تېڭشۈن دەرسخانىسىدا قايسى دەرسلەرنى باشتا سۆزلىسەم بولار؟
[ تاغدىن-باغدىن ]ئالىم ئەھەت دەرسخانىسىدا بىر ئاي داۋاملاشقان VB.NET پىروگرامما لايىھەلەش ئاساسىي بىلىملىرى ئاساسەن ئاخىرلاشتى. مەيلى قانداق پىروگرامما لايىھەلەش تىلى بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئۆزگەرگۈچى مىقدارلار ۋە ئۇلارنىڭ مەلۇمات تىپى، سىستېما تەمىنلىگەن فۇنكسىيەلەر، تەرتىپلىك قۇرۇلما، شەرتلىك قۇرۇلما ۋە دەۋرىيلىك قۇرۇلما، سانلار گۇرۇپپىسى قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ پىروگرامما لايىھەلەشتىكى دەسلەپكى باسقۇچ بولۇپ، بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلغاندا باشقا پىروگرامما لايىھەلەش تىللىرىنى ئاسانلا ئىگەللەپ كەتكىلى بولىدۇ، شۇنداقلا بەزى ئاددىي پىروگراممىلارنى يېزىشقا بولىدۇ. ئەمما مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى يەنىلا سىز لايىھەلىمەكچى بولغان پىروگراممىدا ھەل قىلىش چارىسى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇ دەرسنى ئاڭلاۋاتقانلارنىڭ قايتا-قايتا تەكرار قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن يەنە C# پىروگرامما لايىھەلەش تىلىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنىمۇ سۆزلىمەكچى ئىدىم، ئەمما 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن كېيىن بېيجىڭغا بارىدىغان سەپەر چىقىپ قالغان ئىدى. مەن شۇنىڭغا تەييارلىق قىلدىم، 25-چېسلا يولغا چىقىپ، 12-ئاينىڭ 2-كۈنى قايتىپ كەلدىم. بېيجىڭدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھېسابلاش تەتقىقات ئورنىدا «چوڭ مەلۇمات يادرولۇق تېخنىكىسى، مەلۇمات قېزىش ۋە ماشىنىغا ئۆگىتىش» قاتارلىق ھازىر ئەڭ مودا بولۇۋاتقان دەرسلەرنى ئۆگىنىپ كەلدىم، مەنمۇ مۇشۇنداق ئوقۇغۇچى بولۇپ قالىمەن بەزىدە. سىلەرمۇ داۋاملىق ئۆگىنىپ تۇرۇڭلار.
12-ئاينىڭ 1-كۈنى مىكروسوفت ئاسىيا-تېنچ ئوكيان تەتقىقات ئاكادېمىيەسىگە بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن سۆھبەتتە بولدۇم (بىلوگىمدا ئايرىم تېما يېزىشىم مۇمكىن) سەپەردىن سالامەت قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەتچىلەرنى يىللىق باھالاش، كېلەر مەۋسۇملۇك دەرس، كېلەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقالە تېمىسى،….دېگەندەك جەدۋەل تولدۇرۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ، تېڭشۈن دەرسخانامدىكى دەرسلەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋاقتىم چىقماي قالدى، كەچۈرۈڭلار. ئەمما بىرنەچچە كۈندىن بۇيان دەرسلەرنى ئاز-ئازدىن سۆزلەپ داۋاملاشتۇرماقچى بولۇۋاتىمەن. شۇڭا C# نىڭ ئاساسىي بىلىملىرى، Excel نىڭ قوللىنىشى، MS SQL Server ئاساسىي بىلىملىرى،….دېگەندەك مەزمۇنلارنىڭ قايسىنى ئالدىدا سۆزلىسەم مۇۋاپىق بولار؟ قېنى پىكىرىڭلار بولسا ئاڭلاپ باقاي.
C#
MS SQL Server
Excel
…
- يازما كۆرۈلۈشى: 5,288 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 18:30
- ئالدىنقى يازما :PROS AND CONS OF LEGALIZING Weed
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى يېڭىلاندى
مەن يىڭىدىن ئۈگەنگۈچى بولغاچقا قىنىلىپ قالدىم. ھەتتا،#Cنى چۈشۈرۈشتىمۇ شۇ…
c#+sql server نىڭ تولۇق دەرسىنى سۆزلىسىڭىز ياخشى بولاتتى،مەلۇم باشقۇرۇش سىستىمىسىنى ئىچىش تۈرى توغۇرلۇق،دەرىس تۈگىسە بىر باشقۇرۇش سىستېمىسى پۇتسە،ھەممىمىزنىڭ ئۆگىنىشىگە قولايلىق ئىلىپ كەلگەن بولاتتى.c#توغرىسىدا سۆزلىگەن دەرسىڭىز بەك ئازكەن،نۇقتىلىقc#نى سۆزلىسىڭىز بولاتتى
بولىدۇ، ئەمما SQL Server نى قايتا سۆزلىمەيمەن
باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئېچىش جەھەتتە ھازىرچە VB.NET دىن پايدىلىنىپ تۇرساڭلار بولىدۇ، VB.NET دا يازسا ئىناۋەت چۈشىدىغان، #C دا يازسا ئابرۇيى ئۆسىدىغان ئىش يوق
دەسلەپتە كۆپچىلىك ئالىم مۇئەللىم دەرس سۆزلەيدىكەن ھاياجانلىنىپ قىزغىنلىق يۇقىرى لىكىن نەچچە كۈندىن كىيىن ھاياجانلار بىسىقىپ ئۈگىنىش داۋاملاشمايدۇ. ھەقلىق قىلغاندىن كىيىن ئۈگەنمەكچى بولغانلار ئەقىل بىلەن ماڭىدۇ. ئالدىنقى قىتىملىق كۇرۇسىڭىزغا بارغىم بار ئىدى، لىكىن ئىقتىسادى بىسىم بىلەن ئەمەلگە ئاشمىدى، مۇئەللىم ھەقلىق قىسمىنى ئوقوغۇچىلارنى ئاساس قىلىپ ئوتتۇراھال سەۋىيەدىكىلەر كۆتۈرەلىگۈدەك قىلسىڭىز، تەتىل توشاي دەپ قالدى.
دەسلەپتە كۆپچىلىك ئالىم مۇئەللىم دەرس سۆزلەيدىكەن ھاياجانلىنىپ قىزغىنلىق يۇقىرى لىكىن نەچچە كۈندىن كىيىن ھاياجانلار بىسىقىپ ئۈگىنىش داۋاملاشمايدۇ. ھەقلىق قىلغاندىن كىيىن ئۈگەنمەكچى بولغانلار ئەقىل بىلەن ماڭىدۇ. ئالدىنقى قىتىملىق كۇرۇسىڭىزغا بارغىم بار ئىدى، لىكىن ئىقتىسادى بىسىم بىلەن ئەمەلگە ئاشمىدى، مۇئەللىم ھەقلىق قىسمىنى ئوقوغۇچىلارنى ئاساس قىلىپ ئوتتۇراھال سەۋىيەدىكىلەر كۆتۈرەلىگۈدەك قىلسىڭىز، تەتىل توشاي دەپ قالدى.
مانا بۈگۈن تەستىقلاندى، بۈگۈندىن باشلاپ تىزىملاش باشلاندى
نىت دەرىسىنى بىر سېستىمىنى تولۇق پۈتتۈرگىچە تولۇق سۆزلىگەن بولسىلا ياخشى بولاتتى مۇئەللىم، ھازىرغىچە ئۈگەنگەن تىللار ساپلا سانلار گۇرۇپپىسىدا توختاپ قالدى، بۇ قىتىم ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشقا بىلىم باغلاغلىق ئىدى، بىلمىدىم مۇئەللىم …
شۇنداق مېنىڭمۇ تولۇق سۆزلىگۈم بار، ھەقسىز نەرسىنىڭ قەدرى بولمايدىكەن، ئاڭلىغۇچىلارغىمۇ بېسىم پەيدا بولمايدىكەن، شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن مۇكەممەل بىر سىستېمىنى ياساشنى ھەقلىق ھەقلىق سۆزلەيمەن،
ئالىم مۇئەللىم مەن مۇشۇ دەرسخانىڭىزنىڭ چچ توپىغا كىرەي ئادەم بەك جىقكەن ئىلتىماس قىلىپ قويغىلى نەچچە ئاي بولدى قاتنىشالمىغان دەرسلىرىمنى سوراي دېسەم يا بولمىدى شۇڭا كىرەلمىگەنلەر ئۈچۈن يەنە بىر چچ توپ قۇرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى
بولسا . نېت دەرىسلىكلىرىدىن بىر يۈرۈش تولۇق تەپسىلاتىنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز بەك بەلەن بولاتتى
ھەپتە 10 كۈندىن كېيىن سۆزلەيمەن
ئالىم مۇئەللىم مەن دەرىسىڭىزنى كۈرەي دوپ شۇنداق قىلساممۇ كۈرەلمىدىم ،توپتا بالىلار بەك كۆپكەن مىنىڭمۇ پىروگگىرامما ئېچىشىنى ئۆگەنگىم بار ئىدى مەن ئامال قىلالماي ۋاتىمەن بىزگىمۇ بىر ئاسانلىق يارتىپ بەرسىڭىز
توردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 9000 دىن ئىشپ كىتىپتۇ، ئەمما دەرىس ھىچ يىڭىلناي دېمىدى،شۇ توغۇرلۇق ئىنكساس يازاي دەپ كىرسەم، ئۈستىدىكى ئىنكاسنى كۆردۇم، يىڭى يىلدا باشلايدىكەنسىز، يىڭى يىلغىمۇ بىر نەچچە كۈن قالدى، ئىشلىرىڭز ئوڭۇشلۇق بولسۇن مۇئەللىم.
ھازىر سۆزلىسەممۇ بالىلار ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. بەرىبىر كۆرۈشكە ۋاقتى يەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ تەتىلىگە توغرىلاپ باشلىماقچى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۆزلەپ بولغان دەرسلەرنى يەنە 10-20 پىرسەنت ئوقۇغۇچىلار كۆرمەپتۇ. دەرسكە قاتنىشىش يېتەرلىك ئەمەس.
C# نى قاچان باشلايدىكىن دەپ قاراپ ئولتۇرۇۋاتىمەن.
ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا يېڭى يىلدا