Windows دۇكىنىدا تۇنجى ئۇيغۇرچە ئەپ ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows دۇكىنىدا تۇنجى ئۇيغۇرچە ئەپ ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئۇيغۇرسوفت يوللىغان ئۇيغۇرچە قول كۆندۈرۈش ئەپى تۈنۈگۈن كەچتە (يەنى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى) ئاخىرقى تەستىقتىن ئۆتۈپ، Windows دۇكىنىدا ئېلان قىلىندى. بۇ پۈتۈنلەي ھەقسىز ئەپ بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەرزەنتىڭىزگە ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈشنى ئۆگىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
چۈشۈرۈش ئۈچۈن، Windows نىڭ ئىزدەش تۈگمىسىنى ئېچىڭ.

Uyghur (ياكى ئۇيغۇر، ئۇيغۇرسوفت، ئۇيغۇرچە قول كۆندۈرۈش،…دېگەندەك) ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈڭ.

بۇنىڭ ئىچىدىن ئۇيغۇرچە قول كۆندۈرۈش دېگەننى چەكسىڭىز بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە قول كۆندۈرۈش ئەپىنىڭ ئاساسىي ئېكران كۆرۈنۈشى

================================
ياكى مۇنداق چۈشۈرسەڭلارمۇ بولىدۇ (مەن خەنزۇچە ھالەتنى مىسال قىلدىم، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ھالەتتە چۈشۈرۈش تېخىمۇ ئاسان)

1. ئالدى بىلەن Windows دۇكىنىغا كىرىڭ

2. «مائارىپ» سەھىپىسىنى ئىزدەپ تېپىڭ، بۇ سەھىپە سەل ئارقىدا.

2. «ئەڭ يېڭىلىرى»نى تاللاڭ، ھازىرچە تەۋسىيەلىك 100 ئەپنىڭ ئىچىگە كىردى.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
136 پارچە باھا يېزىلدى
  • تۇنجى ئۇيغۇرچە ئەپنى قۇتلۇقلايمەن !

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 23:47
  • بەك ياخشى ئىش بولۇپتۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 22:31
  • ئەمدى تېخىمۇ يېڭى مەسىلىگە يولۇقتۇم.بۇ مەسىلىدىن قېچىش ئۈچۈن htmlTextblock نى ئىشلەتكەن ئېدىم،ئۇيغۇرچە خەتنى شۇنداق ياخشى باشقۇرغۇلى بولغان بىراق بۇنىڭدىمۇ چەكلىمە بار ئىكەن.يەنە بۇ پىكسىل سانى بىلەن چەكلىنىدىكەن يەنى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2000 پىكسىل ئىكەن.ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنى ئۇزۇن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ چەكلىمە ناھايىتى يامان بولدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 21:03
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،ئالىم مۇئەللىم:
    مەن ۋىندوۋس يانفونلىرىغا بىر خەۋەر يۇمشاق دىتالى ياساۋاتقان،نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارنى يەڭدىم،بىراق خەۋەرنىڭ مەزمۇن بېتىگە كەلگەندە بىر قىيىنچىلىققا يولۇقتۇم.خەۋەر مەزمۇنى كۆرسىتىدىغان جايغا 控件 ئىشلەتمىسەم webbrowser ئارقىلىق يانفوندا يوق بولغان خەت نۇسخىسىنى تاللاپ ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن،بۇنداق بولغاندا خەۋەر مەزمۇنىدىكى html كودلىرى ئىشلىمەي ئىقتىدارنى بەلگىلىك چەكلەپ قويىدىكەن.مۇشۇنىڭغا بىرەر ئامال بارمىدۇ؟ مەسىلەن رەسىمنى ئوتتۇرىغا توغۇرلاش،justify قاتارلىق كودلار ئىشلىمەيدىكەن..

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 13:38
  • مۇئەللىم، windowsقا ئۇيغۇر تىلى قوشۇلغانلىقى بىر ياخشى باشلىنىش بولدى. ھازىر Nokia پۈتۈن نىيەتتە microsoft بىلەن ھەمكارلىشىپ، windows phone سىستېمىسىدا نۇرغۇن يانفونلارنى چىقاردى. بىرلا يېرى ئۇ سىستېمىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ يوق. تىرىشچانلىرىمىز ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياساپمۇ باقتى، لېكىن كىرگۈزگۈچ ئەمەس بىر ئەپ شەكلىدە چىقتى (ئۇنىڭغىمۇ ئامال يوقتە). شۇڭا ئويلايدىغىنىمىز (مېنىڭچە ماڭا ئوخشاش ئويلايدىغانلار ئاز ئەمەس)، بىر كۈنلەردە windows phone سىستېمىسىغىمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 17:13
    • ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ خاس ئاتالغۇلىرى (قىسقارتىلىپ) تەرجىمە قىلىنىپ بولدى. ئەمدى ئاخىرقى باسقۇچ تىل بولىقىدا قالدى. بۇ جەرياندا بارلىق تىل-يېزىق مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى، كىرگۈزگۈچ، ….قاتارلىقلارغا قاراپ چىقىدىغان گەپ. مىكروسوفت بۇ جەھەتتە يەنىلا ئالدىدا

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 19:15
  • ياخشى چىقىپتۇ.
    بىراق ئالىم مۇئەللىم ئاۋۇ كۇنۇپكا تاختىنىڭ رەڭگى ۋە تۆۋەنكى قارا رەڭ،پروگراممىنىڭ ئۇمۇمي كۈرۈنىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپتۇ.كۆزنى سەل تالدۇرۋىتىدىكەن. پروگرامما قۇرۇلمىسىنى رەڭلىك قىلماي پۈتۈنلەي قارا قىلىپ باقسىڭىز بوپتىكەن ھە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 13:22
    • ياخشى لايىھە بولسا قوبۇل قىلىمەن، ئىككى ھەپتىدىن بۇيان بۇ ئەپ ھازىر جۇڭگودىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر 20 ئەپنىڭ ئىچىگە كىردى. ئالدىنقى 10 نىڭ بىرى بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ يوق ئەمەس، ئەگەر شۇنداق بولسا باشقىلار چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقايلى دېسە، باشقىلارغىمۇ ياخشى تەسىر بېرىشى كېرەك، مۇۋاپىق لايىھە بولسا ئەۋەتىڭ، كۆرۈپ باقايلى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 19:19
  • بۇ ئەپنىڭ خاسلىقى ماقال-تەمسىللام بولغاندىكىن «ژ» بىلەن «ف» نى قاتقىنى بولمىغۇدەك……..

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 13:31
  • مەن يارنى سېغىنغاندا يۈرەكلەر پىژىلدايدۇ،
    يارنىڭ ئۆيىگە بارسام چىۋىنلەر گىژىلدايدۇ. ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ ماقال-تەمسىللىرى…… ھى ھى ھى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى am 11:40
  • ئانام قورىما قورۋاتقاندىكى پاژ-پۇژ ئاۋاز ئاۋاز قورسىقىمنى تېخىمۇ ئاچۇرىۋەتتى.
    توغرا «ژ» ھەرپىنى تاشلاپ قويمايلى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى am 00:27
  • بىلىۋالدىم ، shift+د كەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 19:55
  • مەن تا ھازىرغىچە كومپىيوتېردا «ژ» ھەرپىنى ئىشلىتىپ باقماپتىمەن ، بۇ «ژ» نىمۇ ئۇۋالدىنىڭ باھاسىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىپ يازدىم ….. (بىرىنچى جۈلەمنى قوللانساق بولامدۇ نىمە )

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 19:53
  • ئەڭ ياخشىسى «ژ» ھەرپى بار جۈملىدىن بىرنى قوشۇپ قويسا بولغۇدەك .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 19:51
  • يىڭىلەندى دەيدا

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 18:55
  • ژ دىن ئۇنچىلىك جىق سۆز بايلىقى يوقكەن، ماقال-تەمسىل تېپىلمايدىكەن . ھېچ بولمىغاندا « ژ » نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرەر جۈملە سۆز قېتىلسا، ئەگەر بۇ بۇ ئەپنىڭ خاسلىقىغا تەسىر كۆرسەتسە ،بولدى مۇشۇ پىتى قىلىۋەرسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى am 10:32
    • قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرىدىكى ئارتىسلار ئورۇنلىغان بىر كۈلدۈرگە بولىدىغان ئىدى، شۇنىڭدا مۇنداق بىر جۈملە بار، «خوتۇننىڭ تۇغقانلىرى كەلگەندە ئۆيدە پاژ-پۇژ، ئەرنىڭ تۇغقانلىرى كەلگەندە ئۆيدە گاژ-گۇژ»، لېكىن بۇنداق ئىناقسىزلىققا تەسىر قىلىدىغان سۆز-جۈملىلەرنى يىراق تۇرسۇن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى am 11:52
  • مەن يەنە بىر مەسىلىنى بايقىدىم، بۇ قول كۆندۈرۈش مەشىقىدە « ژ » ھەرپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆز يوقكەن. مۇئەللىم بولسا مۇشۇنى قېتىپ قويسىلا……

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى am 04:26
    • ژ ھەرپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماقال-تەمسىلدىن بىر دېۋەتكەن بولسىڭىز، مەن يېڭىلىۋەتكەن بولسام.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى am 08:21