Windows Phone غا يەنە 5 تىل يېڭىدىن قوشۇلدى. | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

Windows Phone غا يەنە 5 تىل يېڭىدىن قوشۇلدى.

[ IT خەۋەرلىرى ]

ئاخشام ئۈرۈمچى ۋاقتى 10:13 دا (يەنى ئامېرىكا شۇ جاي ۋاقتى 2014-يىلى 25-نويابىردا) مىكروسوفت شىركىتى Windows Phone نىڭ يەرلىكلەشتۈرۈش ئۇسلۇب يېتەكچىسىگە يەنە 5 تىل قوشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇلارنىڭ بىلوگىدىكى خەۋەردە مۇنداق دەپتۇ:

نۆۋەتتە ئەپ ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ Windows Phone ئەپلىرىنى ئېچىشى ۋە يەرلىكلەشتۈرۈشى ئۈچۈن 50 تىلنىڭ Windows Phone يەرلىكلەشتۈرۈش ئۇسلۇب يېتەكچىسىنى تۈزۈۋاتىمىز. بىز 5 تىلنى يېڭىدىن قوشتۇق، ئىلگىرى بار تىللارنىڭ يەرلىكلەشتۈرۈش يېتەكچىسىنى تېخىمۇ ياخشىلىدۇق.

بۇ يېڭى قوشۇلغان تىللار تۆۋەندىكىدەك: •

Afrikaans

Basque

French Canadian

Galician

Hausa

 

ئۇچۇر مەنبەسى:

http://blogs.technet.com/b/terminology/archive/2014/11/25/5-new-international-windows-phone-style-guides-available.aspx

مۇناسىۋەتلىك توردىن كۆرۈپ باقسام Windows Phone نىڭ ئۆزبېكچە، قازاقچە،…. ئۇسلۇب يېتەكچىسىمۇ ئىشلىنىپ بوپتۇ، گەرچە بۇ قېتىم مەنمۇ Windows Phone نىڭ ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈش ئۇسلۇب يېتەكچىسىنى يەنە يوللىغان بولساممۇ، Windows 10 نىڭ تەستىقلىنىپتۇ، ئەمما Windows Phone غا ئائىت مەزمۇن چىقىرىۋېتىلىپتۇ، شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىممۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلمىدى. Windows Phone نىڭ تىل بولاقلىرىغا قاراپ باقسام باشقا دۆلەتنىڭ ئاپتونۇم رايونى ياكى ئۆلكىسىدە قوللىنىدىغان باشقا تىللارمۇ يوق ئىكەن، شۇڭا كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولمىدى، ئەمما Windows Phone دا ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى كۆپلەپ ئېلان قىلساق بولغۇدەك.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
61 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • Windows Phone دا ئەرەپ تىلى بادۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 15:26
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت ئەپەندى ھارمىغايسىز،سىز بىزنىڭ ئۇيغۇر كومپىيوتىرچىلىقىمىزنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان توھپىلەرنى قۇشتىڭىز،سىزگە كۆپ تەشەككۇر.مەنمۇ سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ بەك خورسەن بولدۇم ھەمدە مەنمۇ لۇمىيا تىلفۇندىن بىرنى سېتىۋالدىم،بولسا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قېتىلىپ قالار ،ھەممىمىز مۇشۇ كۈننىڭ بالدۇرراق كىلىشىنى تەقەززارلىق بىلەن ساقلىماقتىمىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى am 07:52
  • ئانا تىلىمىزنىڭ ھازىرچە قوشۇلماسلىقىدىكى سەۋەپلەرنىڭ ئىچىدە ئاتالغۇلارنىڭ قىسقارتىلماي ئەينەن ئېلىنىشى دەپ قارىسام بولامدۇ؟
    مەسىلەن؛چ ب\چ ك دەپ ئېلىنماي، چۈشتۈن بۇرۇن\چۈشتىن كىيىن

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 19:00
  • ھازىرقى ھالىتىمۇ بۇلىدۇ چۈشىنەلەيدىكەنمىز ئۆزگەرتمەيلى بىز ئۇنچە دۆت ئەمەسقۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:30
باھا بېتى: 1 2 3 4