Windows Phone دىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە تىل بولىقى ئۈچۈن تەكلىپ بېرىڭ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows Phone دىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە تىل بولىقى ئۈچۈن تەكلىپ بېرىڭ

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

Windows Phone مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە تىل بولىقىنىڭ تېزرەك ئەمەلگە ئېشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەكلىپ بېرىڭ ياكى بېلەت تاشلاڭ.

ئالدى بىلەن تور كۆرگۈچىڭىز بىلەن تۆۋەندىكى بەتنى زىيارەت قىلىڭ.
http://windowsphone.uservoice.com

ئاندىن سەل ئاستىغا سۈرۈپ، Please enter your feature suggestion (تەۋسىيەلىك تەكلىپلەرنى كىرگۈزۈڭ) دېگەن جايغا ئىنگلىزچە تەكلىپ يازسىڭىز بولىدۇ. ياكى ئىدىيەيىڭىزنى كىرگۈزۈڭ (Enter your idea here) دېگەن جايغا Uyghur دەپ كىرگۈزۈپ، ئىلگىرى باشقىلار بەرگەن تەكلىپلەرگە بېلەت تاشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىر قېتىمدا كۆپ بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە قوللاش جەھەتتە Microsoft شىركىتى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بولۇپ، Windows نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن باشقا قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار ۋە ئەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى داۋاملىق كېڭەيتىدۇ ھەم بۇ جەھەتتە بىزگە (ماڭا) بەرگەن ئېنىق ئىپادىسى بار. ئەمەلىيەتتە Windows Phone ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ھامان قوشىدۇ، ئەمما تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ تەكلىپ بېرىشى ۋە بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق بۇ ئىشنى تېزرەك ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن. بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ 5-10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ بۇ يەردە بېلەت تاشلاپ قويۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

ئىنگلىزچە بىلمىسىڭىزمۇ ماۋۇ رەسىمدىكىدەك جايغا ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىزنى كىرگۈزۈپ، ئاۋۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگەن جايدىكى Vote 3 نى (يەنى 3 بېلەت تاشلاش)نى بېسىۋەتسىڭىزلا تامام. رەھمەت.

2013-يىل 27-سېنتەبىر

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
453 پارچە باھا يېزىلدى
  • ۋىندوۋسفۇن ھەۋەسكارلېرى ئۈندىدار توپى قۇرۇلدى . wp ئىشلىتىشتە يۇلۇققان مەسىلىلەر ۋە wpئىشلەتكەندىكى تەسىراتلار ئورتاقلىشىلىدۇ.
    http://alip.biz/data/attachment/forum/201503/29/210241pvdvtnd0httjcvh7.jpg

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 21:47
  • ئاباي IT之家دىن win10 تىلفۇن نۇسخىسىغا زاڭزۇ يىزىغىنى كىرگۈزگۈچ قېتىلىپتۇ. بىزگە دائىر خەۋەر يوقكەن كۆڭلۈم بەكلان يېرىم بولدى. http://www.ithome.com/html/windowsphone/133305.htm

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 15:49
  • بۇ رەسىمنى كۈرۈپ بىر خىل كۆڭلۈم يېرىم بولدى.
    https://scontent-a-ord.xx.fbcdn.net/hphotos-xfp1/t31.0-8/10431278_1530217140551925_6872973396687433029_o.jpg

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 13:48
  • windows phone8.1 غا ماش كەلگۈدەك ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە لۇغەت تاپالمىدۇق

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 14:13
  • windows phone8.1 غا ماش كەلگۈدەك ئۇيغۇرچە لۇغەت تاپالمىدۇق

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 14:12
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ۋىندوۋس يانفۇن نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى نىڭ ئىشلىرى توغرىلىق ئۇچۇر بەرگەن بولسىڭىز مەنمۇ يېڭدىن يانفۇن سېتۋالغان يېڭلاپ قوياي دىسەم ھېچ بىر ئۇ توغرىسىدا ئۇچۇر تاپالمىدىم شۇ نەسە چىققان بولسا دوسلىرىمىزغا تەۋسىيە قىلساقمۇ ئان دىرويىددىن زىركىپ يېڭى سېستىمىنىڭ تەمىنى تېتىپ باققۇسى بارلامۇ خېلى جىق باتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى am 06:14
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم ، ئالىم مۇئەللىم . ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق ، تىنىڭىز سالامەت بولغاي . سىزدىن سورايدىغان مۇھىم بىر سۇئالىم بار ئىدى . مەندە بىر ۋىندوۋس فون بار ئىدى ، تۈنۈگۈن ئۇكامغا ناخشا ئاڭلاپ تۇرۇشقا بەرسەم ، قالايمىقان بېسىپ زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۋىتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن تېلفۇننى مىكروسوفىتنىڭ ھېساۋاتىغا باغلىۋېتەي دىسەم ، ھېساۋاتقا باغلايدىغان يېرى چىقماي تۇرىۋالدى . ۋاقىت ، چىسلا ، رايون تەۋەلىكى ھەمىسى توغرا ئىدى ، شۇنچە قېتىم سىنىساممۇ پەقەت بولمايۋاتىدۇ ، ھەر قېتىم ھېساۋات باغلاشنى باسسام بىردەمدىن كىيىنلا ئەسكەرتىش چىقىۋالدى . مەزمۇنى مۇنداق : 登录时遇到问题。请确保您的接收情况良好。如果接收情况良好,那么您可能需要先稍等片刻’然后再试试。

    下面是错误代码:
    800c0008
    زادى قانداق قىلىشىمنى بىلەلمىدىم . مىكروسوفىتنىڭ ھېساۋاتىغا باغلىمىسا ، ئەپ بازىرى قاتارلىق مۇھىم ئىقتىدارلارنى ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن . توردىن ئىزدەپمۇ جاۋاپ تاپالمىدىم . تېلفۇننىڭ ماركىسى لۇمىيا 525 ئىدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 13:55
  • قارىغاندا ئۇيغۇرغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئۇچۇر ئۆچۈرۈلگەن ئوخشىمامدۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى am 09:06
  • ئانا تىل كۈنىدە ئاڭلىغان ئەڭ ناچار خەۋەر بولدى بۇ!
    ئالىم مۇئەللىم،بۇنىڭ سەۋەبىنى سىز چوقۇم سۈرۈشتە قىلدىڭىز،ئۇلار نىمە دەپ جاۋاپ بەردى؟ قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بارمۇ؟ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىلگەندەكلا ئىش بولدى بۇ.ئەۋەتكەن E-mail نى نىمە دىسەم بولار ئەمدى.ئاشۇنداقمۇ گەپ بولامدۇ دەيمەن دە ھەي!!! ھوقوقسىزلىق!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 21:47
  • ھىچ بولمىسا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچمۇ بولسا قوشۇلسا ياخشى بولاتتى.ئالىم مۇئەللىم .كۆپ تىرشتىڭز ھارمىغايسىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 20:00
  • بىز بېلەت تاشلاۋاتقان تەكلىپنى رەت قىلىنغان تەكلىپلەرنڭ ئىچىگە قوشۇپ قويۇپتۇ . ژ

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 16:43
  • ئۇيغۇرچە قوشۇش تەكلىپىمىزنى رەت قىلىپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 16:39
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،
    مىنىڭ ۋىندوۋسفون ئۈچۈن بىلەت تاشلىغان ئىلخەتلىرىمگە Mobile Guru تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئىلخەتنى تاپشۇرۋالدىم، بۇنىڭغىمۇ بىر سائەتلەرچە بولۇپ قالدى،
    مەزمۇنى مۇنداقكەن;
    Status update
    An idea you voted for has been closed!

    3 votes have been returned to you Go spend your votes on more ideas…

    178744
    votes
    declined
    +3 votes Uyghur language support
    Completed → Declined
    ماڭىلا ئەمەس سىزگە ۋە باشقا قىرىنداشلىرىمىزغىمۇ كەلدى بولغاي،
    بۇ ئىلخەتنىڭ مەزمۇنى قانداقتۇ، نىمە سەۋەپتىن يوللىغاندۇ، بىرەر بىشارىتى بارمىدۇ دەپ ئويلىنىپ قالدىم، ياكى باشقا پىكىر ئۈچۈن ۋىندوۋسفونغا بىلەت بەرگەنلەرگىمۇ مۇشۇنداق ئىلخەت كەلگەندىمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 16:01
  • مىنىڭ شۇنداق بىر سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ…
    ۋىندوۋسفوننىڭ سېستىمىسىنى ئاندرويدقا ئوخشاش ئاچقۇچىلار تەھرىرلىيەلەمدىكەن؟مەسىلەن ئاندرويد سېستىمىسىنى ئاچقۇچىلار تىل بولىقى قوشۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تىلىنى قوللايدىغان قىلالايدۇ.ئۇنداقتا ۋىندوۋس سېستىمىسىمۇ شۇنداقمۇ؟
    ۋىندوۋس سەككىزگە نىمە ئۈچۈن تىل بولىقى قوشۇلدى بۇنىمۇ ئويلىشىپ كۆرەيلى.مۇمكىن بولسا ۋىندوۋسنىڭ ئاچقۇچىلىرى كۆپەيسە،(ھازىرغۇ ئۇيغۇرچىنى بىمالال قوللايدىكەن)تىل بولىقىنى ئاچقۇچىلار ئۆزى قوشقىلى بولسا ئاندرويدقا قوشقاندەك بىر قوشۇپ باقسا بەلكىم مىكروسوفتمۇ بۇنى ئالدىن ئويلىشىدۇ.
    مەنغۇ ۋىندوۋسفونغا قارىتا بىلىمىم يوق دىسەممۇ بولىدۇ.لىكىن تىل بولىقىنى مىكروسوفت قوشۇپ بەرگىچە ھەق ئاللاھ دەپ ئولتۇرۇشنىڭمۇ ئورنى يوقتە؟!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 14:26
    • Windows Phone بىلەن Android نىڭ تۇتقان يولى ئوخشىمايدۇ، ئۇنى ھەممە ئادەم پېتىغداپ ئوينىيالمايدۇ. ماقۇل، بىرەر ئامالىنى تېپىپ، پېتىغداپ چىقتۇق دەيلى، ئورگان تەرەپنىڭ رۇخسىتى بولمىسا، دۇرۇس بولمايدۇ، ئەخلاقسىز، نۇمۇسسىزلىق بولىدۇ.

      لىكىن تىل بولىقىنى مىكروسوفت قوشۇپ بەرگىچە ھەق ئاللاھ دەپ ئولتۇرۇشنىڭمۇ ئورنى يوقتە؟!
      ========================
      ئىگىسى رازى بولمايدىغان، چەكلەنگەن يولدا ئىش تۇتساق، سىزچە توغرا بولارمۇ؟ ھازىرچە قوللىمىسا نېمە بولۇپتۇ؟ لېكىن (باشقا تېلېفون بولسۇن) ھامان قوللايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 15:12
  • ھە بىلەت تاشلانغان ئىنكاسنى ئۆچۈرگەندەك قىلىدۇ ئۇلار، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى بولغاي، ئەمدى كىلەر قېتىم يېڭىلاشتا ئويلىشىشى ئىھتىمالغا يېقىن

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 14:05