Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلىرىغا پىكىر بېرىڭ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلىرىغا پىكىر بېرىڭ

[ ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

بەلكىم ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، Windows 8 ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى ئۇيغۇر تىلىنى قوللايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە تەرجىمىنىڭ تېخىمۇ توغرا، يەرلىكلەشتۈرۈش سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى ئۈچۈن، سىزنى Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ مۇنبىرىگە تەكلىپ قىلىمىز.

مۇھىم ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىگە قىممەتلىك تەكلىپ بېرىشىڭىزنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمىز.


Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلىرىغا پىكىر بېرىش ئۈچۈن، بۇ يەرنى چېكىڭ

=================================
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
مۇنبەر قائىدىسى بويىچە مەۋھۇم ئىسىم ياكى تەخەللۇس بىلەن تىزىملاپ كىرىسىز، ھەقىقىي ئىسىم ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئاتالغۇلارغا پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىز، ئىنگلىز تىلىدا يازىسىز. ئىنگلىز تىلىدا ئىپادىلەشتە قىينالسىڭىز، ھەرگىزمۇ google تەرجىمانىغا زىيادە ئىشىنىپ كەتمەڭ، ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ يەرگە قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ، پىدائىيلار ئۇنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويۇشى مۇمكىن. ھېچقانداق پىكىر يازمايلا، تور بېكىتىڭىزنىڭ ئۇلانمىسىنى ئېلان شەكىلدە قالدۇرماڭ. مۇنبەرگە قاتنىشىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى، ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت،…قاتارلىق كىتابلاردىكى مۇھىم نۇقتىلارنى كۆرۈپ چىقىڭ. مەسىلەن: ئىسىم، سۈپەت، پېئىل يەنە سۆز ياسىغۇچى ۋە تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار دېگەندەك. ئىنكاس يازغاندا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىدىغان ئىنكاسلارنىڭ يازسىڭىز تېخىمۇ ياخشى، ھەرگىزمۇ ئىملا، ئاتالغۇ،…جەھەتتىكى قىسمەن يېتەرسىزلىكلەرنى زورمۇ-زور تىلغا ئېلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، رەھمەت!
===========

بىرىنچى: مىكروسوفت ئاتالغۇ ئامبىرىدا، سۆز تۈركۈمى پېئىل بولغان ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىشتا، لۇغەتلەردە قېلىپلاشقان «-ماق\-مەك» شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان. مەسىلەن: دەلىللىمەك، لېكىن، ئارايۈز تەرجىمىسىدىكى تىزىملىك، كۇنۇپكىلاردا پېئىلنىڭ «-ش\-ىش\-ۇش\-ۈش» (ئىسىمداش) شەكلى قوللىنىلغان. مەسىلەن: دەلىللەش. ئۇنىڭدىن باشقا جايلاردا پېئىلنىڭ باشقا تۈرلىنىشىمۇ جانلىق ئىشلىتىلگەن.

لۇغەتلەردە پېئىللارنىڭ «-ماق\-مەك» شەكلىدە ئېلىشنىڭ سەۋەبى مانا:

(1) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى، خەمىت تۆمۈر، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى
(2) ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئاپتورى قادىر قاۋۇز، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
(3) ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت، ئاپتورى Daniel St. John، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
(4) خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
(5) ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
(6) 汉维对比词汇学, 马德元,新疆大学出版社

ئىككىنچى: مىكروسوفتنىڭ تەلىپى Windows8 نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش بولۇپ، ئاتالغۇ تەرجىمىسىدە قېلىپلاشقان، ھازىرقى زاماندا كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان ئاتالغۇلاردىن پايدىلىنىش، مۇمكىنقەدەر يېڭىدىن سۆز ئىجاد قىلماسلىق، يېڭى ئاتالغۇ ياكى يېڭى تىل ئۇسلۇبىنى Windows8 دا سىناق قىلىپ باقماسلىق، چوقۇم ئۇيغۇر تىلىدىكى قائىدىلەر ۋە يەرلىكلەشتۈرۈشتە مىكروسوفت تەلەپ قىلغان Windows8 تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبىدىكى قائىدىلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىش بولۇپ، تورداشلارنىڭ بۇ جەھەتتە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

ئۈچىنچى: ئۇلارنىڭ دېيىشىچە مۇنبەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم قائىدىسى شۇكى ئاتالغۇلارغا چۈشكەن بېلەت سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى ھەرگىزمۇ ئاخىرقى قارارغا تەڭ بولمايدىكەن، پەقەت ئىنكاسنىڭ مۇھىملىقى، ئىلمىيلىكى، پاكىتلىق بولۇشى ئاخىرقى قارار چىقىرىشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. چوقۇم ئىككىنچى قائىدىگە ئەمەل قىلغان بولسا، ئاندىن مۇنبەر مۇدىرىيىتى (بۇنى تورداشلار خەنزۇچىدىن سەھىپە باشقۇرغۇچى دەپ تەرجىمە قىلغان، بۇلار) قاراپ چىقىپ مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئاتالغۇنى بېكىتىپ قولۇپ سالىدىكەن، تورداشلارنىڭ بۇ جەھەتتە چۈشىنىشى ئۈمىد قىلىدىكەن.

تۆتىنچى: ئاتالغۇنى تۇنجى قېتىم تەرجىمە قىلىش تەس، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن يېڭى ئاتالغۇلار بار، ئەمما، ئۇنىڭغا پىكىر بەرمەك بەك ئاسان، شۇڭا، پىكىر يازغاندا پاكىتلىق مۇنازىرە قىلىڭ. مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ ئاتالغۇلار 1-2 يىل بۇرۇن بېكىتىلگەن بولۇپ، ئارايۈز تەرجىمىسى رەسمىي باشلانغاندا، ئېكران يۈزىدىكى ئورنى ۋە جۈملىگە ئاساسەن، بەزىلىرىدە ھەقىقەتەنمۇ خاتالىق بايقالغان. ئەمما، جۈملە تەرجىمىسىدە بۇ خاتالىقنىڭ ھەممىسى تۈزىتىلگەن. مەسىلەن: email كەلگەندە، ئۈستىدىكى To, From دېگەن سۆز «غا»، «دىن» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. ئەمما، ئەمەلىي تەرجىمىدە بۇ «تاپشۇرۇۋالغۇچى»، «ئەۋەتكۈچى» دەپ ئېلىنسا ئەڭ مۇۋاپىق بولغاچقا، شۇنداق ئېلىنغان، ئەمما، سۆزلۈك ئامبىرىدا ئۇ يەنىلا قوشۇمچە «غا»، «دىن» دەپ ئېلىنغان. بۇنداق مىساللار بەك كۆپ. شۇڭا، بەزىلەر ئىشنىڭ تېگىنى بىلمەي تۇرۇپ قايناپ سۆزلەپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا، چوڭ خاتالىقنى تاپتىم دەپ بايقىسىڭىز، ئالدى بىلەن مۇشۇ يەرگە يېزىڭ، 1-2 كۈنگىچە مۇۋاپىق جاۋاب ئالالمىسىڭىز، ئاۋۇ يەرگە يازسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز.

ناۋادا، قولۇپ سېلىنغان ئاتالغۇلار ئىچىدىن زور خاتالىقنى بايقاپ، ئىنكاس يازالمىسىڭىز، مۇشۇ يەرگە يېزىپ قويۇڭ. مەن چوقۇم يەتكۈزۈپ قويالايمەن. قۇلۇپنى يەنە ئېچىشقا بولۇشى مۇمكىن، لېكىن، 3-ئاينىڭ 28-كۈنى تاماملىنىدىغان بولغاچقا، كۈندە 4-5 ئاتالغۇغا قۇلۇپ سېلىنمىسا، بۇ خىزمەت بېكىتىلگەن مۆھلەت ئىچىدە تاماملانمايدۇ.

مەن ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە جەمئىي 20 كىشىگە تەكلىپنامە ئەۋەتتىم، ماڭا خەت يازغان 35 كىشى ئىچىدىن تەلەپ بويىچە تاللاپ چىقتىم. مىكروسوفت شىركىتىدىكى مەسئۇل خادىممۇ ئىلگىرى مەن تەۋسىيە قىلغان مۇشۇ ساھەدىكى 15 نوپۇزلۇق كىشىلەرگە يەنە تەكلىپ ئەۋەتتى (ئۇلارنى قاتناشماي قالمىسۇن دەپ). ئەمما، ھازىر مۇنازىرىگە قاتنىشىۋاتقانلار 80 دىن ئېشىپ كەتتى. قارىغاندا ئۇلار ئۆز-ئارا ئەۋەتىپ بۇ تەكلىپنامىنى ۋاششاڭ قىلىۋەتكەندەك قىلىدۇ. ھەتتا بىلوگلىرىغا، تور بېكەتلەرگە مەزمۇنلىرىنى ئۆزگەرتىپ، چالا تەرجىمە قىلىپ چاپلاپ قويۇپتۇ (بۇنداق قىلىش بىر ئەخلاقسىزلىق ئىدى). بۇمۇ مەيلى، كەڭ دائىرلىك پىكىر ئېلىنسا تېخىمۇ ياخشى، شۇڭا، تەلەپ بويىچە تىزىملاش كودى ئېلىۋېتىلدى.

ئەڭ ئاخىرقى تەۋسىيە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» (خەمىت تۆمۈر)، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» (3 توملۇق) كىتابنى ئوقۇپ چىقىڭ، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ھەر ۋاقىت يېنىڭىزدا بولسۇن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
121 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 3 4 5
  • مەن win8 قاچىلاي دىگەنتىم قايسى ئادىرىستىن چۈشۈرۈشنى بىلەلمىدىم
    ماڭا ياردەم قىلامسىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى am 11:10
  • مەن win8نىڭ 64 بىتلىق ئىنگىلىسچە نەشىرىنى قاچىلغانتىم.ھەممە يىرى شۇنداق ياخشى خەنزۇچە تىل بولىقىنى چۈشۈرگەندىن كىيىن بەزى خەنزۇچە دىتاللارنى قاچىلىسام خىتىنى ئوقۇغىلى بولمايدۇ.ھەرخىل بەلگىلەر چىقۋالىدۇ،سىستىمىنىڭ پۈتۈن يىرى خەنزۇچە بولدى لىكىن قاچىلغان دىتاللارنىڭ كۆپىنچىسى خىتىنى ئوقۇغىلى بولمايۋاتىدۇ.بەرى دىتاللارنىڭ ئىنگىلىسچە نەشىرىنى تاپالمىغاچقا شۇنداق بەك قىينىلۋاتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 16:42
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
    ئالىم مۇئەللىم مەن يىڭىدىن ۋىندوۋس8 سېتۋالغان ئىدىم . ھازىر قاچىلاپ ئىشىلتىۋاتىمەن ، مىنىڭ س دىسكام 30 گىگا بايىت ئىدى ، سېستىما قاچىلغاندىن كىيىن 5گىگا بايىت لا بوشلۇق قاپتۇ ، بۇ نورمالمۇ ؟ مەن خەنزۇچە سېستىما چۇشۇرگەن ، مىكروسوفىت بېتىدىن چۇشۇرگەن پاكىز سېستىمىنى چۇشۇرەلمىدىم ، مىكروسوفىت بېتىدىن ئايرىم چۇشۇرگىلى بولمىدى ؟ ياردىمىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى ئۇمىد قىلىمەن ، مەن قانداق قىلسام بۇلا .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 15:37
  • مەن ۋىندوۋس 8 نى سىتىۋىلىش ئۈچۈن،ئىناۋەت كارتىسى بولمىغاچقا پايپالغا تىزىملىتىپ قويدۇم.جىفۇباۋ ئارقىلىق نۇرغۇن نەرسە سىتىۋالغان .خىلى پىششىق بىلەتتىم .ئەمدى ماۋۇ پايپال دىگىنىمۇ ماھىيەت جەھەتتىن ،جىفۇباۋ بىلەن ئوخشاشتەك قىلىدۇ .مۇشۇنىڭ ئارقىلىق سىتىۋالساممۇ بىخەتەر بولامۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى am 01:44
  • ھەرقايسى ئايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى:
    1-ئاي:قەھرىتان.2-ئاي:ھۇد.3-ئاي:نەۋرۇز.4-ئاي:ئۈمۈد.5-ئاي:باھار.6-ئاي:سەپەر.7-ئاي:چىللە.8-ئاي:تومۇز.9-ئاي:مىزان.10-ئاي:ئوغۇز.11-ئاي:ئوغلاق.12-ئاي:كۆنەك

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى am 09:57
    • بۇنى نەدىن تاپتىڭىز؟ بىرەر پاكىت بىلەن تەمىنلەپ بېرەلەمسىز؟ مەسىلەن: قاچاندىن بېرى شۇنداق ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى am 11:09
  • 默认نى ئەسلى دىسەك 默认设置ئەسلى تەڭشىكى،默认值نى ئەسلى قىممەت دېسەك بەك مۇۋاپىق چۈشىنىشلىك بولىدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 22:58
  • Windows8 نى قانداق قاچىلايمىز چۈشەندۈرۈپ قويساڭلا

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 23:08
  • مەنغۇ سىز ئۈچۈن ھىچ بىر ئىش قىلىپ بىرەلمىدىم،پەقەت سىزنىڭ ئۇلۇق ئىشلىرىڭىزئۈچۈن، كۆڭلۈمدە ئەجەپ ياخشى بىر ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپتۇ دەپ، ئىگىمىزدىن ئاغزىمدا بولسىمۇ ئامانلىق تىلەپلا قويالىدىم،خالاس.قالايمىقان جۆيلىگەندىن سۈكۈت ئەۋزەل.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 15:48
  • سىز ھەقىقەتەن سەۋىرچان ئىكەنسىز،بىرقىسىم تورداشلىرىرىمىزنىڭ ئىنكاسلىرى خۇددى ئويۇنچۇق ئوينىغاندەكلا، ئۇلار ئۇيغۇرتىلىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىش، ئىزدىنىش ئەمەس بەلكى ئويناۋاتقاندەكلا، يولدا كىتىپ بېرىپ قەيەرگە ماڭدىڭ دەو سوئال سورىسا دۇمبەمدە بەش تاۋۇز دىگەندەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 15:44
  • favorite-نى‹ئامراقلىرىم› دىسەك قانداق…،zoom-نى ئۇ يەردىكى 100%،150%لەرگە قاراپلا ‹نىسبەت› دىسەك تازا قاملاشماسمۇ يا ؟‹نىسبەت› دىگەن ‹يەككە›نىڭ ‹ئومۇم› دا ئىگىلىگەن مىقدارى تاكى سانى .مىنىڭچە ‹ئېنىقلىق› دىسەك مۇۋاپىق چۈنكى ئۇ رەسىمنىڭ سان-سۈپىتىگە قارىتىلغان ئۇقۇم ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئۇقۇم. rotate-نىمىشقا ‹ئايلاندۇرۇش› دەپ چىڭ تۇرىۋالغانلىقىڭىزنى پەقەت چۈشەنمىدىم. sign in-گە كەلسەك، ئىشلەتكۈچى ئۆزىنى يەنە بىر ئوبيېكىتقا تىزىملىتىدۇ ، تىزىملىمايدۇ،‹مەن ئۆزۈمنى تورغا تىزىملىتىمەن› دىيىلدۇ،‹مەن ئۆزۈمنى تورغا تىزىملايمەن›ئەمەس. مۇشۇ ئۇقۇملارنى بولسىمۇ قايتا ئويلىشۇپ ئاندىن قۇلۇپلىغان بولساڭلار.رەھمەت سىلەرگە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى am 09:12
  • pinch-نى‹تارايىتماق› دەپ تەرجىمە قىلغان،مەن ‹چىمدىش› دەپ پىكىر بەرگەن، بۈگۈن بىر لوغەتتە2 -مەنە ‹ئېكىشىۋالماق›دەپ تەرجىمە قىلىنىپتۇ ،مەنىسىنى تازا بىلەلمىدىم، rotate كە كەلسەك مەن يەنىلا ‹چۆرگىلىتىش› دەپ ئېلىش تەكلىپىنى بېرىمەن،‹ئايلاندۇرۇش›نىڭ مەنىسى سەل كۆپ .zoom -نى ‹ئېنىقلىق› دىسەك بولارمۇ دىمەكچى(لىكىنزە ئەسلى مەنىسىگە تازا يېقنىلاشمىدى). ۋاقتىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 21:30
  • باشتىكى قۇلۇپلانغان ئاتالغۇلارنىمۇ يېزىپ قويغان بولسا بەكرەك ياخشى بولارىكەن…ھەي!!! مەيلى يەنە بىر-ئىككى كۈن ئىزدىنەيلۇق…..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 13:19
  • بي بەك ياخشى بوپتۇ …مەن بەك قوللديمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 14:14
  • مىكروسوفت ئاتالغۇ مۇنبىرىدىكى قۇلۇپلانغان ئاتالغۇلارغا پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلدى، ئىككى كۈنلۈك پۇرسەت بار، پىكىر بېرىڭ ياكى بېلەت تاشلاڭ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى am 07:09
باھا بېتى: 1 3 4 5