چاغانلىق دەم ئېلىش (قىزىلبايراق كومپيۇتېر بازىرى)
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرى 2014-يىل 1-ئاينىڭ 30-كۈنى (پەيشەنبە) چۈشتىن كېيىن تاقىلىدۇ، 31-چېسلادىن باشلاپ 10 كۈن ئارام ئالىدۇ. 2-ئاينىڭ 10-كۈنى قايتا ئېچىلىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمىدىكى خادىملارمۇ ئارام ئالىدۇ. ۋاقىپ بولغايسىلەر.
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 2,432 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2014-يىلى 01-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 15:39
- ئالدىنقى يازما :تەرجىمە ۋە ئىملا خاتالىقلىرى ئازايسۇن دېسىڭىز
- كېيىنكى يازما :«ئۇيغۇرسوفت تېلېفون» باشقۇرۇش دېتالى
تېخىمۇ كۆپ
14 پارچە باھا يېزىلدى
سىز ئۇيغۇرنىڭ پەخرى ئالىم ئەھەد ئاكا ،
ھۆرمەتلىك ئالىم ئەھەد ئەپەندى، ياخشىمۇ سىز مەن ئالدى بىلەن مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوسىت قىرىنداشلىرىم نامىدىن سىزگە ئالى ئىھتىرام ھەم ھۆرمەت بىلدۈرمەن، مەن سىزنىڭ ئالى جاناپ پەزىلىتىڭىزگە قايىل مەن، سىزنىڭ بىزگە قىلىپ بەرگەن ئىشلىرىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت!!! ھازىرچە سىزگە مۇشۇنچىلىكلا سۆز قىلالىدىم، چۈنكى بۇ مىنىڭ مەزكۇر بىلوگقا تۈنچى قېتىم كىرىپ زىيارەت قىلىشىم، بۇندىن كىيىن سىزدىن كۆپرەك تەلىم ئىلىشقا ياراتقۇچىمىز نىسپ قىلغاي.
لاچىن دوستىمىز قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرىغا بېرىپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن ياكى بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ سېتىش بۆلۈمى باشقا يەردە بولغان بولسا چوقۇم ئېچىشى مۇمكىن،بۇ بۇرادەر خاتا چۈشىنىپ قاپتۇ ئالىم مۇئەللىم.
شۇ ئۈرۈمچىگە كېلىپ باقمىغاندەك تۇرىدۇ، مانا ماۋۇ يۇمشاق دېتال ئېچىش بۆلۈمىدىكى خادىملارنى بىلەن ناھايىتى جىددىي ئىشلەۋاتىمىز.
چاغاندا سىلەر نىمىشقا ئارام ئالىسىلەر ؟ يا ئۇ بايرام بىزلەرنىڭ بولمىسا ….
چاغاندا قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرىدىكى بىنانى بىز ئۈچۈن ئاچقۇزۇپ بەرگەن بولسىڭىز، بىز سىزدىن چەكسىز مىننەتدار بولاتتۇق، سېتىش بۆلۈمىمۇ نورمال تىجارەت قىلغان بولاتتى. 16 يىلدىن بۇيان شۇنداق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، لېكىن بىرەرسى بىز ئۈچۈن ئاچقۇزۇپ بەرمىدى.
ئەمما دۆلەت قانۇنى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ يەرلىك قانۇنلىرىدا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايراملاردا ئەمگەك قانۇنىنىڭ روھى بويىچە خىزمەتچىلىرىمىز ئارام ئالسا نەرى خاتا بولىدىغاندۇ؟ ھېچ بىلەلمىدىم.
ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم، بايرام كۈنلىرىڭىزنىڭ خوشاللىق ئىچىدە ئۈتۈشىگە تىلەكداشمەن. سىزدىن بىر مەسىلىنى سورىۋالسام، مىنىڭ تور كۆرگۈچۈمدە قالايمىقان بەلگە چىقىۋالدى، بوشلۇقنىڭ ئورنىغۇ دەيمەن، EE غا ئوىشايدۇ، ئۈستىدە ئۈستىگە قارىغان ئىستىرىلكا بار، خەنزۇچە تور بېكەتلەردە مەسىلە يوق، ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردىلا شۇنداق، قانداق ئوڭشاشنى بىلەلمىدىم.
بۇنىڭ سەۋەبى: خىيال كىرگۈزگۈچىسىنى قاچىلىغانلىقتىن كېلىپ چىققان. شۇڭا ئۇ كىرگۈزگۈچنىڭ 2.0 نەشرىنى قاچىلاڭ. يەنە بولمىسا يۇيىۋېتىپ باشقا كىرگۈزگۈچ قاچىلاڭ(بۇ ئۇسۇلنى ئانچە تەۋسىيە قىلىپ كەتمەيمەن)
مەن خىيال كىرگۈزگۈچىسىنى قاچىلىمىغان، نىمە سەۋەپلىكىنى بىلەلمىدىم.
تېخىمۇ ئالدىراش بۇلۇپ كەتكىدەكسىزدە!
شۇنداق، بۇ يىل شۇنچىلىك ئالدىراشلىق بىلەن باشلاندى
ئالىمجاننىڭ چوڭلارنى يوقلايدىغانغا ۋاقىت دىگەن كەڭتاشا چىقىپتۇ . چارچاپمۇ كەتكەنسىز .
بوپتۇ؛ بىز دۇكان ئىچىلغاندا ئاندىن ئۇيغۇرسوفىت سىتىش بۆلىمىگە يۇمشاق دىتال سىتىۋالغىلى بارارمىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ! مۇشۇ 10 كۈن ئارام ئىلىش جەريانىدا (ئەگەر مۇمكىن بولسا) ئامىرىكا مىكروسوفىت شىركىتىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ باقسىڭىز بوپتىكەن، ئۇلار windowsphone غا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇشقا ماقۇل كەلگۈدەكمۇ ياكى ئۇنىمايدىغاندەك تۇرامدۇ. مەن كۈندە دىگۈدەك بىلەت تاشلاۋاتىمەن بولمىسا. ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزمۇ تولا بىلەت تاشلاپ (ماۋۇ ئادىرىسقا دىمەكچىhttp://windowsphone.uservoice.com ) بىلەت سانىنى خېلى ئاۋۇتتۇق. ۋاقتى كەلگەندە ئۈمۈدىمىز بەربات بولۇشتىن بەكمۇ ئەنسىرەيمەن.
ئالىم مۇئەللىم قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىڭىزگە بارىكاللاھ.
مەن بىر مۇنبەر قۇراي دېگەننىدىم. لېكىن ئۇزۇن يىلنىڭ ياقى ۋوردپىرەس سېستىمىسىدىكى بىلوگ بىلەن ھەپلىشىپ يۈرۈپ شۇنداق كۆنۈپ قاپتىمەن.
مەن ئويلايمەن، بۇ سېستىما خېلى ئىلغان بولغاندىكىن خۇددى دىسكوزنىڭكىگە ئوخشاش قىلىپ ئۇسلۇپ ياسىغىلى بولارمۇ؟
مەنغۇ توردىكى بەزى مۇنبەر ئۇسلۇبىنى كۆردۇم. لېكىن دىسكوزدەك ئەمەسكەن. ياكى مەن ئۇنداق ئۇسلۇب بار يەرلەرنى كۆرمىدىممۇ؟
ئەگەر ياسىغىلى بولسا كىم ياسايدۇ؟ ياكى خەنزۇچە، ئىنگىلىسچە مۇنبەردە شۇنداق ئۇسلۇب بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز، تەرجىمە قىلدۇرسام ياكى ئۆزۆم تەرجىمە قىلىۋالسام.