بۈگۈن بىۋاسىتە نەقمەيدان سىناق دەرس سۆزلەيمەن[ۋاقىتلىق تېما]
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]10-ئاينىڭ 8-كۈنى يەنى بۈگۈن كەچ 8:00-8:30 دا بىۋاسىتە سىناق دەرس سۆزلەپ باقماقچى، ۋاقتى بارلار قاتنىشىپ ئاڭلاپ بېقىڭلار، ناۋادا ئۈلگۈرەلمەي قالسام ياكى توردا بىرەر مەسىلە كۆرۈلسە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، شۇڭا ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ ئاڭلايمەن دېمەڭلار، پەقەت شۇ چاغدا كومپيۇتېر ئالدىدا بولساڭلار ياكى تېلېفونۇڭلاردا WiFi بىلەن تورغا چىققان بولساڭلار ئاڭلاپ باقساڭلار بولىدۇ.
ئادرېسى: http://ke.qq.com/cgi-bin/courseDetail?course_id=95786
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 5,648 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 18:19
- ئالدىنقى يازما :Continuing growth of Dish Tectonics and also just how Specialists View the
- كېيىنكى يازما :Promoting: Advancement and Part
تېخىمۇ كۆپ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم ئەمىسە دەرسىڭىزنىڭ داۋامىنى ساقلايمىز … ! رەھمەت سىلىگە !
مۇئەللىم ، باشقا بىر ئوسۇل قوللۇنۇپ باقساق ، تېڭشۈننىڭ دەرىسنى تەستىقلىشىنى كۈتۈش بەك تەس ئىش ئىكەن
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دەرسنى بىلىگ دەرسخانىسىغا چىقىرىشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ
http://www.bilig.cc
دېمىسىمۇ بۇ چاققىچە تەستىقلىشى كېرەكتە…
بەك بولمىسا باشقا دەرسخانىگە كۆچمەمدۇق؟ ئۇلارغا تەلمۈرۈپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغۇچە…
ھازىر تور دەرسخانىسى بەك جىقكەنغۇ؟
ئالىم مۇئەللىم ماۋۇ رۇسلارنىڭ تورىغا چىقارساق قانداق بۇلار بۇ يەردە ئۆزبەك قېرىنداشلارمۇ نەپ ئالاركەن ،بىراق مەن قارىسام سىز سۆزلىگەن مەزمۇن ماس كەلمەيدىغاندەك تۇرۇدۇ
http://www.ok.ru
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، سىزنىڭ توردا ھەقسىز دەرس ئۆتۈشكە باشلىغانلىقىڭىز ھەم دەرس سۆزلىگەنلىكىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت ئېيتىمىز . تېڭشۈن دەرسخانىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈزۈكلىكى 720p ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتىكەنسىز شۇڭا سىزنىڭ دەرسلىكلەرنى ۋاڭيى تور دەرسخانىسىغا يوللاشنىمۇ ئويلىشىپ بېقىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن . ۋاڭيى تور دەرسخانىسىنىڭ سۈزۈكلىكى 1080p ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ سىننى تەستىقلىشى تىز بولىشى مومكىن . ۋاڭيىنىڭ دەرسلىكلىرى تېڭشۈننىڭكىدىن كۆپ ياخشى . تور ئادىرسى http://study.163.com/ . رەخمەت ئاۋارە قىلدىم .
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم دەرىسنى سىنغا ئېلىپ تورغا يوللاپ بىۋاستە قۇيۇلۇش ۋاقتىنى تەڭشەپ قويسىڭىز ،مىنىڭچە شۇنداق قىلغىلى بولىدۇ بىز شۇچاغدا كورسەك بولمامدۇ ؟ دەرىس ۋاقتىنى بىلمىگەچكە كۆرۈشتىن مەھرۇم قالدىكەنمىز بولسا بۇنى ئويلىشىپ قويسىڭىز
شۇنى تەستىقلايدىكەن شۇ، ھازىرغىچە ئىككى ھەپتە بولدى، سۆزلىگەن دەرسلىرىمگە ھازىرغىچە تەستىق چۈشمىدى، قايسى كۈنى كەچتە 7500 دەك ئادەم بار ئىدى، ئۇخلاپ قوپسام 4000 ئادەم يوقاپ كېتىپتۇ، تېڭشۈندىكىلەر نېمە ئىش قىلىۋاتىدىكىن؟ سەۋەبىنى بىلمىدىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز؟ جاپا چەكتىڭىز،سالامەت تۇرۇشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈدقىلىمەن ،مۇمكىن بولساسىن ھۆججىتىنى تورغا يوللاپ بەرسىڭىز ،خىزمەت ۋە باشقاتۈپەيلى نۇرغۇن قېرىنداشلار نەق مەيدان دەرسكە قاتنىشالمىدۇق.
بولىدۇ، ئەمما ئىككە ھەپتە بۇرۇنقى دەرسلەرنىمۇ تەستىقلىمىدى
بولسا دەرسلىكنىڭ سۈرەتكە ئىلىنغان, نەق مەيدان سۆزلىگەن قىسمىنى بەيدۇ تور دىسكىسىغا يوللاپ ، ئادرىسىنى ھەمبەھىرلەپ قويغان بولسىڭىز بەكلا مەمنۇن بولغان بولاتتۇق، دەرسكە ۋاقتىدا كىرەلمەي قالغانلارغا قۇلاي بولاتتى،
تۈنگۈن مەنمۇ دەرسىڭىزگە كىرەي دەپ 腾讯课堂 دىن كىرسەم ،قانچە قىلىپمۇ كىرەلمىدىم، بىر سائەتلىك دەرستىن قۇرۇق قالدىم دىسە
مۇئەللىم !!!- ئىلگىرى سۆزلىگەن دەرسلىرىڭىزدىن بىرەرنى چ چ توپقا يوللاپ قويسىڭىز ، شۇنى بولسىمۇ كۆرگەچ تۇراتتۇق …..
ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز؟
مەن دەرسىڭىزنى ئاڭلاشقا شۇنچە تەشنا بولۇپ كەتتىم ،ئاۋۇ كۈنى دەرسىڭىزنى ئاڭلىيالمىدىم كەچۈرۈڭ ! .
بۈگۈن مەن دەرسخانىڭىزدا دەرسىڭىزنى ئاڭلاشقا تەييارلىق قىلىپ سىز بىلەن كۆرۈشۈپ ، چۈش كۆرۈپ قاپتىمەن ، بۇ بەك ياخشى بولغۇدەك !!!