Win8/8.1/10 لارنىڭ خەت نۇسخىسىنى چىرايلىق قىلىش دېتالى
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]Win8/8.1/10 لارنىڭ خەت نۇسخىسىنى چىرايلىق قىلىش دېتالى
قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار،
ھەممىمىزگە مەلۇم 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى بىز تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنىپ، زور كۆپلىگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى خۇش قىلىۋەتتى. بۇ خۇشاللىقنى ئۇيغۇرسوفت شىركىتى بىزگە ئاتا قىلدى. ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە نەچچە يىلدىن بېرى يات تىلدىكى كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بىز، مانا بۈگۈنكى كۈندە ئۆز ئانا يېزىقىمىزدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ ھوزۇرىنى سۈرۈۋاتىمىز. خەنزۇچە بىلمىگەن ئەمما ئانا تىلىمىزنى بىلگەنلا كىشى بۇ ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستمىسىنى بىمالال ئىشلىتىپ كېتەلەيدىغان ھالغا كەلدى. بىزگە مۇشۇ ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان ئۇيغۇرسوفت شىركىتى ۋە ئالىم ئەھەت مۇئەللىمگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
بۈگۈن ئەنە شۇ ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ خېتىنى چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسىدىكىلەر مەخسۇس Windows8/8.1/10 لارنىڭ خېتىنى چىرايلىق قىلىدىغان يۇمشاق دېتالنى تۈزۈپ چىقتۇق.
دېتال كۆرۈنمە يۈزى:
مەزكۇر ئەپ ئاددىي، پاكىز تۈزۈلگەن بولۇپ، سىز سىستېمىڭىزنىڭ تىلىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ بولغان بولسىڭىز، مۇشۇ دېتالدىكى قايسى خەت نۇسخىسنى ياقتۇرسىڭىز شۇنى قاچىلاپ كومپيۇتېرنى بىر قېتىم تىزىمدىن چىقىرىپ (ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە قايتا قوزغىتىسىز) كىرسىڭىزلا سىستېمىڭىزدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر چىرايلىق ھالەتكە كېلىدۇ.
قاچىلاش كۆرسەتمىلىرى:
بۇ يەردىكى تاللاشقا بەلگە قويمىز.
ئەمدى ھەئەنى باسىمىز.
خەت نۇسخىسىنى قاچىلاۋاتىدۇ.
قاچىلاش تاملاندى، قايتا قوزغىتىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. (كومپيۇتېرنى تىزىمدىن چىقىرىدۇ، شۇ چاغدىلا ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز)
ئۈنۈمى كۆرۈلگەندىن كېيىنكى ھالەتلەر:
دېتالنى چۈشۈرۈش
http://www.shopurluq.com/WindowsFontsInstaller_For_Alkatip.zip
دېتال نەشرى: 1.0
دېتال تۈزگەن ئورۇن: قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
دېتال تۈزگۈچى: مۇھەممەدجان سوپۇر (Smart)
UI لايىھەسىدە: يۈسۈپجان تۇرسۇن (Kulke)
مەزكۇر دېتال ھەقسىز، سودا خاراكتېرىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دېتالنىڭ بارلىق ھوقۇقى قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسىغا تەۋە، ئىشلىتىش ھوقۇقى بارلىق ئۇيغۇرلارغا تەۋە. مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقايسى تور بېكەت ۋە ئۈندىدار سالونىدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ.
دېتالغا قارىتا تەكلىپ پىكىرلەر بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا بەرسەڭلار بولىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
2015-يىلى 31-ئاۋغۇست
- يازما كۆرۈلۈشى: 7,718 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 08-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 20:56
- ئالدىنقى يازما :Require help formulating a Eulogy?
- كېيىنكى يازما :Artcile: THE Results OF Human being Tools IN Functionality
مەن ئۇيغۇر تىلىنى سىستېما كۆرسىتىش تىلىغا تەڭشىيەلمىدىم ؟
بۇ نېمىشتۇ ؟
مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز !
مەنمۇ قاچىلاپ كومپىيوتېرنى قايتا قوزغاتسام ھىچ ئۆزگىرىش بولمىدى،خەت نۇسخىسى بۇرۇنقى پىتى تۇرىۋەردى تەجرىبىلىرىڭلارنى ئايمىغايسىزلار…
قاچىلىغاندىن كىيىن ، كۆرۈنمە تىلنى ئۇيغۇرچە قىلىپ تەڭشىمەمسىز ، تەڭشىمىسىڭىز يەنە شۇ خەنچە چىقىۋالىدۇ . سىستىما تەڭشىكىگە كىرىپ ، رايون ۋە تىل دىگەن يەردىن تەڭشەيسىز .
مەن دىتالنى قاچىلىدىم. قاچىلىنىپ بولدى دەپ خەتمۇ چىقتى. بىراق قايتا قوزغاتقاندىن كېيىنمۇ كومپىيۇتىرىمنىڭ خەتلىرىدە ھىچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى.