ئۇيغۇرچە يېڭى خەت نۇسخىسى – ئوسمانىيە (ALKATIP Osmaniy) | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرچە يېڭى خەت نۇسخىسى – ئوسمانىيە (ALKATIP Osmaniy)

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار تازا ئەۋجىگە چىققان ئىدى. 2005-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە يەرلىك ئۆلچىمى ئېلان قىلىندى. ئارقىدىنلا ئەلكاتىپنىڭ بارلىق خەت نۇسخلىرىنى ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە ھەرپلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن كود ئۆلچىمى بويىچە قايتا ئۆزگەرتىپ ھەقسىز تارقاتقاندىن بۇيان، ئەمدى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ياسىماسمەن، بۇنداق ئىشلارغا ئارىلاشماسمەن دەپ كىچىك بالىدەك يامانلاپ قولۇمنى يۇيۇۋەتكەن ئىدىم. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ياساپ باقمىغىلى 10 يىل بولاي دەپتۇ. ئەمما بۇ 10 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرچە يېڭى خەت نۇسخىسى بارلىققا كەلمىدى، قارىغاندا باشقىلارمۇ ئوخشاشلا زېرىككەن ئوخشايدۇ ياكى بارلىق خەت نۇسخلىرى ياسىلىپ بولدى بولغاي، مۇنبەرلەردىمۇ بۇنداق تېمىلارمۇ ئاساسەن يوق. لېكىن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىدىكى يېتەرسىزلىكلەر يەنىلا مەۋجۇت، بۇنى پەقەت شۇ خەت نۇسخىسىنى ياسىغانلار چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ.

تۈنۈگۈن مەلۇم سەۋەبتىن قولۇمغا ئوسمانىيە خەت نۇسخىسى چۈشۈپ قالدى. بۇ خەت نۇسخىسىنىڭ تەڭشەكلىرى، ھەرپلەرنىڭ قۇرۇلمىسى مېنى رام قىلىۋالدى. گەرچە بۇ رەسمىي ئېلان قىلىنمىغان ئەرەبچە خەت نۇسخىسى بولسىمۇ، ئەمما خەتتاتنىڭ ئۇستىلىقى، ياسىغۇچىلارنىڭ ماھىرلىقى، كەسپىي تەڭشەكلەرنىڭ ئىنتايىن زىللىقى مېنى بەكمۇ قايىل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن قايتىدىن بۇ قىزغىنلىقىم ھەسسىلەپ ئېشىپ، 1995-يىلى 7-ئايدا تۇنجى ئۇيغۇرچە True Type خەت نۇسخىسىنى ياسىغان ۋاقىتلىرىم كۆز ئالدىمغا كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەت نۇسخىسى ياسايدىغان Font Creator 9.0 نىڭمۇ يېڭى نەشرى چىقىپتۇ، مەن 10 يىلدىن بېرى ھەربىر يېڭى نەشرىنى سېتىۋېلىپ يېڭىلاپ كەلگەن بولساممۇ، ئەمما بىرەر يېڭى خەت نۇسخىسى ياساپ باقماپتىمەن، بۇ قېتىممۇ يېڭى نەشرىنى ئېتىبار باھادا سېتىۋالدىم. ئەمدى گېپىمىزگە كەلسەك مەن بۇ يېڭى خەت نۇسخىسىنىڭ ئۇچۇرىنى تولۇق تەكشۈردۈم، ئاپتورنىڭ ئۇچۇرىغا تولۇق ئەمەل قىلىپ، پەقەت ئۇيغۇرچە كەم ھەرپلەرنى قوشۇپ باقتىم، باشقا يەرلىرىنى پېتىغدىمىدىم، قېنى كۆرۈپ بېقىڭلار،
Typeface

font_creator

ئالدى بىلەن ئۇيغۇرچىدىكى ئەڭ ئېگىز ۋە ئەڭ پاكار ھەرپنى ياساپ، پۈتۈن خەت نۇسخىسىنىڭ ئېگىزلىكى ۋە كەڭلىكىنى تەڭشىدىم.
font-1

ئەسلىدىكى ئەرەبچە ج دىن پايدىلىنىپ چ نىڭ چېكىتىنى كۆچۈرۈپ ئالدىم
font-2

ئەرەبچە ھەرپلەرنىڭ ئۇستىخىنى بويىچە ئۇيغۇرچىدىكى كەم ھەرپلەرنى تولۇقلىدىم، مەسىلەن: پ،چ،ژ،گ،ڭ، ۇ، ۆ، ۈ، ۋ، ې…دېگەندەك،
sample-1

خەت نۇسخىسى ياساشتا بۇ يەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
font-3

ھەرپلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياسىغاندا چېكىت قانچە ئاز بولسا شۇنچە ياخشى، مەسىلەن:
font-4

نورمال نۇسخىسىدىن مىسال
sample-5

توم نۇسخىسىدىن مىسال

sample-6

ئوسمانىيە بىلەن شەھرىزادە خەت نۇسخىسىنىڭ سېلىشتۇرمىسى
sample-7
====================
ئىنگلىزچە خەت نۇسخىسىدا قېلىپنى تەڭشەش ئۇسۇلى مۇنداق، كىچىك b بىلەن y نى قوشۇپ ياسايمىز، بۇنىڭ كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى 2048 بولۇشى كېرەك.
eng_baseline

ئىلگىرى مەن ALKATIP Basma خەت نۇسخىسىنى ياسىغاندا قېلىپنى مۇنداق تەڭشىگەن، باش ڭ بىلەن ئاخىرى ې نى بىرلەشتۈرۈپ، ئېگىزلىكى ۋە كەڭلىكى ئوخشاش بولغان 1024 كاتەكنى ھاسىل قىلىۋېلىپ، باشقا بارلىق ھەرپلەرنى مۇشۇ نىسبەت بويىچە تەڭشىگەن ئىدىم. مۇشۇ نىسبەت بويىچە تەڭشەلگەن ALKATIP Tor, ALKATIP خەت نۇسخىلىرى كۆپ ئومۇملاشتى. ئون يىلنىڭ ئالدىدا مەن قېلىپنى 1024 كە تەڭشىگەن ئىدىم، مانا ھازىر 2048 گە تەڭشەش مودا بولۇۋاتىدۇ، تېخىمۇ ئېنىق چىقارغىلى بولىدۇ. يەنە بىر سەۋەبى 2048 نىڭ بۆلگۈچىلىرى، ھەسسىلىك سانى تېخىمۇ كۆپ، كىچىك-چوڭ قىلغاندا پارچە سان چىقمايدۇ، خاتالىق پەرقى تۈپەيلىدىن چېكىتلەر يوقاپ كېتىدىغان، چاپاق چىقىدىغان ئەھۋاللار ئاز بولىدۇ. ياكى Hint قىلساقمۇ بولىدۇ، ھەرپلەرنى ئېكراندا سىزىشتىن ئىلگىرى بىز ئالدىن بەلگىلەپ بەرگەن Hint ئىچىدىن چىقىپ كېتەلمىگەچكە ، بۇنداق قىلساقمۇ ئېنىق چىقىدۇ.
uyg_baseline

چېكىتلەرنىڭ ئورنىنى خالىغانچە كۆز مۆلچەر بىلەن تەڭشەشكە بولمايدۇ، بۇلارنى چوقۇم مۇنتىزىم بىر ماتېماتىكىلىق قانۇنىيەت بويىچە ياسىغاندا تېخىمۇ سىپتا چىقارغىلى بولىدۇ. سول تەرەپتىكى ئېگىز كاتەكچىلەر خەت غولىنىڭ ھەسسىلىكى بولۇپ، ئۈسىدىكى سان ھەسسىلىك سانىنى بىلدۈرىدۇ.
uyg_baseline-2

شۇنداق قىلىپ بۇ ئوسمانىي نۇسخىسى پۈتۈپمۇ قالدى. ئىنگلىزچە ھەرپ ۋە سانلار ئارىلاش كەلگەن ئەھۋال
sample-8
يەنە بىر مىسال
sample-9

بۇ خەت نۇسخىسىنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە Osman دەپ قويايمۇ ياكى Osmaniy دەپ ئالايمۇ؟ پىكىر بەرسەڭلار.
ئەسلىي نامى Uthmanic يەنى ئوسمانچە ياكى بولمىسا خەتتاتلارنىڭ قائىدىسى بويىچە Naskh نەسخىي دەپ ئالايمۇ؟

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
65 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • بۇ خەت نۇسقىسىمۇ سۈپەتلىك چىقىپتۇ ، سىزنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان چىرىشچانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت ئالىم مۇئەللىم . بولسا مۇشۇ خەت نۇسقىسى لاھىيەلەش ھەققىدىمۇ بىر توختىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز . ھەقىقەتەن مۇشۇ نەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىلىرى ھاجىتمىزدىن ياخشى چىقىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە يەنىلا بۇ جەھەتتە بوشلۇقنىڭ چوڭلىقىنى ھېس قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىۋاتىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 15:19
  • ئالىمكامنىڭ كۆزىدىن ئۇز نەرسىلەر قىچىپ قۇتۇلالمايدىكەن .
    بىر ئىغىز گەپ راستىنلا ئۇزكەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 23:10
  • photoshop cs6 نى قاچىلىغاندا adobe نسخ دەپ بىر خەت نۇسخىسى قاچىلىنىدۇ. بۇ خەت نۇسخىسىمۇ ئۇيغۇرچە خەتلەرنى نورمال ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
    خەت نۇسخىسى ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ ئاددىي جەريانىنى ئۆگىتىپ قويغان بولسىڭىز، ماڭا بەك ياقىدىغان بىر ئەرەبچە خەت نۇسخىسى بار ئىدى. ئۆزلەشتۈرۈپ باقار ئىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 23:42
    • بولىدۇ، مەن بىلوگىمدا مۇشۇنداق بىرەر تېما يازارمەن، ياكى بولمىسا يازلىق تەتىللىك شاگىرت قوبۇل قىلايمىكىن، خەت نۇسخىلىرىنى يەنە بىر تەرتىپكە سالمىسام بولمىدى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى am 08:51
  • مىنىڭچە Osmaniy دەپ ئالساق ياخشىراق بولارمىكىن دەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 16:15
  • سالام ئالىم ئەھەت مۇئەللىم،
    مۇشۇ ئالما iOS سىتېمىسىنىڭ 6.0 دىن بۇرۇنقى نەشرىدىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىمۇ خېلى ياخشى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ خەت نۇسخىسىمۇ ئۇيغۇرچە فونـتلار ئىچىدە يوقتەك، ياكى مەن بىلمەي قالدىممۇ. ئاشۇ خەت نۇسخىسىنىمۇ ئۇيغۇرچە ئۆزلەشتۈرۈپ قويغان بولساق بە. ياخشى بولاتتى. ياكى پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى قىلغان بولامدىغاندۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 22:08
  • تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر سۇئالنى سوراپ باقاي مۇئەللىم، مۇشۇ ئۇيغۇر سۆزىنىڭ ئېنگلىزچە نۇسخىسى بەك كوپكەن، uighur,uyghur,uygur,….قاتارلىق، نۇرغۇن ئۇيغۇرچە قوللايدىغان چەتنىڭ دېتاللرىدا ئېلىنغان ئۇيغۇرچە دىگەن سۆز نەچچە خىل ئۇسسۇلدا ئېلىنىپتۇ. windows تا uighur دەپ ئېلىنىپتۇ. يەنە بىرسى ئۇيغۇر سۆزىنىڭ قىسقارتىلمىسى ، ui,UY,UG، قاتارلىق بىر نەچچە خىل باركەن. بىر ئېلان قىلىپ بىرلىككە كەلتۈگىلى بولماسمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 19:35
    • بۇ ئاللىبۇرۇن بىرلىككە كېلىپ بولغان، يەنە تالاش-تارتىش قىلىپ بۇزۇشنىڭ ئورنى يوق.
      20-30 يىلدىن بۇيان تا ھازىرغىچە خەلقئارالىق ئۆلچەم ئورگىنى ISO ۋە يۇنىكود Unicode 8.0 جەدۋەللىرىدە Uighur دەپ يېزىپ كېلىۋاتىدۇ يەنە 300-400 يىل بۇرۇن تۈزۈلگەن ئوكسفورد لۇغىتىدە ئىزچىل Uighur دەپ ئېلىنىۋاتىدىغۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دىيارىمىزدا نەشىر قىلىنغان 20-30 يىلنىڭ ئالدىدىكى لۇغەتلەردىمۇ ئىزچىل Uighur دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 19:40
  • بۇ خەت نۇسخىسى قۇرئان كەرىيمنى تۇنجى رەتلەش ئىشىنى ئۇرۇنلاشتۇرغان 3-خەلىپە ھەزرىتى ئوسمان رەدىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئەلكاتىپتا «ئەلكاتىپ ئوسمانىيە» دەپ ئاتالسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 15:53
  • يۇقىرىدا ئوسمانىيە خەت نۇسخىسىدا يېزىلغان خەتلەرنى كۆرۈپ، خىيالىمغا مۇنداق بىر ئىش كېلىپ قالدى: ئالدىمىزدا مىكروسوفت شىركىتى
    10 windows نى ئېلان قىلغاندا ئۇيغۇرسوفت شىركىتى دەرھال ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چىقىردۇ. ۋاقتى كەلگەندە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچىلىنىپ ئۇيغۇرچە ھالەتكە تەڭشەلگەن 10 windows نىڭ يۈزىدىكى سىستېما ئۇيغۇرچە خەتلىرىمۇ مۇشۇ ئوسمانىيە خەت نۇسخىسىدەك چىرايلىق چىققان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى-ھە!
    لىكىن، بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئوخشايدۇ. ۋاقىت قىستاپ قالدى ئەمەسمۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 13:13
  • مۇئەللىم، تۈنۈگۈنكى ئىنكاسىمغا ماقالىنىڭ ئاخىرىنى يېزىپ بەك ياخشى جاۋاب بېرىپسىز، خۇش بولدۇم. گەپكە كەلسەم، بۇ خەت نۇسخىسىنىڭ ئوخشاش چوڭلۇقتىكى ھالىتىدىكى سان ۋە ئېنگلىزچە ھەرپلەر بىلەن بولغان پەرقى چوڭ ئەمەسكەن، ئىنتايىن مۇۋاپىق تەڭشىلىپتۇ، ساننىڭ خەت نۇسخىسىمۇ ئوسمانىي خەت نۇسخىسىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئىنتايىن ئىنچىكە تاللىنىپتۇ. مەن ھەقىقەتەن ياقتۇردۇم.
    مۇئەللىم، مېنىڭچە يۇنىكود قوللىمايدىغان دېتاللار ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ يۈرمىسىڭىز، سىلەردەك زىممىسىگە ئېغىر يۈك ئارتىلغان ئىختىساس ئىگىلىرى ئاز سانلىق كىشىلەرنى دەپ يۇنىكود قوللىمايدىغان دېتاللارغا ئۆزۈڭلارنىڭ دېتاللىرىڭلارنى ماسلاشتۇرۇپ يۈرسەڭلار، ئۇنداق دېتاللار ھەرگىز يوقالمايدۇ، سىلەر ئۇلارنى ئەمەس، ئۇلار يۇنىكودنى قوللىشى كېرەك. يۇنىكود قوللىمايدىغان نەرسىلەرنى ئىشلىتىدىغان ئادەم ئازايغاندىلا ئۇلار رېئاللىققا يۈزلىنىدۇ.
    سالامەت بولۇڭ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 23:12
  • بۇ خەت نۇسخىسى شەھرىزادە خەت نۇسخىسىدىن ئۇزراقكەن. ئىسمىغا كەلسەك، ئەگەر بۇ ئەلكاتىپ خەت نۇسخسىنىڭ بىر تارمىقى بولسا، «ئەلكاتىپ ئوسمانىيە» بولسا ھەم يېڭىچە، ھەم نوچى ئاڭلىنىدىكەن. لېكىن مېنىڭچە بۇ خەت نۇسخىسى سىزگە ۋە نۇرغۇنلىرىمىزغا «ئۇز» كۆرۈنۈپ كەتتى ئەمەسمۇ، شۇڭا «ئەلكاتىپ ئۇز» دەپ ئالساق، ھەم ئەلكاتىپقا تەۋە ئىكەنلىكىنى، ھەم ئۇزلىقىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. ئەگەر ئەلكاتىپقا تەۋە قىلمايدىغان ئىش بولسا «ئوسمانىيە ئۇز» بولسىمۇ بولغۇدەك، چۈنكى بۇ ئايرىم خەت نۇسخىسى بولسا، كېيىنچە بۇنىڭ باشقىچىراق تەۋە خەت نۇسخىلىرى چىقىشى مۇمكىن، ئۇنداقتا يەنە داۋاملىق «ئوسمانىيە …» دەپ داۋاملىق تۈردە قوشقىلى بولىدۇ. بۇ ھەرخىل ئېكتىماللىقلارنى كۆزدە تۇتقان پىكىرلىرىم. لېكىن ئەڭ ئاساسلىق پىكىرىم: «ئەلكاتىپ ئۇز».

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 22:11
  • ئالىم مۇئەلىم ئەمسە بۇ خەت نۇسخىلىرىنى تارقىتارسىز (ھەقسىز)

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 19:26
  • بۇ فونىتنىڭ ئىسىمنى مېنىڭچە “ ئوسمانىيە “ فونتى دەپ ئالسىڭىز ، “ ئوسمان “ دىسەك ، ئادەمگە “ ئوسمان “ ئىسىملىك بىرەرسىنىڭ ئىسمىدەكلا تۇيۇلىدىكەن . “ ئوسمانىيە “ دىسەك ، ئاڭلىماققىلا “ ئوسمان ئېمپىرىيەسى “ ئېسىمگە كەلدى ، “ ئوسمانىيە “ ھەم چىرايلىق ، ھەيۋەتلىكرەك ئاڭلىنىدىكەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 19:13
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىسمغا ئوسمانىيە مۇۋاپىقتەك قىلىدۇ. بۇ يەردىمۇ ئوسمانىيە خەت نۇسقىسى بار، لېكىن ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدۇ. شۇنىمۇ تولۇقلاپ قويسىڭىز ياخشى بولاتتى. چۈنكى بۇ فونت بىلەن ھازىرغىچە يۈز مىليوندىن ئارتۇق ئېسىل كىتاپلار بېسىلىپ تارقىتىلدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 17:19
    • مېنىڭ قىلىۋاتقىنىم دەل مۇشۇ نۇسخا ئىدى، شۇڭا بىر قاراپلا ياقتۇرۇپ قالدىم.
      ئىزاھات: سىز قالدۇرغان ئۇلانمىنى ۋاقتىنچە ئېلىۋېتىپ تۇردۇم، رەھمەت.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 17:31
  • بەك كۆركەم خەت نۇسخىسىكەن بۇ، بۇ خىلى يارىدى. خاراكتىرىم تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك،مەن ھەر قانداق ئىش قىلسام ئادەتتە ئەسلىيە خەت نۇسخىسى ئىشلىتەتتىم، مانىمۇ خىلى ياقتۇرۇپ قالدىم، گەرچە شەھرىزات بىلەن بولغان پەرقىنى جىق ھىس قىلمىغان بولساممۇ، بىراق ئادەم كۆزىگە ئەڭ ئىسسىق كۆرىنىدىغان يىرى ڭ نىڭ چىكىتى چوققىسىغا چىقىۋالمايدىكەن.
    13824567901 ما نۇمۇرغا تېلېفۇن قىلىپ پىتاگۇراستىن پەلسەپە تەلىم ئالاي دىسەم، چىيەنپى تىڭجى دەيدىغۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 17:08
  • «تەنەببۇس» دىگەن دوستىمىزغا بىرىدىغان تەكلىپ، ھەقىقەتەن بىر قىسىم مەكتەپ ۋە يېزىلاردا ئەلپىدا خەت نۇسقىسى ئىشلىتىلىپ كىلىۋاتىدۇ، ھالبۇكى بۇ خەت نۇسقىسى ئەلپىداخەت نۇسقىسى قاچىلانمىغان كومپىيوتېرلاردا نۇرمال كۆرۈنمەيدۇ، مەكتەپلىرىمىزدە ئىلگىرى نۇرغۇن ماتىريال ۋە ئارخىپلار ۋە بىر قىسىم يۇمشاق دىتاللار ئەلپىدا خەت نۇسقىسى بۇيىچە يېزىلغان ۋە تۈزۈلگەن، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن مەكتەپلەردىمۇ ئەلكاتىپ قاتارلىق حەت نۇسقىللىرىنى ئىشلىتىشىمىز لازىملىقىنى چوڭقۇر تۇنۇپ يىتىپ شۇنى ئىشلىتىۋاتىمىز. ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك بىرىنجىدىن كود ئالماشتۇرغۇچ ئىشلىتىپ ئەلپىدا خەت نۇسقىسىنى ئۆلچەملىك خەت نۇسقىسىغا ئالماشتۇرۇپ، بۇنىڭدىن كىيىنى ئەلپىدا خەت نۇسقىسىنى قەتئى ئىشلەتمەسلىك.
    ئىككىنجىدىن كۆزنەك 7سېستىمىسىدىن يۇقۇرى سېستىمىغا ئۆزنىڭ تەمىللىگەن ئۇيغۇچە كىرگۈزگۈچىسىنى ئىشلىتىپ، ئاندىن تۆپىلەپ ئەلپىدا كىرگۈزگۈچنى قاچىلاپ ئىشلەتسەك ئۇ چاغدا ئەلپىدا ھەم ئۆلچەملىك خەت نۇسقىسىنى (ئەلكاتىپ قاتارلىق) ئالماشتۇرۇپ كىرگۈزۈش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز، ئۈچىجىدىن: ئەگەر ئۆزى تەمىللىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلەتكۈمىز كەلمىسە ياكى ئېكىس پى ئىشلەتسەك ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچنى قاچىلىماي يۇ كى كى (ئۇ كى كى ) كىرگۈزگۈچنى قاچىلاپ ئاندىن ئەلپىدا كىرگۈزگۈچنى قاچىلىساق ھەر ئىككىلى كىرگۈزگۈچنى تەڭ قاچىلاپ ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز، چۈنكى ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچ بىلەن ئەلپىدا كىرگۈزگۈچ ئۆز- ئارا تىپىشەمدۇ قانداق ئىشقىلىپ تەڭ قاچىلىغىنلى بولمايدىكەن. تۆتىنجىدىن: ئەلكاتىپ خەت نۇسقىسىنى كوپىيوتىرنىڭ خەت نۇسقىسى ساقىلىنىغان ھۆججەت قىسقۇچقا تاشلاپ قۇيۇش ئارقىلىق ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچنى قاچىلىماي تۇرۇپمۇ خەت نۇسقىسىنى تاللاپ يۇ كى كى كىرگۈگۈچ ئارقىلىق كىرگۈزۈش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز.
    تەۋىسە بۇندىن كىيىنى ئۆلچەمسىز خەت نۇسقىسى ۋە كىرگۈگۈچلەرنى ئىشلىتىشتىن قەتئى ساقىلىنايلى ۋە بىلمەيدىغان كىشىلەرگە تەشەببۇس قىلىپ قۇيايلى. ………

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 15:54
باھا بېتى: 1 2 3