نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئەتە رادىيودا بۇلۇت ھېسابلاش ھەققىدە نەق مەيدان رادىيو زىيارىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئەتە چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى 8:00 دە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى سەنئەت چاستوتاسىدىكى (دىققەت ئۇنىۋېرسال چاستوتا ئەمەس) خادىملار مەن بىلەن بۇلۇت ھېسابلاش ھەققىدە نەق مەيدان رادىيو سۆھبىتى ئۆتكۈزمەكچى، قىزىققۇچىلار ۋە ۋاقتى بارلارنىڭ ئاڭلاپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆيىڭىزدە رادىيو بولمىسا تېلېۋىزور ئارقىلىق رادىيو ئاڭلىسىڭىزمۇ بولىدۇ ياكى ئىنتېرنېت ئارقىلىق شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ پىروگراممىسىنى نەق مەيداندىن ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ.

 

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
11 پارچە باھا يېزىلدى
  • ياخشىمۇ سىز ?مۇنداقمۇ ئىش بار ئىكەن ھە !مەن تىخى بىلمەيدىكەنمەن ،بۇلۇت ھىساپلاش توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ بىلملەر بىلەن تەمىنلىشىڭىزنى ئۆمىد قىلىمەن !اللە ئۆمىرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن……!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى am 10:54
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم، تور لۇغىتىنىڭ ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۆزلۈك ئامبىرىنى كۆپەيتىپ، توردا ھەقلىق ئېچىۋېتىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟ مەسىلەن يىللىق ئىشلىتىش ھەققى ئېلىش دېگەندەك، ئەگەر شۇنداق بولسا لۇغەت ئىشلىتىشتە ماكان چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايتتۇق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 23:03
  • يارايسىز، جاۋاب بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. مېنىڭ ئاشۇ سوئالىمغا ئىزدىنىپ باققان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى.
    بولۇپمۇ Microsoft Azure بۇلتىنى قانداق قىلغاندا ئەمەلىي ۋە ئۆنۈملۈك پايدىلىنالايمىز دىگەن مۇشۇ مەسىلىدە،
    ۋوردپرەسس بلوگىنى قۇرۇپ ئۇنى يەرلىك دىسكىدىن Microsoft Azure سۇپىسىغا يوللاپ چىقىرىش ۋە كونترول قىلىش مەشغۇلاتىنى مىسال قىلىپ چۇشەندۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز بۇ بىزگە نەق نەپ تېگىدىغان بىر ياردىمىڭىز بولۇپ قالاتتى.
    ئىشلىرىڭىز روناق تاپقاي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 23:49
  • ئەسسالەمۇ ئەلەيكۈم.
    يېڭى يازمىلىرىڭىزدا بۇلۇت ھېساپلاش تېخنىكىسى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشىغا ئائىت ئۇچۇرلار تونۇشتۇرۇلۇپتۇ. تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم.

    بۇلۇت ھېساپلاش تېخنىكىسىنى تېخى تولۇق چۇشۈنۈپ بولالمايۋاتقان مەندەك يېڭىياچىنىڭ بۇنىڭغا قىزىقىپ قېلىشىغا مۇنداق بىر قىزىق ئىش سەۋەبچى بولدى:
    تۈنۈگۈن يەكشەنبە كۈنى ئەتتىگەن ئۇستەل كومپيۇتېرىمنى ئېچىپ مەشغۇلات قىلىۋاتسام، بىردەمدىن كېيىن بىر رامكا ئېچىلىپ
    “Microsoft Web Platform Installer نىڭ يېڭى نەشىرى بار، يېڭىلاڭ“
    دەپ بىر ئۇچۇر كۆزنىكى پەيدا بولدى. بۇ نېمە نەرسە ئىكەن دەپ قاراپ بېقىپ، مىكروسوفت دەپ تۇرغاندىن كېيىن لازىملىق نەرسە دۇ دەپ ئويلاپ يېڭىلاشنى تاللىدىم. يېڭىلاش تاماملانغاندىن كېيىن Web平台安装程序5.0 ناملىق بىر پروگرامما تۇرىدۇ ئالدىمدا. تەبىئىي قىزىقىش تۇيغۇم بىلەن ئۇ يەر بۇ يېرىنى بېسىپ باقسام، بىرەر ئىشنى قىلىشمنى ساقلاپ تۇرغاندەكلا ھېس قىلىپ، كۆرسەتمىلىرى بويىچە مەشغۇلات قىلىۋەردىم. بىر باسقۇچىدا لازىملىق پروگرامما تاللايدىغان يېرى بار ئىكەندۇق، مانداق قارااپ باقسام بىر يېرىدە WordPress دەپ تۇرىدۇ. ئۆزۈمنىڭ مۇ ئۇزاقتىن بۇيان ئارزۇلاپ كېلىۋاتقان مېنىڭ مۇ ئۆزۈمگە تەۋەللۇق بلوگىم بولسىكەن دەپ ئارمانلاپ كېلىۋاتقان بولغاچقا قانداق مۆجىزە يۈز بېرەركىن دەپ شۇنى تاللاپ داۋاملىق مەشغۇلات قىلدىم. ئەڭ ئاخىرىدا نېمە ئىش بولغىنىنى بىلەمسىز. مېنىڭ كۆز ئالدىمدا بىر WordPress بلوگىم نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ. شۇنداق خۇش بولۇپ كەتتىم . ئۇنىڭ يەنە Microsoft WebMatrix دەيدىغان بىر پروگراممىسى بولۇپ، ئۇ تېخى WordPress نىڭ ئىچىدىكى پروگراممىلارنى ئېچىپ كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

    ئەمدى، ئالىم ئەپەندىمدىن سورايدىغىنىم سىز تىلغا ئېلىۋاتقان “بۇلۇت ھېساپلاش“ دىگەن مۇشۇ نەرسە شۇ مۇ؟ بۇنداق دىگىنىمنىڭ سەۋەبى مەشغۇلاتلار داۋامىدا
    http://www.windowsazure.cn/zh-cn/
    مۇشۇ بەت ئېچىلىپ كەتتى ۋە كۆرۈپ باقتىم. قىزىقسىنىپ قارىسام 云计算 دەپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ مىكروسوفتنىڭ رىۋايەتلەردىكى Azure دەپ ئاتىلىدىغان بۇلۇت ھېساپلاش سۇپىسى ئىكەنلىكىگە ئىشەندىم.

    ماڭا ئۇخشاش كومپىيۇتېر پروگراممىچىلىقىدىن ساۋاتسىز قېرىندشلىرىڭىز مۇشۇ سۇپىدىن قانداق قىلغاندا ئەمەلىي ۋە ئۆنۈملۈك پايدىلىنالايمىز؟ بۇنى پايدىلىشنىڭ قانداق ماھىيىتى بار؟

    ۋە ئەڭ بىلگۈم كېلىۋاتقىنى مېنىڭ مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ياسىغان ۋە توربەت كۆرگۈمدىن زىيارەت قىلىپ كۆرۈپ تۇرىۋاتقان ئاۋۇ ۋوردپرەسس بلوگىمنى قانداق قىلسام يەرلىك http://localhost:26991/ مۇلازىمېتىردىن كۆچۈرۈپ ئاشۇنىڭ ئۆزىنىڭ بۇلۇت مۇلازىمېتىرىغا قويالايمەن؟

    مۇشۇ مەسىلىلەر ھازىر ماڭا نىسبەتەن چوڭ بىر سۇئال بەلگىسىگە ئايلاندى. ئالىم مۇئەللىم مېنىڭ مۇشۇ بىلمىگەنلىرىمنى چۈشەندۇرۇپ بېرىشىڭىزنى سەمىمىي سورايمەن. ياكى مۇشۇ توغرىلىق (يەنى دۇنياۋىي چوڭ شىركەتلەرنىڭ بۇلۇت ھېساپلاش مۇلازىمىتىنى قانداق قىلىپ ئەمەلىي پايدىلىنىشىمىز توغرىلىق) ئايرىم ماقالە يېزىپ تونۇشتۇرۇشىڭىزنى سورايمەن. رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 21:44
    • سوئالىڭىزغا جاۋاب بەرسەم، ھەممىسى شۇ ئەمەس، ئەمما مەلۇم بىرقىسمى. ئاۋۇ رادىيودىكى سۆھبەتتە مەن تەپسىلىي دېگەندەك قىلغان، شۇنى توردىن ئىزدەپ ئاڭلاپ باقسىڭىز. ئاخىرقى سوئالىڭىزغا مەن ئىزدىنىپ باقاي.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى am 09:30
  • بۇ يەردىن چۈشۈرىۋېلىڭلار.
    http://kuai.xunlei.com/d/SnB2BbbEFhl8VAQA7d6

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 13:32
  • رادىئو سۆھبىتىنى توردىن قايتا ئاڭلاشقا بولارمۇ؟ مەنمۇ خەۋەرسىز قاپتىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 21:02
  • 1.خەنزۇ-ئۇيغۇرچە لۇغەتتە قانچىلىك سۆزلۈك بار؟ سۆزلۈك ئامبىرىغا ئىشلىتىلگەن لۇغەتلەر قاچان تۈزۈلگەن؟ سىز سۆزلۈك ئامبىرىنى يېڭىلاپ باقتىڭىزمۇ، قانچىلىك ۋاقىتتا يېڭىلايسىز؟
    2.سۆزلەرنى ئىزدىگەندە قانداق ئىزدەيدۇ؟ بەزىدە خەنزۇچە بەتلەردىكى تونىمىغان خەتلەرنى ئىزدىسەم «تېپىلمىدى، باشقا يېقىن سۆزلەرنى ئىزدەپ كۆرۈڭ» ئەسكەرتمە چىقىدۇ، لېكىن خەتنى بىردىن-بىردىن كىرگۈزۈپ ئىزدەپ مەنىسىنى ئۆزەم باشلاشتۇرۋالىمەن، مەسىلەن: 骑士 دەپ ئىزدىسەم ئىككى نەتىجە چىقىدۇ، ئەمما 剑士 دەپ ئىزدىسەم نەتىجە چىقمايدۇ. مۇنداق ئەھۋال بۇ سۆزنىڭ لۇغەت ئامبىرىدا يوقلىقىنى بىلدۈرەمدۇ ياكى تور لۇغىتىنىڭ چەكلىمىسى بارمۇ؟
    3.سىزنىڭ مۇشۇ بىرەر يىل ئىچدە توردا ئىملا تەكشۈرۈش قورالى ياساش خىيالىڭىز بارمۇ؟
    مۇشۇ ئۈچ سوئالنى سوراپ تۇراي، سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويدىغان بولدۇم، كەچۈرۈڭ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 13:22
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، ۋاقتىڭىز چىقسا تور لۇغىتىڭىز توغرىسدا بىر تېما ئاچسىڭىز، تور لۇغىتى، ئىملا تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە سىزدىن سوراپ باقىدىغان بىر قانچە سوئاللار ۋە بىر قانچە كىچىك تەكلىپلەر بار ئىدى، بەلكىم مەن ئويلىغاننى سىز ئاللىقاچان ئويلاپ بولغانسىز، لېكىن شۇنداقتىمۇ بىر دەپ باقاي دېگەن. يا بىلوگىڭىزنىڭ سۆز قالدۇرىدىغان يېرى يوق يا خالىغان تېمىغا باشقا مەزمۇندا ئىنكاس يېزىپ يۇرسەك قاملاشمايدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 12:41
  • كىچىكىپ قاپتۇق . كۈن چۈش بولغاندا ئەمدى ئېچىپتىمەن . ۋاي ئسسىت ئىسست

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى am 11:16