ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى بۈگۈن تۇخۇمىدىن چىقتى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى بۈگۈن تۇخۇمىدىن چىقتى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى يۇمشاق دېتالىمىز بۈگۈن تۇخۇمىدىن چىقتى، ھازىرقى نەشرى نومۇرى: 0.0.0.0 بولۇپ، بۇ دېتالىمىزنىڭ شۇئارى «بۇنىڭدىن كېيىن ئوخشاش بىر جۈملىنى قايتا تەرجىمە قىلمايسىز، تەرجىمانلار جاپا چەكتىڭلار».

1

ئىشلەش پىرىنسىپى مۇنداق: تەرجىمە قىلماقچى بولغان تېكىستنى بۇ دېتالغا چاپلىسىڭىز، ئۇنى جۈملىلەرگە پارچىلايدۇ، جۈملىدىكى مۇھىم سىياسىي ئاتالغۇ، رەھبەرلەرنىڭ ئىسمى، جۇغراپىيەلىك يەر-جاي ناملىرى، پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرى،…قاتارلىقلارنى ئاپتوماتىك بايقاپ، ئۇنىڭ ئۆلچەملىك تەرجىمىسىنى ئەسكەرتىدۇ، ئىلگىرى تەرجىمە قىلىنغان پۈتۈنلەي ئوخشايدىغان جۈملىنى تاپالىسا ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىدۇ، ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئالدىنقى 10 جۈملىنى تەۋسىيە قىلىدۇ، لۇغەت ۋە ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارى تەمىنلىنىدۇ، تەرجىمە تاماملانغاندا ئەسلىي تېكىست بىلەن ئوخشاش فورماتتا بەت ياساپ، Word ھۆججىتىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئاتالغۇ ۋە جۈملە ئامبىرىنى خالىغانچە كېڭەيتەلەيسىز، ئىشلەتكەن ئادەم كۆپ بولغانسېرى، تەرجىمە سۈپىتى ۋە تېزلىكى تېخىمۇ ئاشىدۇ، بۇ دېتال پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ.
2

4

5

6

بۇ دېتالدا يەنە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش ئادىتىگە خىلاپ بولغان جۈملىلەرنى ئاپتوماتىك بايقاپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىغان ئىقتىدارىمۇ سىناق قىلىنىۋاتىدۇ، مەسىلەن:
داۋالاش ئېلىپ باردى=داۋالىدى
سۆھبەت ئۆتكۈزدى=سۆھبەتلەشتى
تەربىيەلەش ئېلىپ باردى=تەربىيەلىدى
ئايرۇپىلان ئارقىلىق كەلدى=ئايرۇپىلاندا كەلدى
پىيادە مېڭىش ئارقىلىق كەلدى=پىيادە كەلدى
رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن=رەھمەت ئېيتىمەن=رەھمەت
خۇشال ھالدا يېتىپ كەلدى=خۇشال كەلدى
يىغىن روھىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش=يىغىن روھىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش
ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئارقىلىق ھەل قىلىندى=ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا ھەل قىلىندى
مەكتەپ ئىچىدە نۇرغۇن بالىلار بار=مەكتەپتە نۇرغۇن بالا بار
300 ئوقۇغۇچىلار تىزىملاتتى=300 ئوقۇغۇچى تىزىملاتتى
ھايۋاناتلار دۇنياسى=ھايۋانات دۇنياسى
…=…
ئىزدىنىشتا چۈشكەن تەكلىپ-پىكىرلەر مۇنداق:
يەر تەۋرەش ئاپىتى ئالتە ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ئىككى ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئۆلچەملىكى : يەر تەرۋەشتە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ ئىككى ئادەم يارىلاندى.
پىروگىراممىمىزغا قاتناشقانلىقىڭىزغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
ئۆلچەملىكى : پىروگىراممىمىزغا خۇش كەلدىڭىز ياكى پىروگىراممىمىزغا قاتناشقانلىقىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز، پىروگىراممىمىزغا قاتناشتىڭىز، كۆپ رەھمەت.
كادىرلار…قارارىغا قارىتا پىكىر بايان قىلدى.
ئۆلچەملىكى : كادىرلار….قارارىغا پىكىر بەردى.
….قارارىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈردى.
ئۆلچەملىكى : ….قارارىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈردى.
سالامەتلىكىڭىز ياخشىكەن. ساغلاملىقىڭىز ياخشىكەن.
ئۆلچەملىكى : سالامەتكەنسىز، ساغلامكەنسىز.
بۇ ئىچىملىك ياخشىكەن. تەمى ياخشىكەن.
ئۆلچەملىكى : بۇ ئىچملىك بولىدىكەن، تەملىككەن.
بالىنىڭ باش سۈيى ياخشىكەن.
ئۆلچەملىكى : بالىنىڭ باش سۈيى نورمالكەن.
ئەكبەرنىڭ بۇ كىتاپنى ئۇنىڭغا بەرگەن-بەرمىگەنلىكىنى بىلمەيمەن.
ئۆلچەملىكى : ئەكبەر بۇ كىتاپنى ئۇنىڭغا بەردىمۇ-يوق بىلمەيمەن.
=====
ئېلىپ بېرىش، ئىلگىرى سۈرۈش، ئالغا سىلجىتىش، قانات يايدۇرۇش، دەپ كۆرسىتىش، ماس قەدەمدە راۋاجلاندۇرۇش، قاراپ چىقىش، كۆزدىن كەچۈرۈش، قولغا كەلتۈرۈش، مەنئى قىلىش، ئوتتۇرىغا قويۇش، يولغا قويۇش، ھاسىل قىلىش، كەلتۈرۈپ چىقىرىش………
مۇشۇ ئىبارىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىدىمۇ ئېغىر نامۇۋاپىقلىق بار.. .

مۇشۇنداق كېسەل جۈملىلەرگىمۇ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىغان قىلماقچى ئىدىم، ياخشى تەكلىپ بولسا بەرسەڭلار.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
90 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 3 4 5
  • سىغىمى چوڭراق بولسىمۇ تورسىز مۇھىتتا ئىشلەتكىلى بولغان بولسا ياخشى بولاتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 14:27
  • 对口帮扶نى نىمە دەپ تەرجىمە قىلىمىز ؟يادەم قىلساڭلار؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى am 02:04
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم : باھاسى قانچە پۇلكەن بۇ دىتالنىڭ مەن ئىشلىتىپ باقاي دىگەنتىم ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 21:27
  • ياخشى بوپتۇ ،قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 21:21
  • بەك ياخشى ئىش بوپتۇ. خەۋىرىنى ئاڭلاپ 1000-2000 كوي ئەتراپىدا بولسا ئالاي دەپ تۇرغان، ھەقسىز ئىكەن ئەمەسمۇ. قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن ئاكا ! كىتاپچىلىق ئىشى بىر قەدەم ئالغا باسقۇدەك ئەمدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى am 11:21
  • سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسنى مائۇس بىلەن تارتىپ ئەكىلىپ تەرجىمە جۈملىلەرنى قوراشتۇرغىلى بولىدىغان بولسا

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 16:35
    • بۇ سىستېما تۇخۇمىدىن چىققاندىلا شۇنداق لايىھەلەنگەن، بولمىسا قانداقمۇ تەرجىمە ياردەمچىسى بولالىسۇن؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 22:34
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم.ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ھارمىغايسىز.تىنىڭىز سالامەت بولسۇن.
    ئازىراق تەكلىپلىرىم باتتى.مۇمكىن بولسا سىز ئىلان قىلغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى گۈزەللەشتۈرسىڭىز بوپتىكەن.تۆت چاسا دىن باشقا.
    سىدام سىپتا چىقسا.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 15:53
    • ھازىرچە ماڭا ئىقتىدار جەھەتتە كۆپرەك تەكلىپ بەرسەڭلار، رەھمەت. سودا خاراكتېرىنى ئالغاندا مەن چىرايىغىمۇ كۈچەيمەن،

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 20:19
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۇ دېتالنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى ئۇيغۇر سوفت تور لۇغىتىگە قارىغاندا كۆپەيدىمۇ ياكى ئوخشاشمۇ؟ تور لۇغىتىنىڭ پىكىر ساندۇقىغا ئىنكاس يازغىلى بولمايدىغان بوپ قاپتۇ. لۇغەتنىڭ جۇغراپىيلىك يەر-جاي ناملىرى، كىشى ئىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىشى تازا تولۇق ئەمەسكەن، بولسا بۇ دېتالنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئەجرىڭلارغا رەھمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى am 11:26
    • سۆزلۈك ئەلۋەتتە ئوخشاش، ئەمما مۇۋاپىق ئەمەس بولسا، ئەسلىدە مۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى دەيدىغان ئېنىق تەكلىپ-پىكىر بولسا بەرسەڭلار، رەھمەت

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 20:20
  • چۇشۈرۈش ئادىرىسى قىنى ؟ئىشلىتىپ باقاي دىگەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى am 10:49
    • بۇ يىل كىتاب ئوقۇش يىلى، شۇڭا مۇشۇ كىتاب ئوقۇش يىلىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ ئۈستىدىكى تېمىنى بىر ئوقۇپ باقسىڭىز، تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب تاپقان بولاتتىڭىز.
      بۇ دېتال زادى ئېلان قىلىندىمۇ يوق؟
      ھەقلىقمۇ ياكى ھەقسىزمۇ؟
      چۈشۈرۈش ئادرېسى بارمۇ-يوق؟

      رەھمەت

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى am 11:09
  • مانا ئەتتىگەندىلا بۇ خوش خەۋەرنى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلاندىم . كۆپ رەھمەت ئالىم مۇئەللىم ! تېخىمۇ كۆكلەپ كەتكەيسىز !

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى am 08:31
باھا بېتى: 1 3 4 5