چوڭ مەلۇمات يادرولۇق تېخنىكىسىدىن ساۋات (1) | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

چوڭ مەلۇمات يادرولۇق تېخنىكىسىدىن ساۋات (1)

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

تۆتىنچى نۆۋەتلىك بۇ يىغىنمۇ يەلتاپان شىركىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ياخشى ئۆتكۈزۈلدى، ئەمما چۈشتىن كېيىنكى يىغىندا ئوتتۇرغا قويۇلغان تېمىلار بىرقەدەر كۆپ بولغاچقا، بىرقىسىم قاتناشقۇچىلار سوئال سوراش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى، مەنمۇ تېخىمۇ كۆپ نەرسىنى چۈشەندۈرمەكچى بولغان ئىدىم، كۆپچىلىكنىڭ مەندىن سوراش مۇمكىن بولغان سوئاللىرىنى قېزىپ، مۇشۇ يەردە بولسىمۇ جاۋاب بېرەي دەپ ئويلىدىم.

چوڭ مەلۇمات (大数据 big data) دېگىنىمىز ئۇچۇر مىقدارى زىيادە چوڭ، مەلۇمات تىپى خىلمۇخىل بولغان مەلۇمات توپلامى بولۇپ، بۇنداق ئۇچۇر توپلامىنى ئەنئەنىۋى ساندان باشقۇرۇش قوراللىرىدا ساقلاپ، بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇچۇر مىقدارىدىكى ئۆلچەم ئوخشىمايدۇ، ئادەتتە 10TB يۇقىرى بولسا چوڭ مەلۇمات دېسەك ئانچە خاتالاشمايمىز. چوڭ مەلۇمات دەۋرىدە يادرولۇق تېخنىكىلار مەلۇمات قېزىش (数据挖掘 data mining بۇنى يەنە سانداندىن بىلىم بايقاش دەپمۇ ئاتايدۇ) ۋە ماشىنىغا ئۆگىتىش (机器学习 machine learning) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

سوئال: ئالىم مۇئەللىم، نېمە ئۈچۈن چوڭ مەلۇماتنى قازىمىز؟
ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان بىز ياشاۋاتقان دەۋردە ئۆزگىرىش زور بولۇۋاتىدۇ،
big1
بولۇپمۇ كۆچمە ئىنتېرنېت ئومۇملاشقاندىن بۇيان ئۇچۇر مىقدارى شىددەت بىلەن زورىيىۋاتىدۇ، ئۆز-ئارا يەتكۈزۈش سۈرئىتىمۇ ئىنتايىن تېز بولۇۋاتىدۇ. ئۇچۇر كۆپ خىللىشىپ يېزىق ئۇچۇرلىرىدىن باشقا ئۈن، سىن ۋە سۈرەت ئۇچۇرلارغا كۆپىيىۋاتىدۇ، ئىنسانلار جەمئىيىتى چوڭ مەلۇمات دەۋرىگە قەدەم قويدى. چوڭ مەلۇماتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن قىممەتلىك، پايدىلىق ئۇچۇرلارنى قېزىش كېرەك. ئەمما ئىشلىتىدىغان قوراللىرىمىزدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئىدىيەدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ.

ئىنسانلار جەمئىيىتى تۆۋەندىكىدەك دەۋرلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، چوڭ مەلۇمات دەۋرىگە قەدەم باستى.
ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى دەۋرى (ھەرخىل زاۋۇت، ئۈسكۈنە ۋە ئىشچىلار)
كاپىتال دەۋرى (پۇل، مەبلەغ،…)
ئەقلىي قابىلىيەت دەۋرى (ئىدىيە، تەپەككۇر،….)
چوڭ مەلۇمات دەۋرى (چوڭ مەلۇمات دەۋرىدە ئۇچۇرلارنى ئۈنۈملۈك قازالىسىڭىز، يۇقىرىدىكى ھەممە نەرسە ئاسانلا ھەل بولىدۇ )
big2
Twitter (بىرخىل پاراڭلىشىش دېتالى)دىكى ئۇچۇر 170 مىليارد بولۇپ، 133TB كېلىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇچۇرلار 40ZB كېلىدۇ. بۇ دېگەنلىك 40 مىليارد TB غا توغرا كېلىدۇ (ھازىر ئائىلىلەردە ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دىسكىسىنىڭ سىغىمى 1TB~2TB ئەتراپىدە). بەيدۇنىڭ ئىزدەش رامكىسىغا كىرگۈزىدىغان (يېزىق) ئۇچۇرنىڭ كۈندىلىك مىقدارى 2TB كېلىدۇ.

سوئال: چوڭ مەلۇمات دەۋرىدە ئۇچۇرلارنى قەيەرگە، قانداق ساقلايمىز؟
ئادەتتە ئۇچۇرلارنى كومپيۇتېرىمىزنىڭ قاتتىق دىسكىسىغا ساقلايتۇق، شۇنىڭغا ئوخشاش ئائىلىلەردە توڭلاتقۇغا گۆش،كۆكتاتلارنى ساقلاپ، لازىم بولغاندا ئىشلىتەتتۇق. ئەمما بىر كالىنىڭ گۆشى ئائىلىلەردىكى توڭلاتقۇغا پاتمايدۇ. پىلنىڭ گۆشى تېخىمۇ پاتمايدۇ (دىققەت، پىلنى يەيمىز دېمىدىم). ئۇنداقتا ئۇنى پارچىلاپ، نۇرغۇن توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلايمىز. چوڭ مەلۇمات دەۋرىدە ئۇچۇر ساقلاش شەكلىدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ يەنى ئۇنى نۇرغۇن بۆلەكلەرگە پارچىلاپ، ئىنتېرنېتكە ئۇلانغان مۇلازىمىتېرلارغا ساقلايمىز. ھازىر Google, بەيدۇ، تېڭشۈن،…دېگەندەك شىركەتلەر ھەپتىدە نەچچە يۈز مۇلازىمىتېرنى كۆپەيتىش ياكى ئۇلارنىڭ ئۇچۇر ساقلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن ئىنتايىن ئالدىراش بولماقتا.

big3 big4

 

سوئال: ئالىم مۇئەللىم، مەلۇمات چوڭ بولسىلا چوڭ مەلۇمات دەمدۇق؟ مەلۇمات راستتىنلا بايلىقمۇ؟

چوڭ مەلۇماتنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۇچۇر مىقدارىنىڭ كۆپ بولۇشى، ئېقىۋاتقان ئۇچۇرنىڭ سۈرئىتى تېز بولۇشى، ئۇچۇرنىڭ كۆپ خىل بولۇشى ۋە قىممەتلىك بولۇشى،…قاتارلىقلار ئۇنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىدۇر، شۇڭا بىرنەچچە جەھەتتىن چوڭ، تېز، كۆپ،…بولغاندا ئاندىن چوڭ مەلۇمات دەيمىز. مەلۇمات ھەقىقەتەن بايلىق، بايلىق بولغاندىمۇ يادرولۇق بايلىق. ئەمما ئۇنىڭ چوڭ بولۇشىدىن ئۇنى قېزىپ، پايدىلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش تېخىمۇ مۇھىمدۇر. بولمىسا «گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونۇمىساڭ نە پايدا» دېگەندەك بولىدۇ.

سوئال: ئالىم مۇئەللىم، چوڭ مەلۇماتنىڭ قوللىنىشىنى مىسال ئارقىلىق سۆزلەپ بەرسىڭىز؟
بۇ ھازىر ھەممە ساھەلەردە قوللىنىۋاتىدۇ، مەن ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى بېشىمدىن ئۆتكەن ئەڭ كىچىك مىسالدىن بىرنى سۆزلەپ بېرەي.

تورداشلارغا مەلۇم جىڭدوڭ تورىدا نۇرغۇن ماللار سېتىلىدۇ، جىڭدوڭ تورىدىكىلەر سانداندىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن مال ئەڭ كۆپ  سېتىلىۋاتقان شەھەرلەر ۋە ماللارنى ناھايىتى ئوڭايلا ھېسابلاپ چىقالايدۇ، شۇڭا ھازىر جىڭدوڭ تورى ئۆزىدىن ئەڭ كۆپ مال ئېلىۋاتقان خېرىدارلار تۇرۇۋاتقان شەھەرلەرگە ئىسكىلات قۇرۇپ، ئەڭ كۆپ سېتىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنى ئالدىنئالا تەييارلاپ قويدى.

مەسىلەن: جىڭدوڭ تورىدا ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكىلەر ھەركۈنى 100 دانە ئايفون (iPhone) سېتىۋالغان بولسا، جىڭدوڭ تورى تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئىجارىسى ئەرزان ھەم قاتنىشى قولاي ئورۇنغا كىچىك دۇكان قۇرۇپ، ھەركۈنى 80-100 گىچە ئايفوننى شۇ ئىسكىلاتقا يۆتكەيدۇ. سىز مال سېتىۋالغان ھامان بىرنەچچە سائەتكە قالماي قولىڭىزغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. شۇڭا جىڭدوڭ تورىدىن مال ئالسىڭىز، جىڭدوڭ يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ماللارنى تاللاڭ. چوڭ شەھەرلەردە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 دىن ئىلگىرى مال ئالسىڭىز، چۈشتىن كېيىن 4:00 كىچە ئۆيىڭىزگە يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. بۇ قېتىم بېيجىڭغا بارغاندا چوڭ مەلۇماتتىكى يادرولۇق تېخنىكىلارنى ئۆگىنىپ كەلدىم، دەرس ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىشتا تېلېفونۇم بىلەن جىڭدوڭ تورىدىن ساقال ئالغۇچ ۋە تىغ سېتىۋالدىم، چۈشتىن كېيىن دەرستىن چۈشكىچە قولۇمغا يەتكۈزۈپ بەردى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن كەررېفور تاللا بازىرىغا كىرىپ قالدىم، شۇ يەردىكى باھاغا سېلىشتۇرۇپ باقسام 10 يۈەن ئەرزان سېتىۋاپتىمەن ھەم دەرسىمگە تەسىر يەتمىدى. دېمەك بۇنداق ئەھۋاللاردا مەن ئەلۋەتتە جىڭدوڭ تورىدىن مال ئالىمەن. قاچان خېرىدار كېلەر دەپ كۈتۈپ ئولتۇرۇپ دۇكان ئاچىدىغان ئىش ئاساسەن تۈگەيدۇ ئەمدى. دېمەكچى بولغىنىم دۇكىنىڭىزنى قايتۇرۇۋېتىڭ دېمىدىم، بۇنى تور سودىسى بىلەن مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈڭ، دۇكىنىڭىزنىڭ سودىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى قېزىپ چىقىڭ. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى چاغلاردا ئۆزىڭىزنىڭ كۈندىلىك رىزقىڭىزنى ھېسابلاپ كۆرۈڭ.

سوئال: ئالىم مۇئەللىم، ئۆزىڭىزدە بار بولغان ئۇيغۇر تىلىدىكى چوڭ مەلۇماتلاردىن قانداق خاتالىقلارنى بايقىدىڭىز؟

مەن قولۇمدىكى چوڭ مەلۇماتلاردىن تەكرارلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان تۆۋەندىكىدەك سۆز-ئىبارىلەرنى بايقىدىم، مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، بۇ خەنزۇ تىلىدىكى 进行 دېگەن سۆز ئارىلاشقان جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلغاندا، ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق بولمىغان تەرجىمانلار پەيدا قىلىۋاتقان يېڭى كېسەللىك بولۇپ، بۇنىڭغا ۋاقتىدا دورا بېرىش كېرەك، مەسىلەن:
================
سىناش ئېلىپ بارغاندىن باشقا (سىنىغاندىن باشقا)
مۇۋەپپەقىيەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ (مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ)
ئاندىن بازارغا ئېلىپ بارغان (ئاندىن بازارغا ئاپارغان)
ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى (….)
ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان
ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ
مەزكۇر پارتىيە ئېلىپ بارغان
ھاياتلىق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان
ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى
زېھىن سىناش ئېلىپ بارغاندىن
ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارىدۇ
مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغان ئۆي
يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بارىدۇ
يېقىندا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش
مېنىمۇ ئېلىپ بارماقچى بولدى
سۆزلىشىش ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئۈستىدە
ماتكا كارۇل ئېلىپ باققان
ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بارمايدۇ
ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى
ئايدا ئېلىپ بارماقچى بولغان
ئىشلىرىمىزنى خوشال ئېلىپ بارالماسلىقىمز
ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى
ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدىن
ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى ھىس
ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدە
ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بارسىڭىز
بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان بۇ
بىرلىكتە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى
بۈگۈن بالامنى ئېلىپ بازار
توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى
توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن
تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بارماقتا
دادىل ئىسلاھات ئېلىپ باردى
دوستلۇقنى تەڭ ئېلىپ بارغاندا
زۇڭلى سايلىمى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى
===============
ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك
ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك
سۆھبەت ئېلىپ بېرىش مۇناسىۋىتى
نۆۋەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ
تەربىيىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش
قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى
قۇرۇلۇشىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ
قەرزنى ئېلىپ بېرىش ئۈنۈمى
كىشىلەرنى نامايىش ئېلىپ بېرىشقا
كۆلەمدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش
كۈزىتىش ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان
كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بېرىلىپ
مەزگىللەردە ئېلىپ بېرىلغان ئىزدىنىشلەردىن
نى ياخشى ئېلىپ بېرىش
تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك
تەكرار قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشتەك
چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ
چىشنىڭ مىتابولىزم ئېلىپ بېرىشتىكى
رىتىم ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى
سىزمۇ ئايالىڭىزنى ئېلىپ بېرىپ
ياكى زەنجىر ئېلىپ بېرىپسىزدە
يانچۇقىدىن پۇلنى ئېلىپ بېلەت
يېپىق ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىدۇ
قارار بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن
قايتا سايلام ئېلىپ بېرىشنى
قىزىقارلىق كىتابلارنى ئېلىپ بېرىش
قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۇچا-
قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يول
ھالەتتە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ
ۋە سىناش ئېلىپ بېرىلدى
ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئاكتىپ
ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى ھەمدە
ئىلمىي ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلمىسا
ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشقا كۆپرەك
ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشنى ئويلانماي
ئۈستىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشقا
ئۈستىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشنى
ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ
ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ
ئېلىپ بېرىش كېرەك دەپ
ئېلىپ بېرىشقا كۆپرەك كۈچ
ئېلىپ بېرىشنى ئاكتىپ قوللىغۇچى
ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن
10- كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن
11- كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان
13 كۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ
2010- يىلى ئېلىپ بېرىلغان
52 دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلىدۇ
ئاخىرلىرى ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتىكى
ئالدىنقى ھەپتە ئېلىپ بېرىلغان
ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ
ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان
ئوچۇق- ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى
ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ۋە
ئىچىدە ئېلىپ بېرىش كېرەك
ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش
ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ
ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يول بۆلەكلىرى
باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ
بىر ئۆينى ئېلىپ بېرىپتۇ
بېكىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا
پائالىيەتنىڭ ئېلىپ بېرىلىش ئەھۋالىنى
پەرقلىق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشتەك
پەقەت ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتا
تاپقاندا يەنە ئېلىپ بېرەي
توغۇرسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى
تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىشى
تېزلىكتە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش
تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئەخلاق
تەدبىرلىك بىلەن ئېلىپ بېرىشى
سوئال: ئالىم مۇئەللىم، چوڭ مەلۇماتلارنى قايسى قوراللاردا قازىمىز؟ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىدىيەسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ؟

سوئالىڭلار بولسا داۋاملىق سورىساڭلار بولىدۇ، مەن ئۇدۇللۇق جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمەن.

 

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
27 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • مىنىڭ بىلىشىمچە چوڭ سانلىق مەلۇمات ھەرگىزمۇ سىز دىگەندەك بىر چوڭ سانلىق مەلۇمات ھۆججىتىنى كۆرسەتمەيدۇ ھەم ئۇ بىر تېخنىكىمۇ ئەمەس . چوڭ سانلىق مەلۇمات دىگەن بىر خىل تەپەككۇر ئۇسۇلى .
    ئەگەر چوڭ سانلىق مەلۇماتنى بىر چوڭ سانلىق مەلۇمات ھۆججىتى دىسەك بەك تار مەنىدە بۇلۇپ قالىدۇ ، ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشەندۈرەلمەيدۇ . باشقىلارغا خاتا چۈشەنچە بىرىپ قالىدۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 14:08
  • Hadoop دىگەن Http ئىلتىماسىنى تەقسىملەپ ، چوڭ ئىلتىماس ئېقىملىرىنى كىچىك بۆلەككە بۆلۈپ ، چوڭ ئېقىمنىڭ توغاننى بۇزىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، كىچىك بۆلەككە بۆلۈپ ئېقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تېخنىكىسى

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 12:13
  • مەركىزى خەلق رادىيۇ ئىستانسىسى مۇخپىرى دولقۇن ئەپەندى بۇ سۆزنى چوڭ مەلۇمات ئەمەس بۈيۈك مەلۇمات دېيىش كېرەك دەيدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى am 09:00
    • بۇنى يەنىلا مۇشۇ كەسپنىڭ ئادەملىرى قويغان ئاتالغۇنى ئىشلىتەيلى. رادىيونىڭ ئاتالغۇلىرى بولسا بىز ئارىلاشمايمىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 22:02
  • ئالىم مۇئەللىم بىلەن ئالاقىلىشىدىغان تېلفون نومۇر، چ چ ، ئۈندىدار نومۇرى ياكى خەت ساندۇقى دىگەندەكلەر بولسا دەپ بەرگەن بولساڭلار؛ مېنىڭ تېلفون، چ چ ھەم ئۈندىدار نومۇرۇم 18909961490؛ مۇھىم ئىش بار ئىدى كۆرۈشىدىغان

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 15:15
  • ناھايتى ئېنىق چۈشەندىم .رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 00:45
  • سوراپ باقسام،
    …ھازىر ئۇيغۇر سوفىت چوڭ مەلۇمەت ھەم بۇلۇت جەھەتتە قايسى خىل تېخنىكىنى ئىشلىتىدۇ؟
    Hadoop…?

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى am 11:27
باھا بېتى: 1 2