قېلىپلىشىش ئالدىدىكى بىرنەچچە يېڭى ئاتالغۇلار(1) | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

قېلىپلىشىش ئالدىدىكى بىرنەچچە يېڭى ئاتالغۇلار(1)

[ ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى ئېلان قىلىنغان بىر ئايدىن بۇيان تورداشلار ئىزدەش قېتىم سانى 200 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، ئەمما تورداشلار ئىزدەپ تاپالمىغان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىزدەش قېتىم سانى بويىچە رەتلەپ، تىلچىلار ئۈندىدار سورۇنىغا تاشلىغان ئىدىم. بۇ سورۇندا پەنلەر ئاكادېمىيەسى، تىل-يېزىق كومىتېتى، ئالىي مەكتەپ، گېزىت-ژۇرنال، رادىيو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان تىلشۇناس، تەرجىمان، يازغۇچىلار توپلانغان بولۇپ، تورداشلار ئىزدەپ تاپالمىغان سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە دەسلەپكى قەدەمدە بىرلىككە كېلىندى، بۇ ئاتالغۇلار ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى(ئىزدەش نومۇرى: uighursoft_alimahat)گە قوشۇلدى. پات يېقىندا «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»گە قوشۇلماقچى، بىرقىسىم مەتبۇئاتلارمۇ شۇنداق ئاتاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، شۇڭا تورداشلارنىڭ قايتا كۆرۈپ، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ، رەھمەت!

(1)微信
wei xin
تېڭشۈن ئۈندىدارى (تېڭشۈن شىركىتى ياساپ چىققان بىر خىل ئالاقە يۇمشاق دېتالى)

(2)易信
yi xin
ۋاڭيى ئۈندىدارى (ۋاڭيى شىركىتى بىلەن جۇڭگو تېلېگىرافى ياساپ چىققان بىر خىل ئالاقە يۇمشاق دېتالى)

(3)80后
80 hou
80-يىللارنىڭ (1980-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار)

(4)90后
90 hou
90-يىللارنىڭ (1990-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار)

(5)可穿戴设备
ke chuan dai she bei
تاقالما بويۇم (كىيىم-كېچەك ياكى زىبۇ-زىننەت، كومپيۇتېر زاپچاسلىرى ۋە ئىلغار ئېلېكتىرونلۇق تېخنىكا ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ ياسالغان بىر خىل يېڭىچە بويۇم. مەسىلەن: Google شىركىتى پات يېقىندا ئېلان قىلماقچى بولغان كۆزئەينەك، ئالما شىركىتىنىڭ قول سائىتى…قاتارلىقلار)

(6)靠谱
kao pu
ئىشەنچلىك

(7)屌丝
diao ci
زەكەر، ئارىلىك جىنسىي ئەزا؛ تەلۈ، كاكاسالتاڭ (ھاقارەت سۆزى)؛ يارىماس، لىڭتاسما

(8)财付通
cai fu tong
تېڭشۈن چىقىمدانى (تېڭشۈن شىركىتىنىڭ خېرىدارلار پۇل تۆلەش سۇپىسى)

(9)牛逼
niu bi
قالتىس، نوچى؛ دەھشەت؛ ئاجايىپ يامان، كۈچتۈڭگۈر

(10)泡妞
pao niu
(قىز-چوكانلارنى) كەلتۈرۈش، قۇشلاش، ئوۋلاش

(11)装逼
zhuang bi
ياسالما؛ پوچى، قاپاق نوچى (بىلمىسىمۇ بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالدىغان كىشىلەر)

(12)傻逼
sha bi
ھاماقەت؛ كالۋا، دۆت

(13)淡定
dan ding
سالماق؛ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئۆزىنى بېسىۋېلىش

(14)机顶盒
ji ding he
TV قۇتىسى (رەقەملىك تېلېۋىزىيە سىگىنالىنى قوبۇللاش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، ئادەتتە تېلېۋىزورنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ)

(15)汉考民
han kao min
مىللىيچە ئوقۇغانلار؛ مىللىي تىللىق خەنزۇلار

(16)民考汉
min kao han
خەنزۇچە ئوقۇغانلار؛ خەنزۇ تىللىق مىللىيلار

(17)民考民
min kao min
مىللىيچە ئوقۇغانلار؛ مىللىي تىللىق مىللىيلار

(18)余额宝
yu e bao
ئەلى قالدۇقدانى (ئەلى بابا گۇرۇھىغا قاراشلىق تاۋباۋ تور سودىسى شىركىتىنىڭ خېرىدارلار قالدۇق پۇلىغا ئۆسۈم بېرىش سۇپىسى)

(19)支付宝
zhi fu bao
ئەلى چىقىمدانى (ئەلى بابا گۇرۇھىغا قاراشلىق تاۋباۋ تور سودىسى شىركىتىنىڭ خېرىدارلار پۇل تۆلەش سۇپىسى)

(20)环线快客
Huan xian kuai ke
تېزبۇس (ئايلانما يول تېز ئاپتوبۇسى)

(21)正能量
zheng neng liang
ئىجابىي كۈچ

(22) 奇葩
ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان، ئالاھىدە، ئىنتايىن

(23) 鸡巴
زەكەر، ئارلىك جىنسىي ئەزا

(24) 无语
تىمتاسلىق، جىمجىتلىق

(25) 吐槽
سۆكۈش، چاۋىسىنى چىتقا يېيىش؛ دەرد تۆكۈش

(26) 温馨
مۇلايىم، ئىللىق، يېقىشلىق؛ مېھرى ئىسسىق.

(27) 卧底
سۇقۇنماق، سۇقۇنۇپ كىرمەك؛ بۆكتۈرمە

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
155 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • ئويغان1ئالامەت قىززىق گەپتىن بىرنى قىپتۇ ،تېڭشۈن ئۈندىدارىنى تېڭدىدار،ۋاڭيى ئۈندىدارىنى ،ۋاڭدىدار دەپ ،يۇمۇر ھە بەك قىززىق !

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى am 00:26
  • مەنچە吐槽 دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئوبدان بولمىغان.بەيدۇدىكى ئىزاھ:
    吐槽 一词,来源于日本漫才(类似于中国的相声) 里的“ツッコミ”,是指从对方的语言或行为中找到一个漏洞或关键词作为切入点,发出带有调侃意味的感慨
    或者疑问。意思是在对方(同伴、朋友、亲人都可)面前,不配合对方,有意不顺着同伴或朋友的意思说话。在同伴或朋友说场面话或大话的时候,故意说实话,揭穿场面话或大话,不给同伴或朋友任何面子。不过在很多时候,带有相当的戏谑和玩笑的成份。字面意思为“往人家碗里面吐呕吐物”,引申为不给人家面子,当面揭穿数落的意思。
    ئەمدى بىز بۇنى‹‹سۆكۈش،چاۋىسىنى چىتقا يېيش ››دېسەك ئېغىر كېتىدۇ.بۇ بولسا ئاغىنىلەر ئارا چېقىشىش،بىر بىرىنى ساز قىلىشنى بىلدۈىدىغان سۆزكەن،شۇڭا‹‹چاقماق،ساز قىلماق››دېسەك بولامدىكىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 14:03
  • ماڭا تۇللۇقسىزدا ئۇستازىم دىكتور رىياسەتچىلەر ئەدبىي ئورتاق تىلدا سۆزلەيدىغان كىشلەر دەپ تەلىم بەرگەن ئىدى.
    كۈندە تىلۋىزوردا شۇلارنىڭ ئۈندىدار دەپ ئاتاپ كەلگەنلىكنى كۈرمەن . دىمەك ، ئەدبىي ئورتاق تىلىمىزدا ئۈندىدار دىگەن گەپ بار ۋىشىن دىگەن گەپ يوق (ئېغىز تىلى باشقا ). دىمەك دوسلار تىلىمىزغا ھۆرمەت قىلساق دىگەن ئۈمۈدتىمەن .
    ===================================
    يەنە شۇنىڭغا ھەيرانمەن . خىيال ، كۆك دېڭىز دىگەنلەر قارشى پىكىر بەردى ، ئاساسى ،دەلىلى بىلەن بەردى ،ئەسلى شۇنداق بۇلشى كىرەك ! چۈنكى بۇ مۇنازىرە سورۇنى …
    نەپرەت ۋە يەنە بىر قانچە تورداشلار ھاياجان ئىلكىدە سۆزلەپ ‹‹ جۆيلۈش ›› ‹‹ نۇمۇسىز ›› دىگەن ئىبارلەر بىلەن ‹‹ھاقارەت››لەتلەپ كىتىپسىزلەر … سىزلەر كىمتىڭىزلەر ؟ شۇ سۆزلىرىڭىزنىڭ ئۇدۇل بېرىپ كىمگە تىگىدىغانلىقنى بىلسىز ھەقەچان ؟ يەنە دەي بۇ قازىخانا ئەمەس بىرىڭلار كىلىپ ھۆكۈم چىقىردىغان مۇنازىرە سورۇنى ، باشقىلارغا ئازار بەرمەڭ ! بىر نەرسە يوللىغانغا تويغۇزماڭ … سىزغۇ ۋاختى كىلىپ ئۈزىڭىزنى ئاشكارلاش توغرا كەلسە ئاشكارلىيالمايسىز ، پەقەت تور كەينىدە تۇرۇپ گەپ قىلالايسىز خالاس . ئەمما بۇ يەردە بىر كىشى يەنى ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ئۇچۇق ئاشكارە ، قالغان ھەممىز مەۋھۇم !!! ئازراق قايناپ قالدىم كەچۈرگەيسىزلەر …

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 21:40
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ، ئالىم مۇئەللىم . بىز تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئىشلىتىدىغان QQ نى زادى نىمە دەپ ئاتىساق بۇلار ، بۇنى بەزىلەر مۇڭداشقۇ دەپ ئاتايدىكەن ، يەنە بەزىلەر كوت-كوت دەپ ئاتايدىكەن ، تېخى بىر چاغدا بۇنى سۆزخۇمار دەپ ئاتاشنى تەشۋىق قىلغانلارمۇ بار ئىكەندۇق . مۇشۇنداق بىرلىككە كەلمىگەن ئاتالغۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرگەن بولساق دەيمەن ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 17:25
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ، ئالىم مۇئەللىم . بىز تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئىشلىتىدىغان QQ نى زادى نىمە دەپ ئاتىساق بۇلار ، بۇنى بەزىلەر مۇڭداشقۇ دەپ ئاتايدىكەن ، يەنە بەزىلەر كوت-كوت دەپ ئاتايدىكەن ، تېخى بىر چاغدا بۇنى سۆزخۇمار دەپ ئاتاشنى تەشۋىق قىلغانلارمۇ بار ئىكەندۇق . مۇشۇنداق بىرلىككە كەلمىگەن ئاتالغۇلارنى

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 17:24
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ، ئالىم مۇئەللىم . بىز تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئىشلىتىدىغان QQ نى زادى نىمە دەپ ئاتىساق بۇلار ، بۇنى بەزىلەر مۇڭداشقۇ دەپ ئاتايدىكەن ، يەنە بەزىلەر كوت-كوت ئاتايدىكەن تېخى بىر چاغدا بۇنى سۆزخۇمار دەپ ئاتاشنى تەشۋىق قىلغانلارمۇ بار ئىكەندۇق . مۇشۇنداق بىرلىككە كەلمىگەن ئاتالغۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرگەن بولساق دەيمەن ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 17:24
  • (7)屌丝
    diao ci
    زەكەر، ئارىلىك جىنسىي ئەزا؛ تەلۈ، كاكاسالتاڭ (ھاقارەت سۆزى)؛ يارىماس، لىڭتاسما

    بۇ سۆزنىڭ ئىستېمال مەنىسى دەپمۇدەل 高富帅 نىڭ قارشى مەنىسى، ئۆي ، ماشىنا،ئىگىلىك،قىزدوست،مەرتىۋە دېگەنلەرگە ئىنتىلىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ.بۇ تەرجىمە ماس كەلمەيدىغاندەك تۇرامدۇ نېمە؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى am 09:51
  • مېنىڭچە 潜伏 دېگەن سۆزنى سۇقۇنۇش ، 卧底دېگەن سۆزنى ئىشپىيون دەپ ئالغان توغرا . يەنى بۇرۇنقى رومانلارنى تەرجىمە قىلغان پىشقەدەم تەرجىمانلار 埋伏دېگەن سوزنى پىستۇرما ، بۆكتۈرمە دەپ ئالغان . خەت مەنىسىدىن ئالغاندىمۇ شۇنداق مەنە چىقىدۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 16:40
باھا بېتى: 1 2 3 4