قېلىپلىشىش ئالدىدىكى بىرنەچچە يېڭى ئاتالغۇلار(1) | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

قېلىپلىشىش ئالدىدىكى بىرنەچچە يېڭى ئاتالغۇلار(1)

[ ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى ئېلان قىلىنغان بىر ئايدىن بۇيان تورداشلار ئىزدەش قېتىم سانى 200 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، ئەمما تورداشلار ئىزدەپ تاپالمىغان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىزدەش قېتىم سانى بويىچە رەتلەپ، تىلچىلار ئۈندىدار سورۇنىغا تاشلىغان ئىدىم. بۇ سورۇندا پەنلەر ئاكادېمىيەسى، تىل-يېزىق كومىتېتى، ئالىي مەكتەپ، گېزىت-ژۇرنال، رادىيو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان تىلشۇناس، تەرجىمان، يازغۇچىلار توپلانغان بولۇپ، تورداشلار ئىزدەپ تاپالمىغان سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە دەسلەپكى قەدەمدە بىرلىككە كېلىندى، بۇ ئاتالغۇلار ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى(ئىزدەش نومۇرى: uighursoft_alimahat)گە قوشۇلدى. پات يېقىندا «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»گە قوشۇلماقچى، بىرقىسىم مەتبۇئاتلارمۇ شۇنداق ئاتاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، شۇڭا تورداشلارنىڭ قايتا كۆرۈپ، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ، رەھمەت!

(1)微信
wei xin
تېڭشۈن ئۈندىدارى (تېڭشۈن شىركىتى ياساپ چىققان بىر خىل ئالاقە يۇمشاق دېتالى)

(2)易信
yi xin
ۋاڭيى ئۈندىدارى (ۋاڭيى شىركىتى بىلەن جۇڭگو تېلېگىرافى ياساپ چىققان بىر خىل ئالاقە يۇمشاق دېتالى)

(3)80后
80 hou
80-يىللارنىڭ (1980-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار)

(4)90后
90 hou
90-يىللارنىڭ (1990-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار)

(5)可穿戴设备
ke chuan dai she bei
تاقالما بويۇم (كىيىم-كېچەك ياكى زىبۇ-زىننەت، كومپيۇتېر زاپچاسلىرى ۋە ئىلغار ئېلېكتىرونلۇق تېخنىكا ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ ياسالغان بىر خىل يېڭىچە بويۇم. مەسىلەن: Google شىركىتى پات يېقىندا ئېلان قىلماقچى بولغان كۆزئەينەك، ئالما شىركىتىنىڭ قول سائىتى…قاتارلىقلار)

(6)靠谱
kao pu
ئىشەنچلىك

(7)屌丝
diao ci
زەكەر، ئارىلىك جىنسىي ئەزا؛ تەلۈ، كاكاسالتاڭ (ھاقارەت سۆزى)؛ يارىماس، لىڭتاسما

(8)财付通
cai fu tong
تېڭشۈن چىقىمدانى (تېڭشۈن شىركىتىنىڭ خېرىدارلار پۇل تۆلەش سۇپىسى)

(9)牛逼
niu bi
قالتىس، نوچى؛ دەھشەت؛ ئاجايىپ يامان، كۈچتۈڭگۈر

(10)泡妞
pao niu
(قىز-چوكانلارنى) كەلتۈرۈش، قۇشلاش، ئوۋلاش

(11)装逼
zhuang bi
ياسالما؛ پوچى، قاپاق نوچى (بىلمىسىمۇ بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالدىغان كىشىلەر)

(12)傻逼
sha bi
ھاماقەت؛ كالۋا، دۆت

(13)淡定
dan ding
سالماق؛ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئۆزىنى بېسىۋېلىش

(14)机顶盒
ji ding he
TV قۇتىسى (رەقەملىك تېلېۋىزىيە سىگىنالىنى قوبۇللاش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، ئادەتتە تېلېۋىزورنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ)

(15)汉考民
han kao min
مىللىيچە ئوقۇغانلار؛ مىللىي تىللىق خەنزۇلار

(16)民考汉
min kao han
خەنزۇچە ئوقۇغانلار؛ خەنزۇ تىللىق مىللىيلار

(17)民考民
min kao min
مىللىيچە ئوقۇغانلار؛ مىللىي تىللىق مىللىيلار

(18)余额宝
yu e bao
ئەلى قالدۇقدانى (ئەلى بابا گۇرۇھىغا قاراشلىق تاۋباۋ تور سودىسى شىركىتىنىڭ خېرىدارلار قالدۇق پۇلىغا ئۆسۈم بېرىش سۇپىسى)

(19)支付宝
zhi fu bao
ئەلى چىقىمدانى (ئەلى بابا گۇرۇھىغا قاراشلىق تاۋباۋ تور سودىسى شىركىتىنىڭ خېرىدارلار پۇل تۆلەش سۇپىسى)

(20)环线快客
Huan xian kuai ke
تېزبۇس (ئايلانما يول تېز ئاپتوبۇسى)

(21)正能量
zheng neng liang
ئىجابىي كۈچ

(22) 奇葩
ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان، ئالاھىدە، ئىنتايىن

(23) 鸡巴
زەكەر، ئارلىك جىنسىي ئەزا

(24) 无语
تىمتاسلىق، جىمجىتلىق

(25) 吐槽
سۆكۈش، چاۋىسىنى چىتقا يېيىش؛ دەرد تۆكۈش

(26) 温馨
مۇلايىم، ئىللىق، يېقىشلىق؛ مېھرى ئىسسىق.

(27) 卧底
سۇقۇنماق، سۇقۇنۇپ كىرمەك؛ بۆكتۈرمە

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
155 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • 余额宝
    yu e bao
    ئەلى قالدۇقدانى (ئەلى بابا گۇرۇھىغا قاراشلىق تاۋباۋ تور سودىسى شىركىتىنىڭ خېرىدارلار قالدۇق پۇلىغا ئۆسۈم بېرىش سۇپىسى)

    ماۋۇ نەرسە خۇددى بىز بانكىغا پۇل ئامانەت قويساق ئۆسۈم بەرگەندەك ئۆسۈم بېرىدىغان نىمىكەن.مىڭ كويغا كۈندە 0.2 كوي ئۈسۈم كىلىدىكەن،ئەمما ئۆزگىرىپرەك تۇرىدىكەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى am 08:30
    • مەن ئۆسۈم دىگەنننى ئاڭلاپلا بۇ نەرسىدىن قاتتتىق يىراق تۇرمىسام بولمايدىكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. مايۈن دىگەن ئادەممۇ ئاجايىپ بىر ئىشلارنى ئويلاپ چىقىدىكەن . ھۆكۈمەتنىڭ بانكىسى بىلەن رىقابەتلىشىشكە كۆزى يەتكەن گەپ دە !!! كاپىتال بازىرى مۇشۇنداق ئوخشايدۇ .

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى am 10:15
      • ھازىر پۇلنى كىگىز پالازنىڭ ئاستىغا تىقىپ ساقلىغىلى بولمىسا يا، شىركەتنىڭ پۇلى تېخىمۇ شۇنداق.
        ================
        گۆش سودىسى قىلىدىغان ئىككى قاسساپ بار ئىدى، 10 يىلنىڭ ئالدىدا گۆشنىڭ باھاسى 10 يۈەن ئىدى، يەنە بىر قاسساپ دوستىدىن 10 مىڭ يۈەن پۇل سوراپ، 1 توننا گۆش سېتىۋېلىپ، بىرلىكتە سودا قىلدى. ئارىدىن 10 يىل ئۆتتى. گۆشنىڭ باھاسى 50 يۈەنگە چىقتى. پۇل ئالغۇچى 10 مىڭ يۈەننى دوستىغا قايتۇردى، دوستى بۇ پۇلغا يەنە گۆش سېتىۋالدى، ئەمما پۇلغا 200 كىلوگىرام گۆش كەلدى، ئۆز ۋاقتىدا 1 توننا گۆش كېلەتتى.
        ================
        80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا بىزنىڭ يۇرۇتتىن رۇسىيەگە چىقىپ سودا قىلىدىغانلار بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى يەنە بىرەيلەندىن 10 مىڭ رۇپلى پۇل سوراپ (جۇڭگو پۇلىدا 20-30 مىڭ يۈەنگە توغرا كېلەتتىكەنتۇق)، ئۇلار بىرلىكتە رۇسىيەگە بېرىپ تۇماق سېتىۋېلىپ، شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىپ ساتتى. نەچچە يىلدىن كېيىن رۇسىيە پارچىلىنىپ، پۇل پاخال بولۇپ، 10 مىڭ رۇپلى جۇڭگو پۇلىدا نەچچە يۈەنگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن دوستى ئالغان 10 مىڭ رۇپلى پۇلنى (نەچچە 10 يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر پۇلنى) ئىگىسىگە قايتۇرۇدى. پۇل بەرگۈچىنىڭ كۆڭلىگە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بىر-بىرىگە پۇل بەرمەيدىغان، ئىشەنمەيدىغان ھالەت شەكىللەندى.
        بۇنداق مەسىلىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئۆسۈم ئالسا بولمايدۇ، لېكىن مۇشۇنداق ئەھۋالدا پۇل سوراپ كەلسە، بەرگۈسى بار ئادەم قانداق قىلغاندا خاتالاشمايدۇ؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى am 11:00
      • ئالىم مۇئەللىمگە:

        بۇنداق مەسىلىلەر كۆپ كۆرۈلگەچكە،دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سودىلاردا ئالتۇن باھاسىنى قوللانغان.مەنچە بۇمۇ ياخشى ئامال.بىرسىگە قەرىز بەرگەندە مۇنچە پۇل قەرىز بەردىم،بۇ ھازىر مۇنچىلىك ئالتۇننىڭ باھاسى،پۇلنى قايتۇرغاندا مۇنچىلىك ئالتۇننىڭ پۇلىنى قايتۇرىدۇ دەپ تىلخەت بەرسە بولىدۇ،ئالتۇن باھاسىمۇ داۋالغۇيدۇ،لىكىن ئۇنچىۋالا چوڭ زىيان چىقمايدۇ.
        داداملارمۇ كوممۇنا ۋاقتىدا بىرەيلەنگە 35 يۈەن بىرىپتىكەن،شۇ چاغدا ئىككى تۇياق قوزىلىق قوينىڭ يەنى تۆت تۇياق قوينىڭ پۇلىكەنتۇق،شۇ بەرمىگەنچە مۇشۇ يىللارغا كەپتۇ،ئۇكىشىمۇ ئەمدى بىرەيمۇيە دەپ قويىدىكەن.بۇ پۇلغا يىرىم كىلو گۆش كىلىدۇ ھازىر.

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 16:51
        • بىرسىگە قەرىز بەرگەندە مۇنچە پۇل قەرىز بەردىم،بۇ ھازىر مۇنچىلىك ئالتۇننىڭ باھاسى،پۇلنى قايتۇرغاندا مۇنچىلىك ئالتۇننىڭ پۇلىنى قايتۇرىدۇ دەپ تىلخەت بەرسە بولىدۇ،
          ============
          ماقۇل 10 يىلنىڭ ئالدىدا مەن بىرسىگە 100 مىڭ يۈەن قەرىز بەردىم دەيلى، ئۇ ۋاقىتتا ئالتۇننىڭ باھاسى ھەر گىرامى 100 يۈەن ئىدى، ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ بۇ پۇلغا 1 كىلوگىرام ئالتۇن كېلىدۇ. سەن ماڭا بىر كىلوگىرام ئالتۇن كېلىدىغان پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىسەن، ئالە ماۋۇ پۇلنى دەپ بېرىپ، ئىككى تەرەپ بۇنىڭغا رازى بولۇپ تىلخەت بەردى دەيلى. 10 يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ سودىسى روناق تاپالمىدى، ئەمما ئالتۇننىڭ ھەر گىرامى 400 يۈەنگە چىقىپ كەتتى. پۇلنى قايتۇرىدىغان مۇددەت توشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 1 كىلوگىرام ئالتۇن كېلىدىغان پۇلنى يەنى 400 مىڭ يۈەن پۇلنى راسلاپ ئالدىمغا قويدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئارتۇق ئالغان 300 مىڭ يۈەن ئۆسۈم بولامدۇ-يوق؟ ئالماي دېسەم ئۆز ۋاقتىدا مەن 1 كىلو ئالتۇن كېلىدىغان پۇلنى بەرگەن ئىدىم. بولدى مەن ساڭا ئۆز ۋاقتىدا 100 مىڭ كوي بەرگەن ئىدىم، 100 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇپ بەر دېسەم، ئۇنىڭغا ئاران 250 گىرام ئالتۇن كېلىدۇ. بۇنداق مەسىلىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ قەغەز پۇلنىڭ قىممىتى ئۆسىدۇ ياكى چۈشىدۇ. پۇل دېگەن مەۋھۇم نەرسە. ماددىي بويۇم ئەمەس. لېكىن 1 كىلو ئالتۇن بېرىپ، 10 يىلدىن كېيىن يەنە 100 گىرام قوشۇپ بەر دېسە بۇ يۈزدەيۈز ئۆسۈم، جازانە بولىدۇ. ماددىي بويۇم بىلەن مەۋھۇم نەرسىنىڭ پەرقى بار. 50 يىلنىڭ ئالدىدا سودا ئالتۇن بىلەن ياكى ماددىي بويۇمنى ئۆز-ئارا تېگىشىم قىلىش ئارقىلىق بولاتتى. لېكىن ھازىر دۆلەتلەر ئارىسىدىكى قەرزلەر دوللار بويىچە بولۇۋاتىدۇ.
          شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بىرسى كۆپ پۇل سوراپ كەلسە، نېمە قىلىسەن دەپ سوراپ بېقىپ (كۆپىنچە ئەھۋالدا تىجارەتكە مەبلەغ سېلىشى مۇمكىن)، تىجارىتىگە پاي قوشۇپ، بىرلىكتە سودا قىلسا، پايدا-زىياننى نېسبەت بويىچە تەقسىملەپ بەرسە ئەڭ توغرا بولغۇدەك. شۇڭا ھازىر مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرى بىزنىڭ دىيارىمىزدىمۇ شىددەت بىلەن كۆپەيمەكتە.

          يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 18:46
      • شۇنداق مۇئەللىم ، بىراۋنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى ھەرگىزمۇ قايتۇرۇپ بولغىلى بولمايدۇ …

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 18:10
      • مايۈن ‹بانكا ئۆزى ئۆزگەرمىسە بىز بانكىنى ئۆزگەرتىمىز›دەپ پەيدا قىلغان نەرسىكەن بۇ .

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 19:14
      • شۇنداق مۇئەللىم،بۇنى يەنە ئىنىقلاپ باقىلى.لىكىن مەنچە ئىككى تەرەپ ئالتۇن باھاسىدا كىلىشىپ كىيىن ئالتۇن باھاسى بويىچە قايتۇرۇشقا كىلىشسە بۇنى ئۆسۈم دىگىلى بولماس.سىز دىگەندەك يەنە مۇنچە گىرام قىتىپ قايتۇرىسەن دىسە بۇ ئۆسۈم بولدۇ.
        پۇلنى ئالتۇنغا سۇندۇرۇپ قەرىز بىرىشنى مەن مالنى پۇلغا سۇندۇرۇپ بىرىش بىلەن باراۋەر دەپ قارايمەن.مەسىلەن بىز مالنى بىرسىگە بىرىپ بۇنىڭغا پۇل ئالىمىز،ئەمدى پۇل بىرىپ ئالتۇن ئىلىشقا كەلسەك،قەغەز پۇل دەل مال ئالتۇن بولسا پۇل. مەن مۇشۇنداق چۈشەندىم.بۇنداق بولسا بىخەتەر،ھەم ئۆسۈم ئەمەس.
        دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سودا راس دوللار بىلەن،لىكىن ھاكىمىيەتلەر ئارىسىدا ئالتۇن بىلەن قىلىدىغانلىرىمۇ ئاز ئەمەس،چۈنكى ئەينى چاغدا سوۋتنى بابلاش ئۈچۈن دوللارنىڭ كۇرسىنى بىر كۈندىلا قەستەن چۈشۈرگەن ئەھۋاللار بار،شۇڭا بەزى دۆلەتلەر ھىلىمۇ قەغەز پۇلغا ئىشەنمەيدۇ.بۇنى مەندىن ياخشى بىلىسىز دەپ قارايمەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 19:45
      • ئالتۇننىڭ مۇ باھاسى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ،بۇنداق يازسا يەنىلا ئوخشاش بولمامدۇ،پۇلنىڭ ۋاقىت قىممىتى دەپ بىر قىممەت بۇلىدۇ ،ئۆسۈم مۇشىنىڭغا ئاساسەن پەيدا بولغان.

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى am 07:38
        • بۇ يەردىكى گەپ بىرسىگە پۇل بېرىپ تۇرايلى دېسەكمۇ قايتۇرۇپ ئالالماسلىقتىن ئەمەس، بەلكى ئۆسۈم شەكىللىنىپ قېلىشتىن قورقۇۋاتقان گەپ. شۇڭا پۇلنى تىجارەتكە بىرلىكتە مەبلەغ سېلىپ، ئۆز-ئارا شېرىك بولۇپ سودا قىلىش ئەڭ توغرا ئوخشايدۇ.

          يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى am 08:59
      • پەيغەمبىرىمىز(ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن) زامانىدا ئالتۇن كۈمۈش پۇل قىلىنىپ ئىشلىتىلگەن،ئۇ ۋاقىتتا پۇل قەرىز ئالدى دىگەن گەپ ،ئالتۇن ياكى كۈمۈش قەرىز ئالدى دىگەن گەپ.ئۇ چاغدا قەرىز مۆھلىتى قانچە ئۇزۇن بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۈستىگە پۇل(يەنى ئالتۇن،كۈمۈش) قىتىپ قايتۇرىسەن دىسە بۇ ئۆسۈم يەنى جازانە ئالغان بولىدۇ.لىكىن ئەسلىدىكى ئالتۇن كۈمۈشنى قايتۇرسا بۇ جازانە بولمايدۇ.
        ئەمدى ھازىرغا كەلسەك،بىرسىگە يۈزمىڭ قەرىز بىرىش توغرا كەلسە،بىز بۇ يۈز مىڭنى ئالدى بىلەن بازارغا ئاپىرىپ 250 گىرام ئالتۇن سېتىۋىلىپ،ئۇ كىشى بىلەن 250 گىرام ئالتۇن ئۈستىدە قەرىز توختامى تۈزسە،كىيىن ئالتۇن باھاسى نىمە بولۇپ كەتسۇن يەنىلا 250 گىرام ئالتۇن قايتۇرسا بۇ جازانە ئۆسۈم بولمايدۇ،چۈنكى پەيغەمبىرىمىز زامانىدا مۇشۇنداق ئىدى،بۇنى قىلساق ئەڭ ياخشى قىلغان بولىمىز. ھەر ئىككى تەرەپ غىڭ قىلمايدۇ،ھەم رازى بولىدۇ.
        ئەمدى خوش،بۇنداق قىلساق راس ئاۋارچىلىق(«ئاۋارچىلىك»مىتى يا يېڭى ئىملادا،ھەجەپ تۇيدۇم مۇشۇنداق پەلپەتىش ئىش قىلغان كىشىدىن،بىلگەن بولسام ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قوياتتىم)،شۇڭا مەن شەخسەن ئالدى بىلەن پۇلغا ئالتۇن سېتىۋىلىپ ئاندىن نەق ئالتۇننى قەرىز بىرىشنى ناھايتى توغرا،لىكىن ئاۋارچىلىق دەپ قارايمەن،شۇڭا پۇلنى شۇ چاغدىكى ئالتۇن باھاسى بويىچە ئالتۇنغا سۇندۇرۇپ ئاندىن ئالتۇننى ۋاستە قىلىپ قەرىز ھۆججىتىنى مۇنچە گىرام ئالتۇن قەرىز ئالدىم(بەردىم)دەپ تۈزسە بولىدۇ دەپ قارايمەن،ھەم بۇنى يۇقىردا ئىسپاتلاپ ئۆتتۈم.توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈسى.

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى am 05:52
  • 24) 无语
    تىمتاسلىق، جىمجىتلىق

    ماۋۇ ‹ۋاي بولدىلا سۆزلىمەي›دىگەندەك مەنىدىكى گەپ
    卧底
    سۇقۇنماق، سۇقۇنۇپ كىرمەك؛ بۆكتۈرمە
    ماۋۇ ‹بۆكتۈرمە›ئەمەس،سۇقۇنۇپ كىرگۈچى،جاسوس دىگەن مەنىدە

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى am 08:27
  • (7)屌丝
    diao ci
    زەكەر، ئارىلىك جىنسىي ئەزا؛ تەلۈ، كاكاسالتاڭ (ھاقارەت سۆزى)؛ يارىماس، لىڭتاسما

    ماۋۇ سۆزنى كىشىلەر ئۆزىنى تۈۋەن كۈرۈپ ئاتىشىدا ئىشلىتىدۇ،گاداي،يالاڭتۆش،تېجىمەل دىگەندەك مەنىدە .شۇڭا مېنىڭچە ئەسلى مەنىسىنى ئەمەس،كۆچمە مەنىسىنى بەكرەك تەكتلىگەن ياخشى

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى am 08:25
  • (5)可穿戴设备
    بۇنى تاقالما بويۇم دەپ ئالساق بولمايدۇ،چۈنكى 设备نى بىز ھىچۋاق بويۇم دەپ ئىلىپ باقمىدۇق.شۇڭا بۇنى تاقالما ئۈسكىنە،ياكى قىسقارتىپ بىر سۆز بىلەنلا «جابدۇق» ياكى تاقالما جابدۇق دەپ ئالساق بولىدۇ. ئەمما ئاڭ مۇۋاپىقى يەنىلا «تاقالما ئۈسكىنە»،ئۈسكىنە دىگەن بىر ئىشنى قىلىشتا لازىم بولىدىغان نەرسە،ئاۋۇ گۇگىلنىڭ ئۈسكىنىسىدەك نەرسىلەر قارىماققا جابدۇق بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ شەكلى كىشىگە بىرىدىغان بىرىنجى خىل رولىدىن باشقا يەنە ئىجرائىي ئىككىلەمچى رولى بار .شۇڭا بۇلار ئۈسكىنەدۇر.ھازىر مۇشۇ بىر يەردە 设备نى بويۇم دەپ ئىلىپ قويساق كىيىن گۇگىل تەرجىماندەك ئاپتۇماتىك تەرجىمىگە يۈزلەنگەندە ۋاي ئىسىت دەيمىز.شۇڭا ھازىردىن باشلاپ دىققەت قىلايلى،ۋىندوۋىستىكى بىر نەچچە تەرجىمىنى كىيىن چوقۇم ئۆزگەرتىمىز دەپ قارايمەن مەن.شۇنىڭغا ئوخشاش دەسلەپتىلا شۇ سۆزگە بىرەر سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى بولسا شۇنى،بولمىسا ياساپ ،ئەڭ بولمىسا ئەينەن تەرجىمىسىنى ئالايلى.بۇمۇ كىيىنلىكىمىز ئۈچۈن پايدىلىق.
    (7)屌丝
    بۇ شۇ ئاشۇ تور مەنىسىدىكى 奇葩دەپ تەرىپلەنگەن ياكى باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرغاندا پايدىسىز شارائىت ۋە مۇھىتتىكى ئەرلەرگە قارىتىلغان سۆز، ئاشۇ奇葩دەپ تەرىپلەنگەننى «كاكاسالتاڭ» دىسەك بەك سەت بولسىمۇ ھەرھالدا جايىغا چۈشىدۇ،ھەم بۇ مەنىمۇ توغرا،يەنە بىزدە «لالەك»دىگەن سۆزمۇ بار .يەنە باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرغاندا پۇل-مال،شارائىت، ئابروي،چىراي جەھەتتە پايدىسىز ئورۇندا تۇرغۇچى دىگەن مەنىسىمۇ بار بۇنى «يالاڭتۆش»دەپ ئالساق بولىدۇ.
    (15)汉考民:مىللى زۇۋان
    (16)民考汉:خەنزۇۋان
    (17)民考民ئۆز زۇۋان
    مۇشۇ مۇشۇنداق ئومۇملاشسا بولارمىكى،بۇمۇ خېلى ئومۇملىشىپ قالدى.بۇنىڭ كەمسىتىش مەنىسى بار دەپ قارايدىغانلار بولىسشى مۇمكىن.لىكىن مۇشۇنداق تەرجىمىلەر بارغۇ،مەسىلەن:英国喉舌媒体BBCدىگەننى :ئەنگىلىيەنىڭ زۇۋانى بولغان BBC .دىگەندەك ئالىمىزغۇ،زۇۋانى دىگەن سۆزنىڭ كەمسىتىش مەنىسى بار دىسەك بولماس.
    (20)环线快客
    快客نى تېزبۇس دەپ ئالىلى ،بۇ دەل جايىدا.环线快客 ئايلانما(لىنىيە) تېزبۇس بولسۇن. 环线نى ئايلانما لىنىيە دەپ ئالىلى،线گە يەنە يول دەپ مەنە چىقارمايلى،线نىڭ لىنىيە دىگەن مەنىسى بۇ يەردە دەل جايىنى تاپىدۇ دەپ قارايمەن.热线دىگەننى كىيىن دېتاللىرىمىز قىززىق يول دەپ چىقىرىپ بەرمىسۇن.

    (21)正能量
    بۇنى ئىجابىي ئىنىرگىيە دەپ ئالساق،چۈنكى
    传递正能量,释放正能量,散发出正能量的感觉。
    دىگەندەك ئۇچرايدۇ،بۇلارنى «ئىجابىي كۈچ تارقىتىش،ئىجابىي كۈچ تارقاتقاندەك تۇيغۇ بىرىش» دىگىلى بولماس،چۈنكى كۈچنى تارقاتقىلى بولمايدۇ،پەقەت يەتكۈزگىلى بولىدۇ،ئەمما ئىنىرگىيەنى ھەم تارقاتقىلى ھەم يەتكۈزگىلى بولىدۇ.شۇڭا 传递正能量نى ئىجابىي كۈچ يەتكۈزۈش دىگىلى بولغان بىلەن،مۇشۇنىڭدىن باشقىسىدا كۈچ دىگىلى بولمايدۇ.بۇنى قەتئىي تۈزىتىپ «ئىجابىي ئىنىرگىيە»دەپ ئىلىش كىرەك.بولمىسا «چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش»دىگەندەك تەرجىمە بولۇپ قالىدۇ بۇمۇ.

    (22) 奇葩
    奇葩دىگەن بۇ سۆزنى سەلبىي سۆز دىسەك بولمايدۇ،بۇ سۆزنىڭ توردىكى مەنىسىلا ئاشۇنداق «يىتۈك،ئالاھىدە،ئەدەسسىز،ھۆددەس،يىگانە» دىگەندەك مەنىلەردە كىلىدۇ.لىكىن بۇ سۆز ئەسلى ئىجابىي سۆز،ھىلىمۇ ھەم ئىجابىي مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ،مەسىلەن:维吾尔十二木卡姆是人类音乐史上的一朵奇葩。ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئىنسانلار مۇزىكا تارىخىدىكى بىر گۈلتاج. دىگەندەك،بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى گۈللەر ئىچىدىكى ئەڭ يارقىنى،چىرايلىقى،ئۇزى دىگەن مەنىسى بار. شۇڭا بۇ سۆزگە ئىككى خىل مەنە بىرىش كىرەك.
    1.ئەدەبىي مەنىسى:گۈلتاج،ئۇزگۈل(ئەڭ گۈزەل گۈل)
    2.تور مەنىسى: بىگانە،يىگانە،يۈتۈك.

    (23) 鸡巴
    بۇنى زەكەر دەپ ئىلىش ئانچە توغرا ئەمەس،زەكەر دىگەن ئىلمىي نامى.خەنزۇچە ئىلمىي نامى 阴茎دەل زەكەر دىمەكتۇر. 鸡巴بولسا ئىغىزچە يەرلىك نام،بۇ يىتىلگەن زەكەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى ئادەتتە«كاكا،خايا،سۆكە»دەيمىز. 小鸡鸡نى «بۇجۇك،چوچاق»دەيمىز (龟(qiu نى بولسا ئادەم تىللاشتا ئىشلەتكەچكە ”خايا“دەيمىز.龟头نىڭ ئىلمىي ئاتىلىشى ”زەكەر بېشى“ ئىغىزچە ئاتىلىشى“كاپكۇر“،بۇ سۆز لۇغەتكە كىركۈزۈلمەپتۇ.
    مىنى بۇنچە تەپسىلىي سۆزلەپ نىمە بار ،سورىغاننى دىساڭلا بولمىدىمۇ دەپ سوراققا تارىتماڭلار،بۇ يەردە لۇغەتكە سۆز كىرگۈزۈشنىڭ گىپى بولىۋاتىدۇ،ئۇيغۇر سوفت لۇغىتىدىمۇ زاغرا تىلدىكى مەنىسى يوقكەن شۇڭا بىلگەننى يەتكۈزدۈم،كىيىن ۋاي ئىست خاتا بوپقاپتۇ دىگەندىن بىلگەننى ۋاقتىدا دەپ تۈزىتىلى دەپ ئويلىدىم.

    (24) 无语
    بۇنىڭ ئەسلى مەنىسى گەپ-سۆز قىلماسلىق،تىمتاس،جىمجىتلىق،سۈكۈت. ھازىرقى توردىكى مەنىسى ”نىمە دېيىشنى بىلەلمەي قىلىش،ئاچچىقتا ياكى ھەيرانلىقتا گەپ قىلاي دىسىمۇ دىگىلى ياكى سۈپەتلىگىلى گەپ تاپالماسلىق“ دىگەن مەنىسى بار.بۇنى يەنە ئويلايلى.دەماللىققا ئىسىمگە كەلمىدى.

    (25) 吐槽
    سۆكۈش، گەپ قويۇش(گەپ قويۇپ بېرىش)،چاۋىسىنى چىتقا يېيىش؛ دەرد تۆكۈش؛

    (26) 温馨
    بۇنىڭ ”مۇلايىم“دىگەن مەنىسى يوق.ئادەتتە
    花园里的空气一片温馨,温馨的笑容,
    温馨的家,感到很温馨
    温馨的祝愿
    ئەمما مۇلايىم دەپ مەنىسى يوق،بەلكى ئىللىق چىراي،مىھرى ئىسسىق دىگەن مەنىسى بار
    شۇڭا مۇلايىمنى چىقىرۋەتكەندە توغرا.يەنى ئىللىق، يېقىشلىق؛ مېھرى ئىسسىق.
    (27) 卧底
    بىرىنجىدىن بۇ ئىسىم،پىئىل ئەمەس.خەنچە ”当卧底“دەيدۇ,يەنى“ 卧底بولماق“دەپ ئىشلىتىدۇ،شۇڭا“سۇقۇنماق، سۇقۇنۇپ كىرمەك“دەپ پىئىل قىلىپ ئالساق ئېغىرخاتالىق بولىدۇ. بۇنى ”ئىشپىيون“ دەپ ئالساق بولمايدۇ،ھازىر 特务نى ئىشپىيون دەپ ئىلىۋاتىمىز، 间谍 ”جاسۇس“، بۇ ئىككىسى ئوموملىشىپ بولغانغۇ دەپ قارايمەن.شۇڭا“بۆكتۈرمە“دىيىش ئەڭ توغرا.埋伏نى بۇرۇندىن ”پىستىرما“دەپ ئاتاپ فىلىم تەرجىمە قىلىشتا ئوموملىشىپ بولدى دىسەك بولىدۇ.

    تۈگىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى am 05:05
    • ئاۋۇ گۇگىلنىڭ ئۈسكىنىسىدەك نەرسىلەر قارىماققا جابدۇق بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ شەكلى كىشىگە بىرىدىغان بىرىنجى خىل رولىدىن باشقا يەنە ئىجرائىي ئىككىلەمچى رولى بار .شۇڭا بۇلار ئۈسكىنەدۇر.ھازىر مۇشۇ بىر يەردە 设备نى بويۇم دەپ ئىلىپ قويساق كىيىن گۇگىل تەرجىماندەك ئاپتۇماتىك تەرجىمىگە يۈزلەنگەندە ۋاي ئىسىت دەيمىز.
      ======
      مەنمۇ شۇ قاراشتا ئىدىم، ھېلىمۇ شۇ قاراشتىن يانغىنىم يوق، ئەمما ئۇ يەردىكى تىلچىلار ئۈسكۈنە دېگەن چوڭ نەرسە، ئۇنى كىيىۋالغىلى، تاقىۋالغىلى بولمايدۇ دېدى. مېنىڭ چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ نەرسە تېگىدىن كىيىم-كېچەك ياكى زىبۇ-زىننەت بويۇملىرىغا ئېلېكتىرونلۇق ئىش قوشقان بويۇم ئىكەن، مەسىلەن: كۆزئەينەك، سائەت، بىلەيزۈك، باغىرداق )لىپتىك(،…بۇلارنىڭ ھەممىسى كىيىم-كېچەك ياكى زىبۇ-زىننەت ياكى تۇرمۇش بويۇملىرى ئىكەن، خەنزۇچىدە 设备 كەلسىلا ئۈسكۈنە دەپ تۇرىۋالمايلى دېدى.
      تەرجىمان ياسىغاندا بۇ سۆز بىرىكمىسى بويىچە كىرىدىغان بولغاچقا، سىز دېگەندەك ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ.

      ===============
      قىلايلى،ۋىندوۋىستىكى بىر نەچچە تەرجىمىنى كىيىن چوقۇم ئۆزگەرتىمىز دەپ قارايمەن مەن.شۇنىڭغا ئوخشاش دەسلەپتىلا شۇ سۆزگە بىرەر سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى بولسا شۇنى،بولمىسا ياساپ ،ئەڭ بولمىسا ئەينەن تەرجىمىسىنى ئالايلى.بۇمۇ كىيىنلىكىمىز ئۈچۈن پايدىلىق.
      ==================
      سىز Windows دىكى قايسى سۆزنى دەيسىز؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى am 09:07
      • ئۈسكىنە راس كۆپىنچە چوڭ نەرسىنى كۆرسىتىدۇ، ئەسۋاپ دەيلى دىسەك 工具بولۇپ قالىدۇ،بولمىسا بۇ كىچىك نەرسىنى كۆرسىتىدۇ،زادى بويۇم دەيلى دىسىمۇ

        مەيلى.لىكىن خاسلىق ئىپادىلىنىشى ئۈسكىنەگە يەتمەيدۇ.
        تەرجىمانغا سۆز بىرىكمىسى بويىچە كىرىدۇ دەپ ئويلىغان،لىكىن شۇ مۇشۇ سۆزلەرگە يېڭى مەنە قىتىپ قويۇشتا ئىھتىيات قىلايلى دەيمە.ئۈندىدار دىگەندەك

        خەلق ئىشلىتىپ يۈرگەن ئاتالغۇغا ئاسان،لىكىن بۇنداق ئۆزىمىز يېڭى مەنە قاتىدىغان ئىشنى ئانچە توغرا تاپمايمەن.
        ===========================
        سىز Windows دىكى قايسى سۆزنى دەيسىز؟
        =========================
        بۇنى مەن چوقۇم ئۆزگەرتىش دەپ ئېغىر ئىلىۋەتكىنىم راس،
        تۆۋەندىكىلەر:
        1.“بارلىق ۋەزىپە “ رايۇنىدا:
        ئىشەنچلىك تارىخىي ئۇچۇرىنى كۆرۈش.

        پاسسىپ سىنبەلگە(بۇنىغۇ ئۆزۈممۇ خىلى كۆنۈپ قالدىم،لىكىن ئەينى چاغدا قارا تىزىملىككە سىلىۋىتىپتىكەنمەن،ھى ھى…)

        ئالىي پىرىنتېر تەڭشەكلىرى===›› پىرىنتېر ئالىي تەڭشەكلىرى

        ئۈسكۈنە قۇشۇش،
        بۇ توغرا. لىكىن مۇشۇنىڭ يەنە بىر تەرجىمىسىدە«ئۈسكىنە قاچىلاش تەڭشەكلىرىنى ئۆزگەرتىش»دەپ ئىلىنغان،مەنچە ھەر ئىككىلىسىدە ئۈسكىنە قۇشۇش دەپ

        ئىلىنىشى كىرەك.

        يىراق ئۈستەل يۈزىنى ئىشلىتەلەيدىغان ئىشلەتكۈچى تاللاش.

        ئەمدى ئىملا،قوشۇمچە مەسىلىسى
        پارول قايتا بېكىتىش دىسكىسى قۇرۇش====››پارولنى قايتا…..
        مىھمان ھىساباتىنى ئېچىش ياكى تاقاش====››مىھمان ھىساباتى …
        تور كۆرۈش تارىخى ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىش===››….ئۇچۇرلىرىنى…

        مىنىڭكىدە يەنە بىر تالاي خەنچە كۆرىنىدىغان ئاتالغۇلار بار،ئاددىسى مائۇس «بارلىق ۋەزىپە»ئىچىدە ئاخىرقى تۆتتىن بىرى دىگۈدەك خەنچە.بۇ مىنىڭ مەسىلەممۇ

        ياكى راس شۇ تەرجىمە قىلىنمىغانمۇ؟
        مەسىلەن:
        凭据管理器
        同步中心
        存储空间



        .
        .
        .


        鼠标
        =====================
        2.خاتىرە دەپتەر
        تەھرىرلەش گۇرۇپپىسى ئىچىدە:
        كىيىنكىسى ئىزدەش==>كىيىنكىسىنى ئىزدەش(لىكىن بۇ بۇيرۇق ئىجرا بولمايدىكەن،يەنىلا شۇ ئىزدەش بۇيرۇقى ئىجرا بولۇپ تۇرىدىكەن،بۇنى نىمە

        مەسىلىكىن)
        يېنىۋىلىش==>> ياندۇرۇش،(يېنىۋىلىش پىئىل ئەمەس ئىسىم)
        =====================
        3.خاسلاشتۇرۇش
        مۇشۇ بىر بەتتە پەقەت ”ئاۋاز“نىڭ ئاستىدىكى ”Window默认“دىگەن بىر خەنزۇچە خەتلا تەرجىمىسىز قىلىپ قالغان.
        =======================
        سىستېما ۋە بىخەتەرلىك بىتى ئىچىدە
        مەشغۇلات مەركىزى دىگەن تاللاشنىڭ ئاستىدا“كومپيۇتېرىڭىز ھالىتىنى …،…. قىلىڭ“ ===>“كومپيۇتېر(ىڭىز)نىڭ….“ .بۇيەردە“نىڭ“ چۈشۈپ قالغان.

        يەنە بىر ئىككى چالا قايىل بوغان ئاتالغۇ باتتى،بۇلارنى تېزىۋالماپتىمەن.دەماللىققا ئىسىمگە كەلمىدى.ياخشى بولسۇن دەيمىز.

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 16:35
      • مۇئەللىم،(5)可穿戴设备نى «تاقالما ئۈسكىنە»دەپ ئىلىشتا چىڭ تۇرۇڭ،مەنمۇ بۇقارارغا يېنىپ كەلدىم. ئەگەردە تاقالما بۇيۇم دىسەك،بۇ نەرسىلەرنىڭ خاسلىقى قەتئىيلا ئىپادىلەنمەيدۇ.بىز بۇرۇندىلا«كۆزئەينەك،ئۈزۈك،سائەت،مۇنجاق،لىپتىك»لارنى «تاقالما بويۇم»دەپ بىلىمىزغۇ؟! ئۇنداقتا بۇ ئەسلىدىكى ھىچقانداق ئىككىلەمچى ئىجرائىي رولى بولمىغان بۇ بويۇملار بىلەن ئاۋۇ گۇگىلنىڭكىدەك ئىككىلەمچى رولى بار تاقالما بويۇملارنىڭ پەرقى يوق بولدى دىگەن گەپ.
        ئۈسكىنە چوڭ نەرسىنى كۆرسىتىدۇ دەپ مۇتلاقلاشتۈرگىلى بولمايدۇ،كىچىك ئۈسكىنىلەرمۇ بارغۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئالدىغا «تاقالما»دىگەن سۆزنى قاتتۇق،بۇ سۆزلا كىچىكرەك دىگەن مەنىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ.
        مەن يەنىلا«تاقالما ئۈسكىنە»نى قوللىدىم.

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 12:50
    • 可穿戴设备نى مېنىڭچە تاقالما بويۇم دەپ ئۇزارتىپ ئولتۇرماي، تاقالداق دېسەكمۇ بولغۇدەك. ھازىرچە بۇخىلدىكى بۇيۇملاردىن سائەت، كۆزەكلەر بولسىمۇ، بۇندىن كېيىن يەنە قانداقلىرى چىقىدۇ، بىر نەرسە دېمەك تەس. شۇڭا، سۆزنى قانچە قىسقا ئالساق شۇنچە ياخشى دەپ ئويلايمەن.
      环线快客 ئايلانما تېزبۇس مۇۋاپىقتەك قىلىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى am 11:36
  • ئالىم مۇئەللىم ، بۇ تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراي، نەچچە كۈن بورۇن قارىسام 20 نەچچە مىڭ ئىدى، ئۈندىداردا بىر ئايدەك تارقىتىلىپلا بۈگۈن قارىسام مىكروسوفت تىلفونىغا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قېتىشقا تاشلانغان بىلەت 127234 كە يتىپ بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتۈپتۇ، بىرەر خەۋىرى باردەكمۇ ؟ داۋاملىق تاشلاۋاتىمىز بىلەتنى، يەنە بىر گەپ، كۆزنەك سەككىزنىڭ ئۇيغۇرلار رايۇنىدا سېتىلىشى مىكروسوفتنىڭ مۆلچەرلىگىنىدىن ياخشى دىگەن گەپلەرنى ئاڭلىدىم، بۇ راسمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 22:19
    • مۇشۇ ئالدىنقى ئىنكاسنى يېزىشقا بەش مىنۇت كەتكەندۇ، يازغاندا 127234 ئىدى تاشلانغان بىلەت، يېزىپ بولۇپلا قارىسام 127511 بولۇپ بوپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ۋاقىت ھىسابلىدىم، ساق ئالتە مىنۇت ئىچىدە 175 دانە بىلەت كۆپىيىپتۇ، ئۈنىدىدار دىگەن ماۋۇ نەرسىنىڭ يامانلىقىغا راسلا قايىل بولدۇم بۈگۈن، ھەقىقەتەن بۇ تورۋاستىلىك تارقالغان ئۇچۇرغا سەل قاراشقا بولمايدىكەن….

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 22:30
      • مەنمۇ توردىلا بىلەت تاشلاپ كېتىۋاتىمەن، ئۈىدىداردا قانداق بىلەت تاشلايدىكەنمىز، تەپسىلىي دەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى am 08:24
    • Windows Phone Feature Suggestion Box!
      بۈگۈنكى ئاشكارە خەۋەردە مىكروسوفت شىركىتى Windows Phone ئىقتىدار تەۋسىيە تور بېكىتىگە (يەنى كۆپچىلىك نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بېلەت تاشلاۋاتقان تور بېكەتكە) چۈشكەن ئىنكاس بويىچە Windows Phone 8.1 گە مەشغۇلات مەركىزى (Action Center) ئىقتىدارىنى قوشماقچى.
      بەزى ئىشلارنى بىلمەيمەن، بەزى ئىشلارنى دېسەم بولمايدۇ، كېلىشىم بار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 22:44
      • مۇئەللىم توربىكەتنى ئاچسام باشقىچە ئېچىلۋاتىدۇ مېنىڭ تېلفونومدا شۇنداق ئېچىلدىمۇ بىلمىدىم،بىلەتنى داۋاملىق تاشلامدۇق ياكى ئەمدى بولدى قىلامدۇق.

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى am 09:08
  • 微信نى ئۈندىدار، 易信نى قۇلاي خەت دەپلا ئالساق بولماسمۇ؟ ياكى بۇ تېڭشۈن ئۈندىدارى، دىيەنشىن ئۈندىدارى دىگەنلەر ئاشۇ شىركەتلەر قوشۇلغان ئاتالغۇلارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 22:16
    • ئومۇمىي نامى: كولا
      ئوخشىمىغان 2 شىركەتنىڭ مەھسۇلاتى مۇنداق
      يۇرتۇم كولا
      زەمزەم كولا
      =============
      ئومۇمىي نامى: ئۈندىدار
      ئوخشىمىغان 2 شىركەتنىڭ مەھسۇلاتى مۇنداق
      تېڭشۈن ئۈندىدارى
      ۋاڭيى ئۈندىدارى

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 22:46
      • ھە ئەسلى مۇشۇنداق ئويلاپ قويغان ئىسىملاركەن بۇلار، چىقىمدان دىگەن ئىسىمدىن بەك رازى بولدۇم، ئىسىم بەك چىرايلىق چىقىپتۇ رەھمەت. جاپا چەكتىڭلار، سىلەردەك خەلق ئۈچۈن مېھنەتسىز جاپا چېكىۋاتقانلارنىڭ ئىككى دۇنيالىقى ياخشى بولغاي!

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 22:27
      • ئالىم مۇئەللىم، مېنىڭ پىكىرىمنى بىر يەتكۈزۈپ قويغان بولسىڭىز… كولا نى تەرجىمە قىلماي نېمىشقا ۋېيشىن ياكى يىشىن نى تەرجىمە قىلىمىز؟…. زادىلا قائىدىگە چۈشمىدىغۇ بۇ ئىشلار… ۋېيىشىن نى ئۈندىدار دەپ ئالساق، تەڭلىك دەرىجىسى بويىچە ۋاڭيى ۋېيشىنى بولۇي قىلىشى ئېنىقلا تۇرمامدۇ… ئالىم مۇئەللىم ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئىنچىكە بىر تەرەپ قىلساڭلار… جاپا چەكتىڭىز…

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 19:08
      • ۋاڭيى ئۈندىدارىنى دېمەكچى…

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 19:09
  • 1.ئۈندىدار ھەقىقەتەن ياخشى ئاتالغۇ، مۇشۇ 微信 غا ئوخشايدىغان دىتاللارنىڭ ھەممىسنى ئۈندىدار دەپ ئالساق ،پەرىقلەندۈرۈش ئۇچۇن شىركەتنىڭ ئىسمىنى قىتىپ قويساق بۇلىدىكەن ،بىراق مىنىڭچە بولسا مەقسەتلىك ھالدا مۇقىم بىر ئىسىمنى تىپىش ھاجەتسىز.مەن دىمەكچى بۇنى قەغەز لوغەتكە كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ.يەنە يۇقىردىكى بەزى ئاتالغۇلارمۇ ئوخشاش ،بىراق تور لۈغىتىگە كىرگۈزسە بۇلىدۇ،ئىككىسىنىڭ يەنىلا پەرىقى بۇلىدۇ.بۇنى مۇئەللىم سىز چۇقۇم چۈشىنىسىز.
    2.民考民 نى (ئۆز تىلىدا ئوقۇغانلار) دىسەك بۇلىدۇ.مىللىچە ئوقۇغانلار دىسەك ئۈستىدىكىسى بىلەن پەرەقسىز بۇلۇپ قالىدۇ.
    3.环线快客نى تىزبوس دەپ ئاتاپ كەينىدىكى سۆزنى تەرجىمە قىلىپ قۇيۇپتۇق.ئۇنداقتا تىز سۆرەتلىك ئاپتۇبۇسنى ئوخشاشلا تېزبۇس دەپ ئالساق بۇلىدۇ.مىنڭچە (ئايلانما لىنىيەلىك تېزبوس )دىسەك بۇلىدۇ.
    4.奇葩 بۇ دىگەن غەلىتە،غەيرى ،ئاجايىپ دىگەن سۆزگە ماس كىلىدۇ. بۇسۆز سەلبىي سۆز.
    5.无语 دىگەن ئەسلىدە بىرلا سۆز ئەمەس، بۇ بىر بىرىكمە سۆز.
    گەپ يوق ، تىلى تۇتۇلۇش، گەپسىز قىلىش دىگەن مەنىدە.
    6.吐槽 سۆكۈپ تەنقىتلەش،تىللاش دىگەن مەنىسمۇ بار.
    7.卧底 بۇسۆزنى ئىشپىيۇن دەپ ئالسا بۇلىدۇ.埋伏 نى بۆكتۈرمە دىسە مۇۋاپىق بۇلىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 21:29
    • رەھمەت سىزگە، مەن تىلچىلار سورۇنىغا بۇ پىكىرىڭىزنى يەتكۈزۈپ قوياي.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 22:53
    • 奇葩دىگەن بۇ سۆزنى سەلبىي سۆز دىسەك بولمايدۇ،بۇ سۆزنىڭ توردىكى مەنىسىلا ئاشۇنداق «يىتۈك،ئالاھىدە،ئەدەسسىز،ھۆددەس،يىگانە»دىگەندەك مەنىلەردە كىلىدۇ.لىكىن بۇ سۆز ئەسلى ئىجابىي سۆز،ھىلىمۇ ھەم ئىجابىي مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ،مەسىلەن:维吾尔十二木卡姆是人类音乐史上的一朵奇葩。ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئىنسانلار مۇزىكا تارىخىدىكى بىر گۈلتاج. دىگەندەك،بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى گۈللەر ئىچىدىكى ئەڭ يارقىنى،چىرايلىقى،ئۇزى دىگەن مەنىسى بار. شۇڭا بۇ سۆزگە ئىككى خىل مەنە بىرىش كىرەك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى am 02:55
      • 网络含义:奇特的人或事,超出常人理解,世间少有。也可以理解为:奇特的人、异于常人的人、犯二的人(的确很二的人),也可以理解为另类。

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 22:49
      • شۇنداق،بۇ سۆزنىڭ تور مەنىسى مۇشۇنداق سەلبىيراق، ئەسلى ئەدەبىي مەنىسى ئىجابىي .شۇڭا بۇنى ئىككى خىل مەنىدە تەرجىمە قىلىش كىرەك.
        1.ئەدەبىي مەنىسى: گۈلتاج،ئۇزگۈل.
        2.تور مەنىسى: بىگانە.

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى am 04:04
  • 1، 2، نى بۇنداق ئۇزۇن قىلۋىتىشنىڭ زۆرۆرىيتى بارمۇ؟ پەقەت بولمىسا شىركەت ئۆزى قويغان ئىسىمنىڭ بىرەرسىنى ئۆزلەشتۈرسەكچۇ؟ مەسىلەن ۋىچەت دىگەندەك.
    بۇنداق ئۇزۇن قىلىپ قويسا، ئوموملىشىش لۇغەتتىلا بولۇپ قالارمىكىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 20:56
    • ئادەتتە ئۈندىدار دېيىلىدۇ، لېكىن سەن قايسى ئۈندىدارنى ئىشلىتىۋاتىسەن دېسە، تېڭشۈن ئۈندىدارىنى دەپ ئېنىق دېمەكچى بولغاندا لازىم بولغۇدەك دېيىشتىغۇ. خۇددى لەغمەن يەيلى دەپ، قانداق لەغمەن دەپ سوراپ قالسا كەسكەن ياكى ئېشىپ،…دېگەندەك دېمەكچى ئوخشايدۇ. لېكىن شىركەت ئۆزى قويغان ئىسىمنى ئويلىشىپ بولغۇچە ھازىر چوڭدىن-كىچىك ھەممىسى ئۈندىدار دەپ ئادەتلىنىپ كەتتى، ئومۇملىشىپ بولغان نەرسىگە تەگمەيلى دەيدۇ، ئادەتتە ئەسكەرتىش بەرمىگەن ئەھۋالدا ھەممىسىنى ئۈندىدار دەپلا ئاتىسۇن دېمەكچى ئىكەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 21:02
  • ئۈندىدار دېسە ئادەتتە،微信 نى كۆرسىتىدۇ، 易信دېگەن نەرسىنى مەن ئىشلىتىپ باقماپتىكەنمەن، شۇڭا بىلىدىغانلار باشقا ئىسىم ئويلىشپ باقسا؛
    18 ۋە20-نى داۋاملىق ئويلىشۋاتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 20:20
    • شۇنداق، ئۈندىدار دېگەن ئاتالغۇ 微信 دىن باشلاندى، بۇنىڭغا ھەممە ئادەم كۆنۈپ كېتىپتۇ. كېيىن 易信 چىققاندا بۇنى «قولايخەت» دېيىش مۇۋاپىق بىلىنمىدى. چۈنكى بۇ 网易 شىركىتى بىلەن 中国电信 بىرلىشىپ ياسىغان نەرسە، بۇ يەردىكى 易 بولسا 网易 دىن، 信 بولسا 电信 دىن كەلگەن سۆز. شۇڭا تىلچىلار سورۇنىدىكى تىلشۇناسلار «ئۈندىدار»نى ئورتاق ئىسىم قىلىپ، ناۋادا باشقا شىركەتلەرمۇ كەلگۈسىدە شۇنداق نەرسە ياساپ قالسا شىركەت نامى بىلەن پەرقلەندۈرۈشنى، پەرقلەندۈرۈش تەلەپ قىلىنمىغان ئەھۋالدا داۋاملىق ئۈندىدار دېيىشنى مۇۋاپىق كۆردى. شۇڭا بۇ يەكۈننى مەن بىلوگىمغا يوللاپ قويدۇم، يەڭ ئىچىدە بېكىتىلىپ كەتسە ھەم بولمايدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ مەن بىر ئادەمنىڭ پىكىرى ئەمەس، مەندە ئۇنداق سالاھىيەت، بىلىم ساپامۇ يوق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى am 11:00
      • ھە ، ئەمدى بىلۋالدىم، «ئۈندىدار» نى ئورتاق ئىسىم قىلىشنى توغرا دەپ ئويلىدىم ئۇنداق بولسا، چۈنكى بۇ خەقلەر 信 دېگەن خەتنىڭ ئالدىغا خالىغان بىر خەتنى قوشۇپ ھەرخىل نەرسىلەرنى ياسىدۇق دەپ چىقىرىدىكەن، مەسىلەن:
        微信,易信,飞信,短信,长信,快信,超信
        百信,360信,金信 دېگەندەك بىرنىمىلەرنى ياسىغىلى تۇرسا ئۆزلەشتۇرۇپ بولالماي ھىرىپ كىتىمىز.

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 16:40
      • ئالدىغا شىركەت نامىنى قوشۇپ ئېلىش توغرا كەلسە يىشىن دا راستىنلا قىينىلىدىغان ئىشكەن… ۋاڭيى بىلەن جۇڭگو تېلېگرافى ئۈندىدارى دەپ …

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 22:23
        • ئېسىڭىزدە بولسۇن بۇنىمۇ ئۈندىدار دەيمىز، پەقەت ۋە پەقەت سەن قايسى ئۈنىدىدارنى ئىشلىتىۋاتىسەن دەپ سورالسا، ئېنىق يىشىن ئەمەس ۋاڭيى ئۈندىدارى بولسۇن دېيىشتۇق، ئۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت بولمىسا، ئوخشاشلا ئۈندىدار دەيمىز. ئەمەلىيەتتە ياساپ چىققىنى شۇ 网易 شىركىتى، ئۇنىڭ ئىسمى ئالدىدا ئىكەن، شۇڭا ئالدىغا ۋاڭيى قوشۇلۇپ قالدى.

          يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 23:33
  • ئاتالغۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە تىل-يېزىق كومىتىتىدىكىلەرنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ بېرىشى ئەڭ مۇھىم. مېنىڭ تىل-يېزىق كومىتىتىدىكىلەرگە،شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ، گېزىت-ژۇرنال، رادىيو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان تىلشۇناس، تەرجىمان، يازغۇچىلارغا بېرىدىغان تەكلىپىم باشقا تىلدىن تىلىمىزغا ئۆزلىشىپ كىرگەن ئاتالغۇلار ئىمكانىيەت بار ئۆز ئانا تىلىمىزدىكى سۆزلەرگە ئۆزلەشتۈرۈلسە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 20:05
    • شۇنداق بولۇۋاتىدۇ، لېكىن تىل-يېزىق ئىشلىرىدا تورنىڭ تەسىرىگە سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. ئۈندىدار دېگەن گەپنى تىل-يېزىق كومىتېتى ئاتاپ بەرمىدى، بەلكى مەلۇم تورداش توردا ماقالە ئېلان قىلىپ شۇنداق ئاتايدىغان بولدۇق دەپ بىر كېچىدىلا ئومۇملاشتۇرۇپ قويدى. جۇڭگودىن باشقا يەردە تىل-يېزىقنى بىر ئىدارە باشقۇرسۇن دەپ تاشلاپ بەرمەيدۇ، جۇڭگودىمۇ شىنجاڭدىن باشقا جايدا بۇنداق ئىدارە-يوق، مەركەزدە بۇنداق ئورۇن مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ئاستىدىكى بىر بۆلۈم.
      ====
      چەتئەللەردە، جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە (شىنجاڭدىن باشقا جايدا) لۇغەتلەرنى نەشرىيات تۈزىدۇ، ئاتالغۇنى شۇ تېخنىكىنى ئىجاد قىلغان شەخسىي شىركەتلەر ئاتايدۇ، ھازىر مىكروسوفت ھەر كۈنى 3-10 غىچە يېڭى كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئېلان قىلىۋاتىدۇ. ئىملانى كۆپۈنچە نەشرىيات بېكىتىدۇ. تىل-يېزىقنى پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەتقىق قىلىدۇ، ئاندا-ساندا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىل فاكولتېتلىرى بەزى تۈرلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئىشلەيدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 21:07
  • 8. تېڭشۈن پورتمالى

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 19:52
  • 16، 17، 18، 19 نىڭ تەرجىمىسى جايىغا چۈشمەپتۇ دەپ قارىدىم، لايىق كېلىدىغان سۆزلەرنى يەنە ئويلىشىپ يوللاپ باقاي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 19:49
  • 19. ئەلى پورتمالى

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 19:48
    • مانىڭغا باشقىلارنىڭ بولىدۇ ياكى بولمايدۇ، ۋەياكى ماندا دەيلى ئاندا دەيلى دېگەندەك ئىنكاسى چۈشمەيدۇيا، ئۆزەمنى بىر توپ قوينىڭ ئارىسىغا كىرۋالغان ئۆچكىدەپ ھىس قىلىپ قالدىم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى am 11:24
    • ‏‏ئەسلى تەرجىمە بەك ئۇز ۋە دەل جايىغا چۈشىدىغان بوپتۇ.شۇڭا جىم تۇردۇق

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 17:33
    • تېڭشۈن ئۈندىدارى، ۋاڭيى ئۈندىدارى دەپ ئاتىغاندىن كۆرە ، تېڭدىدار، ۋاڭدىدار دەپ ئاتىسا قاملاشقۇدەك

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 18:32
  • ئاخىرى يېڭىلاندى …

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 19:45
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 19:44
باھا بېتى: 1 2 3 4