بېيجىڭغا سەپەر (بېشى) | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

بېيجىڭغا سەپەر (بېشى)

[ تاغدىن-باغدىن ]

ئالدىنقى يازمىدا «ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنى تىزىش قائىدىسى»نى يوللىسام، سەل كەسپىي بولۇپ قالدىمۇ؟ ياكى قىزىقىدىغانلار ئازمۇ؟ تۈزۈك ئىنكاسمۇ چۈشمىدى، تورداشلارنى زېرىكتۈرۈپ قويدۇممۇ نېمە؟ قارىغاندا بىلوگ يەنى بۇ تور خاتىرىگە يەنىلا ساياھەت خاتىرىسىنى يوللاپ باقسام بولغۇدەك، ئۇنداقتا، بېيجىڭدىكى سەپەر خاتىرىسىنى باشلىدىم.

مەن ۋە مۇھەممەدئىمىن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن 2011-يىل 27-نويابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭغا بېرىشنى پىلانلاپ بېلەت ئالغان ئىدۇق، ئەمما، ناچار ھاۋا رايى سەۋەبىدىن بىر كۈن كېچىكتۇق. ئەتىسى سەھەردە ئايرۇپىلانغا چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ، ھاۋا رايى سەۋەبىدىن يەنە ئۇچالماي، 8 سائەت تۇرۇپ قالدۇق.

خاتىرە كومپيۇتېرلىرىمىزنى ئايرۇپىلان ئىچىدە ئىشلىتىمىز دەپ، يان تېلېفوندا سىمسىز تورغا چىقىپ، ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى كۆرۈپ تۇردۇق، شۇڭا ئانچە زېرىكىپ كەتمىدۇق، ئەمما ئېلىۋالغان نەرسىلەرنى يەپ بولدۇق. ئۇچۇش ۋاقتى يەنە كېچىكسە ئاچ قېلىشىمىز تۇرغانلا گەپ ئىدى.

28-نويابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭغا قاراپ رەسمىي يولغا چىقتۇق، ئۈچ يېرىم سائەت ئۇچۇپ بېيجىڭ ۋاقتى 18:00 گە ئاز قالغاندا سالامەت كەلدۇق. ئەمما، ئاللىبۇرۇن قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغان ئىدى. بىز تۇرىدىغان ياتاق-تاماقلىرىمىزنى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدىكىلەر ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتىكەن، بىزنى باشتىن-ئاخىر قىزغىن كۈتۈۋالدى، ئۇلارغا ھەقىقەتەنمۇ كۆپ رەھمەت !

بىز چىقماقچى بولغان ئايرۇپىلان ئاۋۇ يەردە تۇرىدۇ. لېكىن، ھاۋا يەنە تۇمانلىق، قارىغاندا بۈگۈنمۇ ئۇچالمامدۇ-نېمە؟

ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتىنى ساقلاپ، تورغا چىقىپ ۋاقىت ئۆتكۈزدۇق. ئاۋۇ ئەقلىي تېلېفون بولامدىكەن؟

ئەتىسىدىن باشلاپ كۈندۈزلىرى نەچچە كۈن مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۈچۈن ئىشلىگەن «ئۇيغۇرسوفت ماقالە سىستېمىسى»نى قاچىلاش، تەربىيەلەش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈردۇق.

كەچقۇرۇنلىرى بېيجىڭدىكى بىر قىسىم ساياھەت نۇقتىلىرىنى كۆرۈپ كەلدۇق، مەنغۇ بۇنداق يەرلەرگە كۆپ بارغان، لېكىن مۇھەممەدئىمىننىڭ تۇنجى قېتىم بېيجىڭغا بېرىشى بولغاچقا، تۇنجى تەسىراتى يەنىلا باشقىچە بولدى.

بۇ جاي قۇش چاڭگىسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى «سۇ كۈپى سارىيى»، كەچلىك مەنزىرىسى بولامدىكەن؟ 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا، ھېلىقى ئامېرىكىلىق سۇز ئۈزۈش ماھىرى بۇ سارايدا ئۆزى يالغۇز 8 مېدالنى ئېلىۋالدى.

بېرىپ-كېلىشتە ئاساسەن يەر ئاستى پويىزغا ئولتۇردۇق، ھازىر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ماڭدۇق. مېنىڭمۇ ئەقلىي تېلېفون ئىدى، بۇ يىل ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا يېڭىدىن سېتىۋالغان. مېنىڭ بۇ ئەقلىي تېلېفونۇم (Samsung i9100) مۇھەممەدئىمىننىڭ تېلېفونىدىن قېلىشمايدۇ-دەيمەن.

30-نويابىر كەچتە ئۇيغۇر تىلى فاكولتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا، «ئۇچۇرلىشىش تېخنىكىسى ۋە ئۇيغۇر تىل-يېزىقى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەپ بەردىم. (تەپسىلاتىنى ئەلكۈيى تورى خەۋەر قىلىپتۇ، http://bbs.alkuyi.com/thread-13081-1-1.html)

بېيجىڭدىكى ئوقۇغۇچىلار سوئال سوراشقا ھەقىقەتەن يامان ئىكەن، لېكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ يەنە سوئاللارنى ياغدۇرۇۋەتتى. مەكتەپ ئالدىغىچە ئۇزۇتۇپ قويدى، ئۇلارغا كۆپ رەھمەت!

(داۋامى بار)

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تەكلىپ بىلەن مىكروسوفت شىركىتىدە مۇھىم زىيارەتتە بولدۇق، خان سارىيىغا كىردۇق، تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقىپ كۆرۈپ باقتۇق، كۈنلىرىمىز بەك ئالدىراش ئۆتتى، قىزىقسىڭىز داۋامى يەنە يوللىنىدۇ. ئىنكاس چۈشمىسە مۇشۇ يەردە توختاپ قالىمەن جۇمۇ!؟

ئۆزبېكىستانغا زىيارەت (سەپەر خاتىرىسى)نى بۇ يەردىن كۆرۈڭ

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
62 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • نىمشقا بۇرۇنراق بۇ بىلوگغا كىرمىگەندىمەن!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 14:58
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،
    سىزدىن بىر تلىشۇناس ئاكىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلنى سورىماقچى.
    ماڭ شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىدىكى مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ئاكىنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرنى سورىماقچى. بېرەلەسىزمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى am 11:35
  • مۇھەممەدئەمىن ئاداشھوي بارمۇ سىلەر، يۈز كوي پۇلنىڭ كونىسىدەكلا يوقاپ كەتتىڭلىيا؟ بېيجىڭدا ئويناپ كەلدۇق دەڭلا، ھازىر نىمە ئىشلار بىلەن؟ چ چ بىلەن Gtalk تىن خوشلاشقانمۇ؟ ئەھۋاللىشىپ تۇرىلى ماندا ماقىما؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى am 00:11
  • ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم ! مۇئەللىم ، بىزگە دىمىگەن نۇرغۇن ياخشى گەپلەرنى بېيجىڭدىكى ئۇقۇغۇچىلارغا دەپ بىرىپسىز ، ھە؟! مەن بەك خاپا بولدۇم …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 22:00
  • داۋامى…..

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 16:12
باھا بېتى: 1 2 3