4-قارارلىق توردا تەربىيەلەش ھەققىدە ئويلىغانلىرىم(بۈگۈن سىناق دەرس باشلىنىدۇ) | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

4-قارارلىق توردا تەربىيەلەش ھەققىدە ئويلىغانلىرىم(بۈگۈن سىناق دەرس باشلىنىدۇ)

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

دەرسىمىزنى ئوڭۇشلۇق باشلاش ئۈچۈن 4-ئاينىڭ 21-كۈنى (دۈشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 7:00 دە تور ئارقىلىق 30 مىنۇت سىناق دەرس سۆزلىنىدۇ. دۈشەنبە چۈشتىن بۇرۇن تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېلېفونىغا قىسقا ئۇچۇر بىلەن خەۋەر قىلىمىز. دىققەت قىلغايسىلەر.

بۈگۈن چۈشتىن كېيىن 2:00 دە قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىپ ئۇقتۇرۇش قىلدۇق، قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالالمىغانلار http://www.cr.cm غا كىرىپ، توردا دەرس ئاڭلاش دېتالىنى چۈشۈرۈۋېلىڭلار. مەخپىي نومۇرىنى 6:00 دىن كېيىن قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق خەۋەر قىلىمەن، سىناق دەرس 7:00 دە باشلىنىدۇ.

تور دەرسخانىسى يۇمشاق دېتالىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:

http://dl-4.cloudroom.com/Update/1.11.8/Win32_setup/CLOUDROOMMeeting_1.11.8.exe

6:30 دا تور دەرسخانىسىنىڭ ئادرېسىنى ئېلان قىلىمەن، شۇ يەرنى باسسىڭىزلا بولىدۇ،

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار،
بۇنىڭدىن ئىلگىرى 3 قارار كەسپىي تەربىيەلەش سىنىپى ئاچقان ئىدىم، ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا 3-قارارلىق كەسپىي تەربىيەلەش سىنىپىنى ئاچقاندىمۇ، بىرنەچچە خادىملار تەربىيەلىنىپ چىققان ئىدى. ئۇلار شىركىتىمىزنىڭ غوللۇق خادىمغا ئايلىنىپ، بەزى يۇمشاق دېتاللارنى ئورتاق تاماملىدى ۋە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. مانا بۇ يىل 4-ئايدا 4-قارارلىق سىنىپ ئېچىشنى ئويلاشتىم، دەرس مەزمۇنى ئاساسىي جەھەتتىن 3-قارارلىق تەربىيەلەشكە يېقىنلىشىدۇ. (تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈۋېلىڭ ?p=2494)، ئەمما سىز بۇنى مەكتەپلەردىكى ئالدىن مۇقىم تەييارلىۋالغان 12 قېتىملىق دەرسكە ئوخشاتماڭ، بەلكى 12 قېتىملىق ئەمەلىي نەپ بېرىدىغان جانلىق لېكسىيە دەپ بىلىڭ. بۇ قېتىم ئاچماقچى بولغان سىنىپتا مۇنداق يېڭى ئالاھىدىلىك بار.

(1) دەرسلەرنى توردا سۆزلەيمەن.
خىزمىتىمىزنىڭ ئالدىراشلىقىدىن بۇ يىل مۇنتىزىم سىنىپ ئېچىشقا ۋاقتىم چىقمىغۇدەك. ئەمما ھەر ئىككى كۈندە 2 سائەت مۇنتىزىم دەرس سۆزلەشكە ۋاقتىم چىقىدۇ. شۇڭا توردا تەربىيەلەشنى ئاساس قىلماقچى بولدۇم.

(2) باسقۇچلارغا بۆلۈپ تەربىيەلەيمەن.
ئالدىنقى 3 قارارلىق بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلىدىكى 3-قارارلىق تەربىيەلەشتە يەكۈنلىگەن تەجرىبەمگە ئاساسەن باسقۇچىلار بويىچە تەربىيەلەيمەن يەنى بىرىنچى باسقۇچتا مەلۇم پىروگرامما لايىھەلەش تىلىغا پۇختا ئاساس سالىمەن. بۇ مەلۇم بىر تىلنى 0 باشلاپ ئۆگەنگۈچىلەرگە ۋە پۇختا ئاساس سالغۇچىلارغا بەكمۇ ماس كېلىدۇ. ئەگەر بۇ باسقۇچلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ مەلۇم بىر يۇمشاق دېتالنى مۇستەققىل تاماملاشنى ئويلىشىدىغانلار چىقسا دەرھال 2-باسقۇچنى داۋاملاشتۇرماقچى. 2-باسقۇچ چېنىقتۇرۇش باسقۇچى بولۇپ، بىزنىڭ ئەمەلىي ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمىز ئاساسىدا مەلۇم بىرنەچچە تۈرنى بىرنەچچە گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ قايتىدىن ئىشلەش ياكى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساسىي مەقسەت قىلىمەن.

(3) دەرس ۋاقتى ۋە ئوقۇش پۇلى
ھازىرچە ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە كۈنلىرى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 6:30 دىن 8:30 نى ئويلاشتىم، ئەمما كۆپچىلىكنىڭ پىكىرى بويىچە بولىدۇ. ھەر بىر باسقۇچنىڭ تەربىيەلەش مۇددىتى 4 ھەپتە بولۇپ، ئوقۇش پۇلى 1000~1800 يۈەن ئارىلىقىدا بولىدۇ، بۇ تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ۋە تور مەكتىپىگە تاپشۇرىدىغان رەسمىيەت ھەققى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەگەر ھەرئىككى باسقۇچلۇق ئوقۇشقا بىراق تىزىملاتسىڭىز يەنىمۇ ئەرزان بولۇشى مۇمكىن، ھازىرچە 20~25 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئويلاشتىم.

ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا باشقا ھېچقانداق شەرت قويمايمەن، ئوقۇش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولسىلا بولىدۇ، ئەمما ئۆيىڭىزدە تورغا چىقالايدىغان كومپيۇتېر بولۇشى ، تور سۈرئىتىڭىز 1Mbs دىن يۇقىرى بولسۇن، رەسمىي باشلىنىشتىن ئىلگىرى بىر-ئىككى قېتىم سىناق قىلىمىز، شۇڭا Visual Studio 2013 Express نى توردىن چۈشۈرگەچ تۇرۇڭ.

تەۋسىيە قىلىدىغىنىم ئالدى بىلەن 1-باسقۇچقا ئايرىم ھەق تاپشۇرۇپ ئوقۇپ بېقىڭ، بىر باشقا ئېلىپ چىقىشقا كۆزىڭىز يەتسە، 2-باسقۇچقا تىزىملاتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما 1-باسقۇچنى تاماملىمىغانلارنىڭ بىۋاسىتە 2-باسقۇچقا قاتنىشىشىنى تەۋسىيە قىلمايمەن.

بۇنىڭدىن كېيىن مۇنتىزىم سىنىپ ئېچىش ئېھتىماللىقىم بەك تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كومپيۇتېردا ئوقۇتۇشمۇ پۈتۈنلەي تورغا يۈزلىنىۋاتىدۇ. بۇنداق بولغاندا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ۋاقتى، پۇلى تېجىلىپ قالىدۇ. مەن مەخسۇس ئىشلەنگەن توردا ئوقۇتۇش دېتالى بىلەن دەرس سۆزلەيمەن (ھەرگىزمۇ QQ,YY ئەمەس)، بۇ سىستېما ئاپتوماتىك يوقلىما قىلىدۇ. ئۆيىڭىزدە تۇرۇپمۇ ئالىم مۇئەللىمنىڭ دەرسنى ئاڭلىيالايسىز، چۈشەنمىگەن جايلار بولسا توردا تۇرۇپ ۋاقتىدا سوراپ بىلىۋالالايسىز. مەن ھەرقېتىم نەق مەيداندا سۆزلىگەن دەرسىم سىنغا ئېلىنىدۇ، سىز ئۆگىنىپ بولغۇچە قايتا -قايتا ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ. يۇقىرىدا مەن ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ باقتىم، ھازىرچە چوڭ جەھەتتىن ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

تىزىملىتىش ھازىردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە، بىزگە تېلېفون قىلىپ، ئىسىم-فامىلىڭىز ۋە تېلېفون نومۇرىڭىزنى قالدۇرسىڭىزلا بولىدۇ، ئاندىن پات-پات بۇ بىلوگىمغا دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ، سان توشقان ھامان پۇل تاپشۇرۇش ھەققىدە ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىمەن، 3 كۈن ئىچىدە تىزىملاتقانلارنىڭ سانى بىز ئويلىغاندىنمۇ كۆپ بولدى. بۈگۈندىن باشلاپ پۇل تاپشۇرۇش رەسمىي باشلاندى، تىزىملاتقاندا قالدۇرغان تېلېفونىڭىزغا قىسقا ئۇچۇر شەكىلدە ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىلىدۇ. مۇشۇ ئۇقتۇرۇش بويىچە ئۆزىڭىزگە قولاي بولغان شەكىلدە پۇل تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ، رەھمەت! ناۋادا بۈگۈن كەچ بولغۇچە پۇل تاپشۇرۇش ھەققىدىكى ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالالمىسىڭىز، تۆۋەندىكى ئالاقىلاشقۇچىلار بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىڭ. پىلانىمدا كېلەر ئاينىڭ تۇنجى دۈشەنبە كۈنى دەرس باشلاشنى ئويلىشىۋاتىمەن.

1-باسقۇچ: پىروگرامما تىلىغا ئاساس سېلىش باسقۇچى:

Visual Studio 2013 Express دىكى Visual Basic ئاساس قىلىنىپ سۆزلىنىدۇ. ھەرھەپتىنىڭ دۈشەنبە، چارشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى ئۈرۈمچى ۋاقتى 6:30 دىن 8:30 گىچە دەرس سۆزلىنىدۇ، جەمئىي 12 قېتىملىق لېكسىيە شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئوقۇش پۇلى: 1500 يۈەن

2-باسقۇچ: باشقۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرىنى ياساش باسقۇچى:

مەلۇم بىرنەچچە تۈرنى مىسال ئېلىپ تۇرۇپ، 0 دىن باشلاپ ياساش ئۆگىتىلىدۇ. ھەرھەپتىنىڭ دۈشەنبە، چارشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى ئۈرۈمچى ۋاقتى 6:30 دىن 8:30 گىچە دەرس سۆزلىنىدۇ، جەمئىي 12 قېتىملىق لېكسىيە شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئوقۇش پۇلى: 1400 يۈەن

ناۋادا ھەرئىككى باسقۇچنى ئۆگىنىپ كېتەلەيدىغان ئىشەنچىڭىز بولسا، بىرلا قېتىمدا تاپشۇرسىڭىز، 200 يۈەن ئېتىبار قىلىنىپ، جەمئىي 2700 يۈەن بولىدۇ. پۇل سېلىۋەتكەن ھامان تىزىملىغاندا قالدۇرغان تېلېفونىڭىز بىلەن بىز ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇرغا جاۋاب قايتۇرۇپ ئەسكەرتىش بەرگەيسىز، رەھمەت.

پۇل تاپشۇرۇش مۇددىتى بۈگۈندىن باشلاپ، 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولىدۇ.

تىزىملىتىش ئورنى: قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرى 4-قەۋەت 35-دۇكان (بۇرۇنقى 4319-نومۇر)
تېلېفون: 2813300، 2839871-0991
تىزىملىغۇچى: مۇرات، ئارزۇگۈل
ئۈرۈمچى ۋاقتى: چۈشتىن بۇرۇن 9:00 دىن كەچ 5:00 گىچە.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
206 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 5 6 7
  • قاراخان :
    سىلەرنىڭ كۇرۇستا ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن شىركەتتە ئېلىپ قالامىسىلەر؟
    _________________________________________
    قاراخان ماڭا سۆز قالدۇرۇپتىكەن، شۇ ۋاقىتتا دىققەت قىلماپتىمەن.
    بۇ يەردە جاۋاب بېرەي.
    – شۇنداق. ئوقۇش پۈتكەندە شىركىتىمىزدە ئېلىپ قالىمىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 17:42
  • ۋاختىڭىزيەتكىچە ساخلايمەن مۇئەللىم، بىر ھەپتە دىگەن ئۆتۈپ كېتىدۇ تىزلا، تېلفۇندا ئېنىق گەپ قىلالمايمەن(تارتىنىپ قالىمەن)، بۈگۈن( 5/26 چۈش سائەت 11 )قىزىلبايراقتىكى دۇكانغا بېرىپ سىزبىلەن كۆرۈشۈش نىيىتىم بارلىقىمنى دىسەم تېلفۇن نۇمرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ دىگەن قالدۇرۇپ قويدۇم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 22:23
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ماڭا كىتاب بېرىڭە، ھېچ بولمىسا كىتاب ئىسمى بولسىمۇ مەيلى C sharp نى بىر ئاي ئۆگەندىم. بەزى سەۋەپلەر تۈپەيدىدىن شايارىمغا كېتىدىغان بولۇپ قالدىم، ئېنگىلىزچە بىلىمەن، خەنزۇچە بىلمەيمەن.
    مۇئەللىم سىز بىلەن كۆرۈشەي دىگەن قانداق كۆرۈشەلەيمەن پەقەت بىر مىنۇتلا ۋاختىڭىزنى ئالىمەن، 2014/5/26 دىن باشلاپ سىزنى ساخلىدىم ئەمىسە، ئۆيگە تىز بېرىشىم كېرەك ئىدى، سىز بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپلا قايتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 17:49
    • مەن ھەپتە ئاخىرىغىچە بارالمايمەن، مەكتەپتە جىددىي ئىشلەۋاتىمەن. تېلېفوندا كۆرۈشسەكمۇ بولىدۇ، سىز ئاۋۋال قىزىلبايراقتىكى دۇكانغا بېرىپ، شۇ يەردە تېلېفون قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 21:27
  • ئەسىلاممۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ! ئالدىنقى قېتىملىق تەربىيلەش كۇرسىغا مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قاتنىشالمىغان ئىدىم . بۇ قېتىممۇ بۇ ئىشىنى كېچكىپ بىلىپ قاپتىمەن ، مومكىن بولسا سىن ھۆجىتىنى تەمنلەپ بىرەلىەسىزمۇ ؟ مەن تورداشلار قالدۇرغان يازمىلارنى كۆرۇپ چىقتىم ، سىن ھۆجىتىنى كۆرۇپ ئۆگەنسەم ھەقىقەتەن بەزى مەسىللەرنى ئەترەپلىق ئۆزلەشتۈرۇپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما مەن بۇگۇن دەرىس بارلىقىنى كۆرۇپ كېچىكىپ كەتكەنلىكىمىنى ھىس قىلدىم ، مومكىن بولسا سىن ھۆجىتىنى تەمىنلەپ بىرەلەسىزمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى am 11:20
  • توردا بار ھەممىسى،

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 21:59
  • ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ! ئالىمجان مۇئەللىم ، مەن بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشاتتىم ، (计算机软件开发) كومپىيوتىر يۇمشاق دېتال ئىچىش كەسپىدە ئوقۇشنى بەكمۇ ئارزۇقىلىمەن ، سىز نىڭچە قايسى مەكتەپتە ئوقۇسام بولا ؟ مىنىڭ شىنجاڭ ئۇنۋېرستتى دا ئوقۇغۇم بار ئىدى ، سىز نىڭچە چۇ ؟ ئۇنىڭ ئۇستىگە سىز شىنجاڭ ئۇنۋېرستتىنىڭ پىرافىسورى ،شۇنداق بولغاندىكىن ياخشى ئۇستازلاردىن ياخشى تەلىم ئالالايمەن ، يول كۆرسەتسىڭىز ؟
    E-Mail : 347044037@qq.com
    توربەت ئادىرسىم :Www.SoyGim.Com

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 16:26
    • ئەگەر ئۆزىڭىزگە ئىشەنچىڭىز يۇقىرى بولسا، يۇقىرى نومۇر ئېلىشقا كۆزىڭىز يەتسە ئىچىكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشنىمۇ ئويلىشىپ بېقىڭ. ئالىي مەكتەپ قانچە داڭلىق بولسا، ھەرقايسى جەھەتلەردە شۇنچە ياخشى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 17:16
      • ئۇنداقتا مەن شىنجاڭ ئۇنۋرسىتتىنىڭ نۇمۇر سىزىقى بىلەن باشقا ئۇنۋېرستتلارنىڭ نۇمۇر سىزىقىنى سىلىشتۇرۇپ باقاي ، مۇمكىن بولسا تولۇق كۇرۇس 1-تۈركۈم بىلەن 2- تۈركۈمنىڭ نۇمۇر سىزىقىنى ئىيتىپ بىرەلەسىز مۇ ؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 18:47
  • دەرس باشلىنىپ بولدىمۇ؟يەنە تىزىملاتقىلى بولامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 19:21
  • ئالىم ئاكا بۇدەرىسنى ئۆتىدىغىنىڭىز ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ، مىنىڭ بەك ئاڭلىغۇم بارئىىدى، لىكىن بىزدەك دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىندىغان لىكىن ، كومپىيۇتېرغا قىزقىدىغانلار ئۈچۈن 1500-2000يۈەن پۇل خېللا كۆپ بىزنىمۇ ئويلاپ قويسىڭىز؟ بىزمۇ ئاڭلايلى ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 14:06
  • ئوقۇش پۇلى بەك قىممەت بولاپ كېتىپتۇ.بىزدەك ئارمانغا چۇشلۇق دەرمانى يوقلا نىمۇ ئازراق ئويلىشىپ قويغان بولسىڭىز مۇئەللىم .سىزنىڭ دەرسىڭىزنى قانچە پۇل تۆلەپ ئاڭلاسىقمۇ ئەرزىيدۇ،لىكىن ئاساسى مەخسەت بىلىم ئۈگتۈش بولغاندىكىن ئۈگنگۈچىلەرنى ئاساس قىلالاسىزمۇ؟(مەكتەپتە ئوقۋۋاتقان ئوقۇغۇچىلار.بىزدەك ئوقۇغۇچىلارنى سىزمۇ چۇشنىسىز.)

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 12:16
    • ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تەتىلگە توغرىلاپ 8-ئايلاردا قىلىشىم مۇمكىن، ھازىر سان توشاي دەپ قالدى، ھازىرچە 25 ئوقۇغۇچى بولسا بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:38
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەلىم مەن windows phone نى يىڭى ئۈگنىشنى باشلىغان ئىدىم مۇھىت ھازىرلاپ بولدۇم بىراق تەقلىدى قوزغاتقۇچنى قوزغىتالمىغانلىقم ئزچۈن يازغان كودىمنىڭ ئىجىرا بولۇش ھاسلاتنى كۈرەلمىدىم شۇڭا بىر ياردەم قىلساڭلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 18:22
  • تىزىملىتىدىغانلا پۇلنى قانداق تۆلەيمىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى am 10:00
  • ھە مۇئەللىم رەھمەت جۇمۇ سىزگە

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 18:18
  • ئىككى كۈن بولدى قىسقا ئۇچۇر ساقلاپ كۆزلەر تۆت بولۇپ كەتتى مۇئەللىم…

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 18:08
باھا بېتى: 1 5 6 7