بۇ ئەڭ يېڭى ئاتالغۇلارنى قانداق تەرجىمە قىلساق بولار؟
[ ئاتالغۇلار ]ئاخشام 16 يېڭى ئاتالغۇلارغا رەسمىي ئېنىقلىما بېرىلدى، بۇ ئاتالغۇلار ئوخشاش بىر كۈندە (يەنى بۈگۈن) 100 نەچچە تىلغا تەرجىمە قىلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاتاش بىر قەدەر قىيىن بولغان ئاتالغۇلارنى ۋە ئېنىقلىمىلارنى بۇ يەردە ئېلان قىلدىم، كۆپچىلىكنىڭ مۇۋاپىق پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ئاتالغۇلار تېخىچە خەنزۇ تىلى، ئەرەب تىلى، تۈرك تىلى، ئۆزبېك تىلى، ….دېگەندەك تىللارغا تەرجىمە قىلىنمىدى. تۈرۈك، ئۆزبېك، قازاق قېرىنداشلارمۇ بىزنىڭ تەرجىمىمىزنى ساقلاۋاتىدۇ. مەن ئۆزەم ئويلىغان نامزات تەرجىمىنى دېمەي تۇراي، بولمىسا پىكىر شۇنىڭغا مەركەزلىشىپ قالىدىكەن، قېنى بۇ جەھەتتە تەجرىبىسى بارلار، ئۆز پىكىرىڭلارنى دەپ بېقىڭلار.
پىكىر ئېلىش ۋاقتى: ۋاقتى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 6:00 دىن بۇرۇن.
1. apartment
Definition: A group of one or more COM objects in a process. A COM object lives in exactly one apartment, in the sense that its methods can legally be directly called only by a thread that belongs to that apartment. Any other thread that wants to call the object must go through a proxy.
2. deadlock-prone
Definition: likely to produce a situation in which one of several threads is waiting for the other thread(s) to do something
3. glyph run
Definition: A continuous sequence of characters that share a common format.
4. throttle
Definition: A process that restricts the flow of data.
5. genuine validation
Definition: A process that verifies whether installed software is genuine.
- يازما كۆرۈلۈشى: 7,281 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 06-ئاينىڭ 19-كۈنى am 8:55
- ئالدىنقى يازما :Windows 8.1 Preview نى سىناشقا تەييارلاندىڭىزمۇ؟
- كېيىنكى يازما :قىزىلبايراق كومپيۇتېر بازىرى 1 ئاي ئىشتىن توختايدۇ
ئىشلىرىڭز ئۇتۇقلۇق بولسۇن.
رەھمەت سىزگە، مۇئەللىم ، يەنىلا ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبىنى ئوقۇتقۇچى چۈشىنىدىكەن، قۇرۇق بولسىمۇ، ئاددىي بولسىمۇ ياراتقۇچىمىزدىن سىزگە ئامانلىق ،ئائىلىڭىزگە بەخىت ،خىزمىتىڭىزگە بەرىكەت ۋە مۇۋاپپىقىيەت تىلەيمەن !
ئەسسالام ئەلەيكۇم ،ئالىم مۇئەللىم ، مەن ئىچكىرىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ ئېلىكتىرون ئۇچۇر قۇرلۇش كەسپىدە 1-يىللىقىدا ئوقۇيتتىم ، ئەمما ئەتراپىمدىكىلەر ۋە ئويدىكىلەرنىڭ كەسپىم توغرىسىدىكى ئۈمىدسىز پاراڭلىرى مېنىڭ كاللامنى بەك قوچىۋەتتى، مېنىڭ بۇ كەسپىمنىڭ راستىنلا شىنجاڭدا ئىستىقبالى يوقمۇ ؟سىزمۇ بىلىسىز كەسپىي دەرىسلەر ئاساسەن ئېلىكتىرون-ئۇچۇر،كومپىيوتېر تىلى قاتارلىقلار. مەن ئۆزەم تور -ئۇچۇر قۇرلۇشى يۆنىلىشىگە بەكرەك قىزىقاتتىم ، مۇشۇ يۆنىلىشتە تىرىشىپ،ئىزدىنىپ بېقىشنى ئويلاۋاتقان، مۇشۇ ھەقتە ئازراق مەسلىھەت بەرسىڭىز ، ئاللاھتىن سىزگە ئامانلىق تىلەپ : دىلمۇرات
بىر نىشان ئۈچۈن تىرىشىۋاتقاندا، باشقىلارنىڭ ئۈمىدسىز پاراڭلىرىغا ھە دەپ قويسىڭىزلا بولدى، دەرسلەرگە تەسىر يەتكۈزمەي، ئۆز قىزىقىشىڭىزنى تاشلاپ قويماڭ، پۇرسەتنى قەدىرلەپ ياخشى ئوقۇڭ.
glyph run
خەت-ھەرپ(ھەرپ-بەلگە) يۈرگۈزمىسى
throttle
تەڭشەش،تەرتىپلەش،راۋانلاشتۇرۇش،بۆلىمەك ،كەمەيتىش….
genuine validation
دۇرۇسلۇقىنى(دۇرۇس نەشىرىلىكىنى) ئىسپاتلاش ،دەللىلەش.
deadlock-prone
ئاسان كەپلىشىپ قىلىش،توختاپ (توختىلىنىپ )قىلىش،ئېتىلىپ(ئېتىلىنىپ) قىلىش،ئاستىلاپ قىلىش،توسۇلىنىپ قىلىش……
apartment قورو (دائىرە)
جەرياندىكى بىر ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ COM objects دىن تەركىپ تاپقان گۇرۇپىنى كۆرسىتىدۇ.
بىر COM objects ،بىر قورۇغا تەۋە بۇلىدۇ ،ھەم مۇشۇ قوروغا تەۋە بولغان thread ئارقىلىق قوزغىلىنىدۇ. باشقا قورودىكى thread مۇشۇ قورودىكى COM objects نى چۇقۇم proxy ئارقىلىق قوزغىتىش كېرەك (تەخمىنەن تەرجىمىسى)
بۇنى« بۆلۈم» دىسىمۇ بولغىدەك .
ئاپلا تۈنۈگۈن ئىشلەپ بۇنى كۆرمەي قاپتىمەن ئەمەسمۇ ،ۋاقىتمۇ تۇشۇپ قاپتۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؟ئالىم ئەھەد مۇئەللىم . ئاللاھ ئۇزى ياردەمچى بولسۇن…….