نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئالىم ئەھەت بىلوگى قانداق قۇرۇلدى؟

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

بۈگۈن 2011-يىل 10-ئاپرېل (يەكشەنبە) سەھەردە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا بىلوگ توغرىسىدا يەنە بىر سۆھبەتكە قاتناشتىم. ئويلاپ باقسام 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا بىلوگ توغرىسىدا بىر نەچچە قېتىم سۆزلەپتىمەن، ئەمما، ئۆزەمنىڭ خاس بىلوگى يوق ئىدى. بۇ زادى قانداق بولغىنى؟ ناۋادا، باشقىلار «نېمە ئۈچۈن؟»-دەپ سوراپ قالسا، «موللامنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما»-دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئۆزەمگە باھانە تاپاتتىم.

لېكىن، بۈگۈن رادىيودا مېنىڭمۇ بىلوگىم ئېچىلماقچى دەپ سالدىم، بۇ بىۋاسىتە ئاڭلىتىلغان پىروگرامما تۇرسا، قانداقمۇ قايتۇرۇۋالغىلى بولسۇن؟ مانا ئەمدى «ئۆزەمنى بىلمەي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن، ھەپتە ئون كۈن مىدىرلىماي جىم يېتىپتىمەن»-دېگەندەك ئىش بولىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ ھامان ئاچىدىكەنمەنغۇ؟ بولدى كېچىكتۈرمەي دەپ بۈگۈن رەسمىيەتلەرنى بېجىردىم. تور دۇنياسىدا يەنە بىر خاس بىلوگ مۇشۇنداق مەجبۇرىي مەيدانغا كەلدى. ئەمما، تەدبىركار، يۈكسەل ۋە قىسمەت بىلوگلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بولدى. ئۇلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
50 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • مۇئەللىم بىلوگىڭىزغا ۋىروس كىردىمۇ قانداق؟ ياكى بىرەر قىستۇرمىنىڭ ئىشىمۇ؟
    بەتنىڭ ئەڭ ئاستىدا بىر قىسىم ئۇلىنىشلار قوشۇلۇپ قاپتۇ. ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىۋەتسىڭىز بولغۇدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى am 09:47
  • بەك ياخشى بوپ تۇ !!!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 12:59
  • ئالىم ئاكا، نەچچە كۈندىن بېرى يېڭى نۇسخا «بولىقى»نىڭ داۋرىڭىنى ئاڭلاپ، بۇ «بولىقى »دېگەن ئاتالغۇنى ھېچ چۈشىنەلمىدىم؟! ئەمەلىيەتتە بۇ «بۇلىقى»بولىشى كېرەكمىكىن دەيمەن…..
    بۇنىڭغا بىر چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار؟!
    چ چ 1491986715

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 12:32
    • سىز بۇلىقى (سۇ چىقىدىغان بۇلاق) دېسىڭىز، بەزىلەر يەنە تىل بۇلمىقى (كىچىك بالاي يەتدىغان بۇلماق) دەيدۇ، بولاق مانتىدىكى بولاق، ئورالما،…دېگەندەك چۈشەنسىڭىز بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 12:43
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت مۇئەللىم:
    ئۈستىدە ئىنكاس قالدۇرغان بىلىكتىكى eagle بۈركۈتكام شۇغۇ دەيمەن. مىنىڭچە بۈركۈتكام ناھايىتى ياخشى پىكىر قىلىپتۇ. قارىسام سىز ئۈستىدە نەدىكى بىر ئىنكاسلارغىمۇ جاۋاب قايتۇرۇپ يۈرۈپسىز، لىكىن بۈركۈتكامنىڭكىگە لام-جىم دىمەپسىز! ئەلۋەتتە ئۆزىڭىزنىڭ ئەركىنلىكى. لىكىن بۈركۈتكامنىڭ ماۋۇ

    «ئالىم مۇئەللىم ۋە ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشى تېلېۋىزوردىكى سۆھبەت، ساياھەت ۋە ياكى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتالنىڭ كېلەچەكى بولماستىن، بەلكى تېخنىكا، ئۆلچەم ئىشلىرىدا كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ مېڭىش ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن باش قاتۇرىشى ئەڭ ئەۋزەل.

    مەسىلەن، ئەڭ ئاددىسى، ھازىرغىچە بىرەر مۇكەممەل ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى ئارىمىزدا مەۋجۇت ئەمەس. (بۇ بىز ئۈچۈن بەكمۇ نومۇسلۇق بىر ئىش.) مەيلى ۋىندوۋز، مەيلى ئۇبۇنتۇ ۋە ياكى ئەلكاتىپ ۋە ياكى باشقا ۋاھاكازا… لار بولسۇن. ۋىندوۋز 7 دىكى ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى ئۇيغۇر يېزىقىمىز ئۈچۈن تېخى مۇكەممەل خىزمەت قىلالمايدۇ، ئەلكاتىپنى بولسا ئىنگىلىزچە ۋە ياكى باشقا تىللىق ۋىندوۋزلارغا ۋە ياكى 64 بىتلىق سىستېمىلارغا قاچىلاشتا مەسىلە كۆرۈلىدۇ… شۇڭا بىز گەپنى بەك يوغان يەردىن باشلىماي، ئاۋال بىر ئۇيغۇرچە فونت ۋە كۇنۇپكا تاختىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن باشلىساق ياخشى بولاتتى. بۇ 2 نەرسىمىز چالا تۇرۇپ، باشقا ساھەدىن گەپ باشلاش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس. ئالىم مۇئەللىم ئۆز زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىنى تولۇق ھىس قىلىشى، تونۇپ يېتىشى ۋە شۇ ھەقتە كۆپرەك باش قاتۇرۇشى باشقا پاراڭ سوققاندىن مىڭ ئەۋزەل.»

    دىگەن ئىنكاسى ھەرگىزمۇ جاۋابسىز قالماسلىقى كىرەك ئىدى.
    كونا يېزىق كىرگۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلمىغان ئەھۋالدا ULY ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتاتتۇق. لىكىن ئەمدى ULY ئادەتلىنىپ كونا يېزىق باسساق، ھەي، ماۋۇ ئەبجەش كۈنۇپكا ئۇرۇنلاشتۇرۇشىنى زە! شۇڭا ئالىم مۇئەللىم ، سىزنىڭ يۈزىڭىز چوڭ بولغاندىكىن، سىز ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن ULY نى بىردەك قىلساق بولاتتى. سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىمىنى جاۋاب قايتۇرمىسىزمۇ ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشىڭىزنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 14:52
    • ھازىرچە ئاددىي جاۋاب بەرسەم:
      1. قىلىپ بولغان ئىشلىرىمىزغا قاراپ باقسام نۇقسان، كەمچىلىك بىلەن تولۇپ كەتكەندەك، 20-30 يىلدىن بۇيان يەنە شۇ كىرگۈزگۈچ، فونتنىڭ گېپى، كۆڭۈلسىزلىك بىلەن

      2. قىلىۋاتقان ئىشلىرىمغا قاراپ باقسام، شۇنداق ئىسىل نەرسىلەرنى قىلىۋاتقاندەك، تولۇپ-تاشقان ھاياجان ۋە ئۈن-تىنسىزلىك بىلەن

      3. قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى ئويلاپ باقسام، ئۆمۈر يېتىشمەيدىغاندەك، دۆۋە-دۆۋەت ئىشلار ساقلاپ تۇرغان، ئارزۇ-ئۈمىد ۋە روھىي بېسىم بىلەن

      قانداق قىلساق بولاركىن؟ تەلىم بېرىدىغانلار بارمىدۇ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 22:06
      • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت مۇئەللىم:
        نەقىل:«1. قىلىپ بولغان ئىشلىرىمىزغا قاراپ باقسام نۇقسان، كەمچىلىك بىلەن تولۇپ كەتكەندەك، 20-30 يىلدىن بۇيان يەنە شۇ كىرگۈزگۈچ، فونتنىڭ گېپى، كۆڭۈلسىزلىك بىلەن»
        ياق، ئالىم مۇئەللىم، ئۇنداق دىسىڭىز بولمايدۇ، سىز ئۇيغۇرچە يېزىقنى تۇنجى بۇلۇپ كومپيۇتېرغا تۇنۇتقان كىشىلىرىمىزنىڭ بىرى. بىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز!
        نەقىل:«2. قىلىۋاتقان ئىشلىرىمغا قاراپ باقسام، شۇنداق ئىسىل نەرسىلەرنى قىلىۋاتقاندەك، تولۇپ-تاشقان ھاياجان ۋە ئۈن-تىنسىزلىك بىلەن»
        توغرا، مىللىتىمىزنىڭ كومپيۇتېر ساھەسىگە ئۈن تىنسىز تۆھپە قۇشۇپ كىلىۋاتىسىز، خۇدايىم قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىگەي. «تولۇپ-تاشقان ھاياجان…»دىن قارىغاندا windows8 نىڭ ئۇيغۇرچىسى ئوخشىمامدا!؟
        نەقىل: «3. قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى ئويلاپ باقسام، ئۆمۈر يېتىشمەيدىغاندەك، دۆۋە-دۆۋەت ئىشلار ساقلاپ تۇرغان، ئارزۇ-ئۈمىد ۋە روھىي بېسىم بىلەن»
        ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:47
باھا بېتى: 1 2 3