«ئۇيغۇرسوفت تەربىيەلەش سىنىپى»دا چارشەنبە كۈنى دەرس باشلىنىدۇ. | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

«ئۇيغۇرسوفت تەربىيەلەش سىنىپى»دا چارشەنبە كۈنى دەرس باشلىنىدۇ.

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئەسلىدىكى پىلان بويىچە بۇ قارارلىق تەربىيەلەشكە تىزىملاش ئاخىرلاشتى. 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى (چارشەنبە) چۈشتىن بۇرۇن 8:30 دا 3-قارارلىق «ئۇيغۇرسوفت تەربىيەلەش سىنىپى»دا ئوقۇش باشلىنىدۇ. تىزىملاتقان كۇرسانتلار ۋاقتىدا كېلىپ دەرسكە قاتنىشىڭلار. كۇرسانتلارغا تېلېفون ئارقىلىق ئايرىم خەۋەر قىلىنىدۇ. بىر كۈن بۇرۇن كېلىپ، دەرس ئورنىنى كۆرۈۋالساڭلارمۇ بولىدۇ.

پۈتۈنلەي يۇقىرى سەپلىمىلىك كومپيۇتېرلار بولۇپ، Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچىلانغان.


(سىنىپ ئىچىدىن كۆرۈنۈش)

ئورنى: ئۈرۈمچى چىندىل كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھەر ئىتتىپاق يولى 1076-نومۇر.
10,60,65,70,301,920-يول ئاپتۇبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ ئوتتۇرا ئايلانما يول بىكىتىدە چۈشۈپ ئالدىڭىزغا 100مېتىر مېڭىپ قىزىل چىراقتىن ئۆتكەندىن كېيىنكى ئوڭ تەرەپ سېرىق رەڭلىك ئالتە قەۋەتلىك بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە (قوراللىق ساقچى چىگرا مۇداپىيە دوختۇرخانىسىنىڭ سول تەرەپ قىيپاش ئۇدۇلىدا).

تېلېفون: 13639972708
خەرىتىدىكى ئادرېسى:

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
51 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ئەسساللامۇئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت مۇئەلىم بۇتەربىلەش كۇرسى ھازىرمۇ ئېچىلۋاتامدۇ كۇرۇسنىڭ ئېچىلىش ۋاختى قانچىلىك ، بۇكۇرۇس يەنەئېچىلامدۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 17:44
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت ئەپەندى.مېنىڭمۇ بۇ تەربىيلەش سېنىپىدا ئوقۇغۇم باتتى.مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىگە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەرخىل كومپىيوتىر سېستىمىللىرىنى بىمالال ئىشلىتەلەيمەن .مەسىلەن win8, winxp، win7 قاتارلىقلارنى. word، excel،Photoshop، قاتارلىقلارنىمۇ ئىشلىتەلەيمەن،、ئۈستەل كومپىيوتېرى،خاتىرە كومپىيوتىرى قاتارلىقلارغا سېستىما قاچىلاش،تەڭشەش قاتارلىقلارنىمۇ بىلەن،خەنزۇتىلىنىمۇ يامان ئەمەس بىلىمەن،ئادەتتىكى كومپىيوتېر مەشغۇلات سېستىمىسى ياساشنى ئاز تولا ئۆگەنگەن.
    قانداقراق مېنىڭ سەۋىيەم بۇ سېنىپتا تەربىيەلىنىشكە سەۋىيەم توشەمدىكەن؟؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى am 11:01
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 21:40
  • بۇ سىنىپتىكى كومپيۇتېرلار پەيزىكەن، Windows8 دە ئۆتۈلىدىغان كۇرسنىڭ دىيارىمىزدا تۇنجىسى ئوخشايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 23:32
  • ئالىم ئەھەت ئاكا ………..مەن ئەنۋەر ئەھەت ئۆزۇم شايار دىن سىزدىن مەسلىھەت سوراي دىگەن سىز بىلەن ئالاقىلىشاي دىگەن مىنىڭ چ چ.1018801534

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 20:22
    • مەن ئۇنداق نەرسىلەرنى ئىشلەتمەيمەن، مەسىلەن: QQ, 360,….دېگەندەك. خەت يېزىڭ ياكى خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 21:10
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئالىم مۇئەللىم :
    مەن ھازىر ئاددىي قىلىپ قاچىلاش پىروگراممىسى ياسايدىغان دېتال ياساۋاتقان ئىدىم . لېكىن سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا يەنىلا دېگەندىگۈدەك ياخشى چىقمىدى . لېكىن نۇرغۇن جەھەتتە زور ئىلگىرلەش بولدى .

    http://pan.baidu.com/share/link?shareid=395302&uk=3458993099
    مەن vb6 دىن پايدىلانغاچقا بەزى سېستىمىلاردا نورمال ئىجرا بولمايدىكەن ، شۇڭا قايسى پىروگرامما تىلىنىڭ بۇ خىل ئەۋزەللىكىنىڭ بارلىقىنى سوراپ باقاي دېگەن . مەن ئۆزىمىزنىڭمۇ موشۇنداق مۇستەقىل قاچىلاش پىروگراممىسى ياسىيالايدىغان پىروگراممىسىنىڭ بولىشىنى ئۈمۈد قىلاتتىم . NET پىروگرامما تىللىرى ئىچىدىمۇ ھەر قانداق سېستىمىغا ماس كېلىدىغانلىرى بارمۇ ؟ مەسىلەن C++ دېگىنىمىز 6.0 نۇسخىسىنى كۆرسىتەمدۇ ؟ C دا قايسى پىروگرامما ئېچىش مۇھىتىنى تاللىسام بولىدۇ دېگەندەك …

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 13:01
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۇ كۇرۇستا تور بەت ياساش سىنىپىمۇ بارمۇ؟ ۋاقتى قانداق؟ئوقۇش پۇلىچۇ؟ تەپسىلي ئېيتىپ بەرسەڭلار، رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 19:48
باھا بېتى: 1 2 3