ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى (كۆرۈپ بېقىش نەشرى) تارقىتىلدى.
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، چۈشۈرۈش ]بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە يەنى 2005-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2005» دېتالىمىز تارقىتىلغان ئىدى، بۈگۈن ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مەھسۇلاتىمىز «ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى» (ھەقسىز نەشرى) بارلىققا كېلىپ، تارقىتىلدى. تۆۋەندىكى رەسىمنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.
چۈشۈرۈش تور بېكىتى:
http://imla.uighursoft.com/ug-CN/CAT
سىغىمى: 2.87 مېگابايت
تۆۋەندىكى بۇ رەسىمنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.
بۇ يۇمشاق دېتالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى ئەستايىدىل ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى
(كومپيۇتېر ياردىمىدە تەرجىمە قىلىش دېتالى)
قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
«ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى» كومپيۇتېر ياردىمىدىكى ئادەملىك تەرجىمە قىلىش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، تەرجىمىدە تەكرار ئۇچرايدىغان ئاتالغۇ ۋە جۈملىلەرنى بىر قېتىم تەرجىمە قىلسىڭىز، سىستېما ئاپتوماتىك خاتىرىلەپ ئەستە قالدۇرىدۇ. كېيىن ئوخشاش ئاتالغۇ ياكى قۇرۇلمىسى ئوخشايدىغان جۈملە ئۇچراتسىڭىز، ئىلگىرىكى تەرجىمىنى ئەسكەرتىدۇ، قايتا تەرجىمە قىلىشنىڭ ھاجىتى بولمىغاچقا تەرجىمىدە ئاتالغۇ بىردەكلىكى، جۈملە قۇرۇلمىسىدىكى ئىزچىللىقنى ساقلاپ، ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى تىجەپ قالالايسىز، تەرجىمە تاماملانغاندا تەرجىمە نەتىجىسىنى ئەسلىدىكى بىلەن ئوخشاش شەكىلدە چىقىرالايسىز. بۇ دېتالغا يەنە لۇغەت، ئىملا تەكشۈرۈش، دائىم ئۇچرايدىغان ئىملا خاتالىقى ۋە تىنىش بەلگە خاتالىقىنى ئاپتوماتىك تۈزىتىش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، تەرجىمە جەريانىدىكى بارلىق ئىش-ھالقىلىرىنى مۇشۇ بىر يۇمشاق دېتالدىلا تاماملاشقا بولىدۇ.
يۇمشاق دېتال تەلىپى:
مەشغۇلات سىستېمىسى: Windows XP/Windows 7/8/8.1
ئىچكى ساقلىغۇچ: 512 MB ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ
ئېكران ئېنىقلىقى: 1024*768
يۇمشاق دېتالنىڭ ئارايۈزى:
ئىشلىتىش ئۇسۇلى
ئاساسىي مەشغۇلات كۆزنىكىدە تېكىست رامكىسى، جۈملە رايونى، تەرجىمە رايونى (ئاتالغۇ، ئەسلىي جۈملە، تەرجىمە جۈملە ۋە تەۋسىيە جۈملە) بولۇپ، تەرجىمە قىلماقچى بولغان تېكىستنى تەھرىرلەش رامكىسى (1-رايون)غا چاپلىسىڭىز، ئابزاس ۋە جۈملىلەرگە پارچىلايدۇ (2-رايون)، نۆۋەتتە تاللانغان جۈملە ئىچىدە مۇھىم ئاتالغۇلارنى ئىزدەپ (3-رايون سول تەرەپتىكى) ئاتالغۇ رايونىدا كۆرسىتىدۇ.
========================
تەرجىمە قىلماقچى بولغان مەزمۇننى CTRL+C ياكى CTRL+V بىلەن چاپلىماي، قورالبالداقتىكى «چاپلاش» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ چاپلاڭلار، ئاندىن تەرجىمە ئىچىدىكى «ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش»نى بېسىپ سىناپ باقساڭلار بولىدۇ، ھازىرچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن-نىزاملىرى قوش تىللىق سېلىشتۇرما جۈملە شەكىلدە 20 مىڭغا يېقىن جۈملە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلارنى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلالايدۇ، مەسىلەن: بەيدۇدىن 宪法 نى ئىزدەپ، بۇ يەرگە ئاۋۇ كۇنۇپكىنى بېسىپ چاپلاپ، تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېقىڭلار، شۇندىلا سېلىشتۇرما جۈملىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىسىلەر.
========================
نۆۋەتتىكى جۈملىنىڭ تەرجىمىسىنى ئاستىدىكى (سېرىق رەڭلىك) تەھرىرلەش رايونىغا يازسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سول تەرەپتىكى مەلۇم بىر ئاتالغۇنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، شۇ ئاتالغۇنى قوش چەكسىڭىز ياكى شۇ ئاتالغۇنى تاللاپ، تەرجىمە رايونى قورالبالدىقىدىكى «بىر ئاتالغۇنى ئەكىرىش»نى (يەنى 2-كۇنۇپكىنى) باسسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر ھەممىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، «ھەممە ئاتالغۇنى ئەكىرىش»نى (يەنى 3-كۇنۇپكىنى) باسسىڭىز بولىدۇ.
باشقا سۆزلەرنىڭ لۇغەت مەنىسىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى بىلەن تەھرىرلەش رايونىدىكى خەنزۇچە سۆز ياكى سۆز بىرىكمىلىرى بوياپ قۇيۇپ بەرسىڭىز، ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى (http://www.udict.cn)گە ئۇلاپ تەرجىمىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر لۇغەتتىكى بەزى تەرجىمىلەرنى پايدىلانماقچى بولسىڭىز، يەنە مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسى بىلەن شۇ دائىرىنى بوياپ قويۇپ بەرسىڭىز، تەرجىمە رامكىسىدىكى نۇربەلگىسى تۇرۇۋاتقان ئورۇنغا كۆچۈرۈلىدۇ، قايتا كىرگۈزمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
تەرجىمىسى مۇقىملاشقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئاتالغۇ قىلىپ ساقلاپ قويماقچى بولسىڭىز، ئۈستىدىن خەنزۇچىسىنى تاللايسىز، ئاندىن ئاستىدىن تەرجىمىسىنى تاللاپ، قورالبالداقتىكى «قوشۇش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ.
كېيىنكى جۈملىدە سىز قوشقان ئاتالغۇ ئۇچراپ قالسا، تەرجىمىسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. ئاتالغۇ جەھەتتە بىردەكلىكنى ساقلىيالايسىز، ئەمما تۇرغۇن سۆزلەردىن باشقا سۆزلەرنى ئاتالغۇ قىلىپ قوشماڭ، ھازىرچە سىناق نەشرىدە ئۆزىڭىز قوشقان ئاتالغۇلارنى تەھرىرلەش ئىقتىدارى تەمىنلەنمىدى.
ئۇنىڭدا يەنە ئىملا تەكشۈرۈش، دائىم ئۇچرايدىغان ئىملا خاتالىقىنى ئاپتوماتىك توغرىلاش، ئۇيغۇرچە خەت يېزىۋاتقاندا ئىملا توغرىلاش، تىنىش بەلگە بىلەن بوشلۇقنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈش ۋە ئاپتوماتىك توغرىلاش قاتارلىق ئىقتىدارلار تولۇق سەپلەنگەن.
========================
تەرجىمە قىلماقچى بولغان مەزمۇننى CTRL+C ياكى CTRL+V بىلەن چاپلىماي، قورالبالداقتىكى «چاپلاش» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ چاپلاڭلار، ئاندىن تەرجىمە ئىچىدىكى «ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش»نى بېسىپ سىناپ باقساڭلار بولىدۇ، ھازىرچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن-نىزاملىرى قوش تىللىق سېلىشتۇرما جۈملە شەكىلدە 20 مىڭغا يېقىن جۈملە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلارنى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلالايدۇ، مەسىلەن: بەيدۇدىن 宪法 نى ئىزدەپ، بۇ يەرگە ئاۋۇ كۇنۇپكىنى بېسىپ چاپلاپ، تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېقىڭلار، شۇندىلا سېلىشتۇرما جۈملىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىسىلەر.
========================
ئەگەر سىزدە قوش تىللىق تەرجىمە ماتېرىياللىرى بولۇپ، جۈملە ئامبىرىمىزغا قوشۇپ، باشقىلارنىڭمۇ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرماقچى بولسىڭىز، بىز خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز.
بۇ يۇمشاق دېتال ئالدىنقى ھەپتە تۇخۇمىدىن چىققان بولۇپ، ھازىر كاتەكتە چۈجە ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بەلكىم دەسلەپتە سىزگە كۆپ پايدىسى تەگمەسلىكى مۇمكىن، كۆپچىلىكنىڭ قوللاپ سۈپەتلىك دان ۋە پاكىزە سۇ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ساغلام چوڭ بولۇپ كاتەكتىن رەسمىي چىققاندا كۆپچىلىككە پايدىسى تېگىدىغان بولسۇن، بۇ بىزنىڭ ئۈمىدىمىز.
شۇنداقلا يەنە بۇ يۇمشاق دېتالنى ياخشىلاش ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشنى ۋە بىزگە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشنى ئويلىسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرېسقا ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ، بىز خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز. رەھمەت!
team@uighursoft.com
ئاخىرىدا بۇ يۇمشاق دېتالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇيغۇرسوفت شىركىتى يۇمشاق دېتال ئېچىش گۇرۇپپىسى
2015.4.18
- يازما كۆرۈلۈشى: 55,243 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 04-ئاينىڭ 19-كۈنى am 0:10
- ئالدىنقى يازما :A Competent Creator Will Supply the Finest Essays for yourself
- كېيىنكى يازما :Examine the pro’s and con’s of lightweight medications legalization (e.g Marijuana)
بۇ تەرجىمە ياردەمچىسى ھازىرغىچە سىناق نەشىرى ھالىتىدە تۇرىدۇ، بىر يىل بولاي دىدىغۇ دەيمەن. قاچانراق ھەقىقى نەشىرى چىقىدۇ؟ ھەقىقى نەشىرىدە ئۇيغۇرچىنى خەنزۇچىغا ھەمدە خەنزۇچىنى ئۇيغۇرچىغا قوش يۆنىلىشلىك تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ قوشۇلۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
بۇ ئىقتىدار چوقۇم قوشۇلىدۇ
win10غا قاچىلىغان ئىدىم ، ئەزالىق نۇمۇرۇمنى باسسام قەتئىي كىرمىدى، كومپىيوتېرىڭىز تورغا ئۇلانمىغان دەپ چىقىۋالدى…
win10دا نورمال ئىشلىمەمەدۇ قانداق؟
نورمال ئىشلەيدۇ
كىرىش كۆزنىكى ئېچىلىپ يا كىرگىلى بولمىدى يا تىزىملاتقىلى بولمىدى
ئالىم مۇئەللىم مەن چۈشۈرۈشنى باسسام ئىچىلمايدىغۇ ، ياكى چۈشۈرۈشنى توختىتۋەتتىڭىزمۇ، ياكى رەسمى نەشىرنى ئىلان قىلماقچىمۇ
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، ئۇيغۇر سوفت ئىملا تەكشۈرگۈچ ۋە تەرجىمە ياردەمچىسىگە تىزىملاتقان ئەزالىق نامى ۋە پارولنى ئۇنتۇپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا E-Mail ئارقىلىق پارول قايتۇرىۋىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولامدۇ؟ تەرجىمە ياردەمچىسىنىڭمۇ پارول قايتۇرىۋىلىش ئىقتىدارىنى نورمال ئىشلىتەلمىدىم.
ھازىرچە ئۇنداق ئىقتىدارى يوق ئىدى. باشقىدىن تىزىملىتىڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىمكا!
تەرجىمە ياردەمچىسىنى ئىشلەتكەن ئىدىم ،قايسي كۈنى قايتا-قايتا خاتالىق بار دەپ چىقىۋالدى. سۈكۈكىۋېتىپ قايتا قاچىلىسام كومپىيۇتىر تورغا ئۇلانمىغان دەپ چىقىۋېلىپ بولمىدى. ئەمما تورغا ئۇلاقلىق، نىمە سەۋەپ باردۇ؟
يېڭى مۇلازىمىتېر سەپلىگەن، شۇڭا ۋاقىتلىق توختىتىپ قويدۇم. ماۋۇ ئۈندىدار لۇغىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلان قىلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن ئويلىشاي
ئەجەپ ئېچىلمايدىغۇ
ئەجەب ئېچىلمايدۇ يا ! بىزنىڭ ياتاقتىكى بالىلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ كومپيۇتېرىدا ئېچىلمىدى.بۇرۇندىن نورمال ئىشلەۋاتقان ئىدى .
مۇئەللىم بۇ دىتالنى ئېشلىتىش بەك تەسكەن نەنىلا باسسا خاتالىق كەپ چىقىدىكەن. بۇدېتالنى س شارىپتا ياسىسىڭىز بولغۇدەك ۋب دا ياسىسىڭىز گۈزەل بولماي قالىدىكەن
ئۇنداق ئىش يوق، ئۇنىڭ تىل بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئۇيغۇر تىلىدىمۇ، قازاق تىلىدىمۇ پارتىيەنى كۈيلىگىلى بولىدۇ.
قاچانغىچە تىل تاللاپ، تىلدىن كۆرۈپ يۈرىدىغانسىلەر دەيمەن، ھەممە تىل ئوخشاش، پەقەت ئىشلىتىش ئورنى ئوخشىمايدۇ. بىرسىنى تاغدا سۆزلەيمىز، بىرسىنى باغدا سۆزلەيمىز شۇ.
تەرجىمە قىلماقچى بولغان مەزمۇننى چاپلاپ، تەرجىمىنى باشلاپ دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپلا تەرجىمىنى باشلاپ كەتسىڭىزلا بولىدۇ. ھېچنەرسە چاپلىماي تەرجىمىنى باشلاش دېگەن كۇنۇپكىنى باسسا، يەنە …. نۇرغۇن چەكلىمىلەرنى ئىتىپ قويمىغان يېرىم بار، بۇ سىناق نەشرى بولغاچقا ھەرقايسى جەھەتلەردىن تولۇق سىنىمىسام بولمايدۇ-دە
مۇئەللىم، دېتالنىڭ خەنزۇچىدىن باشقا تىللاردىن تەرجىمە قىلىش، باشقا تىللارنى ئانالىز قىلىش ئىقتىدارى پەقەتلا ياخشى ئەمەس. مەن دېتال ئامبىرى ئازراق بولسىمۇ بېيىسۇن دەپ، تۈركچە، ئېنگلىزچە ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىۋاتىمەن. لېكىن خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغانغا قارىغاندا كۆپ قولايسىز، ھەم ئانالېزلاردا چاتاق بار ئىكەن.
مەن ھازىرچە خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىنى ئويلاشقان ئىدىم، شۇڭا باشقا تىللارنى توغرا ئانالىز قىلىشى ناتايىن. بۇ دېتالنىمۇ كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا يېڭىلاش پىلانىمىز بار.
ئىنتايىن ياخشى يوللىنىپتۇ
ناھايىتى ياخشى دىتالكەن. شۇغىنىسى ئۇيغۇرچىنىمۇ خەنزۇچىغا مۇشۇنداق راۋان تەرجىمە قىلىپ بەرگەن بولسا ياخشى بولاتتى. بىردىن-بىردىن قىلماي. بىر جۈملىنى بىر تەرجىمە قىلىپ بەرسە ئۇيغۇرچىنى خەنزۇچىغا
مەن قانداق قىلىپمۇ خەنزۇچە ھۆججەتنى چاپلىيالمىدىم