Win8/8.1/10 لارنىڭ خەت نۇسخىسىنى چىرايلىق قىلىش دېتالى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Win8/8.1/10 لارنىڭ خەت نۇسخىسىنى چىرايلىق قىلىش دېتالى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

Win8/8.1/10 لارنىڭ خەت نۇسخىسىنى چىرايلىق قىلىش دېتالى
قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار،

ھەممىمىزگە مەلۇم 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى بىز تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنىپ، زور كۆپلىگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى خۇش قىلىۋەتتى. بۇ خۇشاللىقنى ئۇيغۇرسوفت شىركىتى بىزگە ئاتا قىلدى. ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە نەچچە يىلدىن بېرى يات تىلدىكى كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بىز، مانا بۈگۈنكى كۈندە ئۆز ئانا يېزىقىمىزدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ ھوزۇرىنى سۈرۈۋاتىمىز. خەنزۇچە بىلمىگەن ئەمما ئانا تىلىمىزنى بىلگەنلا كىشى بۇ ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستمىسىنى بىمالال ئىشلىتىپ كېتەلەيدىغان ھالغا كەلدى. بىزگە مۇشۇ ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان ئۇيغۇرسوفت شىركىتى ۋە ئالىم ئەھەت مۇئەللىمگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
بۈگۈن ئەنە شۇ ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ خېتىنى چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسىدىكىلەر مەخسۇس Windows8/8.1/10 لارنىڭ خېتىنى چىرايلىق قىلىدىغان يۇمشاق دېتالنى تۈزۈپ چىقتۇق.
دېتال كۆرۈنمە يۈزى:

مەزكۇر ئەپ ئاددىي، پاكىز تۈزۈلگەن بولۇپ، سىز سىستېمىڭىزنىڭ تىلىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ بولغان بولسىڭىز، مۇشۇ دېتالدىكى قايسى خەت نۇسخىسنى ياقتۇرسىڭىز شۇنى قاچىلاپ كومپيۇتېرنى بىر قېتىم تىزىمدىن چىقىرىپ (ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە قايتا قوزغىتىسىز) كىرسىڭىزلا سىستېمىڭىزدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر چىرايلىق ھالەتكە كېلىدۇ.
قاچىلاش كۆرسەتمىلىرى:

بۇ يەردىكى تاللاشقا بەلگە قويمىز.

 

ئەمدى ھەئەنى باسىمىز.

خەت نۇسخىسىنى قاچىلاۋاتىدۇ.

قاچىلاش تاملاندى، قايتا قوزغىتىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. (كومپيۇتېرنى تىزىمدىن چىقىرىدۇ، شۇ چاغدىلا ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز)

ئۈنۈمى كۆرۈلگەندىن كېيىنكى ھالەتلەر:




دېتالنى چۈشۈرۈش
http://www.shopurluq.com/WindowsFontsInstaller_For_Alkatip.zip

http://www.shopurluq.com/WindowsFontsInstaller_For_Alkatip.zip

دېتال نەشرى: 1.0
دېتال تۈزگەن ئورۇن: قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
دېتال تۈزگۈچى: مۇھەممەدجان سوپۇر (Smart)
UI لايىھەسىدە: يۈسۈپجان تۇرسۇن (Kulke)

مەزكۇر دېتال ھەقسىز، سودا خاراكتېرىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دېتالنىڭ بارلىق ھوقۇقى قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسىغا تەۋە، ئىشلىتىش ھوقۇقى بارلىق ئۇيغۇرلارغا تەۋە. مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقايسى تور بېكەت ۋە ئۈندىدار سالونىدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ.
دېتالغا قارىتا تەكلىپ پىكىرلەر بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا بەرسەڭلار بولىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
2015-يىلى 31-ئاۋغۇست

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
36 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ئ‍الىم ئ‍ەھەت ئۇستاز مىكروسوفىت لۇغىتىگە ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى قۇشۇلىدۇ دەۋاتقاندەك ئاڭلىغان بۇ راسمۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى am 11:46
  • http://www.udict.cn/#
    لۇغىتىنىڭ يانفۇن نۇسخىسىنى ياسىغان بولسىڭىز ئۇستاز

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى am 11:43
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم،Windows 10 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بوپىلىقىنى Windows ئورگان بىكىتىدىن چۈشۈرگۈلى بولمىدى ،قانداق چۈشۈرىدۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى am 10:02
  • مۇشۇ ئىكران ئىنقىلىقى 1920.1080 قىلىپ خەتنىڭ چوڭ-كىچىلىكىنى 125% قىلسا خەتلەر بەكلەم غوۋا كۆرىندىكەن، 100% قىلسام خەت بەكلەم كىچىك
    كۆزۈم ئاغىرىپ ئارام بەرمىدى، بۇنىڭغا قانداق ئامال باردۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 19:46
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
    ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى (شەخسلەر نۇسخىسى ئۈچ تىللىق) ئېنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە قىسىمىنىڭ سۆزلۈك سانى http://www.udict.cn دىكى بىلەن پەرىقلىنەمدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 15:43
  • ئادەمنى خۇش قىلىدىغان ئىشلار ھەقىقەتەن كۆپ بولىۋاتىدۇ، قۇتيارلىقلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ تىخىمۇ بەرىكەت تېپىشىغا تېلەكداشمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 13:30
  • رەھمەت سىلەرگە، ئىلگىرى ئىشلەتكەنلىرىمگە سېلىشتۇرغاندىمۇ بۇ سىلەرنىڭ ئىشلىگىنىڭلار بەك ياخشى چىقىپتۇ. بولۇپمۇ ئەلكاتىپنى ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. لېكىن بىر تەكلىپ: خەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنىمۇ ئۆزگەرتىپ تەڭشىگىلى بولىدىغان ئىقتىدار قوشۇۋەتسەڭلار تېخىمۇ مۇكەممەل بولاتتى. مەن سىلەر ئىشلىگەن تېلىڧۇننىڭ خېتىنى ئۇزلاشتۇرۇش دېتالىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن. سىلەرگە رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 13:07
  • مەن قاچىلاپ ئىشلەتتىم. شۇنداق ياخشى ھەم كۆركەم ئىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى am 10:04
  • ئۇدۇن : غا ئىنكاس:
    http://qutyar.net/mb/thread-4953-1-1.html
    مۇشۇ تېما شۇ، يەنى قۇتياردا يېڭى 8 چىققاندا شۇ خەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتىپ چىقىپ ئېلان قىلغان.
    ئۇ سوئال بەلگىسى چىقىۋالغان ئەھۋاللار بەك كىچىك ئىشلار يەنى بىر قىسىم خەنزۇچە دېتاللاردا شۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ئەمما 8.1 دىن كېيىن ئۇنداق ئەھۋاللارنى مەنمۇ ئۇچراتمىدىم. ئەمما رايوندىكى Unicode نى قوللىمايدىغان تىللار دېگەن يەرنىمۇ مەجبۇرى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ قويسىڭىز ئاشۇنداق ئىشقا يولۇقىسىز. شۇ يەرگە دىققەت قىلسىڭىز ئۇنداق سوئال بەلگىسى بولۇپ قالمايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى am 08:50
  • Windows Insider Preview نۇسخىسىدا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچىلانمايدىكەن ، خەپ …

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى am 07:47
  • ئالىم مۇئەللىم مەن win10غا كۆتۈرگەندىن كىيىن ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى ئىشلىتەلمدىم.بۇ نىمە بولغىنى .ئۇيغۇرچىلا ئەمەس ئېنگىلىزچىمنىمۇ تاللىغىلى بولمايدىكەن.پەقەت بىرلا خىىل تىل بۇلىقى ئىشلىتىشكە بولىدۇ دەپ چىقىۋالدى
    中文版بولغاچقا شۇنداق بۇلامىكىن دىسەم بۇرۇن win8چېغىدا ياخشى ئىشلەيتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى am 00:46
  • مەن قاچىلاپ بولدۇم، ALKATIP UI خەت نۇسخىسىدا ناھايتى چىرايلىق چىقىدىكەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 23:13
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم
    ۋىندوۋس8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى يېڭى تارقىتىلغاندا قايسىدۇر بىر مۇنبەردىن ۋىن8 نىڭ خەت نۇسخىسىغا باسۇرۇپ قاچىلاپ خەت نۇسقىسىنى چىرايلىق قىلىش دەپ بىر تېمىنى كۆرۈپ خەت نۇسقىسىنى كۆرۈپ چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەن ئىدىم خەتلەر ھەقىقەتەنمۇ چىرايلىق بولدى لىكىن ئاز بىرقىسىم خەنزۇچە دىتال ئۇيۇنلارنى قاچىلىسام سۇراق بەلگىسى چىقىۋېلىپ خاپا سالغان كىيىن سەت بولسىمۇ ئۈزى تەمىنلىگەن خەت نۇسقىسىنى ئىشلىتىۋەرگەن ئىدىم بۇنۇڭدىمۇ شۇنداق ئىشلار بۇلارمۇ قاچىلاشتا ئىككىلىنىپ قالدىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 22:34
  • بۇ خەت نۇسخىسى ئورگان تورىدىن تەمىنلەنگە بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى ھە.
    بۇنى ياسىغۇچىنىڭ قولىغىمۇ دەرد كەلمىسۇن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 22:18
  • بىرىنجى بولۇپ مەن ئىشلەتكەن ئوخشايمەن ، سىناپ بىقىپ يەنە پىركىر يازاي .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 21:47
باھا بېتى: 1 2 3