نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

25-ماي سەھەردە مەن بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان رادىيو سۆھبىتى

[ تاغدىن-باغدىن ]

مەن ئەتە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ نەق مەيدان زىيارىتىگە قاتناشماقچى، مەخسۇس مەندىن سوئال سورايدىكەن، رىياسەتچىنىڭ مەندىن سورايدىغان سوئاللىرىنىڭ دائىرىسى تۆۋەندىكىدەك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، سىلەرنىڭ يەنە قانداق سوئاللىرىڭلار بار؟ ئاستىغا ئىنكاس شەكىلدە يېزىپ قويۇڭلار، مەن رادىيودا جاۋاب بەرسەم، بۇ يەردە يازغانغا قارىغاندا تېز بولىدۇ.

بۇ زىيارەتنىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى (شەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى 7:30 دا، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇنىۋېرسال چاستوتاسى، قىزىقىدىغانلار ۋە ۋاقتى يېتىدىغانلار ئاڭلاپ باقساڭلار بولىدۇ.

«سەمىمىي ھەمكارلىق، سىجىل تەرەققىيات» دېگەن تېمىدىكى نەق مەيدان سۆھبىتىنىڭ سۇئال تېزىسى:

1) سىز مىكروسوفىت شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، Windows 8 سېستىمىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تاماملىدىڭىز. سىز قانداق قىلىپ، مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ توختامىغا ئېرىشەلىدىڭىز؟ ئالدى بىلەن مۇشۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتەمسىز؟

2) مىكروسوفىت ئۇيغۇرسوفىتقا قانداق ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى؟

3) Windows 8 ئېلان قىلىنغاندىن بۇيانقى يېرىم يىللىق ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىشى ياكى ئىشلىتىلىشى قانداق بولدى؟

4) ئۇيغۇرسوفت شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قۇرۇلۇش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئاز سانلىق مىللەت كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال شىركىتى. دېمەكچى شىركىتىڭىزنىڭ قۇرۇلۇش، تەرەققىيات جەريانى ئۆزگىچە كۈچۈرمىشلەرگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. ئەمدى مۇشۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتەمسىز؟

5) بىر كومپيۇتېر كارخانىسىغا نىسبەتەن توختامنى قولغا كەلتۈرۈش، مەھسۇلاتىنى بازارلاشتۇرۇش قىيىن مەسىلە. توختامنى قولغا كەلتۈرۈش، ۋەدىگە ئەمەل قىلىش، بازار ئېچىشنىڭ سىزگە بولغان زىيىنى ۋە پايدىسى قانچىلىك بولدى؟

6) ئۇيغۇر پروگراممىرلىرىنىڭ ئاز بولۇشى ئوبيېكتىپ قىيىنچىلىق. سىز بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىپ كەلدىڭىز؟

7) سىزچە، Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچىلىشىشىدىن، ئۇيغۇرچە كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ قايسى باسقۇچقا كەلگەنلىكى ھۆكۈم قىلىشقا بولامدۇ؟

8) سىز بىر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى تۇرۇپمۇ، كەسپىڭىزگە ئەسلا يېقىن كەلمەيدىغان ئۇيغۇر تىلى ۋە گىراماتېكىسىنى خېلىلا چوڭقۇر تەتقىق قىلىپسىز. بۇ يەردىكى كۈچ-غەيرەت نەدىن كەلگەن؟

9) سىز تولىمۇ خۇشچاقچاق، ئۇچۇق – يورۇقكەنسىز. بۇ مىجەزىڭىز كەسپىڭىزدە نەتىجە قازىنىشىڭىزغا تەسىر قىلدىمۇ – يوق؟

10) يۇقىرى تېخنىكا مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدىغان كارخانا قۇرۇش، ئۇنى ئوڭۇشلۇق يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى توپلىغان تەجرىبىلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق؟

11) نۆۋەتتىكى ئەھۋالىڭىز بىلەن كەلگۈسى نىشانىڭىز ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك پەرق بار؟ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتى قانچىلىك؟

============================================
ئاڭلاش ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ.
mms://vod.xjbs.com.cn/vod1/维吾尔语综合广播/yakxanbilik sohbat/201305/yakxanbilik sohbat_20130525_321.wmv

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
99 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • سىزگە كۆپ رەھمەت، ئانا تىلىمىز ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىڭ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى am 08:11
  • http://www.baidu.com
    قاتارلىق ئىزدەش تورلىرىغاuyghurدەپ كىرگۈزسەم بۇنداق چىقىۋالدى•تور ئادرېسى http://www.baidu.com نىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈڭ.
    •بۇ بەتنى ئىزدەش موتورىڭىزدىن تېپىڭ.
    •بەتنى بىرنەچچە مىنۇتتىن كېيىن قايتا يېڭىلاڭ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى am 11:40
  • ۋىندوۋس8 دا ، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى قانداق قاچىلايمىز ؟ بىلىدىغان تورداشلار ياردەم قىلىڭلار !

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 23:22
    • خەت نۇسقىسى ھۆججىتىنى c:\windows\fonts نىڭ ئىچىگە قويۇپ قويسىڭزلا بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 18:21
    • ئىنتىرنېت سۈرىتى تېز بولغان يەردە تورغا چىقىپ تىل تاللاش كۆزنىكىدىن چۈشۈرسىز ئاندىن كومپىيوتورىڭىزنى قايتا قوزغاتسىڭىزلا بولىدۇ.مۇشۇ بىلوگدائالىم مەلىمنىڭ يوللىغان تىمىسىدا تەپسىلى ئۇچۇرلار بار ….

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 15:21
      • ئۇنى چۇشۇرۇپ قاچىلىدىم ، ئەمما شۇ چىرايلىق ئەمەسكەن ، مەن مۇشۇ بىلوگدىكى خەتكە ئوخشاش چىرايلىق قىلاي دىگەنتىم ……..

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 21:50
  • ئەسسلامۇئەلەيكۇم ، ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز !
    مەن 3-ئايدا «ئۇيغۇرسوفت تەربىيەلەش سىنىپى» دا ئوقۇش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدۇم ، يەنە قاچانمۇ ئىكىنجى قارارلىق تەربىيەلەش سىنىپى توغرىلىق ئۇچۇر چىقىپ قالار دەپ تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتۈپ تۇرۇپتىمەن ، ئالدىنقى قېتىم ئوقۇش مۇددىتىنى 3 ئاي دەپتىكەنسىز ، مانا ئۈچ ئايمۇ توشۇپ قالدى …
    تەربىيەلەش سىنىپىنىڭ ئۈنىمى قانداق بولدى ؟ قانچە ئوقۇغۇچى شىركىتىڭىزگە ئورۇنلاشتى ؟
    مىنىڭمۇ شۇ تەربىيەلەش سىنىپىغا قاتنىشىپ شىركىتىڭىزدە ئىشلەپ قالغۇم بار .
    جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 20:54
    • يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن پۈتىدۇ، ئۈنۈمى ھەرھالدا ياخشى بولدى، ئاخىرىغىچە 15 بالا تەربىيەلىنىپ چىقتى. ئالدىراشلىقتىن خۇلاسە خاراكتېرلىك تېما يېزىپ بولالمىدىم، لېكىن پات يېقىندا ئېلان قىلىمەن.
      ئەمدى ئالدىراش ئىشلىمىسەك بولمايدۇ، شۇڭا يەنە ئاچىدىغان ۋاقىت يوق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 15:49
  • خەت نۇسخسنى چىرايلىق قىلدىغان فونتنى قەتئى كۆچۈرەلمىدىم ، ياردەم قىلساڭللار!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 18:51
باھا بېتى: 1 2 3 4