نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows Phone دىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە تىل بولىقى ئۈچۈن تەكلىپ بېرىڭ

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

Windows Phone مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە تىل بولىقىنىڭ تېزرەك ئەمەلگە ئېشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەكلىپ بېرىڭ ياكى بېلەت تاشلاڭ.

ئالدى بىلەن تور كۆرگۈچىڭىز بىلەن تۆۋەندىكى بەتنى زىيارەت قىلىڭ.
http://windowsphone.uservoice.com

ئاندىن سەل ئاستىغا سۈرۈپ، Please enter your feature suggestion (تەۋسىيەلىك تەكلىپلەرنى كىرگۈزۈڭ) دېگەن جايغا ئىنگلىزچە تەكلىپ يازسىڭىز بولىدۇ. ياكى ئىدىيەيىڭىزنى كىرگۈزۈڭ (Enter your idea here) دېگەن جايغا Uyghur دەپ كىرگۈزۈپ، ئىلگىرى باشقىلار بەرگەن تەكلىپلەرگە بېلەت تاشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىر قېتىمدا كۆپ بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە قوللاش جەھەتتە Microsoft شىركىتى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بولۇپ، Windows نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن باشقا قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار ۋە ئەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى داۋاملىق كېڭەيتىدۇ ھەم بۇ جەھەتتە بىزگە (ماڭا) بەرگەن ئېنىق ئىپادىسى بار. ئەمەلىيەتتە Windows Phone ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ھامان قوشىدۇ، ئەمما تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ تەكلىپ بېرىشى ۋە بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق بۇ ئىشنى تېزرەك ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن. بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ 5-10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ بۇ يەردە بېلەت تاشلاپ قويۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

ئىنگلىزچە بىلمىسىڭىزمۇ ماۋۇ رەسىمدىكىدەك جايغا ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىزنى كىرگۈزۈپ، ئاۋۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگەن جايدىكى Vote 3 نى (يەنى 3 بېلەت تاشلاش)نى بېسىۋەتسىڭىزلا تامام. رەھمەت.

2013-يىل 27-سېنتەبىر

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
452 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 19 20 21
  • ئالىم مۇئەللىم، رەسىملەرنى ئەۋەتىپ قويدۇم، ماڭغان ماڭمىغىنىنى بىلەلمەي قالدىم،تاپشۇرۇپ ئالالمىغان بولسىڭىز ئۇچۇر بىرىۋېتەرسىز، قايتا يوللاپ بىرەي

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 22:09
  • ئالماس ئەپەندىمگە: كونكىرت ئۇسۇلىنى سىلى ماۋۇ سۇئالنى سورىغاندىن كېيىن دەماللىققا ئىسىمگە ئالالماي قالدىم، ھازىر قايتا تىل قوشۇش دىگەن يېرىگە قاراپ باقتىم، دەرۋەقە ئۇيغۇر تىلى يوق، بىراق ئىسىمدە قېلىشىچە، مەنمۇ مۇشۇ ۋىندوۋس فون توغرىلىق توردىن تولا ماتىرىيال ئىزدەش ئارقىلىق قۇتيار تورىدىن برەيلەننىڭ تېلىفونىدا، ئىكران قۇلۇپلاقلىق ھالەتتىكى ئۇيغۇرچە چىسلانى كۆرۈپ قېلىپ ئاخىرى يەنە ھەپىلىشىپ يۈرۇپ، ۋاقىت تىل نىڭ ئىچىدىكى رايون نىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە نى بايقىدىم ۋە تاللاپ قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن، مىنىڭ چىسلايىممۇ ئۇيغۇرچە كۆرىنىدىغان بولدى. كېيىن قانداق بولغىنى تازا ئىسىمدە قالماپتۇ، بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن يەنە تېلىفون ئويناۋېتىپ تىل قوشۇش نىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە نىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى يۇقىرىغا سۈرۈش نى تاللىسام قايتا قوزغىتىڭ دىدى، قايتا قوزغاتسام باشقا ئۆزگىرىش يوق پەقەت ئالىم مۇلەللىمنىڭ ئەمگەكلىرىدىن ھاۋا رايى، دۇكان، كىنو تېلىۋىزىيە، ناخشا لار ئۇيغۇرچىگە ئۆزگىرىپ قاپتۇ، رەسىمىنى تارتىپ سىلەر ئۈچۈن ساقلاپ قويغان، بۇ يەرگە ئەۋەتەلمىدىم، ئالىم مۇئەللىم قالدۇرغان ئادرىسقا يوللاپ قوياي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 21:31
  • غۇلامجانغا: ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلۇپتۇ دىمىدىم، ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى قوشۇلۇپتۇ دىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 21:08
  • ئابلىكىم ئەپەندىم ،تىلفونلىرىنى قانداق قىلىپ ئۇيغۇرچىغا تەڭشىدىلە؟مەن يىقىندا Windows Phone بىرنى ئالغان شۇنچە قارىساممۇ تىل قۇشۇدىغان يېرىدىن ئۇيغۇرچىنى تاپالمايمەنغۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:25
  • دېمەك windowsphone غا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلدى دېگەن گەپما بۇ؟ ئالىم مۇئەللىم ھىچ ئېلان قىلمايدىغۇ!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 16:27
  • راس،ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى قوشۇلۇپتۇ، مەنمۇ ئېقىمغا تەتۈر ئۈزگەن بېلىقتەك شۇنچە ناچار باھالار ۋە تېپىش تەس بولىشىغا قارىماي توردىن لۇمىيا 1520دىن بىرنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىۋاتقان، ئۇنى بۇنى قىلىپ يۇرۇپ ۋندوۋس فون ئون غا يېڭىلاپ، ئۇيغۇرچىگە تەڭشەپ قايتا قوزغاتسام ھاۋا رايى، دۇكان، كىنو تېلىۋىزىيە، ناخشا دىگەنلەر ئۇيغۇرچە بولىۋىدى، بۇنى ئالغان پۇشايمانلىرىم ئاللىقاياقلارغا كەتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 21:11
  • ئالىم ئەھەت مۇئەللىم مۇمكىن بولسا Windows Phoneغا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى تېزرەك ئىشلەپ قۇشۇۋەتكەن بولساق ھە!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 21:09
  • ئۇيغۇرچە كونوپكا تاختىسى باركەنغۇ ، مەن شۇ نىڭدا يازدىم بۇ ئىنكاسنى

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 15:20
باھا بېتى: 1 19 20 21