Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]مەن بۇ قىزغىنلىقنى كۆرۈپ، «Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش» ھەققىدە بۇ تېمىنى يېزىۋاتقان ئىدىم، مەزمۇن پۈتۈپ بولغۇچە، رەسىمدىكى تەرتىپ بويىچە «ئۇيغۇرچە تىل بولىقى»نى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ تۇرۇڭلار، ئاخىرىدا يەنە ئۇيغۇرچە Windows 8 دىن بىرنەچچە رەسىملەرنىمۇ يوللاپ قويدۇم، قاچىلاپ باقمىغانلار بۇ رەسىمدىن ھوزۇر ئالغاچ تۇرۇڭلار، رەھمەت!
بەزى تورداشلار خەنزۇچە ھالەتتە چۈشۈرەلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ، مەن ئىشلىتىۋاتقان Windows 8 نىڭ تىلى ئىنگلىزچە ئىدى، شۇڭا رەسىملەرنىڭ ھەممىسى ئىنگلىزچە Windows 8 دىن ئېلىندى. ئەنسىرەپ كەتمەڭلار، مېنىڭچىمۇ خەنزۇچە Windows 8 دىمۇ چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 107,502 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 19:13
- ئالدىنقى يازما :Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما :مەن نېمە ئويدا، سىلەر نېمە كويدا؟
تېخىمۇ كۆپ
مېنىڭ win8.تى،شۇنىڭمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئىلان قىلىنغاندىمۇ؟
?p=2236
بەك ياقشى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم .ئالىم ئاكا ياخشىمۇسىز؟ .ۋىندوۋىس 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلۇقىنى (سەردار) قېرىندىشىمىز دىگەندەك ghost win8 غىمۇ قاچىلىغىلى بۇلامدۇ ؟ … مۇشۇنىڭغا جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز
!!!!
مەن سىناپ باقمىدىم، چۈنكى مەن ghost نى ئىشلەتمەيمەن
ghost win8 غىمۇ قاچىلىغىلى بۇلامدا ؟
ئالىم ئاكا مەزكۇر توربېكىتىڭىزگە ئەزا بولۇپ كىرگىلى بولامدۇ؟
رەھمەت جاپا چەكتىڭىز ،ئالىم ئەھەت ئاكا،مىللىتىمىزنىڭ ئۇچۇر تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان ئەجىرىڭىز ئۈچۈن خەلىق سىزدىن پەخىرلىنىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، ئەگەر مەن يېڭى كومپىيۇتىر سېتىۋالسام، يېڭى كومپىيۇتىرنىڭ ئۆزىدىلا win8 نىڭ رەسمىي نەشىرى بولىدۇ ئەمەسمۇ، شۇڭا شۇ كومپىيۇتىرنىڭ ئۆزىدە بولغان نەشىرىدىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چۈشۈرۈپ، كومپىيۇتىرنىڭ سېستىمىسىنى ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولامدۇ؟ مەن چەتئەلدىن سېتىۋالماقچىتىم، بىر خىزمەتدىشىم نەدىن سېتىۋالساڭ شۇ رايۇنغا خاس بولغان مۇھىم بوغان بىرنەچچە تىلنىڭكىنىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ دەيدۇ، بۇ گەپ توغرىمۇ؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئىنگلىزچە (ئامېرىكا، ئەنگلىيە) ياكى خەنزۇچە Windows 8 گە چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئەمما تېگىدىن ئەرەبچە ياكى تۈرۈكچە بولغان Windows 8 گە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاشقا بولمايدۇ.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز ، قانداق ئەھۋالىڭىز ، بايام ئەدەبسىزلىك قىلىپ ئەھۋاللاشمايلا سۇئال سوراشقا چۈشۈپ كىتىپتىمەن . ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىز. مەن كۆزنەك 8 مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك چۈشۈردۈم ، ئىشلىتىش جەريانىدا مۇنداق ئىككى مەسىلە كاللامغا كەپ قالدى : 1) تىل بۇلىقىنىڭ خەت نۇسخىسىنى سىزنىڭ تور بېتىڭىزدە ئىشلىتىلگەن خەت نۇسخىسىغا ئوخشاش خەت نۇسخىلارغا ئالماشتۇرغىلى بولامدۇ – يوق؟
2) ئۈستەل كۆرۈنمە يۈزىنى ئېنگىلىزچە ھالەتتە سولدىن – ئوڭغا قىلىپ ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ ؟
مۇشۇ ئىككى سۇئالىمغا كەمتەرلىك بىلەن جاۋاب ئىزدەيمەن ، قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئاجىرىتىپ جاۋاب يازغان بولسىڭىز.
ھازىر سەھەردە دەرسكە ماڭماقچى ئىدىم، قىسقا جاۋاب بېرىپ تۇراي،
1) ئەلۋەتتە بولىدۇ، تورلاردا مۇشۇنداق ئۇچۇرلارنى بار،
2) ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا تەڭشەپ تۇرۇپ، ئىنگلىزچە ھالەتتىكىدەك سولدىن-ئوڭغا قىلغىلى بولمايدۇ. مۇشۇنداق ئوڭدىن باشلىنىپ چىققىنى توغرا
كۆزنەك 8 مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك چۈشۈردۈم ، تىل بۇلىقىنىڭ خەت نۇسخىسىنى سىزنىڭ تور بېتىڭىزدە ئىشلىتىلگەن خەت نۇسخىسىغا ئوخشاش خەت نۇسخىلارغا ئالماشتۇرغىلى شبولامدۇ – يوق؟
يەنە بىر مەسىلە : ئۈستەل كۆرۈنمە يۈزىنى ئېنگىلىزچە ھالەتتە سولدىن – ئوڭغا قىلىپ ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ ؟
مۇشۇ ئىككى سۇئالىمغا كەمتەرلىك بىلەن جاۋاب ئىزدەيمەن ، قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئاجىرىتىپ جاۋاب يازغان بولسىڭىز. ……
مەن بۇ دىتالنى چۈشىرەلمىدىم ھەر قانچە قىلساممۇ چۈشمىدى ،تەكلىپ بەرگەن بولساڭلار
سالام ئۇستاز مەندە بىر windows rt سىستىمىلىق كومپىيۇتىر بارتى بۇنى بۇرۇن ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلەتكەن قايسىكۈنى كامىرا ئىچىلماي سىستىمىنى ئەسلىگە قايتۇرغانتىم ئەمدى يا ئۇيغۇرچىنى چۈشۈرەلمىدىم يا ئەپ بازىرىغا كىرەلمىدىم ھەمدە مىكرۇسوفىت @ نۇمۇرۇمنىمۇ كىرگۈزەلمەي ۋاتمە ئەپ دۇكىنىنى ئاچسام 0x80072ee2 دىگەن خاتالىق كوتى چىقىپ قايتا سىناڭ دەيدۇ ياردەم قىلغان بولسىقىز
خەت نۇسقىسى دېگىنىڭىزدەك، ۋىندوۋسنىڭ خەت نۇسقىلىرىنى ئىشلەتمەيمەن. شۇنداق بولسىمۇ تۈزۈتۈۋېرىدىكەن. بۇنىڭغا ئالىم مۇئەللىمنىڭ ۋاقتى چىقمىغاندىمۇ؟ كۆرۈپ سىناپ باقسا بەلكىم چاتىقىنى تاپالاردى؟
سىز office 2013نى ئاچقاندىن كېيىن شۇ شۇ خەتلەرنى تاللاپ، ئاندىن خەت نۇسخىسىنى ئەلكاتىپ ياكى UKJ خەت نۇسخسىغا تەڭشەڭ. ئۇيغۇرچە خەتلەرنى بەزى تىللارنىڭ خەت نۇسخىسىغا تەڭشىلىپ قالغاندا شۇنداق خاتالىق چىقىدۇ.
يەنە بىر قاملاشمىغان چاتاق چىقتى: ئىلگىرىكى بىر ۋورد ھۆججەتنى ۋىندوۋس سەككىز، ئوفىس 2013 تە ئاچسام تېكسىتتىكى بارلىق «للە»لەرنى ئاپتوماتىك ‘تۈزۈتۈپ’ ئەرەپچە زىر-زەۋەرلىك «ئاللاھ» دېگەن سۆزگە ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ. ھەرقانداق قىلىپ قۇتۇلالمىدىم. خۇددى بەزىلەرنىڭ بىزگە زورلۇق بىلەن ياردەمگە چىقىپ تۇرۇۋالغىنىدەكلا ئىستەلمىگەن بۇ تۈزۈتۈشتىن قۇتۇلمىسام پۈتۈنسۈرۈك كىتاپلار بەربات بولۇدۇ. مەسىلەن: كېسەللەر دېگەن سۆز ئارىسىدىكى ئاشۇ للە نىمۇ «تۈزۈتۈپ» قويۇدۇكەن! بۇنى قانداق تۈزۈتۈش كېرەك؟ ئاپتوماتىك تۈزۈتۈش دېگەن يەرگە كىرىپ باقتىم، تىزىملىكتە بۇنداق بىر سۆز يوقكەن، كۆتىكى نەدىدۇر؟
خەرىتىمۇ چالا تەرجىمىكەن. بىر زامانلاردا مەن ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىدىكىلەرگە 550دىن ئارتۇق يەرئىسمى تەمىنلىگەن ئىدىم، بىلمىدىم ئۇلار مىكروسوفتقا تەككۈزەلمىگەنمۇ؟ ئەگەر ئالىم مۇئەللىم كېرەك دېسە ئەۋەتىپ بېرىمەن، ئېنگىلىزچە ئۇيغۇرچە ۋە چىنچە بۇزۇق تەلەپپۇزنىڭ سېلىشتۇرمىسى ئىدى. پاراللېل ۋە مېردىيانلار ئارىسىدىكى ئورنى بويىچە ئايرىلغان.