ئالىم ئەھەت تور دەرسخانىسىدا سىناق دەرس باشلاندى
[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]بۇ دەرسلەر پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، تورغا ئۇلىنىدىغان ھەرقانداق كومپيۇتېر ياكى يان تېلېفوندا ئاڭلاشقا بولىدۇ، باشقا ھېچقانداق قوشۇمچە يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش ھاجەتسىز. ھازىرچە پىروگرامما لايىھەلەشكە مۇناسىۋەتلىك ئىككى سىنىپ ئېچىلدى. ئادەم سانى جەھەتتە بۇ سىنىپنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىسى يوق، ئەمما بېكىتىلگەن مۇددەت ئىچىدە كۆرۈپ ئۆگەنمىسىڭىز، بەلكىم بۇ دەرسلەر توردىن ئۆچۈرۈلۈشى مۇمكىن، چۈنكى مەن يەنە بىرنەچچە يېڭى دەرس سۆزلەش ئۈچۈن چەكلىمىگە ئۇچرىغاچقا، كونا دەرسلەرنى توردىن ئېلىۋېتىشىم مۇمكىن، پەقەت 3 يۇلتۇز دەرىجىسىگە چىققاندا يەنە بىرنەچچە يېڭى دەرسلەرنى سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىكەنمەن. شۇڭا ۋاقتىدا ئاڭلاشقا ئادەتلىنىڭلار.
http://alim.ke.qq.com/
مەن سۆزلىگەن دەرسلىرىمنى ئەڭ سۈزۈك ھالەتتە 1080p ھالەتتە سىنغا ئېلىۋاتىمەن، ئاۋازىمنىمۇ ئەڭ سۈپەتلىك ئۈنگە ئېلىۋاتىمەن. ئەمما QQ دەرسخانىسىغا يوللىغاندا، سىننىڭ سۈپىتىنى 720p گە چۈشۈرۈۋېتىدىكەن. ناۋادا كومپيۇتېردا كۆرمەكچى بولساڭلار ئەڭ سۈزۈك ھالەتتە كۆرسەڭلار تىزىملىكتىكى خەتلەر ئېنىق چىقىدۇ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,936 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 09-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 19:00
- ئالدىنقى يازما :DISCOURSE Examination IN INTERACTIONAL SOCIOLINGUISTICS. Talk over.
- كېيىنكى يازما :Vibrant United states men and women are at risk of sacrificing their day-to-day lives on a regular basis simply because of weapon abuse
ئەسسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت ئاكا ياخشىمۇسىز !
مەن ئاۋال بۇيەردە بىر مىللەتنىڭ كومپيۇتېردىن ئىبارەت بۇنەرسىگە ئۇيغۇرچە تۇنۇتقانلىقىڭىزدىن مەن بەك خۇرسانمەن (باشقىلىرمۇ بارغۇ) مەنمۇ ھەم سىزدەك كومپيۇتېرغا قىززىقۇچىلاردىنمەن ئەمدى گەپنىڭ نەق يېرىگە كەلسەم سىز ئۈندىداردىمۇ لۇغەت قۇرۇپسىز بۇلارنى كۆرۈپ ئىنتايىن سۆيۈندۇم، مەن مۇشۇنداق خىياللارنى سۈرۈۋېتىپ سىزنى ‹‹بۇئىشلارنى قىلغىچە قانچىلىك جاپا تارتقاندۇ؟ ›› مۇشۇنداق كېتىۋەرسە سالامەتلىكدىن مەسلە چىقىپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەپمۇ قالدىم ، شۇڭا مەنمۇ قولۇمدىن كېلشچە بىر ئىشلارنى قىلشىپ بېرىشنى ئويلاپ قالدىم ، بەلكىم مىنڭ سەۋيەم بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمىسمۇ لۇغەتنىڭ سۆزلۈك قىسمنى كېڭەيتىش دىگەندەك قىلالغان ئىشىمغچە سىلەرگە ئىشتىن سىرىتقى ياردەم قىلىشىنى ئويلاپ قالدىم . بۇنىڭ ئۈچۈن مەنسىزدىن ھېچقانداق ھەق ئالمايمەن .مەنمۇ مىللتىم ئۈچۈن شۇنچىلىك بىرئىش قىلىپ بېرەلسەم ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ھېس قىلغان بولاتتىم .
رەھمەت، لۇغىتىمىزنى كېڭەيتىش ئۈچۈن كۈچ چىقارماقچى بولغانلىقىڭىزدىن خۇشال بولدۇم، ئۇنداقتا يېڭى ئاتالغۇ ياكى تەرجىمىسىنى بايقىغاندا لۇغىتىمىزگە قوشۇۋەتسىڭىز بولىدۇ.
مەسىلەن: تۆۋەندىكى شەكىلدە ئەۋەتسىڭىز، ئامبارغا ئۆزلۈكىدىن قوشۇلىدۇ.
ئاتالغۇ@تەرجىمىسى
رەسمىي دەرس قاچان باشلىناركىن دەپ تاقىتىم تاق بولۇپ كەتتى. vs2015 نى ئېچىپ كودلارنى يېزىپ كەتتىم. مەن كود دەپ يازغانلارنى تۇنۇمايدىكەن.
مەن بىرنەچچە دەرسلەرنى سۆزلىدىم، ئەمما تېڭشۈن دەرسخانىسى بايراملىق دەم ئالغاچقا تەستىقلىماپتۇ، مېنىڭچە مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ نورماللىشىدۇ، شۇ چاغدا باشلاشنى پىلان قىلىۋاتىمەن،
ماتېماتكا، فىزىكا دەرىسلىرىنىمۇ سۆزلىسىڭىز ئىش باشقىچە بولغىدەك، ئالى مەكتەپتە ئوقۇيالمىغانلار شۇ بانىدا نۇرغۇنلىغان بىلىملەردىن بەھرىمان بولۇپ، پىرگراممىر بۇلۇش ئۈچۈن ياخشى ھۇل ھازىرلىۋالغىدەكمىز .
ھارمىغايسىز ! دىققىتىمىز ھەرۋاقىت سىزنىڭ دەرىسخانىڭىزدا بولىدۇ. سىز ھارمىسىڭىز بىز ئۆگنىپ قانمايمىز !