ئاتالغۇ ھەققىدە ئويلىغانلىرىم | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئاتالغۇ ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

[ ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئاتالغۇ (术语-terminology): مەلۇم بىر ساھەدە ئېنىق بىر ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان سۆز-ئىبارىنى كۆرسىتىدۇ. بەزىدە ئۇ بىر سۆز بولسا، بەزىدە سۆز بىرىكمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇ مەلۇم بىر ساھەدىكى شەيئى، ھادىسە، خاراكتېر، مۇناسىۋەت ياكى جەرياننى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، ھەرقانداق سۆز ئاتالغۇ بولۇۋەرمەيدۇ. كۆپىنچە يۇقىرىدىكى قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن بولغان ئىسىم، سۈپەت ۋە پېئىللار ئاتالغۇ بولالايدۇ. ئۇ مەلۇم بىر ساھەدە ئېنىقلانغان بولغاچقا، شۇ ساھەدىكى مەلۇم بىر كەسىپكە تەۋە بولىدۇ.

چەت تىلدا بىرنەچچە ساھەدە ئوخشاش قوللىنىدىغان مەلۇم بىر ئاتالغۇ ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەندە، ھەر خىل ساھەلەردە ئوخشىمىغان تەرجىمە قىلىنىشى مۇمكىن. خەنزۇچە 分子 نى مىسالغا ئالساق، ماتېماتىكىدىكى كەسىر ئىپادىلەردە «سۈرەت»، خىمىيەدە «مولېكۇلا»، تۇرمۇشتا «ئۇنسۇر» دەپ ئېلىنىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى بۇ يەردىكى ساھە ياكى كەسىپ ھەرگىزمۇ ماتېماتىكا، كومپيۇتېر، خىمىيە،…دېگەندەك چوڭ ساھە بولماستىن، ھەتتا ئوخشاش بىر ساھە ئىچىدىمۇ ھەرخىل ئېلىنىشى مۇمكىن. گېپىمىزنى كومپيۇتېر ساھەسىگە يۆتكىسەك، ئوخشىمىغان يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتلىرىمۇ ئوخشىمىغان ساھەگە كىرىدۇ. مەسىلەن: مەشغۇلات سىستېمىسى، قورال دېتاللار، ئويۇن دېتاللىرى،…دېگەندەك. بەزىدە ھەتتا ئوخشاش بىر يۇمشاق دېتالدىمۇ، مەزمۇنغا قاراپ ھەرخىل ئېلىنىشى مۇمكىن.

مەسىلەن: ئىنگلىزچە Action نى ھەتتا ئوخشاش بىر مەھسۇلاتتا «مەشغۇلات» يەنە بەزىدە «ھەرىكەت» دەپ ئالىمىز. ئىنگلىزچە يەنە event نى «پائالىيەت»، «ھادىسە» دەپمۇ ئالىمىز. بۇ پۈتۈنلەي شۇ ئاتالغۇ ئۇچرىغان مۇھىت ۋە ئالدى-كەينىدىكى مەزمۇن (كونتېكىست) قا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شۇ ئورۇنغا ئاساسەن (ئۇزۇنلۇق چەكلىمىسى بويىچە) مۇۋاپىق تەڭشەيدىغان ئىشمۇ بار. مەسىلەن: ئۇچۇر ساھەسىدە «پارول» دېگەن قېلىپلاشقان ئاتالغۇ ئېكران يۈزىدە (بولۇپمۇ تېلېفونلارنىڭ ئارايۈزىدىكى كۇنۇپكىلاردا) پاتمىغان بولسا، «ئىم» دەپ ئېلىشنىمۇ ئويلىشىپ بېقىش كېرەك ئەلۋەتتە.

شۇڭا، ئاتالغۇ تەرجىمە قىلغاندا، ئادەتتىكى سۆزنى تەرجىمە قىلغاندەك تەرجىمە قىلساق مۇۋاپىق بولمايدۇ. ئۇنىڭغا چوقۇم ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بەزىدە 10 سۆزنى تەرجىمە قىلىشتىن بىر ئاتالغۇنى تەرجىمە قىلىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، تەرجىمانلار بىلەن ئاتالغۇچىلارنىڭ پەرقى ناھايىتى زور. لېكىن، بىز بۇلارنى پەرقلەندۈرمەي، بەزىدە تەرجىمان بولسىلا، ئاتالغۇ تەرجىمە قىلىش، ئاتالغۇ بېكىتىشكە تەكلىپ قىلىمىز ياكى بىلىپ-بىلمەي تەرجىمانلار تەرجىمە قىلغان سۆزنى ئاتالغۇ دەپ ئىشلىتىپ قالىمىز ياكى سۆزلۈك لۇغىتىدىن ئىزدەپلا تەرجىمىسى مۇشۇ ئىكەن، مۇشۇنداق بولىدۇ دېسەك ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ. (چۈنكى يۇقىرىدا مىسال ئالغان 分子 نى قايتا ئوقۇپ بېقىڭ.)

شۇڭا ئاتالغۇ بېكىتىشتە مەلۇم بىر كەسىپنى پۇختا ئىگىلىگەن ، ئۆز ئانا تىلىنى پىششىق بىلىدىغانلار، تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان تەرجىمانلار شۇ ساھەنىڭ ئاتالغۇسىنى ئوبدان چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللانغان، ئىجتىمائىي پەن كەسپىدىكى تەرجىمانلار تەبىئىي پەن ئاتالغۇلىرىنى چۈشىنىشتە قىينىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، 王码五笔字形输入法 دېسە، «پادىشاھنىڭ كود-بەش سىزىقلىق خەت شەكلى كىرگۈزۈش مېتودى» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. 视频 Video دېسە لۇغەتكە قاراپلا «كۆرۈنمە چاستوتا» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. مەنمۇ موزدۇزلۇق كەسپىدىكى ئاتالغۇلارنى بىلمەيمەن، شۇڭا، ئۇنداق ئاتالغۇلارنى مەنمۇ تەرجىمە قىلالماسلىقىم ياكى خاتا تەرجىمە قىلىشىم مۇمكىن.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
(1) ئاتالغۇ بېكىتىشتە ھەرگىزمۇ دۆلەت ئەلباشى (زۇڭتۇڭ ياكى پىرېزىدېنت) سايلىمىدەك بېلەت تاشلاپ ياكى راي سىناپ بېكىتىدىغان ئىش يوق. چۈنكى، ھەممە ئادەمنىڭ كەسپىي ئوخشاش ئەمەس، تىل سەۋىيەسىمۇ پەرقلىنىدۇ، ھەممىسى تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇشى ناتايىن.

(2) ئاتالغۇ مەڭگۈ شۇ پېتى تۇرىدۇ دېيىش توغرا ئەمەس. شۇ كەسپ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلسا، بەلكىم شۇ كونا ئاتالغۇلارنى ئاستا-ئاستا قېلىشى مۇمكىن. بۇرۇنقى يۈزبېشى، مىڭبېشى،…دېگەندەك ئاتالغۇلارنى ھازىر ئىشلەتمەيمىز. بىز «قوللىنىشچان دېتالمۇ»مۇ؟ «قوللانما ماتېرىيال»مۇ؟ «يۇمشاق دېتالمۇ»مۇ ياكى «يۇمتال»مۇ دېگەننى تالاش-تارتىش قىلىۋاتقاندا، ھازىر بۇ ئۇقۇم جەھەتتىن ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىنگلىزلارمۇ Application software دېگەننى App كە قىسقارتىپ قوللىنىشقا باشلىدى، بىزمۇ ئۇيغۇرچە «ئەپ» دېگەن ئاتالغۇغا كۆنۈشكە باشلىدۇق.

(3) ئاتالغۇ بېكىتىش ھەرگىزمۇ سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلىش ئەمەس، بەلكىم مەنا جەھەتتىن توغرا چۈشىنىپ، ئۆز تىلىمىزدا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان سۆز بىلەن ئىپادىلەش كېرەك. شۇڭا، 小鸡 دېسە «كىچىك توخۇ» دېسەك بولمايدۇ. ئۇنى «چۈجە» دېيىش كېرەك. ئىنگلىز تىلىدىن كىرگەن كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى خەنزۇ تىلىنى بىلىدىغان ئەدەبىي تەرجىمانلار ياخشى بېكىتەلمەيدۇ، خەنزۇچە تەرجىمىسىگە قاراپ تەرجىمە قىلىش تېخىمۇ خاتا بولىدۇ. چۈنكى، كومپيۇتېر ساھەسىنى مىسالغا ئالساق، خەنزۇچە كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرىدىمۇ قالايمىقانچىلىق خېلى بار. ئۇلارمۇ ئىنگلىزچىگە قاراپ ھەر خىل تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارمۇ يىلمۇيىل ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. ئىلگىرى ئۇلارمۇ friend نى 朋友 دېگەن بولسا، كېيىن 友人، ھازىر 好友 غا ئۆزگەرتتى. شۇڭا، مۇمكىنقەدەر ئەسلىي تىلنى پىششىق بىلگەندىن سىرت يەنە ئۆز تىلىمىزغا ھەر قايسى تەرەپتىن يېقىن كېلىدىغان قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تىللىرىدىن پايدىلىنىش سەل ياخشىراق. مەسىلەن: تۈرك، ئۆزبېك، قازاق، ئەزەربەيجان،…دېگەندەك. لېكىن، ھەرگىزمۇ شۇ تىلغا ئېغىپ كېتىش دېگەنلىك ئەمەس. ھېچقانداق پىرىنسىپسىز، قائىدىسىز بىردەم رۇسچىگە، بىردەم ئەرەبچىگە، بىردەم تۈرۈكچىگە ئېغىپ كېتىش توغرا ئىش ئەمەس. ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

(4) ئىمكانقەدەر ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدىن ئىزدەپ قېزىپ چىقىش، زىيادە كەسپىي سۆز ئىشلەتمەسلىك، ئالدىراپ-سالدىراپ يېڭى سۆز ئىجاد قىلماسلىق. بۇ ئەڭ ئاخىرىدىكى ئامالدۇر. چۈنكى، زىيادە كەسپىي سۆز ئىشلەتكەندە ياكى تۇيۇقسىز يېڭى سۆز ئىجاد قىلغاندا، بۇنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدۇ، ئىزاھلاش كېرەك. چۈنكى زىيادە كەسپىي ئاتالغۇ ئىشلەتكەندە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى چۈشەنمەيدۇ ياكى خاتا چۈشىنىۋالىدۇ.

تەقلىدىي كومپيۇتېر، ئانالوگ كومپيۇتېر قايسى چۈشىنىشلىك؟
خېرىدار، ئابونت (ئىملادا تېخى ئابۇنە دېيىلگەن) قايسى چۈشىنىشلىك؟
ھېسابات، ئاككونت، ئىسچوت قايسى چۈشىنىشلىك؟ توردا ئاككونت، مەتبوئاتلاردا ئىسچوت دەپ ئىشلەتكەن ئەھۋاللار بار
مەدەنىيەت، كۇلتۇر، سىۋىلزاتسىيە قايسى چۈشىنىشلىك؟ مەتبۇئاتلاردا ساۋات خاراكتېرلىك ماقالىلەردىمۇ كۇلتۇر، سىۋىلزاتسىيە دەپ ئىشلىتىدۇ.

ھەتتا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، ساۋات خاراكتېرلىك بىلىملەر سۆزلىنىدىغان كىتابلاردا ئاپتور بۇ ماقالىلەرنى باشقىلار چۈشەنمىسۇن، چۈشىنىۋېلىشقا بولمايدۇ دەپ قىزغىنىپ يازىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالغاچقا، بۇنداق كىتابلارنى ئوقۇغۇم كەلمەيدۇ.

مەن ھەرگىزمۇ كەسپىي ئاتالغۇ ئىشلەتمىسۇن دېمىدىم، ئۇنداق كەسپىي خادىملار بۇنداق ماقالىلەرنىڭ ئەسلىنى تېپىپ ئوقۇيدۇ. بۇ شۇ كەسپنى چۈشەنمەيدىغان ياكى شۇ كەسپكە قىزىقىدىغانلار ئۈچۈن، باشلانغۇچ ساۋات خاراكتېرلىك مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈش ئاساس قىلىدىغان كىتاب بولغاچقا، تىلى قانچە ئاددىي بولسا، شۇنچە جەلىپ قىلالايدۇ. چۈشەنمەيدىغان سۆز ئىشلىتىش ھەرگىزمۇ سەۋىيەنىڭ يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەكسىچە چەينەكتە چاي قانچە كۆپ بولسا، پىيالىگە شۇنچە قىينالماي قويالايدۇ. كەسپىي بىلىمى قانچە مول بولسا، شۇنچە ئاددىي سۆزلەر بىلەن مۇرەككەپ ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئۆزى چۈشەنمىگەن ئىشلارنى باشقىلارغا ھەرگىزمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. بۇ ئادەم پروفېسسور ئىدى، لېكىن چۈشەندۈرۈش قابىلىيىتى سەل ناچار، بالىلارغا دەرسنى ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ دېگەن سۆزگە مەن ھەرگىز قايىل ئەمەس

(5) ئوخشاش بىر ساھەدىكى ئوخشاش بىر كەسىپتە (ئوخشاش بىر يۇمشاق دېتالدا) ئادەتتە ئاتالغۇلارنىڭ بىردەك بولماسلىقى تېخىمۇ كۆپ قالايمىقانچىلىقنى كەلتۈرىدۇ. مەسىلەن: «مائۇس تەڭشەكلىرىنى تاللاش ئۈچۈن، چاشقان كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ» دېگەندەك. بۇنداق مەسىلىلەر ئىشلەتكۈچىلەرنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنى ئىقتىدارسىز چاغلاپ، رايى يېنىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىدۇ. بۇنداق ئىشلاردىن چوقۇم ساقلىنىش كېرەك. بۇ چوقۇم بىر چوڭ ئەسەرنى نەچچە تەرجىمان بىرلىكتە تەرجىمە قىلغاندا كۆپ ئۇچرايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ نەرسىنى 1 ئادەم تەرجىمە قىلغاندىن كۆرە، 10 ئادەم تەرجىمە قىلسا ياخشى چىقمامدۇ-دەپ ئىش ئۆگىتىمەن دەيدۇ. بۇ خىل پىكىر قىلىش ئۇسۇلى بويىچە، 100 ئادەم بولسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دېگەننى مەنمۇ دېيەلەيمەن. لېكىن، بۇلارنىڭ تەرجىمىلىرى ھەر خىل بولىدۇ. بەزىدە لازىم دېسە، بەزىدە كېرەك دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. ھەتتا بىر ئادەم تەرجىمە قىلغان نەرسىلەردىمۇ چاتاق تولا چىقىدۇ. چۈنكى «ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە دەرس ئاڭلاۋاتىدۇ» دەپ تەرجىمە قىلغان بولسا، بىر نەچچە ئابزاستىن كېيىن، باشقا بىر ئوخشاش قۇرۇلمىلىق جۈملىنى «مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتىدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. زادى «مەكتەپتە» دېگەن سۆز ئالدىغا كېلەمدۇ ياكى «ئوقۇغۇچىلار»مۇ؟ بۇ ھېچ بولمىغاندا بىردەكلىكنى ساقلىيالىسا ياخشى بولىدۇ. شۇڭا، ئاتالغۇ تەرجىمىسى ۋە جۈملە تەرجىمىسى بىر خىل قېلىپتا بولۇشى كېرەك. (كەچۈرۈڭلار، بۇ ئابزاسنىڭ ئاخىرى باشقا ياققا قېيىپ كەتتى)

ئاخىرىدا خۇلاسىلەپ باقسام، بىزدە قولىدىن ئىش كېلىدىغانلار، چىدامچانلار كۆپ، لېكىن، مەلۇم بىر نەزەرىيە ئاساسىدا قىلىدىغانلار سەل ئاز، ھەتتا يوق. بەزىدە قارا كۈچ پايلاپ بولالمايدۇ. شۇڭا، بىزدە «بىلىكى چوڭ بىرنى يېڭەر، بىلىمى چوڭ مىڭنى (يېڭەر)» دەيدىغان ھىكمەت بار. شۇ ساھەدىكى نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى تەتقىق قىلىدىغانلار ئاز بولغاچ ياكى شۇنداق نەزەرىيە (قائىدە، پىرىنسىپ) ئاز بولغاچقا، ھەر قېتىم مۇشۇنداق ئىشقا دۇچ كەلگەندە، يېڭىدىن باشلايدىكەنمىز. نۇرغۇن جاپاغا قالىدىكەنمىز، بەزىدە بىر-بىرىمىزگە قايىل بولماي، يولىمىزغا ماڭىدىكەنمىز (ھەممىمىز بويسۇنىدىغان ئۆلچەم بولمىغاچقا). شۇڭا، مەن ئىش قىلىش بىلەن بىرگە شۇنىڭ نەزەرىيەسىنى خۇلاسىلەپ قويساڭلار، كېيىن شۇنداق ئىشقا دۇچ كەلگەندە ئاسان بولىدۇ دېمەكچى. خۇددىي ماتېماتىكىدا بىر ھېساب ئىشلەپ بولۇپ، ئۇنى ئىشلەش يولى توغرىسدا ئىزدىنىپ، مەلۇم پىكىرنى خۇلاسىلەپ چىققاندا، شۇنىڭغا ئوخشاش، 1000 ھېساب كەلسىمۇ تەمتىرمەي ئىشلىگەندەك قىلايلى دېمەكچى، رەھمەت!

بۇ مېنىڭ ئەمەلىيەت جەريانلىرىدا ئويلىغانلىرىم، بۈگۈن تۇيۇقسىز كاللامغا كەلگەچكە، بىلوگىمغا بىۋاسىتە يېزىپ باقتىم. ئوي-پىكىر باغلاشتىمۇ بىلمەيمەن. بەلكىم يەنىمۇ ئىزدىنىپ، كەمتۈك جايلىرىنى تولۇقلاپ، ئارتۇق يەرلىرىنى ئېلىۋېتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ بېقىشىم مۇمكىن. شۇڭا، تەسىرات سۈپىتىدە ئوقۇپ باقساڭلار بولىدۇ، نامۇۋاپىق جايلىرىغا پىكىر بەرسەڭلار بولىدۇ. پۈتمىگەن بولغاچقا، ھازىرچە باشقا جايغا چاپلاشقا بولمايدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
35 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • مەن كومپيوتېر كەسپىدە ئوقۇۋاتقىلى خېلى بولدى ، دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش ھەققىدە خېلى كۆپ ئويلانغان . مۇشۇ بىلوگىڭىزدىكى ئاتالغۇ ھەققىدىكى تىمىلارنى خەتمۇ خەت ئوقۇشتىن سىرىت يەنە ئىنكاسلارنىمۇ ئوقۇپ چىقىمەن . مۇشۇ ‹ئاتالغۇ ھەققىدىكى ئويلىغانلىرىم› نىڭ داۋامى بارلىقىنى ئېيتىپتىكەنسىز ، خىلى كۆپ ئادەم داۋامىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. مۇمكىن بولسا تەتىل ۋاقتىڭىزدىن پايدىلىنىپ تەپسىلى يېزىپ مۇشۇ تىمىنىڭ داۋامىنى تولۇقلاپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ باشقا بىلوگلارغىمۇ يوللاپ تۇرىدىغان ھالەتكە ئەكىلىپ قويسىڭىز بەكلا ساۋابلىق ئىش بولاتتى. سىزنىڭ ‹كۆچۈرمەي تۇرۇڭلار› دىگەن يارلىقىڭىزغا خىلاپلىق قىلالماي ، ياكى داۋامىنى كۆرەلمەي تاكى بۈگۈنگىچە ساقلىدۇق. نىمىلا دىگەن بىلەن بۇ بلوگ كەسپى بىلوگ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئانا تىلىمىز بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن تىمىلارنىڭ كۆپرەك يوللىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز . ھەمدە جاۋابىڭىزنى كۈتىمىز .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 14:02
    • ئەسلىدە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىجادىي، پايدىلىق تېمىلارنى كۆپ كۆرسە بولاتتى، ئەمما ئۇنداق بولمىدى. ئۇنىڭغا قىزىقىدىغانلار ھازىرچە كۆپ ئەمەس ئىكەن. شۇڭا ھازىرچە ئۇنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇش خىيالىم يوق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 19:15
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    تەرجىمە توغۇرلۇق خېتىڭىزنى ساقلاۋاتىمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى am 10:46
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم !
    ئالدىنقى قېتىم ئېلخەت يوللسام ئالدىراش 5-ئاينىڭ ئاخرىدا بىكار بۇلىمەن دىگەنتىڭىز ،ئەسكەرتىش ئۈچۈن alim.ahat@hotmail.com غا يەنە يوللاپ قويدۇم. تېنىڭىزنىڭ سالامەت بۇلىشىنى تىلەپ ،رىغبەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى am 07:35
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم
    تەرجىمە سۈپىتىنىڭ يۇقىرى بۇلۇشنىڭ ئۆلچىمى بولغان بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى.
    مەن مۇشۇ توغۇرلۇق بىر قانچە سۇئال سوراپ سىزنىڭ(alim.ahat@hotmail.com) ئېلخېتىڭىزگە يوللىغان ئىدىم ،ئامال بار ۋاقت چىقىرىپ قايتۇرارسىز ،رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 17:42
باھا بېتى: 1 2