ئەلكاتىپ يېڭى خەت نۇسخىسى ALKATIP Alim
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]ئويلاپ باقسام 20 يىلنىڭ ئالدىدىلا خەت ياساپ يۈرۈپتىمەن، مانا ئەمدى خاتىرە بولۇپ قالسۇن دەپ ئۆزەمنىڭ قوليازمىسىنى خەت نۇسخىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئەلكاتىپ ئالىم ALKATIP Alim دەپ ئاتاپ تۇردۇم، كومپيۇتېردا بەك چىرايلىق خەت نۇسخىلىرىنىمۇ ئىشلىتىپ باقتىڭلار، ئەمدى بولسىمۇ مېنىڭ سەت قوليازمامنى ئىشلىتىپ بېقىڭلار.
ئەمما بۇ خەت نۇسخىسىدا بىرەر پۇل ھۆججىتىنى تەييارلاپ ئالىم ئەھەت دەپ بېسىپ چىقارساڭلار، شىركىتىمدىكى خادىملار بىلەلمەي، پۇلۇڭلارنى بېرىۋېتىشى مۇمكىن، لېكىن ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭلار.
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 8,422 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 06-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 19:29
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرچە يېڭى خەت نۇسخىسى – ئوسمانىيە (ALKATIP Osmaniy)
- كېيىنكى يازما :The Skill Of Guessing Long term future Global financial Activities
تېخىمۇ كۆپ
سالام، ئالىم مۇئەللىم، يالغۇز «ە» ھەرىپىنىڭ يېزىلىشىدا، مەن كۆرگەن ئېلىپبە كىتاپلار ۋە باشلانغۇچتا ئۆگەنگەنگىنىمىزگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىككى مۈڭگۈزى چىقىپ تۇراتتىكەن. سولغا توم، ئوڭغا ئىنچىكە ھالەتتە.
«ە» نىڭ بۇ ئىككى مۈڭگۈزى، ئەلكاتىپ خەت نۇسخىلىرىدا پەقەت «ئەلكاتىپ يازما» ۋە «ئەلكاتىپ يازما توم» نۇسخىسىدا روشەن چىقىدىكەن، يەنە «ئەلكاتىپ» نۇسخىسىدىمۇ قىلدەك چىقىدىكەن. بىراق باشقا نۇسخىلاردا بولسا چىقماپتۇ. بۇ يېڭى ئىككى نۇسخىڭىزدىمۇ «ە» نىڭ ئىككى مۈڭگۈزى يوقكەن. بۇنداق ئوخشىماسلىقنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىشكە بولارمۇ؟ ئۇيغۇر خەت نۇسخىلىرىنىڭ بۇرۇنقى ھۆسىنخەت قەلەمدە يېزىلىش ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن قانداق باغلىنىشى بار، دېگەندەك تەرەپلەرنى چۈشىنىۋالساق بولاتتى.
———————-
ئە ھەرىپىنىڭ مۈڭگۈزىنى چىقىرىش خەت نۇسخىسىغا ئاساسەن ئوخشىمايدۇ، سۇلۇس خەت نۇسخىسىدا ە نىڭ ئىككى قۇلىقى قەلەم يۈنىلىشى بويىچە ئۆز ئارا كىسىدۇ ۋە سىز دىگەندەك مۈڭگۈز چىقىرىلىپ يېزىلىدۇ، قالغان رۇقئە، تەئىلىق، دىۋان، نەسخى قاتارلىق نۇسخىلاردا مۈڭگۈز چىقىرىلمايدۇ، قەلمنىڭ تو باشلانغان ئۇچى بىلەن ئىنچىگە ئاياغ ئۇچى تۇتىشۇپ سۇ تامچىسى شەكلىدە ئاخىرلىشىدۇ ياكى ئىللىپىسسىمان يېزىلىدۇ. ھەممە خەت نۇسخىسىغا مۈڭگۈز چىقىرىپ يېزىشقا قائىدە يول قويمايدۇ.
مىنىڭ خەت نۇسخامنىمۇ قوشۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن ،ئەجايىپ چىرايلىق يىزىۋىتەتتىم
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ھەرپلەرنىڭ كود ئورنىنى ئۇيغۇرچە رايۇنلارغا قىسمەن ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ياسالغان.
بۇ جۈملىدىكى ئۇيغۇرچە رايۇنلارغا دېگەننى قانداق چۈشىنىمىز ؟ ياردەم قىلغان بولساڭلار .رەھمەت، [微笑][微笑]
نەدىن چۈشۈرىمىز؟
سالام، ئالىم مۇئەللىم، يالغۇز «ە» ھەرىپىنىڭ يېزىلىشىدا، مەن كۆرگەن ئېلىپبە كىتاپلار ۋە باشلانغۇچتا ئۆگەنگەنگىنىمىزگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىككى مۈڭگۈزى چىقىپ تۇراتتىكەن. سولغا توم، ئوڭغا ئىنچىكە ھالەتتە.
«ە» نىڭ بۇ ئىككى مۈڭگۈزى، ئەلكاتىپ خەت نۇسخىلىرىدا پەقەت «ئەلكاتىپ يازما» ۋە «ئەلكاتىپ يازما توم» نۇسخىسىدا روشەن چىقىدىكەن، يەنە «ئەلكاتىپ» نۇسخىسىدىمۇ قىلدەك چىقىدىكەن. بىراق باشقا نۇسخىلاردا بولسا چىقماپتۇ. بۇ يېڭى ئىككى نۇسخىڭىزدىمۇ «ە» نىڭ ئىككى مۈڭگۈزى يوقكەن. بۇنداق ئوخشىماسلىقنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىشكە بولارمۇ؟ ئۇيغۇر خەت نۇسخىلىرىنىڭ بۇرۇنقى ھۆسىنخەت قەلەمدە يېزىلىش ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن قانداق باغلىنىشى بار، دېگەندەك تەرەپلەرنى چۈشىنىۋالساق بولاتتى.
ياخشى سوئال سوراپسىز، مەن خەت نۇسخىسى ھەققىدە ئايرىم بىر تېما يېزىشىنىمۇ ئويلىشىۋاتىمەن.
قىسقىچە جاۋاب بەرسەم مۈڭگۈزى بار ھەرپلەرنى كىچىك قىلغاندا مۈڭگۈزى يوقاپ كېتىدۇ، شۇڭا ئارايۈز خەت نۇسخىسى قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ، ئەمما باسمىلاردا مۇشۇنداق خەتلەرنى كۆپ ئىشلىتىدىكەن
بۇ خەت نۇسخىللىرىنى توربەتكە قوللانساقمۇ بولامدۇ ؟
مۇئەللىم مۆمكىن بولسا ئەلكاتىپ 5.9 نەشىرىگە ئەلكاتىپنىڭ بارلىق خەت نۇسخىلىرىنى ئىككى خىل يېزىق شەكلى بويىچە نام بېرىلگەن خەت نۇسىخسى شەكلىدە قاچىلىندىغان قىلىپ ياسىغىلى بولارمۇ؟ چۈنكى يۇنىكودلۇق ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنىڭ شۇ يېزىقنىڭ خەت شەكلى بويىچە نام بېرىلىشى بويىچە ئىشلىتىلىشى كۆپ قىسىم يۇمشاق دېتاللاردا بولۇپمۇ Windows7،Windows8قاتارلىق سىسىتېمىلار ۋە كۆپ قىسىم قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللاردا نورمال ئىشلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. «كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ»دېگەندەك، ئەگەر ئىنگىلىزچە نام بېرىلگەن ئەلكاتىپ خەت نۇسخىلىرى( مەسىلەن«alkatip basma tom») ، ئۇيغۇرچە نام بېرىلگەن ئەلكاتىپ خەت نۇسخىلىرى(مەسىلەن «ئەلكاتىپ باسما توم»دېگەندەك)نى بىراقلا قاچىلساق بىر تەرەپتىن ئەسلىدىكى ئىنگىلىزچە نام بېرىلگەن ئەلكاتىپ خەت نۇسخىلىرىنى نورمال ئىشلىتەلىسەك، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرچە نام بېرىلگەن ئەلكاتىپ خەت نۇسخىلىرىنى مۇكەممەل قوللاشقا ئىرىشتۈرۈشكە پايدىلىق بولارمىكىن دەيمەن.
ئەلۋەتتە بولىدۇ، تەكلىپ-پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.
ئالىم ئەھەت ئاكا بۇ خەت نۇسخىسىنى چىقىرىپ مۇھىم ئىشتىن بىرنى ئىسىمگە سالدىڭىز. بىز ئېلانچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىمىز. دېققەت قىلدىڭىز ھەقىچان ھازىر ئويما خەتلىك، چىراقلىق ۋىۋىسكىلار ئومۇملىشىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر تىلىدىكى خەت نۇسخىلىرى ئاساسەن بىر تەرىپى توم يەنە بىر تەرىپى تار ياكى ئەگمىلىرى كىچىك چىقىدىكەن. شۇڭلاشقا بىز ھەر دائىم ئىچىگە چىراق سالغاندا خەت ئورنىغا چىراقنى پاتتۇرالماي جاپا تارتىپ قالىمىز. ياكى بەك تار، ئىنچىكە يەرلىرىگە چىراق سالالماي، شۇ يەر قاراڭغۇ قالىدۇ. شۇڭلاشقا مۇمكىن بولسا ھەممە تەرىپىنىڭ غوللىرى تەكشى، كەڭ، ئازادە، ئۆزى چىرايلىق بىرەر خەت نۇسخىسى ئىشلەپ بەرگەن بولسىڭىز بەك ياخشى بولار ئىدى. خەتلەر كومپىيۇتېردا كىچىك ئىشلىتىلگەندە چانمىغان بىلەن چوڭايغاندا ئىنچىكە، تار يەرلىرى، كەسكەندەك چىققان يەرلىرى بەك قولايسىز ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ. مۇمكىن بولسا ئويلىشىپ باقسىڭىز.
بۇ پىكىرىڭىزنى قوللايمەن، بۇ چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم خەت نۇسخىسىدۇر.