نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

مىكروسوفت ھېيتلىق ئەۋەتىپتۇ

[ تاغدىن-باغدىن ]

تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن جىددىي ئىشلەۋاتقان ئىدىم، پوچتىخانىدا ئىشلەيدىغان بىر ئۇيغۇر قىزى تېلېفون قىلىپتۇ. ئۇ «پوچتىخانىمىزدا چەتئەلدىن سىزگە ئەۋەتىلگەن مۇھىم نەرسە بار ئىدى، ئۇنى ئادرېس بويىچە قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرىغا يەتكۈزۈپ بەرسەك، ئۇ بىنانى زىننەتلەۋېتىپتىكەنتۇق، ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرەلمىدۇق. ئۈستىدىكى ئىنگلىزچە شىركەت ئىسمى بويىچە تېلېفون نومۇرىڭىزنى سۈرۈشتە قىلىپ ئاران تاپتۇق، بۇ نەرسىڭىز بۇ يەردە تۇرۇپ كەتكىلى خېلى ئۇزۇن بولدى، دەرھال كېلىپ ئېلىۋېلىڭ»- دەيدۇ.

مېنىڭ چەتئەلدىكى قايسى تۇققانلىرىم ماڭا بىر نەرسە ئەۋەتكەندۇ-دەپ ئويلاپ، دەرھال پوچتىخانىغا باردىم. چۈنكى بىرەرسى ماڭا بىرەر نەرسە ئەۋەتىمىز دەپ تېلېفوندا ياكى ئېلېكتىرونلۇق خەتتە ئۇقتۇرۇش قىلمىغانىدى. ماڭا كەلگەن نەرسە ئىككى سۇلياۋ خالتىغا قاچىلانغان تېز يوللانما ئىكەن، ئىچىدە كىيىم باردەك قىلىدۇ، ئادرېسىغا قاراپ باقسام بىز ھەمكارلىشىۋاتقان شىركەت ئىكەن. ئۆزۈمنىڭ ئىسمى يېزىلغان خالتىنى ئېچىپ قارىسام، Windows 8 نىڭ بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن مايكا ئىكەن، يەنە بىرسىمۇ شۇنداقتەك تۇرىدۇ. ئىچىدە يەنە رەھمەت خېتى بار ئىكەن. قارىغاندا ئەمدى روزا ھېيتلىق كىيىم سېتىۋالمىساممۇ بولغۇدەك، بۇ مايكىنى كېيىپ Windows 8 ئانا تىلىم دەپ روھلۇق ھېيتلىشىپ يۈرسەم بولىدىغان ئوخشايدۇ، قېنى باھا بېرىپ بېقىڭلار يارىشىپتىمۇ؟ بازارغا چىقىدىغان ۋاقتىم، كارتامدىكى پۇلۇم تېجىلىپ قالىدىغان بولدى. ئەسلىدە بۇنىمۇ ئانا تىلىم مايكىسى قىلىدىغان ئىش ئىكەنتۇق.

رەھمەت خېتىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى مۇنداق، ئەسلىي نۇسخىسىنى رامكىغا سېلىپ ساقلاپ قويسام بولغۇدەك.
====================================
ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە:
گۇرۇپپىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ يەرلىكلەشتۈرۈش تۈرلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئالاھىدە رەھمەت.

شىركىتىمىز سىز بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، سىزنىڭ بۇ خىزمەتنى پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن تىرىشىپ ئىشلىگەنلىكىڭىزگە ۋە ئۆزىڭىزنى بۇ خىزمەتكە پۈتۈنلەي بېغىشلىغانلىقىڭىزغا، شۇنداقلا مەھسۇلاتىمىزنىڭ سۈپەتلىك تاماملىنىشىغا تۆھپە قوشقانلىقىڭىزغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.

رەنا ئىسمايىل
ھەمكارلاشقۇچىلارنى باشقۇرۇش بۆلۈمى
==================================
بۇنداق بولار دەپ راستتىنلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، بۇلار (كاپتالىستلار) ئويلاپ باقمىغان ئامال بىلەن كىشىنى خۇشال قىلىۋېتىدىكەن. ئازىراق بولسىمۇ ھاردۇقۇم چىقىپ قالدى. ئەمما ئاۋۇ بىر ۋاراق تەشەككۈرنامىدىن ئەڭ مۇھىمى ماۋۇ ئىككى يۈرۈش مايكا مېنى تېخىمۇ خۇشال قىلىۋەتتى. چۈنكى بۇ «ئانا تىلىم» مايكىسى تۇرسا، بۇنى تېخى ھايتى دېگەن دۆلەتتە ئىشلەپتۇ. ماۋۇ جۇڭگودا قانچە ئۇرۇق، قانچە ئاچ قالسا، ئاندىن يەنە تۇنجى بالىسى قىز بولسا كومپيۇتېرغا شۇنچە ئۇستا دەپ قارايدۇ، ئەمما چەتئەلدە پىروگراممىچىلار سېمىز بولىدىغان ئوخشايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئويلاپ، ماڭا مايكىنىڭ چوڭ نومۇرلۇقنى ئەۋەتىپ قويۇپتۇ. دوللار ئەۋەتىپ تۇرغاندىكىن، جاپا تارتىپ بۇنى ئەۋەتمىسىمۇ بولاتتىكەن. لېكىن «ئانا تىلىم» دېگەن مانا مۇشۇدە. سەل چوڭ بولسىمۇ ئىپتىخارلىنىپ تۇرۇپ، بۇ مايكىنى كىيىپ يۈرەي، جاپا ئازىراق بولسىمۇ يېنىكلەپ قالار.

ھە راست ئاۋۇ رەنا دېگەن قىز ئۇيغۇرمۇ؟ ياتلىق بولغانمۇ؟ QQ نومۇرى نەچچە؟ ئۈندىدارى بارمۇ؟ مىكروسوفتتتا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر قىزلىرى يەنە بارمۇ؟ دەپ سوراپ يۈرمەڭلار. ھازىر دېگەن رامىزان ئېيى، ياخشى ئىشلارنى كۆپ ئويلاڭلار ۋە قىلىڭلار. ئۇ دېگەن ئەرەب قىزى، ئىككى بالىسى بار. ئۇ QQ ئىشلەتمەيدۇ، Skype ئىشلىتىدۇ، يىغىن ئاچقاندا ئاچچىقى سەل يامان.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
133 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 5 6 7
  • ئالىم ئاكا ياخشىمۇسىز ؟ بۈگۈن بىلوگىڭىزنى تۇنجى زىيارەت قىلىپ سىزنىڭ نەتىجىللىرىڭىزدىن يەنىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم .ھەمدە سىزدەك بىر ئۇيغۇر ئالىمىمىزنىڭ ئارىمىزدا ئىكەنلىكىدىن چوڭقۇر ئىپتىخارلاندىم .خەلقىم ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز قوشقان تۆھپىللىرىڭىز ئۈچۈن سىزگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن . سىزنى بۇنداق يۇمۇرىستىك دەپ ئويلىماپتىكەنمەن بەك قىززىقچى ھەم ھەممە ئىشلارنى بەكمۇ ئەتراپلىق ئويلايدىكەنسىز .چاقچاق: رەنا قىزنىڭ قۇلڭنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتۇپ باكماپتىكەنسىزدە شۇڭا چوڭ نۇمۇرلۇق كوينەكنى .ئىۋەتىپتۇ…..ھې ھې …..

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 16:23
باھا بېتى: 1 5 6 7