2012-يىلى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان تەۋسىيەلىك يۇمشاق دېتاللار | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

2012-يىلى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان تەۋسىيەلىك يۇمشاق دېتاللار

[ تاغدىن-باغدىن ]

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار:

2012-يىلى دۇنيا پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن يېڭىلىقلار بارلىققا كەلدى، ئەمما ئۇلارنى «ئالىم ئەھەت بىلوگى»دا بىرمۇبىر تونۇشتۇرۇپ بولالمايمەن. مەن پەقەت يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يېڭىلىقلارنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يېزىۋاتىمەن. تۆۋەندە تونۇشتۇرۇلغان يۇمشاق دېتاللار ئاساسەن ئورگان تەرەپنىڭ رۇخسىتى بىلەن يېڭىدىن يەرلىكلەشتۈرۈلگەن (تەرجىمە قىلىنغان) ياكى داۋاملىق يەرلىكلەشتۈرۈلۈۋاتقان (تەرجىمە قىلىنىۋاتقان) يۇمشاق دېتاللار بولۇپ، چۈشۈپ قالغان بولسا ئىنكاس شەكىلدە يېزىپ قويساڭلار بولىدۇ. ناۋادا سانى 10 غا يەتسە 2012-يىلىدىكى 10 نادىر يۇمشاق دېتاللار دەپ ئېلان قىلساقمۇ بولىدۇ. ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى ھازىرچە ھېچنېمىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

ھازىرچە 2012-يىلى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نادىر يۇمشاق دېتاللارنىڭ تىزىملىكى نامزات شەكىلدە بېرىلدى، چۈشەندۈرۈشى كېيىن تولۇقلىنىدۇ، بىلىدىغانلار ئىنكاس شەكىلدە يېزىپ قويساڭلارمۇ بولىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:

Windows 8
Microsoft شىركىتى ئىشلەپچىقارغان دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك كومپيۇتېر ئىشلىتىش مەشغۇلاتىنى زور دەرىجە ئاددىيلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئازدە، بىخەتەر ۋە يۇقىرى ئۈنۈمدىكى خىزمەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇ كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر ۋە يان تېلېفون ئارىسىدا مۇھىم بىرىكىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، پۈتۈنلەي يېڭى Metro ئارايۈزى ئىشلىتىگەن، سەزمە ئېكراندا مەشغۇلات قىلىش تېخىمۇ قۇلايلىق. ئۇنىڭدا يەنە Windows دۇكىنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يۇمشاق دېتال لايىھەلىگۈچىلەر ئۆزى ياسىغان يۇمشاق دېتاللارنى پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندۈرەلەيدۇ. Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى 2012-يىل 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلىندى.

=======================
Ubuntu
Ubuntu بولسا Debian GNU/Linux ئاساسىدىكى AMD64 ،X86 ۋە ppc قۇرۇلمىنى قوللايدىغان، دۇنياغا يۈزلەنگەن كەسپىي ئېچىش كوللېكتىپى (Canonical Ltd) نىڭ باشچىلىقىدا ئېچىلىۋاتقان ئوچۇق مەنبەلىك GNU/Linux مەشغۇلات سىستېمىسى. Ubuntu بولسا GNU/Linux نىڭ ئومۇملىشىشىغا بولۇپمۇ ئۈستەليۈزىنىڭ ئومۇملىشىشىغا زور تۆھپە قوشقان بولۇپ، ھەقسىز ئوچۇق مەنبەلىك مەشغۇلات سىستېمىسى. ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشرى 12.10 بولۇپ، 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلان قىلىنغان.

www.ubuntu.org
============================
Outlook.com
Microsoft شىركىتىنىڭ ھەقسىز ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمەت سۇپىسى

www.outlook.com
===========================
SkyDrive
Microsoft شىركىتىنىڭ ھەقسىز بۇلۇت مۇلازىمەت سۇپىسى.

http://www.skydrive.com
===========================
Bing Map
Microsoft شىركىتىنىڭ ھەقسىز خەرىتە مۇلازىمەت سۇپىسى.

http://map.bing.com
==========================

LibreOffice
Linux، Windows ۋە Macintosh قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئىجرا بولىدىغان ھەقسىز ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالى.
http://www.libreoffice.org/
=============================================================================
Skype
ئوخشىمىغان سۇپا، ئۈسكۈنىلەردە ئىجرا بولىدىغان، كەڭ ئومۇملاشقان ھەقسىز ئىنتېرنېت ئالاقە قورالى بولۇپ، تېكىست، ئاۋاز ۋە سۈرەتلىك پاراڭلىشىشقا بولىدۇ. ھازىر بۇ يۇمشاق دېتال Microsoft شىركىتىگە تەۋە.
==========================================
WordPress
ھازىرغا قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان شەخسىي نەشرىيات سۇپىسى بولۇپ، ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان بىلوگ ياكى كەسپىي تور بېكەتلەرنى ناھايىتى تېزلا ياساشقا بولىدۇ، پۈتۈنلەي ھەقسىز.
http://ug.wordpress.org
========================================
Salaat Time
دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدىكى ناماز ۋاقتىنى ئاپتوماتىك ھېسابلايدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئورگان ئېلان قىلغان ئۆلچەم بويىچە ناماز ۋاقتىنى ھېسابلاپ بېرەلەيدۇ. يېڭى نۇسخىسىدا شىنجاڭدىكى شەھەر ۋە ناھىيەلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئۇچۇرى قوشۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە ئارايۈزى تەمىنلەنگەن.
http://www.salaattime.com/salaat-time/salaat-time-translations/
========================================
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى مۇنبەر سۇپىسى ئورگان تەرەپنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەرجىمە قىلىنغانمۇ؟ تىل بولىقىنى ئورگان تەرەپتىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ-يوق؟ پىششىق بىلىدىغانلار ئىنكاس يېزىپ قويساڭلار. ئەلۋەتتە بۇلاردىن باشقا يەنە ئورگان تەرەپنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان (يەرلىكلەشتۈرۈلگەن) يۇمشاق دېتاللار بولسا تېخىمۇ قارشى ئېلىنىدۇ، رەھمەت!

discuz
dedeCMS
phpBB
phpWind

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
123 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 3 4 5
  • ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن نامازۋاختى بىلدۈرىدىغان ئەپنى ئورگان بىتىدىن چۈشۈرۈپ قاچلىغان ئىدىم ، ئۇيغۇرچە قىلالمىدىم . بولسا باشقىلار بولسىمۇ ياردەم قىلساڭلار .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 18:47
  • ئالىم مۇئەللىم، Bingخەرىتىسىنىڭ رەسىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزلىكىنى ھېچ تاپالمىدىمغۇ؟ win8 موھىتىدىمۇ ھەم تور كۆرگۈچتىمۇ ئېچىپ باقتىم، ئىككىلىسىدە لاتىنچە چىقتى. مېنىڭ كەسپىم خەرىتە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى، مۇمكىن بولسا شۇنى بىر كۆرسىتىپ قويسىڭىز، رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 17:05
باھا بېتى: 1 3 4 5