ئالىم ئەھەت دەرسخانىسىدا رەسمىي دەرس باشلاندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

ئالىم ئەھەت دەرسخانىسىدا رەسمىي دەرس باشلاندى

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

ئالىم ئەھەت بىلوگى خەۋىرى(www.alimahat.com) :
ئۇيغۇر تىل-يېزىقى كومپيۇتېر، يان تېلېفون ۋە شۇنىڭدەك باشقا ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرىدا بىمالال قوللىنىشقا ئېرىشكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان دىيارىمىزدا ئۇچۇر-تېخنىكا قىزغىنلىقى قايتىدىن تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرىغا جۈملىدىن كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ۋە تېلېفون ئەپلىرىگە بولغان ئېھتىياج شىددەت بىلەن ئاشماقتا. نۇرغۇن ياشلىرىمىز بۇ ساھەگە ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن كىرمەكچى بولسىمۇ، ئەمما قەيەردىن، قانداق باشلاشنى بىلەلمەيۋاتىدۇ. مەن بىر ئالىي مەكتەپنىڭ 19 يىللىق ئوقۇتقۇچىسى، شۇنداقلا بۇ ساھەدە 20 نەچچە يىللىق ئىزدەنگۈچى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمگە تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئېلىپ، تېڭشۈن تور مائارىپىدا «ئالىم ئەھەت تور دەرسخانىسى» (alim.ke.qq.com) قۇرۇپ چىقتىم.
alim
يېقىنقى بىرنەچچە ھەپتىدىن بۇيان كومپيۇتېرغا ئائىت پائالىيەت، يىغىن ۋە لېكسىيەلەرگە كۆپ قاتنىشىپ، بۇ جەھەتتىكى قىزغىنلىقنى كۆرۈپ يەتتىم. تور دەرسخانامدىمۇ ئىككى قېتىم سىنغا ئېلىنغان دەرس ۋە ئىككى قېتىم بىۋاسىتە سىنلىق دەرس سۆزلەپ سىناق قىلدىم. ھازىر مەندىكى تەييارلىق پۈتتى، تېڭشۈن تور مائارىپىدىمۇ دەرسلەرنى تەستىقلاش نورماللىشىپتۇ، شۇڭا دەرس توغرىسىدا تۆۋەندىكى تەپسىلاتلارنى بىلدۈرمەكچىمەن.
12345
مەن ھازىرچە Visual Basic.NET ۋە C# پىروگرامما لايىھەلەش تىلىدىن ئاساسىي مەزمۇنلارنى سۆزلەيمەن، ئالىم ئەھەت تور دەرسخانىسى 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى (دۈشەنبە) رەسمى باشلاندى. ئويلاپ باقسام بۇنىڭدىن 24 يىل ئىلگىرى يەنى 1991-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى مەن كومپيۇتېرنى تۇنجى كۆرگەن، شۇنداقلا پىروگراممىنى يازغان ۋاقىتقا ئۇدۇل كېلىپ قالدى.
مەن ئادەتتە ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، چارشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى دەرس سۆزلەيمەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قېتىم بىۋاسىتە نەقمەيدان سىنلىق دەرس سۆزلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىمەن. بۇ ھەپتىدە جۈمە كۈنى يەنى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە ئۈرۈمچى ۋاقتى 8:00 دە بىۋاسىتە سىنلىق دەرس سۆزلەيمەن. ئۇقتۇرۇشلاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىڭ ھەمدە ئالىم ئەھەت بىلوگىنى پات-پات زىيارەت قىلىپ تۇرۇڭ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
83 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 3 4 5
باھا بېتى: 1 3 4 5