نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

يەنىلا قەلەم، قەغەز ئىشەنچىلىكمۇ؟

[ تاغدىن-باغدىن ]

بۈگۈن ئالىم ئەھەت بىلوگى قايتا ئېچىلدى، ئەسلىدە 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، 4-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەردىن باشلاپ تۇيۇقسىز ئېچىلماس بولۇپ قالدى. بەزى تورداشلار «ئالىم مۇئەللىم بېيجىڭدا ئىدى، زادى نېمە بولغاندۇ؟»-دەپ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلسە، يەنە بەزى تورداشلار «بىلوگىغا ICP ئىلتىماس قىلماپتىكەن، شۇڭا توختاپ قاپتۇ»-دېيىشتى، بىر قىسىم تورداشلار ھەتتا «بىلوگىڭىز ئېچىلماس بولۇپ قالدى، قارىغاندا چەكلىۋېتىپتۇ-ھە»-دەپمۇ سورىدى. ھەر كاللىدا ھەر خىيال دېگەن شۇ ئىكەندە. قارىغاندا ئالدىنقى ھەپتە مېنىڭ بېيجىڭدا نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىم تورداشلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلە بولۇپ قاپتۇ.

ئۇنداق بولسا ئالدى بىلەن تيەنئەنمېننى كۆرگەچ تۇرۇڭلار، قەشقەرگە بارغاندا ھېيتگاھنى كۆرمىسەك بولمىغاندەك، بېيجىڭغا بارغاندا تيەنئەنمېننى كۆرمىسەك بولماسمىش. كۆزۈمنى دوختۇرغا تەكشۈرتۈش ۋە ياخشى كۆزئەينەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن، ۋاڭفۇجىڭ (王府井) تەرەپكە بېرىش زۆرۈر بولۇپ قالدى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تيەنئەنمېن راۋىقىنىڭ ئالدىدىن پىيادە ئۆتكەچ، بىر-ئىككى پارچە رەسىم چۈشۈپ قويدۇم.

ئەمدى بىلوگىمنىڭ ئالدىنقى ھەپتە نېمە ئۈچۈن ئېچىلماس بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدە توختىلاي:
ئالىم ئەھەت بىلوگى 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ يەكشەنبىلىك سۆھبەت پىروگراممىسى ئالاھىدە سەۋەب بولغان ئىدى. مەن سۆھبەتتە مېنىڭمۇ بىلوگ ئاچماقچى بولغانلىقىمنى دېدىم، لېكىن، كېچىكتۈرمەسلىك ئۈچۈن شۇ كۈنىلا ئېلان قىلغان ئىدىم. مەن رەسمىيەتلەرنى ئاز بېجىرىش ئۈچۈن دۆلىتىمىز شياڭگاڭدىكى مۇلازىمېتىردىن بوشلۇق سېتىۋالغان ئىدىم. ھەر ئايلىق نورمىدىكى زىيارەت ئېقىمى 20 گېگابايت بولۇپ، بۇ مەن ئۈچۈن يېتەرلىك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىلوگ يېزىپ مەشىق قىلىپ، بىلوگگېر ساھەسىگە قەدەم باستىم. لېكىن پىروگراممېرلىقتىن ۋاز كەچمەيمەن ئەلۋەتتە.

ئالدىنقى ھەپتە بېيجىڭدا مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئالغان ۋە مىكروسوفت بىلەن سۆھبەتلەشكەن پائالىيەتلىرىمنى ئېلان قىلدىم ھەم يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى يازماقچى بولغان ئىدىم. بەزى داڭلىق مۇنبەرلەر بىلوگىمدىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىپتۇ. بىلوگىمدىكى رەسىملەرنى ئۇلىنىش ھالىتىدە تەمىنلەپتۇ. بۇ ئەلۋەتتە مېنىڭ بىلوگىم ئۈچۈن پايدىلىق ئىدى، لېكىن، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بىلوگىمنىڭ زىيارەت مىقدارىمۇ شىددەت بىلەن ئېشىپ، 20 گېگابايتلىق ئايلىق ئېقىم مىقدارى تۇشۇپ قالدى ھەم يەنە مۇلازىمېتىردىنمۇ چاتاق چىقىپتۇ. مۇلازىمېتىر ئالماشتۇرۇلغانلىق سەۋەبىدىن بەزى يازمىلار يوقاپ كەتتى. بىلوگىم ئېچىلغىنىغا ئاران 15-16 كۈن بولغاچقا ھەم تېخى كۆپ مەزمۇن بولمىغاچقا، ئىچىدىكى نەرسىلەرنى زاپاس قىلىشنى تېخى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىمەن. ئەمما، بېيجىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ۋاقىتتا بىلوگ توختاپ قېلىپ، كاللامغا كەلگەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ۋاقتىدا يېزىشتىن مەھرۇم قالدىم، ناۋادا، ئەسلەپ يېزىشقا توغرا كەلسە، شۇ كۈندىكى تەسىرات بۇيىچە چىقىشى ناتايىن. قارىغاندا كومپيۇتېر ۋە تور ئارقىلىق يېزىلىدىغان بىلوگ (تور خاتىرىسى)دىن يەنىلا قەلەم ۋە قەغەز ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدىغان كۈندىلىك خاتىرە ئىشەنچىلىك ئوخشايدۇ.

تورداشلارغا ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئىشلاردىن قىسقىچە ئۇچۇر بەرسەم، 4-ئاينىڭ 23-كۈنى (شەنبە) چۈشتە بېيجىڭغا بېرىپ، 1-ماي (يەكشەنبە) كەچتە ئۈرۈمچىگە سالامەت قايتىپ كەلدىم.
بېيجىڭدىكى بىر ھەپتىلىك سەپەردە ھەر بىر كۈن ئىنتايىن ئالدىراش، نەتىجىلىك ۋە كۆڭۈللۈك ئۆتتى. مەن ۋە ئۇيغۇرسوفتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنى نەتىجىلىك پۈتتۈرۈپ كەلدىم. كۆڭۈل بۆلگەن بارلىق تورداشلارغا رەھمەت !

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
12 پارچە باھا يېزىلدى
  • ۋاي ئالىمكا مەن كۈندە كىرىپ تورمەن بۇيەرگە

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 14:32
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئالىمى ئەھەد ئاكا مەن بىر ئاددىي ئوقۇغۇچى مەن بىلوگىڭىزنىڭ ئىچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىنىڭ atm غا ئۇيفۇرچە سىستىما قۇشۇپ بەرگەنلىكىدىن بەكمۇ خۇشال؛ قايسى كۇنى بىر توربەتتە كۆردۈم تىخى،

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 19:44
  • تور نامىڭىز ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىغا توغرا ئەمەسمۇ نېمە ؟ مېنىڭچىمۇ مۇشۇ توغرا ، لېكىن بەزىلەر ، ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسىلا ، ئۇ لى يى دەپ ، ئادەمنىڭ كۆزىگە كىرىشىپلا قالىدىكەن ! ياخشى يازمىلار ئىكەن !!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى am 05:20
  • مەنمۇ مەشئەل تورىغا ئۇلىنىش قىلىپلا ئەتىسى ئېچىلماس بۇلۇۋالدى. بۇ بىلوگىڭىز
    مەن تېخى يازمىلارنى تازا يېزىپ، رەتلەپ، ئاندىن بىراقلا ئاچاي دەپ ۋاقىتلىق توختۇتۇپ قويغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن…
    بۇرۇن شىركەت قۇرۇپ ، تور بېتىڭىز ئېلان قىلىنغاندا، تور بېتىڭىزدە لاتىن يېزىقىدىكى سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى بار ئىدى. بۇ دەپتەردىكى سۆزلەرنى ھەر كۈنى كۆرەتتىم.
    شىركىتىڭىزنىڭ نامى چىققاندىن كېيىن، بۇنداق دەپتەرلەرنى كۆرەلمەي، تىت-تىت بۇلۇپ، ئارىلاپ ئارىلاپ تېلفون قىلىپ قوياتتۇق.
    نېمىشقا دەڭ… سىز ۋە ئۇيغۇرسوفتنىڭ ۋە ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولۇۋاتىدىكىن دەپ….
    بۇ بىلوگىڭىز ئېچىلغاندىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتىكى سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىڭىزنى تېپىۋالغاندەك بەك خوش بولدۇم. بىلوگىڭىز تېخىمۇ روناق تاپسۇن…

    ئەتە ئۆگۈن يەنە «خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى، شىركەتتىكى ئىشلار، يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى سەۋەپلىك» بۇ بىلوگىڭىز توختاپ قالمىسۇن…
    كۆڭلىڭىزدە دەيدىغان گەپلەر تۈگەپ قالسا، جاھان يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بۇلۇپ تۇرايلى

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى am 02:11
    • كىرىپ تۇرىدىغان ئادەم بولسا، ئامال بار ئۈزۈلدۈرمەي يېزىشقا تىرىشمەن،

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى am 08:08
      • ئەسسالام ئادىل مۇئەللىم! كىرىپ تۇرىدىغان ئادەم ئەلۋەتتە بار،يڭى ئىچىلغاندا ياندىن كۆرۈپ يۈرگەن.ھىلىمۇ مەن ھەپتە بولاي دىدى ياندىن كۆرۈپ يۈرگىلى،تىزىملاتقان بولساممۇ پىچىرىمنى تاپشۇرۇپ ئالمىغاچقا ئامال بولمىدى.ئشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمىز،سىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭىز مىللەتنىڭ چوڭ ئىشى بولغاچقا ئۇزۇنراق خەۋىرىڭىزنى ئاڭلاپ تۇرمىساق كۆڭۈل تېچ تۇرمايدىكەن.تولىمۇ ئۆزگىچە يىزىش ئۇسلۇبىڭىز باركەن،مەن ئويلىغاندىن تولىمۇ خۇش پىئل ئىكەنسىز،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلوگدىكى ئىنكاسلارغا ئىرىنمەي تولىمۇ خۇشخۇيلۇق بىلەن جاۋاپ يىزىۋاتىسىز،سىزگە بولغان ھۆرمۈتۈم تىخىمۇ ئاشتى.ئاللاھ تىنىڭىزنى ئامان،دىلىڭىزنى خۇش قىلغاي.

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 18:32
  • ئالدى بىلەن ئىسمىمىزنىڭ ئالدى-كەينى ئالمىشىپ قالغانلىقىدىن پەخىرلىنىۋالاي ، چۈنكى بەزىدە باشقىلار ئالماشتۇرۇپ ئاتىۋالىدۇ …..ھى ھى ..، مەنمۇ بىر كومپۇتېر ھەۋەسكارى ھەم مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىمەن، ، … ….ئاخىرىدا ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق ، تېنىڭىزنىڭ سالامەت بۇلۇشڭىزنى تىلەيمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 18:20
    • ۋوي، مۇنداق ئىشمۇ بار دەڭ؟ ياخشىكەنغۇ.
      لېكىن، مېنىڭ نەسەبنامەمدىكى تولۇق ئىسىمىم: ئالىم ئەھەت قادىر ھاشىم موسا توختى. ئەمدى ئوخشارمۇ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى am 08:07
  • سىزنى قوللايمەن .. داۋاملىق تىرىشىڭ . يازمىللىرىڭىزنىڭ مەرى ئىسسىق ئىكەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى am 00:32
  • ھە راست، ئاۋۇ بلوگنىڭ ئېقىم مىقدارى توشۇپ كەتسە، يەنە ئېقىپ مىقدارى ئالغىلى بولاتتىغۇ، سىز بىراقلا بوشلۇق ئالماشتۇردىڭىزما؟ بوشلۇق تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ئېقىم مىقدارىنى ئاشۇرىمەن دېسىڭىز ئازراقلا ھەق تۆلىسىڭىز ئېقىم مىقدارىنى ئاشۇرۇپ بېرەتتى ئەمەسمۇ؟
    سىزنىڭ بلوگ ئاچقانلىقىڭىز ئۇيغۇر بلوگچىقىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇڭا سىزنىڭ بلوگ ئاچقانلىقىڭىزدىن خەۋەر تاپقان بالىق كىشىلەر سىزنىڭ بلوگىڭىنى زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، سىزمۇ بلوگنى ناھايىتى ئۆزگىچە يېزىپ، باشقىلارغا يېڭى يېڭى ئەھۋاللاردىن ۋاقتىدا ئۇچۇر بېرىپ تۇرىۋاتىسىز، ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇرسوفتقا كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلار سىزنىڭ بلوگىڭىز ئارقىلىق ئازراق ئۇچۇرغا ئىگە بولۇشنى ئويلايدۇ، شۇڭا سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت مىقدارىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى تەبئىي، بۇنىڭدىن كىيىن يەنە بۇ ئىشلاردا دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ. شۇڭا ئەگەر بۇنىڭدىن كىيىن يەنە شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە بۇنداق داۋاملىق بوشلۇق ئالماشتۇرۇپ يۈرمەي، بىراقلا ئېقىم مىقدارىنى كۆپەيتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى بوشلۇق ئالماشتۇرغاندىن ئېقىم مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا كۆپ چىقىم كەتمەيدۇ.
    قارىسام بۇ قېتىمقى مۇلازىمىتىرنىڭ سۈرئىتى بۇرۇنقىغا سەل يەتمەمدۇ ياكى ماڭا شۇنداق بىلىندىمۇ، بلوگنىڭ تور سۈرئىتى سەل ئاستىلاپ قالغاندەك تۇيغۇ بەردى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى am 09:52
  • ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۈشلۇق بولغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن!
    بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئوڭۈشلۇق، ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى am 09:46