Windows دۇكىنىدا تۇنجى ئۇيغۇرچە ئەپ ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows دۇكىنىدا تۇنجى ئۇيغۇرچە ئەپ ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئۇيغۇرسوفت يوللىغان ئۇيغۇرچە قول كۆندۈرۈش ئەپى تۈنۈگۈن كەچتە (يەنى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى) ئاخىرقى تەستىقتىن ئۆتۈپ، Windows دۇكىنىدا ئېلان قىلىندى. بۇ پۈتۈنلەي ھەقسىز ئەپ بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەرزەنتىڭىزگە ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈشنى ئۆگىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
چۈشۈرۈش ئۈچۈن، Windows نىڭ ئىزدەش تۈگمىسىنى ئېچىڭ.

Uyghur (ياكى ئۇيغۇر، ئۇيغۇرسوفت، ئۇيغۇرچە قول كۆندۈرۈش،…دېگەندەك) ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈڭ.

بۇنىڭ ئىچىدىن ئۇيغۇرچە قول كۆندۈرۈش دېگەننى چەكسىڭىز بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە قول كۆندۈرۈش ئەپىنىڭ ئاساسىي ئېكران كۆرۈنۈشى

================================
ياكى مۇنداق چۈشۈرسەڭلارمۇ بولىدۇ (مەن خەنزۇچە ھالەتنى مىسال قىلدىم، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ھالەتتە چۈشۈرۈش تېخىمۇ ئاسان)

1. ئالدى بىلەن Windows دۇكىنىغا كىرىڭ

2. «مائارىپ» سەھىپىسىنى ئىزدەپ تېپىڭ، بۇ سەھىپە سەل ئارقىدا.

2. «ئەڭ يېڭىلىرى»نى تاللاڭ، ھازىرچە تەۋسىيەلىك 100 ئەپنىڭ ئىچىگە كىردى.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
136 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 4 5 6
  • ئەپ بازىرىدا بۇ ئەپكە قارىتا پىكىر بېرەي دېسەم پىكىر يازىدىغان جاينى تاپالمىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 23:46
  • ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،مۇئەللىم ،بۇ ھەققىقەتەن تاتلىق خەۋەركەن.مەنمۇ بەك خۇشال بولدۇم.تېخىمۇ كۆپ ئەپلەرنى روياپقا چىقىرشىڭلانى ئۈمۈد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 12:21
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم :

    مەن بۇ ئەپنى ياخشى كۆرۈپ ئشلەتكەن، بىراق يىقىندا كومپىيۇتىرىمدا مەسىلە كۆرۈلۈپ سىسىتىمىنى قايتا قاچىلىغان ئىدىم(ئىنگىلىزچە نۇسخىسى)، ئەپ دۇكىىنىىدىن ئۇيغۇرچە قول كۆندۈرۈش مەشىق دىتالىنى تاپالمىدىم. ئەپ دۇكىنىدا مال يىتىشمەيۋاتامدۇ ياكى بىزگە چاخچاق قىلىپ قەستەن كۆرسەتمەيۋاتامدۇ؟ بىلىدىغانلار جاۋاپ بەرسەڭلا!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 21:30
  • ياخشى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى am 10:44
  • ئالىم مۇئەللىم بۇ قول كۆندۈرۈش قورالىنى windows8دىن باشقا سىستېمىغا قاچىلىغىلى بولامدۇ بولمامدۇ، بىزنىڭ تۇققانلارغا بۇنىڭ قاچىلاش بولىقى لازىم ئىكەن،شۇڭا ئۇيغۇر سوفىتنىڭ چۈشۈرۈش كۆزنىكىگە چىقىرىپ قويغان بولسىڭز،رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى am 11:35
  • بەك چوڭ .ىش بۇپتۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 23:00
  • ئالىم مۇئەللەىم، قول كۆندۈرۈش مەشىقى شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ، بولسا يىڭى نەشرىگە ھەرىپ مەشىقى ۋە تېكىست مەشىقىنى قوشۇپ يوللىغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتىكەنتۇق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 17:03
    • يەنە ئويۇن قوشۇپ دەڭا، ھازىر قايتىدىن شۇنداق قىلىپ بولدۇق، Windows 7 دىمۇ سىناق قىلىۋاتىمىز. ھەرپ، سۆز، جۈملە مەشقى ۋە ئويۇن قوشۇلدى،

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 19:31
  • ناھيىتى ياخشى چىقىپتۇ، بۇ ئەپلەرگە زۆرۈر ئېھتىياجىم بولمىسىمۇ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويدۇم. قول كۆندۈرۈش مەشقىدە ‹ئۆ› ھەرىپىنى چىقىرالمىدىم، بەلكىم مېنىڭ كومپيۇتېرىمدىكى مەسىلە بولىشى مۇمكىن، باشقا تورداشلارمۇ سىناپ كۆرۈپ بېقىڭلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى am 08:48
باھا بېتى: 1 4 5 6