يۇنىكود CLDR دېگەن نېمە؟
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]CLDR دېگىنىمىز ئىنگلىزچە Common Locale Data Repository دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، «ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان يەرلىك مەلۇمات ئامبىرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ يۇنىكود ئورگىنىنىڭ ھەرپ-بەلگە ئۆلچىمىدىن كېيىنكى يەنە بىر مۇھىم دۇنياۋى ئۆلچىمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۆلچەمدە دۇنيادىكى مۇھىم تىللارنىڭ يەرلىك مەلۇمات ئۇچۇرى XML فورماتىدا ساقلىنىپ، كومپيۇتېر ۋە باشقا كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە تەمىنلىنىدۇ.
بۇ تېخنىكىلىق ئۆلچەمنى تۈزۈشكە IBM, Apple, Google, Microsoft ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى باش بولۇپ قاتنىشىدىغان بولۇپ، مەن Microsoft نىڭ تېخنىكىلىق خادىمى سۈپىتىدە بۇ ئۆلچەمنىڭ ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك بۆلىكىگە ئىزچىل قاتنىشىۋاتىمەن. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر-تىل يېزىقى 2012-يىلى 4-ئايدىلا CLDR غا كىرگەن بولۇپ، Windows 8 نى ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈش جەريانىدا مەن بېكىتكەن بارلىق ئۆلچەملەر Microsoft ئۈچۈن رەسمىي ئۆلچەمگە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن يۇنىكود CLDR ئۈچۈن سىناق ھالەتتە ئېلان قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئالما شىركىتىنىڭ iOS مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا ئۇيغۇرچە چېسلا ئۇچۇرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مانا ھازىر CLDR Ver 3.0 نەشرى ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئۆلچەمدە ئۇيغۇر تىل-يېزىقى دۇنياۋى تىللار قاتارىدىن رەسمىي ئورۇن ئالدى ۋە خەلقئارالىق يەرلىك ئۆلچىمى بېكىتىلدى. بۇ خۇددى 2001-يىلى 4-ئايدا (دىيارىمىزدا ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىنلاشتۇرۇش دولقۇنى تازا ئەۋج ئالغان مەزگىللەردە)، خەلقئارادا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ يۇنىكود ئۆلچىمى بېكىتىلگەندەك مۇھىم ئىش بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا يەنە Apple, Google قاتارلىق بارلىق ئۇچۇر-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىمۇ ئۇيغۇر يېزىقىنى مۇھىم تىللار قاتارىدا كۆرەلەيسىز.
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,023 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2016-يىلى 05-ئاينىڭ 16-كۈنى am 9:55
- ئالدىنقى يازما :E-commerce is a really complex platform that helps from the management of firms.
- كېيىنكى يازما :Just how to Create an Argumentative Paper
ئابدۇقادىر ئوبۇل ئەپەندى كوچۈرۈپ يوللىغان مەزمۇننى قوللاش تەرەبدارىمەن، بۇ يەردە يېزىق ئۈزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلار يوق دەپ قارايمەن، پەقەت ئىشلىتىش كېرەك بولۇپ قالسا، ئۆلچەم بويىچە ئىشلەتسەك، گۆزەل تىلىمىزنى بۇزمىساق دېگەن ئۈمىدتە.
ئابدۇقادىر مۇئەللىم، سۆزلىرىنى قوللايمەن. ئېلىپبەدە دىيىلگەن بويىچە يازساق ھەممىزگە پايدىلىق. ۋاقىتى كەلگەندە ئۆزبېك تىلىنى ئوقۇش ئوڭاي توختايدۇ.
مەن مۇشۇ لاتىنچىدىكى ng ڭ نى g قىلىپ يازغانلارنى كۆرسەم سەل قايناپ قالىمەن. پەقەت سىلىدەك تەشەببۇس قىلىدىغانلار توختاپ قالمىسا ئىشلار ئۆز نۆۋىتىدە ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.
http://bbs.bagdax.cn/thread-14197-4-1.html ماۋۇ تىمىدىكى 31-قەۋەتتىن ئىلىندى:
———————————–
بىززادى قايسى يېزىقنى ئىشلىتىمىز ؟
تۆۋەندە ئۇيغۇرلارنىڭ تور ئادرېسى ، ئالاقىدە ئىشلىتىۋاتقان ..بىرنەچچە يېزىقنى تورداشلاربىلەن ئورتاقلاشماقچى .
1-ئۇيغۇر كونا يېزىقى (باغداش ): بەزى تېلىفۇنلار بۇ يېزىقنى قوللىمايدۇ ،تور ئادرېسى ،ئىزدەش ماتورىدىمۇ بۇيېزىقنى قوللىمايدۇ ھەمدە پارچە پارچە يېزىلىدۇ مەسىلەن باغداش ب ا غ د ا ش …
2-ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى (bagdax):-يېڭى يېزىقنىڭ بەزى ھەرپلىرى كونۇپكا تاختىسىدا يوق شۇ سەۋەپتىن پىنيىن بويىچە ئىشلىتىۋاتىدۇ ،بۇ يېزىقتا بىر ھەرپ ئىككى تاۋۇشنى ئىپادىلەۋاتىدۇ مەسلەن :K ق ،ك ، H ھ ،خ … بۇ يېزىق ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى قوللىنىدىغانلارغا قولايسىز ۋە بەزى سۆزلەر خاتا مەنالارنى ئىپادىلەۋاتىدۇ مەسلەن :سىقىلدى ،qong دېگەندەك ..
3-ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (baghdash):- ھەرپلىرى كونۇپكا تاختىسىدا بار بىر تاۋۇشنىڭ بىر ھەرىپى بار قولايلىق ،خەلقئارا تىرانسكلوپىيە بويىچە ياسالغان ئۇيغۇرچە ئۈگەنمەكچى بولغان چەتئەللىكلەرگە قولاي ئەمما يېڭى يېزىقچىلارنىڭ ئوقۇشى تەس يەنى باغداشنى باگخداسخ دېگەندەك
4-ئەبجەش يېزىق (bagdash,baghdax):-ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى بىلەن يېڭى يېزىقنى ئارلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدىغانلار ،بۇ خىل يېزىلىش ئىككىلا يېزىق قائىدىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس .
(تۆۋەندە ئىزدىنىش سۆزى مىسالغا ئېلىنىدۇ )
5- گىرامماتىكىسىز يېزىق (izdenix,ezdenix,izdinex,izdinesh,izdenesh…)ئى ھەرپىنى ئې ھەرپىگە (لاتىن يېزىقىتا ئە ھەرپى ) ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىدىغانلار .
ھ H ھەرپىگە K ك ھەرپىنى ئىشلىتدىغانلار مەسلەن تۆھپىكار TOKPIKAR, DIKHAN ..
H ھ ھەرپىنى چۈشۈرۈپ قويىدىغانلار مەسلەن :ھازىر azir, ھەسەل asal,ھەسەن asan,ھەيدەر aydar دېگەندەك .
ڭ ng نىڭ n ھەرپىنى چۈشۈرۈپ قويىدىغانلار مەسلەن :kildig,bardig,saga,maga دېگەندەك .
ئۈ تاۋۇشنى v بىلەن ،س تاۋۇشنى c بىلەن ئىپادىلەيدىغانلار
ھەرپلەرنى چوڭ كىچىك قىلىپ يازىدىغانلار
IzDiNiSh, bAgHdAsh ….
يۇقىرقىدەك يېزىقلار ئۇيغۇر كارخانا ماركىللىرىدىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ مەسلەن ئىخلاس IHLAS ئىخلاسمۇ ؟ئىھلاسمۇ ؟ ئەسلى ئۇيغۇر شىركىتى بولغانلىقى ئۈچۈن IXLAS دەپ يېزىشى كېرەكتى (ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى بويىچە يازدىمۇ بىلمىدىم لېكىن يېڭى يېزىق 80-يىلى ئەمەلدىن قالدى شۇڭا ھازىرقى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى بويىچە يېزىشنى تەشەببۇس قىلدىم )
ALTUN GOHAR ئالتۇن گۆھەرمۇ ؟ئالتۇن گوھارمۇ ؟ QINNURI چىننۇرىمۇ ؟قىننۇرىمۇ ؟
XOH XOH شوخ شوخ مۇ ؟ خوھ خوھ مۇ ؟
SEBILER سەبىيلەر Y ھەرپى چۈشۈپ قالغان ،
قاناس HANAS, ق تاۋۇشىغا H ھەرپىنى ئىشلەتكەن . ئۇنىڭدىن باشقا تور ئادرېسى قانداقلىقىنى ھەممىىز ئوبدان بىلىمىز شۇڭا مىسالغا ئالمىدىم .
بۇنى تورداشلارنىڭ يېزىق ئۆزگەرتىش دەپ خاتا چۈشەنمەلىكىنى ھەممەيلەننىڭ بىرلىككە كېلىپ تور ئالاقە يېزىقىمىزنى ئەڭ قولاي بولغان ھەم تىلشۇناسلار 2002-يىلى ياساپ چىققان قانۇنلاشتۇرغان ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ھەمدە تەكلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن .
ئالىم مۇئەللىم سىلاۋىيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى بىۋاستە ئۇيغۇرچە كۆرسىتىدىغان قۇرال بارمۇ؟
ئۇيغۇر تىلىنىڭ خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىغا ئوخشاش ئاندىرويىد ۋە ئالما مەھسۇلاتلىرىدا توسالغۇسىز ھالدا ئۇچۇر ئالاقە قىلىدىغان مۇھىم تىلنىڭ بىرسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ تىرىشچانلىقىدا بۇ ئىشمۇ روياپقا چىققۇسى. ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە رەھمەت. ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ ئىشلىرىغا يەنىمۇ بەرىكەت تىلەيمىز.
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
ئالىم ئەھەت مۇئەللىم، سىلى دېگەن «ئورتاق ئىشلىتىلدىغان يەرلىك مەلۇمات ئامبىرى» قايسى تۈردىكى مەلۇماتنى كۆرسىتىدۇ؟
بۇ ئامبار ئېنگىلىزچىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئۆز تىل-يېزىقىنىڭ ئۇچۇر-تېخنىكىسدا ئىشلىتىلدىغان قىسىمىنى يېزىپ چىقىش دىگەن گەپمۇ؟
ئەگەر شۇنداق بولسا خەلقئارالىق تىللار ئۆزئارا بىر كونۇپكا بىلەن تەرجىمە بولىدىغان بولىدىكەن دىسلە.
ئالىم ئەھەت مۇئەللىمگە سالامەتلىك تىلەيمەن.
كىم ئانا-تىلىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ مەھسۇلاتىغا ئۇيغۇرچە قوشسا شۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەتسەك، بارا-بارا باشقىلارمۇ ئۇيغۇرچە قوشار دەيمەنغۇ.
ئالىم مۇئەللىم، ياخشمۇسىز، مەن بىر قول كۆندۈرۈش يۇمشاق دېتالى تۈزگەن ئېدىم. كۆرۈپ بېقىشقا ۋاقتىڭىز يېتەرمۇ؟
ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز، مەن ئۇيغۇرچە قول كۆندۈرۈش مەشىقى تۈزگەنتىم،كۆرۈپ بېقىشقا ۋاقتىڭىز يېتەرمۇ؟
مۇئەللىم گۇگېل تەرجىمانغا ئۇيغۇرتىلىنى قوشۇش ئۈچۈن تىرىشىپ باقسىڭىز
مەنچە ھازىر بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى دەل ئالما ۋە ئاندىرويىد مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېگىدىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بىلەن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى ئۆز ئىچىگە ئىلىش مەسىلىسى ئىدى. بۇ گەپچە بولغاندا يېڭى نەشردىكى يۇنىكود CLDR نىڭ يولغا قۇيۇلۇشى بىلەن ئالما ۋە ئاندىرويىد مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېگىدىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بىلەن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى ئازراقمۇ مۇناسىۋەتسىز ئىككى ئىشمىدۇ؟
مۇئەللىم ئۇنداقتا 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئالما تېلېفۇنىنى ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولامدۇ؟ ھېچ بولمىسا تۈرمىدىن قاچۇرماي چىرايلىقلاشتۇرغىلى بولامدۇ؟
مېنىڭ دېگىنىم بۇ خەلقئارالىق ئۆلچەم 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، باشقا يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىمۇ بۇ خەلقئارلىق ئۆلچەم بويىچە ئىش قىلسا، ۋاقىت، چېسلا، ….دېگەندەك يەرلىك ئۇچۇرلار ئۇيغۇرچە چىقىدۇ، كىرگۈزگۈچ، خەت نۇسخىسى ئۇ تېخى باشقا گەپ