەسلەپتە قۇرۇلغاندا ئۆزىمىز ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات يوق ئىدى، كېيىن ئۆزىمىزگە تەۋە «ئەلكاتىپ»، «كوررېكتورى» ۋە «لۇغەت» قاتارلىق مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقاردۇق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار ئىدى. كېيىن يەنە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ۋە خۇسۇسىي كارخانىچىلار ئۈچۈن كەسپىي يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپ، شۇ ساھە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردۇق، كېيىن يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەرىجىلىك ۋە دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلەپ، ماددىي جەھەتتىن قوللاشقا ئېرىشتۇق. مانا ھازىر بىر نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ھالقىپ، ئىچكىرى ئۆلكە ھەتتا دۆلەت سىرتىدىكى دۇنياغا داڭلىق يۇمشاق دېتال شىركەتلەرنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلىنىپ، مەھسۇلات ئىشلەشكە قاتنىشىۋاتىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە بىزنى قوللىغان بارلىق كىشىلەر ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئورتاق تۆھپىسى، سىلەرگە رەھمەت!

بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدىنىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:
ئالىم ئەھەت
2012-يىل 14-ئىيۇن

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
60 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • كېچىككەن بولساقمۇ سالىمىمىز چىن يۈرىكىمىزدىن چىققان سالامدۇر.
    ئۇيغۇرسوفتنىڭ 14 يىللىقىغا مۇبارەك بولسۇن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 13:15
  • ئالىم ئەھەت ئەپەندى سىزگە ئاپىرىن، سىز بىزنىڭ يىزىقىمىزنى تونۇتتىڭىز. قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن.،خۇدايىم ئىشڭىزنى ئاسان قىلسۇن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 16:26
  • ئالىم ئەھەت ئەپەندى سىزگە ئاپىرىن، سىز بىزنىڭ يىزىقىمىزنى تونۇتتىڭىز. قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن.،ئاللاھىم ئىشڭىزنى ئاسان قىلسۇن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 16:24
  • ئالىم ئەھەت ئاكا ، 18 ياش ۋاقتىڭىزدا يازغان شېئىرىڭىزنى خاتىرەمگە يېزىۋالدىم،
    تولىمۇ مەنىلىك بىر شېئىركەن،
    ئاللاھ خالىسا بۇنىڭدىن كېيىن سزدىن ئىلھام ئېلىپ تېخىمۇ ياخشى ئوقۇيمەن ،ھەم ئىشلىرىڭىزغا روناق تىلەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى am 01:46
  • ئۇيغۇرسوفت قا ئامەت تىلەيمەن. ھە – راس 6-ئاينىڭ 22- كۈنى مۇسابىقە كۆرگىلى كەلگەندە قىزىل بايراققا بارغانىدىم، ئەمما ئۇيغۇرسوفت نى تاپالماي كەتكەنتىم… خۇدا خالىسا تەتىلدىن يانغاندا يېرىم كۈن ئۈرۈمچىگە چۈشكۈن قىلىدىكەنمەن شۇ چاغدا ئۇيغۇرسوفت نى بەكلا زىيارەت قىلغۇم بار…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى am 11:37
  • ئىشلىرىنىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى، ئالىم مۇئەللىمنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى am 11:04
  • QQ (تېڭشۈن) بىلەن تەڭ ياشتا ئىكەن بىزنىڭ ئۇيغۇر سوفت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى am 05:48
  • مۇبارەك بولسۇن. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن windows سېستىمىسغا بىر داسقان سالدىڭلار. كاتتا ئىش بۇ تارىختا.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى am 08:40
باھا بېتى: 1 2 3 4