نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئاتا-ئانىمىزنىڭ نوپۇسىنى ئۈرۈمچىگە قانداق يۆتكەيمىز؟

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى بەك كۆپ، ئەمما ئۇنى بىلىۋېلىش ۋە پايدىلىنىش يېتەرلىك ئەمەس ئوخشايدۇ، چۈنكى شەخسەن مەنمۇ بۇنداق ياخشى سىياسەتنىڭ بارلىقىنى يېقىندا بىلدىم ھەم ئاتا-ئانامنىڭ نوپۇسىنى 1 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، ھېچقانداق چىقىم تارتماي ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ بولدۇم. بۇنداق ياخشى سىياسەتلەردىن تېخىمۇ كۆپ ئادەم بەھرىمان بولسۇن دەپ بۇ تېمىنى يازدىم.

ماڭا ئوخشاش تۇغۇلغان يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلار كۆپ، ئاتا-ئانىڭىز ياشىنىپ قالغان بولسا ھەمدە تۇغۇلغان يۇرتىڭىزدا داۋاملىق تۇرۇۋاتقان بولسا، ئۈرۈمچى نوپۇسىغا يۆتكەش ئۈچۈن مۇنداق قىلىدىكەنمىز.

(1) ئاتا-ئانىمىزنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق ساقچىخانىغا بېرىپ، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ نوپۇسىنى ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق شەھەرگە يۆتكەپ كەتمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتسىڭىز، ئۇلار سىزگە نوپۇس ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىدۇ.

(2) ئۆزىڭىزنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق ساقچىخانىغا بېرىپ، نوپۇس دەپتىرىڭىز، كىملىكىڭىز، تۇرۇشلۇق ئۆيىڭىزنىڭ گۇۋاھنامىسى، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، توي خېتى ۋە ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھلىق خېتىنى تاپشۇرسىڭىز، ئۇلار ئەسلىي نۇسخا بىلەن كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تەكشۈرۈپ، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ۋە ئاتا-ئانىڭىزنىڭ توي خېتىدىن بىرسىنى ئېلىپ قالىدۇ. 60 خىزمەت كۈنىدە ئۇقتۇرۇش قىلىمىز دەپ يولغا سالىدۇ.

(3) ئارىدىن بىر-ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ نوپۇسىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەشنى تەستىقلىغانلىق ھەققىدە ئىسپات چىقىرىپ بېرىدۇ. سىز بۇ ئىسپاتنى ئېلىپ، ئاتا-ئانىڭىز تۇرۇشلۇق ساقچىخانىغا بېرىپ، نوپۇسنى ئۈرۈمچگە يۆتكەشنى تەلەپ قىلىسىز، ئۇلار سىزگە سۆكۈپ بېرىدۇ. ئاتا-ئانىڭىزنىڭ كىملىكىنى ئېلىۋالىدۇ، سىزگە نوپۇسنى كۆچۈرۈش ھەققىدە ئىسپات چىقىرىپ بېرىدۇ.

(4) سىز بۇ ئىسپاتنى ئېلىپ، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ 1 سۇڭلۇق رەسىمىدىن بىر پارچە ئېلىپ، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ساقچىخانىغا بارسىڭىز، بىرلا كۇنۇپكىنى بېسىپ، ئۈرۈمچى نوپۇسىغا يۆتكەيدۇ ھەم سىزگە يېڭىدىن نوپۇس قەغىزى چىقىرىپ بېرىدۇ.

(5) سىز بۇ نوپۇس قەغىزىنى ئېلىپ، يېڭىدىن 2-ئەۋلاد كىملىك ئىلتىماس قىلسىڭىز ئىش تامام.

بۇ جەرياندا گۇۋاھنامىلەرنى كۆپەيتىشكە 10 يۈەن ئەتراپىدا پۇل كەتكەندىن باشقا، ھېچقانداق چىقىم تارتمىدىم، ساقچىخانىدىكى نوپۇس ساقچىلىرىنىڭ مۇئامىلىسىمۇ بەك قىزغىن بولدى، ئۇلار تېخى ئاتا-ئاناڭ بىزگە قارىمىدى دەپ ئەرز قىلسا، ساڭا تەربىيە ئىشلەيمىز، گەپ ئاڭلىمىساڭ، بىرنەچچە كۈن سولاپ قويۇشىمىز مۇمكىن، چۈنكى ھازىر دۆلىتىمىزدە پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قانۇنى بار، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى قانۇن بويىچە جازالايمىز، سەن ئۆزۈڭ تەشەببۇس قىلىپ نوپۇسىنى يۆتكەيمىز دېسەڭ، بىز ئەلۋەتتە ئەڭ تېز سۈرئەتتە بېجىرىپ بېرىمىز دېدى.

ئىزاھات: ئاتا بالىلىق ئىسپاتنى چىقىرىشتا 10 يىل بۇرۇنقى جامائەت گۇۋاھلىقى ئىشلىمىدى، بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن خىزمەت ئورنىمىزغا بېرىپ، كادىرلار بۆلۈمىدىن ئارخىپىمىزنى ئېلىپ، ئائىلە مۇناسىۋىتى دېگەن بەتنى كۆپەيتىپ، تامغا باستۇرساقلا بولىدىكەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
35 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • بۇنى يېزىپ ناھايىتى ئوبدان قىلىپسىز، ھېچ بولمىغاندا مۇشۇنداق بىر تۈز يولنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلىۋالدۇق. لېكىن يول ھەممە ئادەمگە تۈز ئەمەس، ئەگرى يەرلىرىمۇ جىق، بولۇپمۇ تىجارەتچى، دېھقان، قارا ئىشچى دېگەندەكلەرگە.
    ئۈرۈمچىدە بىر قەشقەرلىك تىجارەتچى ئاغىينەم بولىدىغان، يېقىندا ئۈرۈمچىدىن ئۆي سېتىۋالدى، لېكىن شۇنداقتىمۇ يۇرتىدىن قۇلايلىق كارتا بىجرىشكە توغرا كېلىپتۇ. نېمىشقا نوپۇسىڭلىنى يۆتكەپلا ئەكەلمىدىڭلا دېسەم، نېمكەش ئۆينى ئالغانلىقىم ئۈچۈن يۆتكەپ بەرمىدى دەيدۇ، چوقۇم تاۋار ئۆي ئېلىش كېرەككەن. بۇنداق تاۋار ئۆيلەرنى يېرىم مىلليون سوم بولمىسا ئالغىلى بولمايدۇ، 2-3 مىڭ كوي مۇئاش بىلەن، ئاددى خىزمەتچىلەرنىڭ بۇنداق ئۆيلەرنى ئېلىپ بولمىقى تەس-دە!
    ئۈرۈمچىدىن ئۆي ئېلىپ نوپۇسىنى يۆتكەپمۇ بولدى دەيلى، ئاتا- ئانىسىنىڭ نوپۇسىنى يۆتكەشتە ئىدارىسى يوق تىجارەتچىلەر ۋە قارا ئىشلەمچىلەر ئاتا- بالىلىق مۇناسىۋەتنى قانداق ئىسپاتلايدۇ؟ ئىدارىسى بارلار ئارخىپتىن ئېلىپ بېرەر، ئىدارىسى يوقلار نەدىن ئېلىپ بېرەر؟ بولۇپمۇ بىزدەك ئىدارىسى يوق نوپۇس كۆپ مىللەتنىڭ.
    ئىشقىلىپ، ئۇيغۇرنىڭ ئىش بىجرىمىكى تەس، ئۇيغۇر بولماق ئۇنىڭدىنمۇ تەس.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 16:56
    • ئاتا- ئانىسىنىڭ نوپۇسىنى يۆتكەشتە ئىدارىسى يوق تىجارەتچىلەر ۋە قارا ئىشلەمچىلەر ئاتا- بالىلىق مۇناسىۋەتنى قانداق ئىسپاتلايدۇ؟
      ئاتا-ئانىڭىز تۇرۇشلۇق ساقچىخانىغا بېرىپ ئىسپات ئالىسىز. سىز تۇغۇلغاندا نوپۇسىڭىز ئاتا-ئانىڭىزنىڭ دەپتىرىدە بولىدۇ، سىز نوپۇسىڭىزنى باشقا شەھەرگە يۆتكەپ كەتسىڭىزمۇ، ئەسلىي كېلىش ئورنىڭىزنى تاپالايدۇ. ئىدارىسى يوقلار مۇشۇنداق ئالساڭلار بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 20:13
  • خىزمەتچى ئەمەسلەر ئاتا-باللىق ئىسپاتى نەدىن قانداق ئالىدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى am 10:00
  • بىلىدىغانلار يول كۆرسەتسەڭلار؟؟؟؟؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى am 11:17
باھا بېتى: 1 2