2012-يىلى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان تەۋسىيەلىك يۇمشاق دېتاللار
[ تاغدىن-باغدىن ]ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار:
2012-يىلى دۇنيا پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن يېڭىلىقلار بارلىققا كەلدى، ئەمما ئۇلارنى «ئالىم ئەھەت بىلوگى»دا بىرمۇبىر تونۇشتۇرۇپ بولالمايمەن. مەن پەقەت يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يېڭىلىقلارنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يېزىۋاتىمەن. تۆۋەندە تونۇشتۇرۇلغان يۇمشاق دېتاللار ئاساسەن ئورگان تەرەپنىڭ رۇخسىتى بىلەن يېڭىدىن يەرلىكلەشتۈرۈلگەن (تەرجىمە قىلىنغان) ياكى داۋاملىق يەرلىكلەشتۈرۈلۈۋاتقان (تەرجىمە قىلىنىۋاتقان) يۇمشاق دېتاللار بولۇپ، چۈشۈپ قالغان بولسا ئىنكاس شەكىلدە يېزىپ قويساڭلار بولىدۇ. ناۋادا سانى 10 غا يەتسە 2012-يىلىدىكى 10 نادىر يۇمشاق دېتاللار دەپ ئېلان قىلساقمۇ بولىدۇ. ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى ھازىرچە ھېچنېمىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
ھازىرچە 2012-يىلى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نادىر يۇمشاق دېتاللارنىڭ تىزىملىكى نامزات شەكىلدە بېرىلدى، چۈشەندۈرۈشى كېيىن تولۇقلىنىدۇ، بىلىدىغانلار ئىنكاس شەكىلدە يېزىپ قويساڭلارمۇ بولىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:
Windows 8
Microsoft شىركىتى ئىشلەپچىقارغان دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك كومپيۇتېر ئىشلىتىش مەشغۇلاتىنى زور دەرىجە ئاددىيلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئازدە، بىخەتەر ۋە يۇقىرى ئۈنۈمدىكى خىزمەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇ كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر ۋە يان تېلېفون ئارىسىدا مۇھىم بىرىكىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، پۈتۈنلەي يېڭى Metro ئارايۈزى ئىشلىتىگەن، سەزمە ئېكراندا مەشغۇلات قىلىش تېخىمۇ قۇلايلىق. ئۇنىڭدا يەنە Windows دۇكىنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يۇمشاق دېتال لايىھەلىگۈچىلەر ئۆزى ياسىغان يۇمشاق دېتاللارنى پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندۈرەلەيدۇ. Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى 2012-يىل 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلىندى.
=======================
Ubuntu
Ubuntu بولسا Debian GNU/Linux ئاساسىدىكى AMD64 ،X86 ۋە ppc قۇرۇلمىنى قوللايدىغان، دۇنياغا يۈزلەنگەن كەسپىي ئېچىش كوللېكتىپى (Canonical Ltd) نىڭ باشچىلىقىدا ئېچىلىۋاتقان ئوچۇق مەنبەلىك GNU/Linux مەشغۇلات سىستېمىسى. Ubuntu بولسا GNU/Linux نىڭ ئومۇملىشىشىغا بولۇپمۇ ئۈستەليۈزىنىڭ ئومۇملىشىشىغا زور تۆھپە قوشقان بولۇپ، ھەقسىز ئوچۇق مەنبەلىك مەشغۇلات سىستېمىسى. ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشرى 12.10 بولۇپ، 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلان قىلىنغان.
www.ubuntu.org
============================
Outlook.com
Microsoft شىركىتىنىڭ ھەقسىز ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمەت سۇپىسى
www.outlook.com
===========================
SkyDrive
Microsoft شىركىتىنىڭ ھەقسىز بۇلۇت مۇلازىمەت سۇپىسى.
http://www.skydrive.com
===========================
Bing Map
Microsoft شىركىتىنىڭ ھەقسىز خەرىتە مۇلازىمەت سۇپىسى.
http://map.bing.com
==========================
LibreOffice
Linux، Windows ۋە Macintosh قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئىجرا بولىدىغان ھەقسىز ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالى.
http://www.libreoffice.org/
=============================================================================
Skype
ئوخشىمىغان سۇپا، ئۈسكۈنىلەردە ئىجرا بولىدىغان، كەڭ ئومۇملاشقان ھەقسىز ئىنتېرنېت ئالاقە قورالى بولۇپ، تېكىست، ئاۋاز ۋە سۈرەتلىك پاراڭلىشىشقا بولىدۇ. ھازىر بۇ يۇمشاق دېتال Microsoft شىركىتىگە تەۋە.
==========================================
WordPress
ھازىرغا قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان شەخسىي نەشرىيات سۇپىسى بولۇپ، ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان بىلوگ ياكى كەسپىي تور بېكەتلەرنى ناھايىتى تېزلا ياساشقا بولىدۇ، پۈتۈنلەي ھەقسىز.
http://ug.wordpress.org
========================================
Salaat Time
دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدىكى ناماز ۋاقتىنى ئاپتوماتىك ھېسابلايدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئورگان ئېلان قىلغان ئۆلچەم بويىچە ناماز ۋاقتىنى ھېسابلاپ بېرەلەيدۇ. يېڭى نۇسخىسىدا شىنجاڭدىكى شەھەر ۋە ناھىيەلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئۇچۇرى قوشۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە ئارايۈزى تەمىنلەنگەن.
http://www.salaattime.com/salaat-time/salaat-time-translations/
========================================
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى مۇنبەر سۇپىسى ئورگان تەرەپنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەرجىمە قىلىنغانمۇ؟ تىل بولىقىنى ئورگان تەرەپتىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ-يوق؟ پىششىق بىلىدىغانلار ئىنكاس يېزىپ قويساڭلار. ئەلۋەتتە بۇلاردىن باشقا يەنە ئورگان تەرەپنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان (يەرلىكلەشتۈرۈلگەن) يۇمشاق دېتاللار بولسا تېخىمۇ قارشى ئېلىنىدۇ، رەھمەت!
discuz
dedeCMS
phpBB
phpWind
- يازما كۆرۈلۈشى: 25,421 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 21:28
- ئالدىنقى يازما :خەنزۇچە Windows 8 دە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاش
- كېيىنكى يازما :[ۋاقىتلىق تېما] ئۇيغۇرسوفت خادىملىرى يېڭى يىللىق ئارام ئالىدۇ
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى بېكىتىمىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى DedeCMS تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، بېكەت باشلىقى قىسمەت DedeCMS تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا قوبۇل قىلىندى. شۇنداق قىلىپ DedeCMS نى تارقىتىش شارائىتى ھازىرلاندى.
بۇ ئۇچۇرنى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتى تور بىكىتىدن ئالدىم. ئۇچۇر ئادرىسى: http://bbs.xjcfan.com/thread-1161-1-1.html
ياشاپكەت جان تىلىم .
ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئېلىكتىرلەشكەن ساھەلەرگە كىرىشى ،ئومۇملىشىشى تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش،پىداكارلارغا ئاپىرىن.
مىنىڭ ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغىنىم، مىكروسوفت نىڭ office دېتالى .بۇنىڭدا قىلىدىغان ئىشلىرىم بەك كۆپ ئىدى لىكىن ئۆزتىلدىكى نۇسخىسى بولسىمۇ Win8گە قاچىلايدىغان نۇسخىسىنى تاپالمىدىم .
مۈمكىن بولسا office2013 تەرجىمە قىلىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن
windows 8 نى جىقراق تەشۋىق قىلىڭ، ئالىدىغانلار مىكروسوفتنىڭ پىلانىدىن جىق بولسا office مۇ تەبئىيلا ئۇيغۇرچىلىشىدۇ. گەپ بىزنىڭ مۇشۇ دېتاللارنى ئارزۇقىلىپ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىمىزدە، تەرجىمە قىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىش كۇپايە قىلمايدۇ، تەشۋىق قىلىڭ ئاۋۋال 8 نى بىر جىق ئادەم سېتىۋالسۇن.
مەن Win8 گە office2010 نى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن.
Salaat Time نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىە قىلىنغانلىقىدىن خەۋرىم يوقكەن. بۇمۇ ياخشى ئىش بولۇپتۇ!
قاچانمۇ توربەت، يۇمشاق دىتاللارنىڭ كودىنى ئۇيغۇرچە ھەرب بىلەن يازارمىز ھە ؟
شۇنچىۋالا كۆپ دىتاللار ئۇيغۇرچىىشىپتۇ، بۇنىڭدىن ھەممەيلەن بەك خوش.
مەن بىلىدىغان يۇمشاق دىتاللاردىن شوپۇرلۇق ئۈگىنىش دىتالى، ئۈچتاشتىكى يۈك-تاقا ساقلاش ئورنىنىڭ سېستىمىسى، ئاشخانا-تاللا بازازرلىرىنىڭ ھەق يىغىش سېستىمىسى باركەن.
PDA نىمۇ ئۇيغۇرچە قىلغانغۇ.
شۇنداق، ئۇيغۇرسوفت يەنە خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ نىكاھلىنىشنى تىزىملاش يۇمشاق دېتالى (ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان)، سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ھېساب ئاغدۇرۇش، پۇل تاپشۇرۇش، روزغار باشقۇرۇش دېتالى قاتارلىقلارمۇ ئورگان تەرەپتىن ئۇيغۇرچىلاشتۇردى. سىز دېگەن ئۈچتاش يۈك-تاق ساقلاش ئورنى يۇمشاق دېتالىنى ئۇيغۇرسوفت پۈتۈنلەي 0 دىن باشلاپ يېزىپ چىقتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رادىيو ئىستانسىسىلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ماقالە سىستېمىسىمۇ بار ئىدى. ئۆزىمىزنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ياساپ چىققان دېتاللار ھەقىقەتەنمۇ كۆپەيدى، لېكىن بۇنى ھەر ۋاقىت ساناپ چىقالايمىز. مېنىڭ دېگىنىم ئۇيغۇرلاردىن باشقىلار تۈزۈپ چىققان سىستېمىلار ئىچىدە ئۆز تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنغان دېتاللارنى ئەسلەپ باقايلى دېگەن ئىدىم.
مۇشۇ تەرەققىيات بۇيىچە ماڭسا ئۇزۇنغا قالماي ئۇيغۇر چە نۇرغۇن يۇمشاق دىتاللار مەيدانغا كەلگىدەك ھار مىغايسىلەر مىللەت سويەر يىگىتلەر
بۇ بەك ياخشى ئىش بۇلۇپتۇ . ئالىم مۇئەللىم سىزگە كۆپ رەھمەت . جاپا تارتىڭىز .
سالام ئالىم ئەھەت مۇئەللىم،
phpBB دەسلەپتە ئىگە تەرەپنىڭ رۈخسىتى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان، بۇ ئىشلارغىمۇ 10 يىلچە بولۇپتۇ، phpBB2 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ ئىگە تەرەپپتىن چۈشۈرۈلەتتى، phpBB3 نى تەرجىمە قىلىدىغان ۋاقىتلاردا بىرى خىزمەت ئالدىراشچىلىقى يەنە بىر تەرەپتى Discus تەرجىمە قىلىنىپ ئومۇملىشىپ قالغاچقا phpBB3 نىڭ تەرجىمىسى توختاپ قالغان ئىدى.
http://www.elipbe.com/
https://www.phpbb.com/community/viewtopic.php?f=66&t=579557
تۆۋەندىكىسى ئىگە تەرەپنىڭ كونا نۇسخىسىدىكى تىل بولىقىنى چىقىرىۋېتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى:
https://www.phpbb.com/community/viewtopic.php?f=66&t=659365
phpBB نىمۇ مەن ياخشى كۆرىمەن. مۇمكىن بولسا مۇشۇنىمۇ تاشلاپ قويماي، داۋاملاشتۇرساق ياخشى بولار ئىكەن. قارىغاندا يەنە بىر ئىشتىن سىرت تەرجىمە گۇرۇپپىسى قۇرۇلسا بولغۇدەك.
مەن ئىلگىرى دائىم كىرىدىغان ماۋۇ مۇنبەرمۇ phpBB دە قۇرۇلغان ئىدى، http://forum.high-logic.com/
بەك ياخشى بولۇپتۇ. سزگە كۆپ رەھمەت ئالىم مۇئەللىم ….تېخىمۇ كۆپ يۇمشاق دىتاللارنىڭ ئۇيغۇرچە بولۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن .
بۇ بەك ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ ، بولسا بارلىق ئۇيغۇرچىلاشقان دىتاللارنى(ئەپ دەپ كۇنۇپ قاپتىمەن) مۇشۇ يەرگە يىغايلى .
مەزمۇندىن چەتنىگەن سۇئال سۇراي،،،WIN7ھەقىقى نەشىرنىڭ مەھسۇلات ئاچقۇچىنى قانداق تاپىمز؟
خاتىرە كومپىيۇتىر بولسا كومپىيوتىرنىڭ ئاستىنقى يۈزىدە كىچىك چاپلاق قەغەزدە يىزىقلىق،ئىنچىكىلىك بىلەن قارىسىڭىزproduct key نى تاپالايسىز.
discuz نى ئىشلىتىۋاتقانلارمۇ بەك كۆپ،قاچىلاش،ئىشلىتىش ، بىخەتەرلىكى ياخشى، نۇرقۇت گۇرۇپپىسى مەزكۇر سېستىمىنى تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇر تور بەت ئىشلىرى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسسە قوشتى.
discuz ئېلان قىلىنغاندىن بېرى، تور بەت تەرجىمە قىلىش ئىشلىرى بىر قەدەر بوشاپ قالدىغۇ دەيمەن…
بۇ يەردە discuz تىلغا ئېلىنىپتۇ، شۇڭا تەرجىمە ھەققىدە ئېزاھات بېرىپ ئۆتەي. discuz نىڭ بۇرۇنقى نۇسخىلىرىنىڭ تىل بولىقىنى ئورگان مۇنبىرىدىن چۈشۈرگىلى بولىدۇ، ئەمما discuzX نۇسخىدىن باشلاپ تولا يېڭىلىنىپ، تولا ياماق چىقىرىپ دېگەندەك ئورگان بېتىدە ئېلان قىلىپ ئۈلگۈرمىدۇق.
تەرجىمىگە نىسبەتەن بىز ئورگان تەرەپ بېلەن ئالاقىلاشقان، ئەمما ئورگان تەرەپنىڭ «ئېچىشتىكى كۈچ يىتىشمەسلىك سەۋەبى بېلەن ھازىرچە پەقەت خەنزۇ تىلىدىكى ئاددىي، مۇرەككەپ ئىككى خىل يېزىق ۋە GBK,UTF8 لىك نۇسخىدىن باشقا نۇسخىسىنى تارقاتمايمىز، ئەمما ئاۋانگارتلارنىڭ يەلىكلەشتۈرۈپ كۆپ خىل تىل بولىقىنى ھاسىل قىلىپ ئىشلىتىشكە ئىلھاملاندۇرىمىز، مۇنبەرنىڭ خەلقئارالىق كۆپ تىللىق نۇسخا مۇنازىرە رايونىدا ئېلان قىلىنسا ۋە تېخنىكىلىق مۇنازىرە ئېلىپ بارساڭلار بولىدۇ، تېخنىكا جەھەتتىن شۇ جەرياندا مۇۋاپىق قوللايمىز.» دەپ جاۋاب قايتقان، ئورگان تورىدىمۇ ھازىرغىچە خەنزۇچىدىن باشقا ھەرقانداق نۇسخا ئىتراپ قىلىنىپ ئورگان تەرەپتىن تارقىتىلىپ باقمىدى، ئېنگلىزچە، ئەرەبچە قاتارلىق نۇسخىلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
قىسقىسى، بىز تەرجىمە قىلىپ تارقىتىۋاتقان نۇسخا ئورگان تەرەپنىڭ رۇخسىتى ئېلىنغان، ئەمما تىل بولىقى ئورگان تەرەپتىن تارقىتىلمىغان. دۆلىتىمىزدىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ كۆپ تىللىق نۇسخىغا بولغان قوللىشى يېتەرلىك ئەمەس.
ئورگان تەرەپنىڭ قوللىشى ئاستىدا، پىداكار يىگىتلىرىمىز تەرجىمە قىلىنغان بىر مەزمۇن باشقۇرۇش سۇپىسى بار. نۆۋەتتە ئورگان تورىدىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
نامى:Joomla CMS
ئىشلەش مۇھىتى: PHP+MySQL
ئەسلى ئورگان تورى: http://www.joomla.com
ئۇيغۇرچە ئورگان تورى: http://www.joomlauy.org
كەچۈرۈڭ، بۇنداق داڭلىق سىستېمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، بۇنى چوقۇم قوشۇش كېرەك.
مۇئەللىم، bingخەرىتىسىنى ئاچتىم لىكىن ئۇيغۇرچىنى تاپالمىدىم، ئەرەپچە بار ئىكەن، لىكىن ئۇيغۇرچە يوقكەن، مەن توردا ئاچقانتىم، قارىغاندا بۇ ئۇيغۇرچىسى windows8 نەشىرىدىكى ئوخشىمامدۇ…
خېلى كۆپ دېتاللار ئۇيغۇرچە بولۇپ بوپتۇ جۇمۇ. يەنىمۇ كۆپ دېتاللارنىڭ ئۇيغۇرچىلىشىغا تىلەكداشمەن.
Skype نىڭ ئۇيغۇرچىلاشقىنى كومپيۇتېر نۇسخىسىمۇ؟ يەنى win8 نىڭ ئەپ بازاردىن چۈشۈرگىنىگە ئىشلەمدۇ ياكى بۇرۇنقى ئايرىم قاچىلايدىغان نۇسخىسىنىڭ ئۇيغۇرچىسى شۇمۇ؟
بۇ دېيىلگىنى بەلكىم win8 غا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چۈشۈرۈلگەندىن كىيىن بىللە ئۇيغۇرچە بولىدىغنالىقىقىنى بىلدۈرسە كىرەك.
مەن شۇ ئۇيغۇرچە تىل بولاقتا لېكىن skype ئۇيغۇرچە ئەمەسقۇ.
ياق ياق ، بۇلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك win8 دىن بۇرۇن چىققان،
ئۈستەل يۈزى نەشرىنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىدۇ.
ئادەتتىكى توردىن چۈشۈرىۋالغان نۇسقىسى شۇ ،win8،win7ھەممىسىدە كونا يىزىقتا پاراڭلاشقىلى بولىدۇ.ئۇيغۇر تىلى تىل يامىقىنى قوشىۋالسا ، پۇتۇن يىرى ئۇيغۇرچە بولىدۇ.
ۋاھ بەك ياخشىكەن ،رەھمەت ئالىم مۇئەللىم!!!
ئادەمنى سۆيۈندۈرىدىغان ئىشلار بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ! « مىللىتىم ئۈچۈن … » دەپ مىڭ ئېغىز قۇرۇق گەپ قىلغاندىن كىچىك بولسىمۇ ئەمەلىي ئىش قىلغان مىڭ ئەلا! بۇ گەپنى بۇرۇن ئاڭلاپ مەنىسى تازا ھېس قىلمىغان ئىكەنمەن، ھازىر بۇ گەپنىڭ مەنىسى ھەقىقەتەن ھېس قىلدىم!
مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن جاپا چەككەنلەرگە كامالىي ئىھتىراملار بولسۇن!