Surface Pro3 ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

Surface Pro3 ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى ]

تۆنۈگۈن ئاخشام (2014-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 9 ) Microsoft شىركىتى نىيۇيورك شەھرىدە مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا Microsoft شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تاختا كومپيۇتېرى surface pro3 ئېلان قىلىندى. يىغىننىڭ باشلىنىش قىسمىدا Microsoft نىڭ يېڭى CEO سى ساتىيا نادىللا سۆزلىدى.

surface pro3 تاختا كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسى ھازىر بازاردىكى ھەرقانداق بىر تاختا كومپيۇتېردىن يۇقىرى بولۇپ، مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ تولۇق ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر نۇسخىسىدىكى Windows مەشغۇلات سىستېمىسى.

بۇ تاختا كومپيۇتېرنىڭ ئىكران چوڭلۇقى 12 دىيۇمغا كۆتۈرۈلگەن بولۇپ لەپتوپ (يان كومپيۇتېر)غا تېخىمۇ يېقىنلاشقان. ئىكران ئېنىقلىقى 2160x  1440 بولۇپ بازاردا سېتىلىۋاتقان مۇتلەق كۆپ قىسىم لەپتوپ كومپيۇتېرلاردىن يۇقىرى. CPU غا Intel نىڭ i3,i5,i7 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچلىرىنى ئىشلەتكەن. ئېغىرلىقى 800 گىرام، قەلەم ۋە ماگىنىتلىق كونۇپكا تاختىسى سەپلەنگەن. قىسقىسى بۇ لەپتوپنىڭ ئورنىغا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تاختا كومپيۇتېر.

ئىكراننىڭ، ئىكراندىكى سىنزورلارنىڭ ئىنىقلىق دەرىجىسى يوقۇرى بولۇپ خاتىرىگە خەت يازغانغا ئوخشاش يۇقۇرى ئىنىقلىقتا قوليازما خەتلەرنى يازغىلى، رەسىم سىزغىلى بولىدۇ. قەلىمىگە سۈرەت تارتىش كونۇپكىسى ئورنىتىلغان بولۇپ قەلەم كونۇپكىسىنى بېسىپلا كامىرادا سۈرەت تارتقىلى، تور بەتلەردىن رەسىم تۇتقىلى، تاقاق ھالەتتە قەلەم كونۇپكىسىنى بېسىپ تاختا كومپيۇتېرنى بىۋاستە قوزغىتىپ خاتىرە پىروگراممىسىنى ئاچقىلى بولىدۇ.

Adobe شىركىتىمۇ سەزمە ئىكرانلىق windows لار ئۈچۈن photoshop نىڭ مەخسۇس نۇسخىسى ياسىغان بولۇپ surface كومپيۇتېر بىلەن ناھايىتى ماسلىشىپ ئىشلەيدۇ.

 

ئىزاھات: سارۋان بىلوگىدىن ئېلىندى

http://www.elierkin.com/blog/news/surface-pro3/

 

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
23 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم تېچلىقمۇ؟
    مەن Surface3 تاختا كومپيۇتېر سېتىۋالماقچى ئىدىم، قارىسام 中国版 ۋە 专业版 دەپ 2 خىلى باركەن، ئەمما باھاسى ئوخشاشكەن، مالال كۆرمەي بۇ ئىككىسىنىڭ قانداق پەرقى بارلىقى ۋە قايسى خىلىنى سېتىۋالسام مۇۋاپىق بولۇدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشىڭىزنى سورايمەن. رەخمەت! ( كەچۈرۈڭ، ئۆزۈمنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسى توغرىمۇ بىلەلمەي ئىككىلىنىپ قالدىم! )

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى am 11:03
  • ئالىم مۇئەللىم، Windows Phoneغا ئۇيغۇرچە زادى قېتىلامدۇ ياكى قېتىلمامدۇ؟ Windows Phone 9 چىققاندا ئۇيغۇرچىنىڭ قېتىلىش مۇمكىنچىلىكى بارمىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 16:36
باھا بېتى: 1 2