Windows 8.1 Update 2 ھەققىدە | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows 8.1 Update 2 ھەققىدە

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

Windows 8.1 نىڭ ئاخىرقى يېڭىلانمىسى Windows 8.1 Update 2 نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 6-ئاينىڭ ئاخىرى تاماملاندى. 7-ئاينىڭ بېشىدا Windows دۇكىنىنىڭ تەرجىمىسى تاماملاندى. ھازىر يەنە يېڭىدىن قوشۇلغان جۈملىلەر تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ يېڭىلانما بولاق تېز بولغاندىمۇ كېلەر ئايدا ياكى 9-ئاينىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن، ناۋادا ھەقسىز نەشرى چىقسا ھەيران قالماڭ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا مىكروسوفت شىركىتى ئەمدى Windows 8 ئۈچۈن يېڭى بولاق ياساپ يۈرمەي، يېڭى ئەۋلادا مەشغۇلات سىستېمىسى Windows 9 نى ئېلان قىلىدىكەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
42 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • Windows 8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى قانداق قىلىپ كۆركەم چىرايلىق قىلىپ كۆرسىتىدىغان قىلىپ تەڭشىگىلى بۇلىدۇ . ئانا تىل ھوزۇرىنى تېخىمۇ چىرايلىق خەت بىلەن سۈرەي دىگەن ئەمما خەت شەكلى ئانچە كۈڭۈلدىكىدەك ئەمەس!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 23:58
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىم ئەپەندىم ،سىزدىن بىر ئىشنى سورىماقچىدىم ، مەن Windows ئەپ بازىرىدىن 8.1Windows نىڭ كەسپىنى نوسخىسىنى چۇشۇرگەنتىم لېكىن قانداق ئاكتىپلاشتۇرۇشنى بىللمىدىم قانداق قىلسام بولار .

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 21:41
  • 剪贴坂 نى 8 دە نىمە ئالغىنىنى بىلەلمەي قالدى. مۈمكىن بولسا كۆزنەك 10 دا كۆچۈرگۈ دەپ ئېلىش تەكلىۋىنى بەرمەكچى ئىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 19:13
  • ۋىندوس 10 نى ئىشلىتىپ باقساڭلارھەممىنى تاشلايسىلەر بەلكىم،يامان يېرى كۆرۇنمە يۈزى تەرجىمە قىلىنماپتۇ 360تىن باشقا ھىچقانداق قوغداش
    دىتاللارنى قوللىمايدىكەن ،

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى am 11:25
  • ۋىندوس 10 نى ئىشلىتىپ باقساڭلارھەممىنى تاشلايسىلەر بەلكىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى am 11:22
  • Windows 8.1 Update 2 ئىلان قىلىنامدۇ ياكى قىلىنمامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 22:46
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم. ۋىندوۋس سېستىمىسىنى سېتىۋېلىپمۇ ئىشلەتتۇق. ئۇيغۇرچە سېستىما ئىشلىتىپ خېلى كۆنۈپمۇ قالدىم.لىكىن نىمىشقا خەت نۇسخسىنى چىرايلىقراق قىلىپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ؟
    سېستىمىغا ئۇيغۇرچە بولاقنى قوشۇپ بىرىش ئېغىر كەلمىگەن ئادەملەرگە كىچىككىنە خەت نۇسخىسىنى قوشۇپ بىرىش ئېغىر كەلگەنمىدۇ؟
    باشقا تىللارنىڭ بىرمۇنچە خەت نۇسخىلىرى باركەن ئەمما ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ بولسا ئىككى تاللا باركەن ھېچ بولمىغاندا بىر تۈز خەت نۇسخىسى بولسىمۇ قوشۇپ بەرسە بولمامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 14:46
  • مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم دەل شۇ سىستېمىغا تەۋە بولغان پىروگراممىلار ئىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى am 10:20
    • Windows قانچىلىك تەرجىمە قىلىندى؟
      ?p=2572

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى am 09:56
      • ئەمىسە نىمە ئۈچۈن باشقا كومپىيۇتېردا نورمال ئۇيغۇرچە كۆرىنىدۇ؟ مىنىڭ كومپىيۇتېرىمدا نورمال كۆرۈنمەيدۇ؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 14:06
    • ئەگەر باشلاش تۈرىدىكى ئەپلەرنىڭ كۆپىنچىسى خەنچە چىقىۋالغان بولسا، شۇ ئەپلەرنى ئۆچۈرۋېتىپ، قايتا چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز ئۇيغۇرچە بولىدۇ. ئىلگىرى ۋىندوۋس 8 دە بۇ كەمچىللىك يوقتى. تىل بولىقىنى قاچىلىسىلا باشلاش يۈزىمۇ ھەممىسى ئۇيغۇرچە بولاتتى. ھازىر ۋىندوۋس 8.1 دە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلىغاندىن كېيىن باشلاش يۈزىدىكى بەزى ئەپلەر خەنچە ياكى ئېنگىلىزچە ھالەتتە تۇرىۋالىدكەن. بۇ كەمچىللىكلەرمۇ ۋىندوۋسنىڭ كېيىنكى نەشىرلىرىدە تۈزۈتۈلۈپ كېتەر. ھازىرچە ئاۋارىچىلىك بولسىمۇ بايا دىگەندەك قايتا چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ تۇرۇڭ. ھازىر مىكروسوفت تورىمۇ راۋان ئېچىلىدىغان بوپتۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 13:13
    • مەنمۇ يېڭى قاچىلىغان ۋاقىتتا مۇشۇنداق مەسىلىگە ئۇچرىغان ئېدىم، كېيىن يېڭىلانمىلارنى يېڭىلاپ بولغاندىن كېيىن قارىسام ھەممىسى نورمال ئۇيغۇرچە ھالىتىگە قايتىپتۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 23:06
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    مەن خەنزۇتىل كۆرۈنمە يۈزىدىكى windows8.1 گە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلىدىم، ھەمدە ئۇيغۇر تىلىنى ئاساسىي كۆرۈنۈش تىلى قىلىپ بەلگىلىدىم. ئەمما كۆپۈنچە پىروگراممىلارنىڭ كۆرۈنمە يۈزى يەنىلا خەنزۇتىلىدا كۆرۈنۈپ تۇرىۋالدى. مەن بۇ ئەھۋالنى باشقا كومپىيۇتېردا سىنىغان ئىدىم. باشقا كومپىيۇتېردا نورمال كۆرۈندى.بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلسام بولىدۇ؟
    رەھمەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 17:33
    • پەقەت مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئارايۈزى ئۇيغۇرچە بولىدۇ، مەشغۇلات سىستېمىسىغا تەۋە بولمىغان ئەزەلدىن خەنزۇچە بولغان پىروگراممىلار ئۆزلىگىدىن تەرجىمە قىلىنىپ قالمايدۇ، مەسىلەن: 360، بەيدۇ تور دىسكىسى،….دېگەندەك

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى am 09:05
  • ئالىم مۇئەللىم، قەدىرلىك ئۇستاز، ئوبدان ئۇكام!
    مەن ياردەم سوراپ بىرنەچچە خەۋەرنىڭ ئاخىرىغا ئىنكاس قىلىپ يازسام سىزدىنمۇ، باشقىلاردىنمۇ ياردەمگە ئېرىشەلمىدىم، بۇ يەرگە يەنە يېزىپ باقاي، ئۈمىتسىز شەيتان دەپتىكەن، ئۈمىتنى ئۈزمەستىن:
    ئوفىس 2013 تە ئۇيغۇرچە ھۆججەتلىرىمنى ئېچىپ باقسام سۆز ئارىلىرىدىكى «للە» لەرنىڭ ھەممىسىنى ئەرەپچە زىر-زەۋەرلىك «ئاللاھ» دېگەن سۆزگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئاپتوماتىك تۈزۈتۈشكە قارىدىم، تىزىملىكتە بۇنداق بىر سۆز يوقكەن، قانداق تۈزۈتۈش كېرەك بۇنى؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى am 07:02
  • Skype نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقاي دىدىمۇ ئالىم مۇئەللىم؟ ئازقالدى دىگەن ئىدىڭىز قانداق بوپ كەتتى ؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 17:23
  • قايتا قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، سېستىمىنى قاچىلاش جەريانىدا ئاچقۇچ نومۇرىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاچقۇچ نومۇرىنى يوقىتىپ قويماڭ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 12:05
باھا بېتى: 1 2