قېلىپلىشىش ئالدىدىكى بىرنەچچە يېڭى ئاتالغۇلار(1) | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

قېلىپلىشىش ئالدىدىكى بىرنەچچە يېڭى ئاتالغۇلار(1)

[ ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى ئېلان قىلىنغان بىر ئايدىن بۇيان تورداشلار ئىزدەش قېتىم سانى 200 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، ئەمما تورداشلار ئىزدەپ تاپالمىغان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىزدەش قېتىم سانى بويىچە رەتلەپ، تىلچىلار ئۈندىدار سورۇنىغا تاشلىغان ئىدىم. بۇ سورۇندا پەنلەر ئاكادېمىيەسى، تىل-يېزىق كومىتېتى، ئالىي مەكتەپ، گېزىت-ژۇرنال، رادىيو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان تىلشۇناس، تەرجىمان، يازغۇچىلار توپلانغان بولۇپ، تورداشلار ئىزدەپ تاپالمىغان سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە دەسلەپكى قەدەمدە بىرلىككە كېلىندى، بۇ ئاتالغۇلار ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى(ئىزدەش نومۇرى: uighursoft_alimahat)گە قوشۇلدى. پات يېقىندا «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»گە قوشۇلماقچى، بىرقىسىم مەتبۇئاتلارمۇ شۇنداق ئاتاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، شۇڭا تورداشلارنىڭ قايتا كۆرۈپ، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ، رەھمەت!

(1)微信
wei xin
تېڭشۈن ئۈندىدارى (تېڭشۈن شىركىتى ياساپ چىققان بىر خىل ئالاقە يۇمشاق دېتالى)

(2)易信
yi xin
ۋاڭيى ئۈندىدارى (ۋاڭيى شىركىتى بىلەن جۇڭگو تېلېگىرافى ياساپ چىققان بىر خىل ئالاقە يۇمشاق دېتالى)

(3)80后
80 hou
80-يىللارنىڭ (1980-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار)

(4)90后
90 hou
90-يىللارنىڭ (1990-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار)

(5)可穿戴设备
ke chuan dai she bei
تاقالما بويۇم (كىيىم-كېچەك ياكى زىبۇ-زىننەت، كومپيۇتېر زاپچاسلىرى ۋە ئىلغار ئېلېكتىرونلۇق تېخنىكا ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ ياسالغان بىر خىل يېڭىچە بويۇم. مەسىلەن: Google شىركىتى پات يېقىندا ئېلان قىلماقچى بولغان كۆزئەينەك، ئالما شىركىتىنىڭ قول سائىتى…قاتارلىقلار)

(6)靠谱
kao pu
ئىشەنچلىك

(7)屌丝
diao ci
زەكەر، ئارىلىك جىنسىي ئەزا؛ تەلۈ، كاكاسالتاڭ (ھاقارەت سۆزى)؛ يارىماس، لىڭتاسما

(8)财付通
cai fu tong
تېڭشۈن چىقىمدانى (تېڭشۈن شىركىتىنىڭ خېرىدارلار پۇل تۆلەش سۇپىسى)

(9)牛逼
niu bi
قالتىس، نوچى؛ دەھشەت؛ ئاجايىپ يامان، كۈچتۈڭگۈر

(10)泡妞
pao niu
(قىز-چوكانلارنى) كەلتۈرۈش، قۇشلاش، ئوۋلاش

(11)装逼
zhuang bi
ياسالما؛ پوچى، قاپاق نوچى (بىلمىسىمۇ بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالدىغان كىشىلەر)

(12)傻逼
sha bi
ھاماقەت؛ كالۋا، دۆت

(13)淡定
dan ding
سالماق؛ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئۆزىنى بېسىۋېلىش

(14)机顶盒
ji ding he
TV قۇتىسى (رەقەملىك تېلېۋىزىيە سىگىنالىنى قوبۇللاش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، ئادەتتە تېلېۋىزورنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ)

(15)汉考民
han kao min
مىللىيچە ئوقۇغانلار؛ مىللىي تىللىق خەنزۇلار

(16)民考汉
min kao han
خەنزۇچە ئوقۇغانلار؛ خەنزۇ تىللىق مىللىيلار

(17)民考民
min kao min
مىللىيچە ئوقۇغانلار؛ مىللىي تىللىق مىللىيلار

(18)余额宝
yu e bao
ئەلى قالدۇقدانى (ئەلى بابا گۇرۇھىغا قاراشلىق تاۋباۋ تور سودىسى شىركىتىنىڭ خېرىدارلار قالدۇق پۇلىغا ئۆسۈم بېرىش سۇپىسى)

(19)支付宝
zhi fu bao
ئەلى چىقىمدانى (ئەلى بابا گۇرۇھىغا قاراشلىق تاۋباۋ تور سودىسى شىركىتىنىڭ خېرىدارلار پۇل تۆلەش سۇپىسى)

(20)环线快客
Huan xian kuai ke
تېزبۇس (ئايلانما يول تېز ئاپتوبۇسى)

(21)正能量
zheng neng liang
ئىجابىي كۈچ

(22) 奇葩
ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان، ئالاھىدە، ئىنتايىن

(23) 鸡巴
زەكەر، ئارلىك جىنسىي ئەزا

(24) 无语
تىمتاسلىق، جىمجىتلىق

(25) 吐槽
سۆكۈش، چاۋىسىنى چىتقا يېيىش؛ دەرد تۆكۈش

(26) 温馨
مۇلايىم، ئىللىق، يېقىشلىق؛ مېھرى ئىسسىق.

(27) 卧底
سۇقۇنماق، سۇقۇنۇپ كىرمەك؛ بۆكتۈرمە

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
155 پارچە باھا يېزىلدى
  • بىلەت تاشلاش بىتى سۈكۈت ھالىتىنى Hot ideas غا تەڭشەپ قويۇپتۇ،بۇيەردىمۇ بىزنىڭ ئەڭ بىشىدا ئىكەن. ئەسلىدىكىگە بىلەت تاشلايمەن دېسەڭلا،شۇ بىلەت
    Top دىگەننى چىكىپ كىرىپ تاشلاڭ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 19:31
  • راسىت،مەنمۇ سەل قىيىپ قالدىم؟قايسىنىڭغا بېلەت تاشلايمىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 15:48
    • قىيىپ قالدىم دەپ بۇ يەردە ھەجەپ ئۇچراپ قالدى،ئاۋۇ 无语 دىگەننىڭ قىيىپ قىلىش دىگەندەك مەنىسىمۇ بار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى am 05:11
      • «قىيىپ» دېگەن سۆزنى مەن ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، شۇڭا لۇغەتكە قاراپ باقسام لۇغەتتىمۇ يوقكەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى am 11:35
      • بېشىم قېيىپ قالدى دېگەن سۆزنى ئاغزاكى تىلدا قېيىپ قالدىم دەپ ئىشلەتكەن بولىشىمىز مۇمكىن. قېيىپ قالدىم دېگەن سۆز لوگىكا جەھەتتىن ئەسلى بىر خاتا سۆز، ئەمما بۇ ئادەت سۆز قاتارىغا كىرگەندە يەنىلا توغرا، شۇڭا بۇنى ئادەت سۆزلەر لۇغىتى بولسا ئىزدەپ باقساق چىقىپ قالىدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 22:15
    • لۇغەتتە خىلى سۆزلەر يوق.شۇڭا ھازىر قاتايلى دەپ تۇرىۋاتمامدۇ ئەنە،مۇشۇنداق ئاستا-ئاستا مۇكەممەللىشىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 20:33
      • مىنىڭ دېمەكچى بولغىنىم بۇ سۆزنى لۇغەتكە قوشۇش ياكى قوشماسلىقتىكى مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئاۋۇ «قىيىپ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نىمە دېمەكچى، سىز ماڭا ھەرگىزمۇ 无语 دېگەن سۆزگە تەڭ دەپ چۈشەندۈرمەڭ . چۈنكى مەن ھازىر ئۆزەمنى بىر يىڭى ئۈگەنگۈچى دەپ ھىساپلاپ تۇرۇپ 无语دېگەن خەتنىڭ مەنىسىنى بىلمەي لۇغەتكە قارىسام ، ئۇ خەتنىڭ مەنىسى «قىيىپ»(ئەگەر لۇغەتكە شۇنداق 无语==قىيىپ دەپ كىرگۈزۈلسە) دەپ چىقسا، مەن بۇ قىيىپ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلمەي(چۈنكى مەن بۇ خەتنى ھازىر تۇنجى كۆرۈشۈم) ئىزاھاتلىق ئۇغەتكە قارىسام ، ئۇ سۆزنىڭ مەنىسى 无语 دەپ چىقسا، شۇنىڭ بىلەن مەن يۇقارقى تەرتىپنى توختىماستىن داۋاملاشتۇرىۋەرسەم……..
        ئەسلى ئۇ گەپنى بۇ يەردە يىزىشنىڭمۇ ھاجىتى يوقتى، بىراق سىز بىلەن جىمغۇر ئىككىلار شۇ سۆزنى بىلىدىكەنسىلەر ، شۇڭا قايسىڭلار بولساڭلار ئازراق مىسال جۈملىلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويامتكى دەپ يازغان ئىنكاستى ئۇ، ھەرگىزمۇ بۇ سۆز لۇغەتتە يوقكەن دەپ سىزگە دوكىلات قىلىپ قويقىلى كەلمىگەن.( ئەگەر راستىنلا لۇغەتكە قوشۇدىغان ئىش بولسىمۇ، ئالدى بىلەن بۇ سۆزنىڭ ئاتا بوۋىسى كىم، ياكى تۇرمۇشتا قانداق ئىشلىتىلىشى بار دېگەندەكلارنى بىلىپ بولاپ ئاندىن قوشامىز)

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى am 00:15
      • بۇ سۆزنى مەن «باش قايىش»تىكى «قايىش»بىلەن تومۇرداش ۋە بەلكى دەل ئۆزى بولىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن.
        بىزدە گۇمىدا بۇ سۆزنى جىق ئىشلىتىمىز،ئالى مەكتەپتىكى قارمايلىق ساۋاقدىشىممۇ بۇ «قىيىپ»دىگەن سۆزنى جىق ئىشلىتەتتى.بىزدىكى ئىشلىتىلىشى:«قايىش» سۆزى ئۇيغۇرتىلىدىكى تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش قانۇنىيىتى بويىچە «قىيىش» بولۇپ كەلگەندە مەنىسى ئوخشاش،باشقا ئەھۋالدا پەرقى بار.مەسىلەن:
        1.بىشىم قىيىپ كىتىپ بارىدۇ(مەنىسى: 1.بىئارام بولۇپ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى؛2.نىمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدىم،قايسىنى تاللاشنى بىلمىدىم)
        2.ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ قىيىپلا قالدىم(مەنىسى: 1.گىپىنى ئاڭقىرالمىدىم،قايمۇقۇپ قالدىم؛2.گىپى بەك كۈلكىلىككەن؛3.نىمە دىيىشنى بىلمەي ياقا چىشلەپ قالدىم)
        بىزدىكى ئىشلىتىش ئورنى مانا مۇشۇنداق.

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 22:01
      • ھە، مەنىسىنى ئەمدى بىلۋالدىم، رەھمەت سىزگە.
        ئەسلى بىزمۇ «بىشىم قىيىپ كەتتى» دەپ ئىشلىتىدىكەنمىز ئەمەسمۇ، ئۇ چاغدا شۇنچە ئويلىساممۇ يادىمغا كەلمىگەتى.

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 23:04
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئەمدى قايسىغا بېلات تاشلايمىز، كۈندە 17 بىلەت تاشلامدۇق ياكى بىر ip نىڭ جەمئي 17 بىلەت تاشلاش ھوقۇقى بارمۇ؟
    ئاندىن تۈرلەر كۆپىيىپ كىتىپتۇغۇ ياكى مەن باشتا كۆرمەي قالدىممۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 12:17
  • ئالما شىركىتىنىڭ قول سائىتى؟؟؟
    ئالىم مۇئەللىم بۇ تېمىنى ئۆزىڭىز يازمىدىڭىزمۇ نېمە؟ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائەتنى ئالما شىركىتى تېخى چىقارمىغان تۇرسا، مىسالغا ئۇنى ئالساق مۇۋاپىق بولماس.
    ھوجون ئالمىنىڭ تەسىرى راس بەك كۈچلۈككەن جۇما….

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى am 10:53
  • 2.نى قۇلايخەت دەپ تەرجىمە قىلساق قانداق بولا

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 22:36
  • (1)微信
    wei xinنى ئۈندىدار
    (2)易信
    yi xinنى قولايخەت ، مىنىڭچە مۇشۇنى قوللايمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 22:04
  • 民考民
    بۇنى« ئانا تىلدا ئوقۇغان مىللىيلار » دېسەك مۇۋاپىق بۇلامدىكىن.چۈنكى بۇ ئاساسلىق ئۆز ئاناتىلدا ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئاتالغۇ.

    مەسىلەن :چۇقۇم ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇرتىلىدا تەربىيلەنگەن بولسا ئاندىن 民考民 دەپ ئاتىساق مۇۋاپىق بۇلامدىكىن ..قالغانلارمۇ ئويلىشىپ باققان بولساڭلار.
    قازاق تۇرۇپ ئۇيغۇرتىلى مەكتىپىدە ئۇيغۇرتىلىدا تەربىيلەنگەن بولسا بۇنى قانداق ئاتايمىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 21:17
    • قازاق تۇرۇپ ئۇيغۇرتىلى مەكتىپىدە ئۇيغۇرتىلىدا تەربىيلەنگەن بولسا بۇنى قانداق ئاتايمىز؟
      ==================================
      民考民 ئانا تىلدا ئوقۇغان مىللىيلار دىسەك
      民考汉 خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغان مىللىيلار دىسەك
      قازاق تۇرۇپ ياكى باشقا مىللەت تۇرۇپ ئۇيغۇر تىلىدا ياكى ئۇيغۇرچە مەكتەپتە تەرېبىيەلەنگەنلەرنى خەنزۇچە 民考维 دەيمىزمىكىن. يەنى ئۇيغۇر تىلىدا تەربىيلەنگەن مىللىيلار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى am 09:41
  • بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى تور دۇنياسىدا ئۆزگىرىپ باشقا مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان ،ھەتتا قارمۇ قارشى مەنىنى بىلدۈرىدىغان بۇلۇپ قالدى. تور ئۈستىدىكى مۇشۇنداق سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى تېخى ھەققىي تۈردە خەنزۇچە لوغەتكە كىزگۈزغىنى يوق.شۇڭا بۇنى قىلىپلاشتۇرۇشقا تېخى بالدۇر.بىراق سۆزلەرنىڭ ئەسلى مەنىسى تىپىلىشى كېرەك ئىدى،ئەگەر ئەسلى مەنىسنىڭ تەرجىمىسى بولمىغان ئەھۋالدا قىلىپلاشتۇرساق بۇلىدۇ دەپ قارايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 17:04
  • ئالىم مۇئەللىم؟تىلچىلار سالۇنىغا بىزمۇ ئەزا بولساق بولامدۇ؟ توپ نومۇرى قانچە؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 15:13
  • ئالىم مۇئەللىم؟تىلچىلار سالۇنىغا بىزمو ئەزا بولساق بولامدۇ؟ توپ نومۇرى قانچە؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 15:13
    • كەچۈرۈڭ، يۈزبېشى تەستىقلىمىسا خالىغانچە قوشقىلى بولمايدىكەن. تەرجىمھالىڭىزنى ئەۋەتىڭ، مەن يوللاپ باقاي، ئۇلار بىر نەرسە دېسۇن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى am 11:02
  • يۇقۇردىكى ئىنكاسلارنى ئوقۇپ تولىمۇ خۇرسەنىت بولدۇم..ئاتىلنىڭ ساپلىقى ۋە پاكلىقى ئۈچۈن تەر تۆكۈۋاتقانلارغا ئالى ئېھتىرام.سىلەرگە كۆپ رەھمەت.مۇشۇ ھەمبەھىرى دىگەن ئاتالغۇ ماڭا بەك يارايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 15:09
  • قەرزگە ئالتۇن بېرىشسە بولغۇدەك. ئەسلى ئالتۇن پۇل ئورنىدا قوللىنىلغان بولسابۇنداق ئىشلار كېلىپ چىقماسلىقى مۇمكىن ئىدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 13:48
  • (6)靠谱چەك باسقان
    (9)牛逼ئاقسا
    (12)傻逼لەقۋا
    (13)淡定ئېغىر
    (15)汉考民مىللىي تىللىق خەنزۇلار
    (16)民考汉خەنزۇ تىللىق مىللىيلار
    (17)民考民ئۆز تىلدا ئوقۇغانلار
    (20)环线快客ئايلانما تېزبۇس

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 13:32
    • (6)靠谱چەك باسقان
      بۇ بەك دەل كەپتۇ.ئەسلى مەنىسىمۇ دەل ئۆزى شۇ.لىكىن بۇ سۆزنى بىز ئادەمگە ئىشلەتمەيمىزغۇ دەيمەن.شۇڭا بۇنى «چەك باسقان،چەك باسىدىغان؛ئىشەنچلىك » دەپ ئالىلى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 20:00
      • «چەك باسقان،چەك باسقۇدەك»دەيمىزكەن،«ئىشەنچلىك»نى مەنچە بۇنىڭ تەرجىمىسى قىلىپ ئالمىساقمۇ بولغىدەك.
        مەسىلەن ئادەتتە بىز:
        ماندا بىر چەك باسقۇدەك گەپ قىلە؟
        چەك باسقۇدەك بىرىنى تىپىپ ئوغلىمىزنى ئۆيلەپ قويساق بولاتتى.
        ھىچبىر چەك باسقۇدەك پىكىر يوق.

        شۇڭا(6)靠谱چەك باسقان،چەك باسقۇدەك بولسۇن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 22:53
      • ئۇنداقتا 这个人靠谱吗 دېسە ، بۇ ئادەم چەك باسامدۇ دەپ تەرجىمە قىلساق چەك باسماي قالامىكى، بىز بۇنى بۇ ئادەم ئىشەنچىلىكمۇ دەپ تەرجىمە قىلىمىز.

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى am 11:12
      • ئۇ تەرجىمىنى چەك باسىدۇ دەپ قارىسىڭىز چەك باسىدۇ.这个人靠谱吗دىگەننىمۇ پەقەت «بۇ ئادەم ئىشەنچىلىكمۇ؟»دىگەن مەنىدىلا ئىشلىتىلمەيدۇ،يەنە «بۇ ئادەم بولامدۇ؟(ياخشىمۇ ناچارمۇ،يەنى چەك باسامدۇ)»دىگەن مەنىدىمۇ قوللىنىلىدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 20:29
      • «چەك باسماق»(چەك دېگەن سۆز،گىرۋەك،قىرغاق دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ،چىكى يوق دېگەنمۇ شۇنىڭدىن كىلىپ چىققان) دېگەن سۆزنى ئەسلىدە تامچىلار ئىشلىتەتتى،يەنى تام سالغاندا ئاۋال ئىككى خشنى پاراللىل ھالدا يانمۇ يان قويۇپ(بۇ يەردىكى ئىككى خشىنىڭ ئارلىقى دەل ئاشۇ خشلارنىڭ چىكى بولۇپ ھىساپنىلىدۇ) ئاندىن يەنە ئىككى خشىنى ئالدىنقى ئىككى خشنىڭ ئۈستىگە كىسىشكەن ھالدا چىكىنى باستۇرۇپ سالاتتى، بۇنداق سالغان تام مۇستەھكەم بولىدۇ، شۇڭا تامنى مۇشۇنداق سىلىش بىر قائىدە بولۇپ قالدى، كىيىن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى كىڭىيىپ بىرەر ئىش ياكى سۆز بىرەر قائىدە ياكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولسا چەك باسىدۇ، ياكى چەك باسقان دەپ قوللاندى، شۇڭا «بۇ ئادەم چەك باسىدۇ » دېسەك ، بۇ ئادەم بىرەر قائىدە ياكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن(تۇرمۇشتىمۇ ، كىتاپتىمۇ بۇنداق جۈملە يوق) دېگەن گەپ بولاپ قىلىپ گىپىمىز چەك باسماي قالىدۇ.
        ئۈستىدىكى ئىنكاسىڭزدىكى: ماندا بىر چەك باسقۇدەك گەپ قىلە دېگەن ماۋۇ جۇملە توغرا، دېمەڭ بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن گەپ قىل دەپ تەلەپ قىلۋاتىدۇ.
        ئىككىنچى :چەك باسقۇدەك بىرەيلەننى تىپىپ ئوغلىمىزنى ئۆيلەپ قويايلى(ئەگەر سىلەرنىڭ يۇرتتا چەك باسقان دېگەن سۆزنىڭ مەنىسنى تىخىمۇ كىڭەيتىپ«ئىشەنچىلىك، ياخشى» دەپ ئىشلەتكەن بولسا ئۇنى مەن بىلمەيدىكەنمەن) دېگەن ماۋۇ جۇملە خاتا،سەۋەبىنى دەپ بولدۇم.

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 23:31
      • ‏ھەئە،بىز سىز دەگەن ۋە مەن دىگەن مەنىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىشلىتىمىز.خەنزۇچە ئەسلى مەنىسىمۇ شۇ رىتسىپ ياكى مۇزىكا نوتىسىغا چۈشكەن«چەك باسقان» دىگەن گەپ

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:57
  • (15)汉考民
    han kao min
    مىللىيچە ئوقۇغانلار
    بۇ تەرجىمىنى قوللىدىم. ئەگەر «مىللىي تىللىق خەنزۇلار» دېسەك ئۇيغۇرچە ئوقىغان قازاق، قىرغىز تاجىك ياكى مۇڭغۇل … لارنىڭ ھەر بىرىگە ئايرىم سۆز ياسىساق بولىدۇ.

    (16)民考汉
    min kao han
    خەنزۇچە ئوقۇغانلار
    مۇشۇ تەرجىمە خېلى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.

    (17)民考民
    min kao min
    مىللىيچە ئوقۇغانلار
    يەنىلا مۇشۇ تەرجىمە ياخشى. « مىللىي تىللىق مىللىيلار» دېگەن تەرجىمە سەل ئۇزۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمەلىي ئىشلەتكەندە بۇ سۆزنىڭ تەرجىمىسى يەنىلا خەنزۇچە ئۇقۇغانلار دەپ چىقىدۇ. مەسىلەن، خەنزۇچە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار… دېگەندەك
    بۇ ئۈچ سۆزنىڭ تەرجىمىسىدە «كۆك دېڭىز» دېگەن تورداشمۇ توغرا گەپ قىلىپتۇ. ئۇنى قوللايمەن.

    (24) 无语 نى ئادەتتە بىر سۆز ياكى بىرخىللا ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ. تىل شارائىتىغا قاراپ «ھە….»، «بولدىلا….»، «نېمە دەي…»، «ھىم….» دېگەندەك.
    خەنزۇ تىلىدىكى بىر قىسىم سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىدا قۇشۇمچە ھالىتىدە تەرجىمە قىلىنىدۇ. شۇڭا ھە دېسىلا بىر سۆز لۇغەت مەنىسىگىلا ئېسىلىۋالماي ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىلىنىڭ تىل ئىشلىتىش ئادىتى ۋە قائىدىسىگە بويسۇنۇشىمىز كېرەك.

    ئاندىن راست (7)، (23) تىكى«ئارىلىك جىنسىي ئەزا» دېگەن سۆزدىكى «ئارىلىك» دېگەن نېمە دېگەن گەپ ؟ «ئەرلىك» دېگەن گەپمۇ يا؟…..

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 12:29
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەپەندى ۋاقتىڭىز چىقسا ئاندىروئىدنىڭ يۇقىرى نەشرىدىكى بىرەر رومىنى تەرجىمە قىلىۋەتسىڭىز شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تەرجىمە قىلساق بولاتتى ، ھازىر روم تەرجىمە قۇراللىرى ھەرخىللىشىپ كەتتى ، ۋاقىت چىقىرى پتەرجىمە قىلىپ قويغان بولسىڭىز شۇنىڭدىن پايدىلانساق ئانا تىلىمىزنىڭ ئاندىروئىددىتىكى سۈپىتى تىخىمۇ ئۆسەتتى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 12:22