Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلىرىغا پىكىر بېرىڭ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلىرىغا پىكىر بېرىڭ

[ ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

بەلكىم ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، Windows 8 ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى ئۇيغۇر تىلىنى قوللايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە تەرجىمىنىڭ تېخىمۇ توغرا، يەرلىكلەشتۈرۈش سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى ئۈچۈن، سىزنى Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ مۇنبىرىگە تەكلىپ قىلىمىز.

مۇھىم ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىگە قىممەتلىك تەكلىپ بېرىشىڭىزنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمىز.


Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلىرىغا پىكىر بېرىش ئۈچۈن، بۇ يەرنى چېكىڭ

=================================
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
مۇنبەر قائىدىسى بويىچە مەۋھۇم ئىسىم ياكى تەخەللۇس بىلەن تىزىملاپ كىرىسىز، ھەقىقىي ئىسىم ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئاتالغۇلارغا پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىز، ئىنگلىز تىلىدا يازىسىز. ئىنگلىز تىلىدا ئىپادىلەشتە قىينالسىڭىز، ھەرگىزمۇ google تەرجىمانىغا زىيادە ئىشىنىپ كەتمەڭ، ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ يەرگە قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ، پىدائىيلار ئۇنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويۇشى مۇمكىن. ھېچقانداق پىكىر يازمايلا، تور بېكىتىڭىزنىڭ ئۇلانمىسىنى ئېلان شەكىلدە قالدۇرماڭ. مۇنبەرگە قاتنىشىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى، ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت،…قاتارلىق كىتابلاردىكى مۇھىم نۇقتىلارنى كۆرۈپ چىقىڭ. مەسىلەن: ئىسىم، سۈپەت، پېئىل يەنە سۆز ياسىغۇچى ۋە تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار دېگەندەك. ئىنكاس يازغاندا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىدىغان ئىنكاسلارنىڭ يازسىڭىز تېخىمۇ ياخشى، ھەرگىزمۇ ئىملا، ئاتالغۇ،…جەھەتتىكى قىسمەن يېتەرسىزلىكلەرنى زورمۇ-زور تىلغا ئېلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، رەھمەت!
===========

بىرىنچى: مىكروسوفت ئاتالغۇ ئامبىرىدا، سۆز تۈركۈمى پېئىل بولغان ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىشتا، لۇغەتلەردە قېلىپلاشقان «-ماق\-مەك» شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان. مەسىلەن: دەلىللىمەك، لېكىن، ئارايۈز تەرجىمىسىدىكى تىزىملىك، كۇنۇپكىلاردا پېئىلنىڭ «-ش\-ىش\-ۇش\-ۈش» (ئىسىمداش) شەكلى قوللىنىلغان. مەسىلەن: دەلىللەش. ئۇنىڭدىن باشقا جايلاردا پېئىلنىڭ باشقا تۈرلىنىشىمۇ جانلىق ئىشلىتىلگەن.

لۇغەتلەردە پېئىللارنىڭ «-ماق\-مەك» شەكلىدە ئېلىشنىڭ سەۋەبى مانا:

(1) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى، خەمىت تۆمۈر، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى
(2) ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئاپتورى قادىر قاۋۇز، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
(3) ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت، ئاپتورى Daniel St. John، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
(4) خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
(5) ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
(6) 汉维对比词汇学, 马德元,新疆大学出版社

ئىككىنچى: مىكروسوفتنىڭ تەلىپى Windows8 نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش بولۇپ، ئاتالغۇ تەرجىمىسىدە قېلىپلاشقان، ھازىرقى زاماندا كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان ئاتالغۇلاردىن پايدىلىنىش، مۇمكىنقەدەر يېڭىدىن سۆز ئىجاد قىلماسلىق، يېڭى ئاتالغۇ ياكى يېڭى تىل ئۇسلۇبىنى Windows8 دا سىناق قىلىپ باقماسلىق، چوقۇم ئۇيغۇر تىلىدىكى قائىدىلەر ۋە يەرلىكلەشتۈرۈشتە مىكروسوفت تەلەپ قىلغان Windows8 تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبىدىكى قائىدىلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىش بولۇپ، تورداشلارنىڭ بۇ جەھەتتە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

ئۈچىنچى: ئۇلارنىڭ دېيىشىچە مۇنبەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم قائىدىسى شۇكى ئاتالغۇلارغا چۈشكەن بېلەت سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى ھەرگىزمۇ ئاخىرقى قارارغا تەڭ بولمايدىكەن، پەقەت ئىنكاسنىڭ مۇھىملىقى، ئىلمىيلىكى، پاكىتلىق بولۇشى ئاخىرقى قارار چىقىرىشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. چوقۇم ئىككىنچى قائىدىگە ئەمەل قىلغان بولسا، ئاندىن مۇنبەر مۇدىرىيىتى (بۇنى تورداشلار خەنزۇچىدىن سەھىپە باشقۇرغۇچى دەپ تەرجىمە قىلغان، بۇلار) قاراپ چىقىپ مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئاتالغۇنى بېكىتىپ قولۇپ سالىدىكەن، تورداشلارنىڭ بۇ جەھەتتە چۈشىنىشى ئۈمىد قىلىدىكەن.

تۆتىنچى: ئاتالغۇنى تۇنجى قېتىم تەرجىمە قىلىش تەس، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن يېڭى ئاتالغۇلار بار، ئەمما، ئۇنىڭغا پىكىر بەرمەك بەك ئاسان، شۇڭا، پىكىر يازغاندا پاكىتلىق مۇنازىرە قىلىڭ. مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ ئاتالغۇلار 1-2 يىل بۇرۇن بېكىتىلگەن بولۇپ، ئارايۈز تەرجىمىسى رەسمىي باشلانغاندا، ئېكران يۈزىدىكى ئورنى ۋە جۈملىگە ئاساسەن، بەزىلىرىدە ھەقىقەتەنمۇ خاتالىق بايقالغان. ئەمما، جۈملە تەرجىمىسىدە بۇ خاتالىقنىڭ ھەممىسى تۈزىتىلگەن. مەسىلەن: email كەلگەندە، ئۈستىدىكى To, From دېگەن سۆز «غا»، «دىن» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. ئەمما، ئەمەلىي تەرجىمىدە بۇ «تاپشۇرۇۋالغۇچى»، «ئەۋەتكۈچى» دەپ ئېلىنسا ئەڭ مۇۋاپىق بولغاچقا، شۇنداق ئېلىنغان، ئەمما، سۆزلۈك ئامبىرىدا ئۇ يەنىلا قوشۇمچە «غا»، «دىن» دەپ ئېلىنغان. بۇنداق مىساللار بەك كۆپ. شۇڭا، بەزىلەر ئىشنىڭ تېگىنى بىلمەي تۇرۇپ قايناپ سۆزلەپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا، چوڭ خاتالىقنى تاپتىم دەپ بايقىسىڭىز، ئالدى بىلەن مۇشۇ يەرگە يېزىڭ، 1-2 كۈنگىچە مۇۋاپىق جاۋاب ئالالمىسىڭىز، ئاۋۇ يەرگە يازسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز.

ناۋادا، قولۇپ سېلىنغان ئاتالغۇلار ئىچىدىن زور خاتالىقنى بايقاپ، ئىنكاس يازالمىسىڭىز، مۇشۇ يەرگە يېزىپ قويۇڭ. مەن چوقۇم يەتكۈزۈپ قويالايمەن. قۇلۇپنى يەنە ئېچىشقا بولۇشى مۇمكىن، لېكىن، 3-ئاينىڭ 28-كۈنى تاماملىنىدىغان بولغاچقا، كۈندە 4-5 ئاتالغۇغا قۇلۇپ سېلىنمىسا، بۇ خىزمەت بېكىتىلگەن مۆھلەت ئىچىدە تاماملانمايدۇ.

مەن ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە جەمئىي 20 كىشىگە تەكلىپنامە ئەۋەتتىم، ماڭا خەت يازغان 35 كىشى ئىچىدىن تەلەپ بويىچە تاللاپ چىقتىم. مىكروسوفت شىركىتىدىكى مەسئۇل خادىممۇ ئىلگىرى مەن تەۋسىيە قىلغان مۇشۇ ساھەدىكى 15 نوپۇزلۇق كىشىلەرگە يەنە تەكلىپ ئەۋەتتى (ئۇلارنى قاتناشماي قالمىسۇن دەپ). ئەمما، ھازىر مۇنازىرىگە قاتنىشىۋاتقانلار 80 دىن ئېشىپ كەتتى. قارىغاندا ئۇلار ئۆز-ئارا ئەۋەتىپ بۇ تەكلىپنامىنى ۋاششاڭ قىلىۋەتكەندەك قىلىدۇ. ھەتتا بىلوگلىرىغا، تور بېكەتلەرگە مەزمۇنلىرىنى ئۆزگەرتىپ، چالا تەرجىمە قىلىپ چاپلاپ قويۇپتۇ (بۇنداق قىلىش بىر ئەخلاقسىزلىق ئىدى). بۇمۇ مەيلى، كەڭ دائىرلىك پىكىر ئېلىنسا تېخىمۇ ياخشى، شۇڭا، تەلەپ بويىچە تىزىملاش كودى ئېلىۋېتىلدى.

ئەڭ ئاخىرقى تەۋسىيە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» (خەمىت تۆمۈر)، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» (3 توملۇق) كىتابنى ئوقۇپ چىقىڭ، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ھەر ۋاقىت يېنىڭىزدا بولسۇن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
121 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 5
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
    ئالىم مۇئەللىم سىز ئىشلەتكەن سەزمە ئىكران ياكى سىزىمچان ئىكران قايسى ماركىدىكى ؟قانچە دىيۇم قانچە پۇلغا ئالغان.ھازىر بۇنداق ئىكرانلار خىلى قىممەت ئىكەن.10 نۇقتىنى چىكىپ تۇرۇپ مەشغۇلات قىلىش دىگەننى قانداق چۇشىنىش كىرەك؟ps دە رەسىم سىزغاندا 10 نۇقتىنى چىكىپ تارتىپ تۇرۇپ رەسىم سىزغىلى بۇلامدۇ خۇددى فانتازىيىلىك فىلىملاردەك.ياكى سىز ئىشلەتكەن ئىكران Surface لىقمۇ يا.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 14:49
  • مەن ئالىم مۇئەللىمنىڭ قارىشىغا قۇشۇلمەن ، ئۇيغۇرچە قىلدۇق دەپ بەك مۇرەككەپلەشتۈرۋەتسەك بولماس ، مىنىڭچە ئەسلى مەزمۇنىنى ئاساس قىلساق ، كىشلەر بىر قاراپ چۈشەنگۈدك بولسا
    ئاندىن كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتەلەيمىز دەپ قارايمەن ، كىشلەرنىڭ
    كۆنگەن ئادىتىنى ئاساس قىلساق مۇۋاپىق !

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 13:59
  • بەتكۈچ دېگىنى توغرا دەپ قارايمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 13:06
    • بىز بۇنداق بىرگە سۆزنى تالاشماي ئەسلىي قائىدە بۇيىچە ھەل قىلساق بولىدۇ.
      لۇغەتتە يەنە بىر سۆز بار يەنى « خەتكۈش» دەيدىغان. شۇڭا بىزمۇ بۇ سۆزنى « بەتكۈش» دەپ ئالساق مۇۋاپىق بولارمىكىن. ئىككى سۆزنى تەتقىق قىلسىمۇ قائىدە بويىچە ئاسان چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 18:16
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،
    تۈۋەندىكى سۆزلەرگە پىكىر بايان قىلىپ باقاي :
    «driver» نىڭ نۆۋەتتىكى تەرجىمىسى
    «قوزغىتىش پىروگراممىسى» دېيىلىپتۇ ، «ھەيدىگۈچ» دېسەك قانداق؟
    Software that enables hardware or peripherals (such as a printer, mouse, or keyboard) to work with your computer or
    mobile device.

    «driver»
    «قوزغىتىش پىروگراممىسى»
    پىكىرىم : «ھەيدىگۈچ»

    «store»
    «دۇكان»
    پىكىرىم : «ئامبار»

    «tab»
    «يەتكۈش»
    پىكىرىم : «بەلگە»

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى am 08:52
    • ئىلگىرى 驱动程序 نى بىز نېمە دەپ تەرجىمە قىلغان؟ ھەيدىگۈچ دەپما؟ لېكىن، مىكروسوفت نېمە بولسا شۇنى دېيىش، ئۆز ئالدىغا ئىجاد قىلماسلىق، خالىغان تىل ئۇسلۇبىنى سىناق باقماسلىق، چۈنكى Windows8 سىزنىڭ تەجرىبە قىلىپ ئوينايدىغان سىناق بويۇمىڭىز ئەمەس دەيدىكەن.
      شۇڭا، ھازىرچە قوزغىتىش پىروگراممىسى خاتا بولسا، پىكىر بەرسىڭلار بولىدۇ.

      store دېگەن شۇ دۇكان دېگەن گەپ، ئۇ يەردە بىر نەرسە كۆرگەزمە قىلىنىپ سېتىلىدۇ. ئامبار دېگەن باشقا گەپ.

      tab دېگەنمۇ بەتكۈش ئىدى ئىملادا، لېكىن بەزىلەر بەتكۈچ دەيدۇ. زادى قايسىنى ئېلىش كېرەك؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى am 10:20
    • مېنىڭچە يەنىلا “ قوزغىتىش پىروگىرىممسى “ دەپ ئاتالسا چۈشنىشلىك بولدىكەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 13:08
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
      مىنىڭچىمۇ «قوزغىتىش پروگراممىسى» دىگەن سۆز تازا ياخشى تەرجىمە قىلىنمىغاندەك، driver ۋە 驱动程序 ئىككىلىسىنىمۇ «قوزغىتىش» دىسە 启动 بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالىدىكەن، شۇڭا «ھەيدەش» سۆزى پىروگراممىنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسىنى توغرا كۆرسۈتۈپ بىرىدىكەن. ئەلۋەتتە، بۇمىنىڭ شەخسى پىكرىم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 14:00
    • مەن بايا ياخشى ئىزدىنىپ كۆرمەيلا پىكىر بايان قىلىپتىمەن ، «driver» نى 驱动程序 «قوزغىتىش پىروگراممىسى»
      دېيىش بۇرۇنلا ئۇمۇملىشىپ بولغانكەن ئەمەسمۇ . كەچۈرسىزلەر كەم ئەقىللق قىلىپ قۇيۇپتىمەن .
      «قوزغىتىش پىروگراممىسى» نى قوللايمەن ، ئۆلچەمنى خالىغانچە ئۆزگەرمەيلى .

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:45
    • ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىدا‹‹-كۈچ››سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىسى بولۇپ،ئادەتتە‹‹پىئېل+كۈچ=ئىسىم››قائىدىسى بويىچە ماڭىدۇ . مەسىلەن:سۈرت+كۈچ=سۈرتكۈچ،تەپ+كۈچ=تەپكۈچ،دېگەندەك،شۇڭا tabنى بەتكۈچ دەپ تەرجىمە قىلسا خاتالاشمايدۇ،دەپ قارايمەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 18:32
      • -غۇچ، -قۇچ، -گۈچ، -كۈچ دېگەن پېئىلغا قوشۇلۇپ ئىسىم ياسايدۇ، يازغۇچ، كۆرگۈچ، كۆرسەتكۈچ، سىزغۇچ،…..ئەمما، بۇ يەردە بولسا سۆز تومۇرى ئىسىم، يەنى خەت، بەت ھەممىسى ئىسىم، مەن تەۋسىيە قىلغان كىتابنى كۆرمەيلا ئىنكاس يېزىپسىزدە؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 21:41
  • لۇغەتلەردە مەلۇم سۆزگە ئىزاھات بىرىلىدۇ. كومپېيۇتېر ئارا يۈزىدە بولسا مەلۇم سۆزنى ئىشلىتىش ئۇ سۆزگە ئىزاھات بىرىش بولماستىن شۇ سۆز ئىپادىلىگەن كومپيۇتېر كۆرۈنمە يۈزىدىكى ئىقتىدارغا قارىلىدۇ دەپ چۈشىنىمەن. ئاز بولسىمۇ پەرقى بار، ھىسابتا سۆزگە مەنا ئىزدىمەيمىز بەلكى شۇ مەنا ئىپادىلىگەن ئىشنى قىلىمىز. يەنە بىرىگە خۇددى ئۆزىڭىزمۇ بۇرۇن دىگەندەك، ”كىرىش، ئىنكاس يىزىش، ئىملا تەكشۈرۈش“ دىگەندەك ئىسىمداش شەكلىنى قوللىنىش ئومۇملىشىپ بولغىنىغا خىلى ئۇزۇن بولدى، خەقمۇ شۇ ئومۇملىشىپ بولغان سۆزلۈكلەرنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىپتۇ.
    ئەمدى بۇنى لۇغەت ئامبىرىدا «-ماق\-مەك» ئىكەن دەپلا ئىشلىتىدىغان گەپمۇ؟ زادى بۇ ئىككى خىل پېئىلنىڭ قايسى خىل شەكلى ئىلىنىشى مۇۋاپىق سىزچە؟ باشقا مەقسىدىم يوق، پەقەتلا پىكرىڭىزنى بىلىپ باققۇم كەلدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى am 06:39
    • سىز بەكلا خاتا چۈشىنىپ قاپسىزدە، مىكروسوفت ھازىر ئاتالغۇ لۇغىتى قۇرۇۋاتىدۇ، بۇ لۇغەت بولغاچقا، بۇنىڭدا پېئىلنىڭ شەكلى لۇغەتتىكى شەكىل بويىچە ئېلىنغان. -ماق\-مەك قوشۇلغان.
      ئىنگلىز تىلىنى دېمەي تۇرايلى، خەنزۇچە لۇغەتلەرگە قاراپ باقسىڭىزمۇ پېئىللار شۇنداق تەرجىمە قىلىنغان، بۇنى ئالىم مۇئەللىم مۇنداقلا بەلگىلىۋالمىغان، ئەمما، ئارا يۈز تەرجىمىسىدە بۇ پېئىللار پۈتۈنلەي ئىسىمداش شەكىلدە يەنى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان كۆنۈپ قالغان ئادەت بويىچە كىرىش، يوللاش، ئىنكاس يېزىش، ئىملا تەكشۈرۈش دەپ ئېلىنغان.
      ================
      سىز بۇ يەردە ئاتالغۇلارنىڭ خاتا ئېلىنىپ قالغانلىرىنى بايقىسىڭىز، مەسىلەن: كومپيۇتېر دېگەننى ھارۋا دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولسا، پىكىر بەرسىڭىز بولىدۇ. توغرا دەپ قارىسىڭىز، بېلەت تاشلىسىڭىز بولىدۇ. ھېلىمۇ ئۇ يەر بەك قالايمىقان بولۇپ كەتتى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى am 10:11
  • مۇئەللىم، ياخشىمۇسىز! مەن بىر تەرجىمە قىلىپ كۆرەي ئەمىسە. ئۇخمىغان يەر بولسا يەنە ئىنكاس قالدۇرىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى am 05:24
  • يەنە ئۇنتۇپ قاپتىمەن.win8+chrome دا خەت شەكلىنى ھەممىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشىسە(يەنى يىڭى ئاشۇ 2 فونىتقا) بەزەن خەنچە تور بەتلەردە سان كىچىك چىقىپ قالىدىكەن.مەسلەن ئۇرۇمچى كەچلىك گىزىتىنىڭ خەنچە بىتى ھەم xj163.cn لار ۋە باشقىلار ،بۇ ئۇيغۇرچە خەتنىڭ مەسىلىسىمۇ ياكى chrome نىڭمۇ بىلمىدىم لىكىن ie9 ۋە 10 دا نورمال.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 20:01
  • ئالىمكا ئۇيغۇرچىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ دەپ باقاي.
    win8 دە win+i كۇنۇپكىسىنى باسسا ئوڭ تەرەپتە چىقىدىغان كوزنەكنى مائۇس ئاپارسا چىقىدىغان قىلىپتىكەن.لىكىن مائۇسنى بەك ياخشى تۇنىمامدۇ نىمە .مەن بەك قىيلىنىمەن شۇنى چىقىرىش ئۇچۇن.بەزىدە نەچچە قىتىم سىناق قىلىپ ئاندىن چىقىرىمەن شۇ كوزنەكنى مۇشۇنى بىر ئوڭشاپ قويسا بەلكىم يۇچۇق بولماسلىقى مۇمكىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 19:57
    • بۇنى سەزمە ئېكراندا ئىشلەتسىڭىز تېخىمۇ راھەت، بارماق بىلەن ئېكراننىڭ ئوڭ تەرىپىنى تاتلاپ قويسىڭىز، ئاۋۇ Windows نىڭ تۈگمىسى كۆرۈنىدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 20:47
  • 控制面板,帮助和支持مۇ ئۇيغۇرچە چىقامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 19:19
  • ئۇيغۇرچە خەت چۇڭ كۆركۆم چىقدىغان بۇلسا بىزنىڭ زامانۋىي ۋاستىلار يەنى تېلفۇن كۇمپيۇتىرلاردا ئەركىن مەشغۇلات قىلساق بىزنىڭ شۇ كۇنى كۆتۋاتقىنمىزغا بەك ئۇزۇن بۇلدى رەھمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 16:53
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئۇيغۇر تىل -يېزىقىنىڭ جۇلالىنىشى ئۈچۈن تۆھپىڭىزنى داۋاملىق قوشۇپ تۇرغايسىز. سىزگە ئۇتۇق، سالامەتلىك تىلەيمەن!
    بىر ھاجىتىم بار ئىدى، ئايفونغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزىدىغان ياكى ئۇيغۇرچە خاتىرە يازىدىغان دىتال بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 16:45
    • …… ماۋۇ يەردە ۋىندوۋىس ئارا يۈز تەرجىمىسى توغرلۇق پاراڭ بولىۋاتسا نەدىكى پاراڭنى سېلىپ قىززىق!!!!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 19:06
    • سىز ئىزدىگەن ئىككى ئەپ ئالمىنىڭ يۇمشاق دېتال بازىرىدىلا بارغۇ!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 19:38
  • بۇ ئاتالغۇلاردىكى كۆپىنچە پىئىل خارەكتىرىدىكى سۆزلەر ‹‹-ماق،مەك››شەكلىدە،ئىلىنىپ قاپتۇ،ئەسلى ‹‹-ش،-ىش››شەكلىدە بولۇشى كەرەكتىغۇ دەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 14:35
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ بىر بۆسۈش خاراكتىرلىق چوڭ ئىش. ئىشلىرىڭىزغا مۇۋاپپىقىيەت تىلەيمەن.ئېنگلىز تىلى سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا بۇ ئىشقا بىۋاستە قاتنىشالمىغانلىقمدىن ئۆكۈنىمەن. لېكىن، چامىمنىڭ يېتىشىچە ياردەمدە بولىمەن! يۇقۇرىدا دېگەنلىرىڭىزنى قوللايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 14:26
  • بلوگىڭىزنىڭ ساقايغىنى ياخشى بوپتۇ. قېنى بىر تەرجىمە سۆزلىرىنى كۆرۈپ باققاچ تۇرايلى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 13:53
  • تۇنجى بۇلۇپ باھا يېزىۋىتەي ،ئالىمكا. ئۇيغۇر مىكروسوفت ئۈچۈن كۆپ تۆھپە قوشتىڭىز ھەم قۇشۇۋاتىسز ، سىزنى قوللايمىز. مەنمۇ كۈچۈمنىڭ بېرىچە باشقا دوستلېرىمنى بۇ يەرگە باشلاپ ئەكىرىمەن.تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلېرىمىزنى ئاكتىپ قاتنىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشىقا ئۈندەيلى. تاما تاما كۆل بۇلار دەپتىكەن، خۇدايىم بۇيرىسا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغۇسى!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 13:48
باھا بېتى: 1 2 3 5