تەرجىمە ۋە ئىملا خاتالىقلىرى ئازايسۇن دېسىڭىز
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق ئەتراپىڭىزدىكى تەرجىمە ۋە ئىملا خاتالىقلىرىنى بىزگە ئەۋەتىڭ، بىز تور لۇغىتىمىزدە كۈندە بىر رەسىمنى ئېلان قىلىمىز، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ تەرجىمە سۈپىتى ۋە ئۇيغۇر تىلى ئىملاسىغا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەۋەتىش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، تېلېفونىڭىزدا رەسىمگە تارتىپلا ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى سۇپىسى (uighursoft_alimahat)غا ئەۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.
دۇكان ساراي ۋىۋىسكىلىرى، تاماق تىزىملىكلىرى، گېزىت-ژۇرنال، رادىيو-تېلېۋىزىيەدىكى خاتالىقلار تېخىمۇ قارشى ئېلىنىدۇ. تىل تۈرى چەكلەنمەيدۇ. تەرجىمە ۋە ئىملادا خاتالىق سادىر قىلغۇچىلارنىڭ، شۇنداقلا ئەۋەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرى ئاشكارلانمايدۇ.
ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتىنى ئىزدەش نومۇرى: uighursoft_alimahat
ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتىنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى كۆرۈڭ.
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېلان قىلىنغان رەسىم
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلىنغان رەسىم
==============
ئۈندىدار لۇغىتىمىزگە مۇشۇنداق رەسىملەرنى ئەۋەتىش ئوڭۇشلۇق بولسا، تۆۋەندىكىدەك دەلىللەش ئۇچۇرى چىقىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي «ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى» باش بېتىدە ئېلان قىلىنىدۇ، قېنى سىناپ بېقىڭ.
==================
كۈندىلىك رەسىملەرنى كۆرۈش ئۈچۈن udict.cn نى زىيارەت قىلىڭ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 18,300 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2014-يىلى 01-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 12:26
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (سىناق) تورى ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما :چاغانلىق دەم ئېلىش (قىزىلبايراق كومپيۇتېر بازىرى)
物必先腐而后虫生قانداق تەرجىمە قىلىمىز؟
ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم، بايرام كۈنلىرىڭىزنىڭ خوشاللىق ئىچىدە ئۈتۈشىگە تىلەكداشمەن. سىزدىن بىر مەسىلىنى سورىۋالسام، مىنىڭ تور كۆرگۈچۈمدە قالايمىقان بەلگە چىقىۋالدى، بوشلۇقنىڭ ئورنىغۇ دەيمەن، EE غا ئوىشايدۇ، ئۈستىدە ئۈستىگە قارىغان ئىستىرىلكا بار، خەنزۇچە تور بېكەتلەردە مەسىلە يوق، ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردىلا شۇنداق، قانداق ئوڭشاشنى بىلەلمىدىم.
مىنىڭ ئىلخەت ئادىرسىمغا windowsxp توختايدىغانغا 76 كۈن قالدى دەپ خەت كەپتۇ.
مىنىڭ ئىلخەت ئادىرسىمغا windowsxp توختايدىغانغا 76 كۈن قالدى دەپ خەت كەپتۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ، بۇ بەك ياخشى ئىش بولۇپتۇ ،ئىشلىرىڭىزغا بەركەت تىلەيمەن …
ئوففىس نىچۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
surfaceRTنى 8.1نۇسخىسىغا كۆتۈگەندىن كىيىن بارلىق يىڭىلانمىلارنى قاچىلاپ بولۇپ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرسىڭىز بولدىكەن ،ھەمدە office2013نىمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بويچە ئىشلىتىشكە بولىدىكەن.
لىكىن surfaceRTنىڭ سۈرئىتى سەل ئاستا ،قىتىۋىلىش ئەھۋالى نىسبەتەن كۆپ ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر تەرىپى windowsتور دۇكىندىكى دىتاللاردىن باشقنى قوللىمايدۇ.
ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز،مەن مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ تاختا كومپىيوتىرىنى سېتىۋالاي دىگەن ئەگەر شۇنداق قىلسام ئۇيغۇرچە ۋىن 8نى قاچىلاپ ئىشلىتەلەمدىم .ۋىندوۋىسنىڭ باشقا نەشىرلىرىنىمۇ خالىغانچە قاچىلاپ باشقا كومپىيۇتېردەك ئىشلىتەلەمدىم ئېغىر كۆرمەي مەسلىھەت بەرسىڭىز ……………
surface pro نى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، بۇرۇنقى Surface RT دا ئۇيغۇرچە تىل بولاقنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم! مەن surfaceRTنى 8.1 نۇسخىسىغا كۆتۈرۈپ بارلىق يىڭىلانمىلىرىنى يىگىلىغاندىن كىيىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۇرۇپ ئىشلىتۋاتىمەن، دەسلەپتە بولمايتتى كىيىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرگىلى بولدىغان بوپتۇ.ھازىر ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچە،ئىنگىلىزچە تىل بولىقىنى ئىشلىتىۋاتىمەن .ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم كەچۈرگەيسىز !(ئەركىلىگەن چىراي ئىپادىسى)
ۋىندۇس8.1 مۇھىتتا ،تىل بۇلىقىنى قاچىلماي تۇرۇپ ،ئەلكاتىپنى ئاۋال چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ،ئاندىن تىل بۇلىقنى قاچىلسام ،مىتىرو يۈزى تۇلۇق ئۇيغۇرچە بولمىدى ،ئەمدى ئەلكاتىپنى چىقىرىتىپ سىناپ باقاي دىسەم،ئۆچۈرگىلى بولمايۋاتىدۇ،بۇنىمە ئۈچۈن؟ئۈچۈرۈش نى پەقەت ئۇقمىدىم.
20كۈندەك بوپ قاپتۇ ، بىلوگدا ھېچبىر يېڭلىق يوققۇ.
ئالىم مۇئەللىم بىلوگىڭىزغا كۈندە قارايمەن ، بەك ئالدىراش بوپ كەتتىڭىزمۇ قانداق؟ يېڭى خەۋەرلەرمۇ يوللانمىدى.
windows Phone8گە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇش توغرىسدا بىرەر ياخشى خەۋەر يوقمۇ؟
ئەمدى تەتىل بولدۇق، ھەقىقەتەن بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. ئەمدى يېڭى تېما يازارمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، تارتقان جاپالىرىڭىزنىڭ ئەجرىنى ئاللا بەرگەي. بۇ ناھايتى ياخشى بوپتۇ، مەنمۇ ئۇچراتسام چوقۇم يوللايمەن.