قېلىپلىشىش ئالدىدىكى بىرنەچچە يېڭى ئاتالغۇلار(2) | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

قېلىپلىشىش ئالدىدىكى بىرنەچچە يېڭى ئاتالغۇلار(2)

[ ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

تىلچىلار ئۈندىدار سورۇندا پەنلەر ئاكادېمىيەسى، تىل-يېزىق كومىتېتى، ئالىي مەكتەپ، گېزىت-ژۇرنال، رادىيو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان تىلشۇناس، تەرجىمان، يازغۇچىلار توپلانغان بولۇپ، تورداشلار ئىزدەپ تاپالمىغان سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە دەسلەپكى قەدەمدە بىرلىككە كېلىندى، بۇ ئاتالغۇلار ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى(ئىزدەش نومۇرى: uighursoft_alimahat)گە قوشۇلدى. پات يېقىندا «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»گە قوشۇلماقچى، بىرقىسىم مەتبۇئاتلارمۇ شۇنداق ئاتاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، شۇڭا تورداشلارنىڭ قايتا كۆرۈپ، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ، رەھمەت!

1. 小饭桌
xiao fan zhuo
ئوقۇغۇچىلار تامىقى (ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئېچىلغان كىچىك ئاشپۇزۇللار مۇلازىمىتى بولۇپ، بەزىدە يەنە ۋاكالىتەن قاراش، ئارام ئالدۇرۇش، تاپشۇرۇق ئىشلەتكۈزۈش،…قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

2. 科技特派员
ke ji te pai yuan
تېخنىكىلىق ئالاھىدە خادىم

3. 老字号
lao zi hao
پەخىرلىك ماركا، (ئاتا) مىراس ماركا (تارىخى ئۇزۇن، ئاتا مىراس ھۈنەر، ماھارەت، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، ياخشى ئىناۋەت تىكلىگەن شەرەپلىك ماركا)

4. 倒逼
dao bi
قىستاش، زورلاش، مەجبۇرلاش؛ ھەددىدىن ئېشىش؛ تەتۈر قويۇن چىقىرىش

5. 太皇太
tai huang tai
شاھ سانىيە

6. 贴身护士
tie shen hu shi
خاس سېسترا

7. 蜗居
wo ju
كاتەك ئۆيلۈكلەر

8. 鼠族
shu zu
ماكانسىزلار (يوقسۇل، كەمبەغەل، نامرات)

9. 蚁族
yi zu
ماكانسىزلار (يوقسۇل، كەمبەغەل، نامرات)

10. 月光族
yue guang zu
بەتخەجلەر (تاپقان پۇلىنى ئۇدۇللۇق خەجلەپ تۈگىتىدىغانلار، پۇل خەجلەشتە پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي خەجلەيدىغانلار)

11. 车奴
che nu
ماشىنا قۇلى (بانكىدىن قەرز ئېلىپ ماشىنا سېتىۋالغان، ھاياتنىڭ ئالتۇندەك ۋاقتىنى قەرز قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزىدىغان، كىرىمىنىڭ 30 ياكى 40 پىرسەنتىنى قەرز قايتۇرۇشقا ئىشلىتىپ، تۈرلۈك ئائىلە بېسىمى بىلەن ياشايدىغانلار)

12. 房奴
fang nu
ئۆي قۇلى

13. 性感
xing gan
تەنناز؛ جەلپكار، جەزبىدار؛ ئىشقىي، ئىشقىدار (كىيىنىش ياكى سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن باشقا جىنسلارنى جەلپ قىلىدىغانلار؛ بىرەسمىي جىنسىي ئوي-پىكىر قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ)

14. 陨石
yun shi
كۆكتاش (ئالەم بوشلۇقى يەنى ئاسماندىن يەرشارىغا چۈشكەن تاش)

15. 星星峡
xing xing xia
قارا چوققا

16. 服务号
fu wu hao
مۇلازىمەت نامى

17. 订阅号
ding yue hao
مۇشتەرى نامى

18. 粉丝
fen si
ئەگەشكۈچى (بىلوگ، مىكروبىلوگ،…قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىدىغان كىشى)

19. 土豪
tu hao
تومپاي باي، قارا باي (قارا قورساق ، سۆز-ھەرىكەتلىرى كۈلكىلىك، سەھرالىق باي)

20. 民考民
min kao min
ئانا تىلدا ئوقۇغانلار؛ ئۆز تىلىدا ئوقۇغانلار

21. 高富帅
gao fu shuai
كېلىشكەن بايۋەتچە (پۇلى كۆپ، كېلىشكەن ياش يىگىتلەر)

22. 文艺青年
wen yi qing nian
سەنئەتچى ياشلار

23. 白富美
bai fu mei
پۇلدار سەتەڭ؛ باي نازىنىن (پۇلى كۆپ، چىرايلىق ياش قىز-چوكانلار)

24. 营养包
ying yang bao
ئۇزۇقدان

25. 缆车
lanche
ئاسما (ھارۋا)

26. 单反照相机
dan fan zhao xiang ji
يەككە كۆزلۈك نۇر قايتۇرغۇچلۇق رەسىم ئاپپاراتى (يەكچەشمە رەسىم ئاپپارات)

27. 打包
da bao
زەللە؛ زەللە قىلماق

28. 打包饭
da bao fan
زەللە

29. 减速带
jian su dai
ئاستىلاتقۇ

30. 仪表盘
yi biao pan
مەلۇمات تاختىسى

31. 官二代
guan er dai
بەگزادە (ئەمەلدارلارنىڭ بالىلىرى)

32. 富二代
fu er dai
بايزادە (باينىڭ بالىلىرى)

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
122 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 3 4 5
  • 公益دىگەن سۆزنى مىكروسوفت تور لوغىتىدە «جامائەت پاراۋانلىقى» دەپ تەرجىمە قىلىپتۇ. بۇ سۆز يەككە ئىشلىتىلگەندە مۇشۇنداق دىسەكمۇ بوپقالىدىكەن، ئەمما بەزى ئاتالغۇلاردا، مەسىلەن، 淘宝公益,京东公益 دىگەن ماركا ياكى بەلگە تۈسىنى ئالغان سۆز ئاتالغۇلاردا جامائەت پاراۋانلىقى دەپ ئالسا تازا قاملاشمىغاندەك. مۇشۇنىڭغا مەناسىنى تولۇق ئىپادىلەيدىغان ھەم ئىخچامراق سۆز تېپىشقا ھەر قايسىڭلارنىڭ قانداق مۇۋاپىق تەكلىپلىرىڭلار بار؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى am 11:20
  • بولسا مۇشۇ 一卡通دېگەنمۇ تەرجىمە قىلىنسا…بۇرۇن جەمكارتا،ھەممىباب كارتا،بابكارتا دېگەندەكلەرنى كۆرگەن ئىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى am 10:01
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم
    减速带دېگەننى بۇرۇن توردا ‹‹داقىلداتما››دەپ كۆرگەن ئىدىم.مېنىڭچە بۇ ئوبرازلىق ھەم چۈشىنىشلىك.مۇشۇنداق بولسىچۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 19:33
  • كىچىككەن بولساممۇ پىكىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ قۇياي.
    陨石 بۇ چاققىچە مىتۇرىت تاش دەپ ئىلىۋاتقان يەنە مۇشۇنى ئىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى ئسىسمدە قىلىشىچە بىر خىمىيەلىك ماددا بولىدىغان 明矾 دەپ شۇنى كۆكتاش دەيدىغاندەك ئىسىمدە، ئەگەر شۇنداق ئۇيغۇرچە ئىسىم قويىمىز دىسە ئاسمان تىشى، ساماتاش ياكى ئالەم تىشى دەپ ئالسىمۇ بولىدۇ.
    富二代 دىگەننى بايۋەتچە دىسەكمۇ بولىدۇ، ئەزەلدىن بار گەپقۇ بۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى am 10:49
  • 星星峡دېگەن سۆزنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە:
    «قارا چوققا» دېگەن نام «ئارا يۇلتۇز»دىن بۇرۇن قوللىنىلغان بولسا،ئۇ ئىسىم سىياسىيغا تاقاشمىسىلا، بۇرۇنقىسىنى ئىشلىتىش كېرەك.شەخسەن كۆز قارىشىمدا تىلنىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقىدىن بەكرەك تارىخچانلىقى مۇھىم.«قارا چوققا»دەپ ئاتالغانىكەن،شۇ ئىسىمغا مۇناسىۋەتلىك بىر تارىخىي مەدەنىيەت بار دېگەن سۆز.شۇ سۆزنى ئىشلەتمىسە ئۇ مەدەنىيەت يوقىلىدۇ.بىراق «قارا چوققا»دەپ ئالغاندا،ئۇنىڭ كەينىدە تىرناقتا(ئارا يۇلتۇز)دەپ بىر مەزگىل ئەسكەرتىش كېرەك.تاكى 50% كىشى «قارا چوققا»نىڭ «ئارا يۇلتۇز»شۇ ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغانغا قەدەر.(نىسپىي بولسىمۇ)
    فېڭ شىياۋ گاڭنىڭ «خۇسۇسىي زاكاز»(私人定制)دېگەن فىلىمىدە مۇنداق بىر سۆز بار:
    以年代价值,社会等级区分高下,那是文物观,不是艺术观.
    بۇنىڭدىن مۇنداقمۇ يەكۈن چىقىدۇ:
    قەدىمقى سۆزلەرنىڭ كاتتا ئاڭلىنىشى ناتايىن،بىراق ئۇ مەدەنىيەت.سۆزلەرنى تەرجىمە قىلغاندا قىسقىلىقىغا،قۇلاققا يېقىشلىق ئاڭلىنىشىغا ئېسىلىۋېلىش،يېڭى سۆز ياساش خاتا. ئىمكان بار بۇرۇنقى ئىزاھلىرىغا مۇراجىئەت قىلىش كېرەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى am 00:25
  • 粉丝 دېگەن نوقۇل ئەگەشكۈچىلەرنىلا(بلوگ ۋە مىكرو بلوگلاردا) ئەمەس،چولپان ياكى داڭدار شەخسلەرگە چوقۇنىدىغان ياكى قىزىقىدىغان مەستانىلەرنىمۇ كۆرسىتىدۇ.بۇ سۆز بلوگ ۋە مىكرو بلوگلار بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىدى.شۇڭا «ئەگەشكۈچى،مەستانە»دەپ ئىككى ئىزاھ بېرىلسە،تەرجىمە قىلىدىغان چاغدا شارائىتقا قاراپ تاللاپ تەرجىمە قىلىنسا بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى am 00:10
  • 25. 缆车
    ئاسقۇ

    بۇنىڭغا يەنە بىر نەرسە ئىسىمگە كىلىپ قالدى. كىچىك ۋاقتىمدا ئۆيدە نەرسىلەرنى ئۈستىدە قويۇپ قويىدىغان،يەر يۈزىدىن ئىگىز تورۇسقا يىقىن مۇنداق ئىككى نەرسە بولىدىغان«پەرمان بېشى» ۋە «ئاسقۇ».
    1.پەرمان بېشى
    بۇ ئۆينىڭ لىمىغا ياكى سىنجى ياغاچقا مىخلانغان ئىككى مىخنىڭ ،ياكى تورۇسقا يىقىن قىلىپ تامغا قىقىلغان ئىككى قوزۇقنىڭ ئۈستىگە كەڭ شال (تىلىنغان نىپىز كەڭ ياغاچ تاختاي)نى قويۇپ ياسىلىدۇ.بۇ مۇقىم قۇرۇلما،ئادەتتە ئۆينىڭ كىرىش ئىشىكىگە يىقىن،ئۆينىڭ تۆرىدىن يىراقراق ئورۇندا بولىدۇ.ئادەتتە ئۈستىدە قۇرئان كەرىم ۋە ياكى ئاش-نان قويىلىدۇ.بەزى يۇرتلاردا «تاختا بېشى»دەپ ئاتىلىدىغۇ دەيمە.

    2.ئاسقۇ
    1.خىلى بۇنىڭ شەكلى شوتىغا ئوخشاشراق،يەنى بالتىقى شوتىدىن يىقىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەمدە چىرايلىق تىلىنغان ياغاچتىن ياسىلىدۇ.ئاندىن ئىككى ئۇزۇنىسىنىڭ بىشىدىن ئارغامچا بىلەن چىگىلىپ تورۇسقا ۋېرتكال قىلىپ ئىسىلىدۇ.بۇ قۇرۇلما ئارغامچا بىلەن تورۇسقا ئىسىلغاچقا مۇقىم ئەمەس،ھەم سەل چوڭ،ئادەتتە كەڭلىكى 40-50سانتا،ئۇزۇنلقى بىر مىتىردىن ئوشۇقراق بولىدۇ.بۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتە ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن ئىلىپ قويۇلغان ئاز مىقداردىكى بۇغداي قوناق،ۋە يەر يۈزىدە قويۇپ قويسا نەم تارتىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان زىرائەت ئۇرۇقلىرى ياكى كىچىك ئەسۋاپلار بار خالتا ۋە ساندۇقچىلار قويۇپ قويىلىدۇ.بۇ قۇرۇلما ئادەتتە يېتىپ-قوپمايدىغان قازناق ئۆي ياكى ئامبار ئۆيلەردە بولىدۇ.
    2-خىلى. بۇ شۇ ئۇزۇن بىر كالتەكنىڭ ئىككى ئۇچىدىن باغلاپ تورۇسقا ئىسىپ قويىلىدۇ،ۋە ئاساسلىقى كىيىم-كېچەك ئارتىپ قويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئادەتتە يېتىپ-قوپىدىغان ئۆيدە بولىدۇ.بۇنى «كىيىم ئاسقۇ»دەيىتتۇق كىچىك چېغىمدا.

    بۇلارنى سىلىشتۇرۇپ كەلسەك مۇشۇ 缆车 دىگەن بىرىنجى خىل ئاسقۇغا تازا يېقىندەك تۇرىدۇ،شۇڭا ئاسقۇ دەپ ئاتايلى.
    ئادەتتە ئاسقۇنى ئايرىم ئىشلەتمەيمىزغۇ دەيمەن.كۆپىنچە كىيىم ئاسقۇ،ئاچقۇچ ئاسقۇ دەپ ئىشلىتىمىز. ھەم بۇ سۆزلەرمۇ شۇ «ئاسقۇ» دىگەن ئاشۇ نەرسىلەردىن كەلگەن،شۇڭا مۇشۇ ئىسىمنى ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.
    #
    #
    #
    #
    # #
    #=====#
    ===== == #
    ======= #
    ======= #
    ======= #
    ===#== #
    #=====#

    مانا ئاسقۇ دىگەن # بىلەن ئىپادىلەنگىنى ئارغامچا ،= بولسا ياغاچ،ئىككى چەتتىكى ياغىچىنى ئىپادىلىيەلمىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى am 05:23
باھا بېتى: 1 3 4 5